دۇنيا نىمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2013-12-15) خەۋىرى:
ئەردوغان دېدىكى: «دارغا ئېسىلغان ئادەم موللا بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيا سۈكۈت قىلدى»
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا باڭلادېشتا دارغا ئېسىلغان ئابدۇلقادىر موللاھ ھەققىدە توختىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى، ئۈتۈنگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، «ئەپسۇسكى، داۋاملىق سەزگۇر مەسىلىلەردە سۈكۈت قىلغانلار بۇ قېتىممۇ سۈكۈت قىلدى. مەنپەئەتلىرىگە توغرا كەلگەندە ئۆلۈم جازاسىغا ئىنسانلىق جىنايىتى، دەپ قارايدىغانلار، ئېسىلىدىغان ئادەم موللا بولغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىدى. بۇ مەسىلىدىمۇ بىز سۈكۈت قىلمىدۇق، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈكۈت قىلىپ ماقۇللىغۇچىلاردىن بولمىدۇق» دېدى.
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىدلىگۈچىلەرگىمۇ جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، ئىزىلگۈچىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋالاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئەردوغان، «بىز سۇرىيەلىك بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مىسىرلىق بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. غەززەدىمۇ نۆۋەتتە ناھايىتى ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە چوڭ دۆلەت ۋە چوڭ دۆلەت ھەق بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.» دېدى.
★★★★★
باڭلادېش يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئابدۇلقادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2013-12-12) خەۋىرى:
باڭلادېش يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇلقادىر موللىغا بېرىلگەن موللىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
سوت كوللېگىيەسى، موللىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.
سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئىجرا قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان موللىنىڭ ئۆلۈم جازاسى، جازا ئىجرا قىلىنىشقا ئازلا قالغاندا يۇقىرى سوت تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى ئەتىگەنگە كېچىكتۈرۈلگەنىدى.
سوت مەھكىمىسى، تۈنۈگۈن موللىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ پۇرسەت بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەلەپكە قاراپ چىقىشنى بۈگۈن ئەتىگەنگە كېچىكتۈرگەنىدى.
باڭلادېشنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلامىي پارتىيەسى بولغان جامائەتى ئىسلامىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى موللا، ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۈستىدىن چىقىرىلغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.
خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى تەستىقلىغان يۇقىرى سوت، 17- سېنتەبىردە موللىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتكەنىدى.
★★★★★
باڭلادىشتا ئابدۇلقادىر موللانىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2013-12-13) خەۋىرى:
باڭلادىشتا جامائەت ئىسلامى پارتىيەسى مۇئاۋىن كاتىپى ئابدۇل قادىر موللانىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
باڭلادىش تېلېۋزىيەلىرى، ئابدۇل قادىر موللانىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ داككەدىكى بىر تۈرمىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئىستىخبارات خادىمى ئابدۇل قادىر موللانىڭ دارغا ئېسىلغانلىقىنىڭ راسلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇلقادىر موللا «1971-يىلدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئۆلۈم جازاسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىجرا قىلىنىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، دارغا ئېىسلىشقا ئازلا قالغان بىر پەيتتە تۇيۇخسىز كېچىكتۈرۈلگەن ۋە ئالىي سۇتقا يوللانغان ئىدى.
ئالىي سوت ھەيئىتى ئابدۇلقادىر موللانىڭ ئادۋۇكاتلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ، جازىنى ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى.
★★★★★
باڭلادىشتا ئابدۇلقادىر موللا دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2013-12-14) خەۋىرى:
باڭلادىشتا جامائەت ئىسلامى پارتىيەسى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇلقادىر موللانىڭ دارغا ئېسىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 60 كىشى يارىدار بولدى.
جامائەت ئىسلامى پارتىيەسى يۈزلىگەن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئابدۇلقادىر موللىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان خەلققە ساقچىلار توسقۇنلۇق قىلماقتا.
جامائەت ئىسلامى پارتىيەسى ۋە باڭلادىش ئىسلامىي كاترو سىبىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئەزالىرى تۈنۈگۈن پايتەخت داككا قاتارلىق باڭلادىشنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
داككادا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئابدۇلقادىر موللا ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. نامايىشچىلار جامەنىڭ سىرتىغا چىقىشى بىلەن تەڭ ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئوق ئېتىپ مۇداخىلە قىلدى.
