شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلدى
ئۈرۈمچى ۋاختى 12-ئاينىڭ 15- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون تۆتىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىلىن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سېنگېلدوننىڭ 26 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 108-95 نەتىجە بىلەن جىلىن ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. جىلىن ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان مەغلۇپ بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى سېنگېلدون 26 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خاندېرسېن 21 نومۇر،7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەم 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ ياڭ جىمىڭ 20 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەم 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ شىرئەلىجان 15 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈچاڭدۇڭ 14 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 7 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ چىڭپىڭ 5 نۇمۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 20-دىكابىر ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php
شىنجاڭ كوماندىسى بۇ پەسىل چىمپىيونلۇقتىن ئۈمۈد بار جۇمۇ...