★★★★★
گەپنى بىر ئادەم قىلىۋاتقاندىكىن بىز ئانداق، بىز مۇنداق دىگەن گەپلەرنى ئازىراق قىلساق قانداق ، كاللا دىسە پاقالچاق دەپ، قېيلىنىپ يۈرۈشنىڭ نىمە زۆرۈرىيتى ، ئۇ ئادەمنىڭ سوتلىنىشى باڭلادىشنىڭ ھازىرقى سىياسى ۋەزىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،42 يىلنىڭ ئالدىدىكى جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە بومايدۇ دىگەن گەپنى بىرسى قىلىپ باقمىدى ، سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە باڭلادىش مۇستەقىل بولۇپلا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئالسىلا بولىتىغۇ ،ھېچ بولمىغاندا دىمۇكىراتىك تۈزۈمگە ئۆتكەندىن كىيىن سوتلىغان بولسىمۇ خېلى بۇرۇنلا سوت ئېچىلاتتى ،قىيامەتتە سورىغى بولىدىغانلقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، باڭلادىشتىكى يۇز مىلىيونغا يېقىن مۇسۇلماننىڭ، ئەڭ چوڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىنىڭ دارغا ئېسىلىسنى ئاقلاش ئەقلى - ھۇشى جايىدا ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ، ئۇ ئادەمنىڭ باڭلادىشنىڭ ،ھېىندىستاندىن بۆلۈنىپ چىققان، مۇسۇلمانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان پاكىستاندىن بۆلۈنىپ مۇستەقىل بولىشنى قوللىمىسلىقى دىن نوقتىسىن ئېيىتقاندا توغرا چۈشىنشكە بولىدۇ ، شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت يۆلىنىشى بويىچە بولغاندا پاكىستان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە بۆلۈنىپ كەتسە ياكى بۆلۈنىپ چىققان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز - ئارا قىزغىنچىلىقى ئەۋجىگە چىقسا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان بولاتتى ، كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھازىرغىچە ھەل بولماي توقۇنۇشقا سەۋەپ بولىشىمۇ شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئابدۇلقادىر موللىنى ئاقلاش - ئاقلىماسلىق شۇ دۆلەتتىكى ئادۇكاتلارنىڭ ئىشى ، ئۇ كىشىنى ئاقلىغان ئادۇكاتلارنىڭ ئۆزىگە تۇشۇلۇق نۇرغۇن دەيدىغان گەپلىرى بار ، باڭلادىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشغا توشقۇنلۇق قىلىشى ، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى ئىسلام پارتىيىسنىڭ رەھبىرىنىڭ دارغا ئېسىلىشى بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . سوت ئېچىلغان ۋاقىتتكى نامايىش ،ئىش تاشلاش ، يېقىنقى نامايىشلار نۇرغۇن باڭلادىشلىقلارنىڭ ئۇ ئادەمنى ھېمايە قىلىددىغانلقىنى بىلدۈرىدۇ ،باڭلادىش ھۆكۈمىتى ئىسلام پارتىيسىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرىۋاتدۇ . سادام ھۈسەيىن ، كازافىي ، ئەخمەت نىجاتلارنى بۇ ئادەم بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇۋېلىش ، دەيدىغانغا گەپ تاپالماي، مۇغەمبەرلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . سادام ھۈسەيىن ،كازافىي ، ئەخمەت نىجاد مۇستەبىت ، سەن قوللايدىغان بەشىر ئەسەدمۇ قانخور مۇستەبىت تامغا ئۈسىسگەن بىلەنمۇ بىكار ، ئۇلار مۇستەبىت ! قايسى كۈنى ئەركىناكۇنغا قىلغان تۆھمەتلىرىم سەۋەپلىك تۇلۇمۇ خىجىل بولدۇم،مۇشۇ تورداشتىن سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا كەچۈرۈم سورايمەن. بۇيەردە بىر توپ ئۇيغۇر بىنگالنىڭ غىمىنى يەپ كۆڭۈللەرنى زىدە قىپ ئولتارساق بىنگالىقلاربۇنىڭدىن خەۋەرسىز تۈنۈگۈن يەنى 2013-12-16 -چىسلا غەلبە كۈنى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپتۇ!
========================================
دۆلەتنى قوغداش ، دۆلىتى ئۈچۈن بايرام قىلىش دۆلەت قۇرالىغانلارنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقى .
37- قەۋەتتىكى anatil8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسى كۈنى ئەركىناكۇنغا قىلغان تۆھمەتلىرىم سەۋەپلىك تۇلۇمۇ خىجىل بولدۇم،مۇشۇ تورداشتىن سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا كەچۈرۈم سورايمەن.
-----------
ھىچقىسى يوق ، چۈشىنىشىپ قالىمىز دىمىدىممۇ ! ئۇنداق ئىشلار دىگەن بوپ تۇرىدۇ.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزنىڭ چولپانلىرى!
36- قەۋەتتىكى westernنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خاپا بولماڭلا، پاكىستانغا ئامراق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەپتىمەن {:181:} بىزنىڭ مەھەللىدە 10 نەچچە ئائىلە شۇ تائىپە بىلەن قۇدا باجا بولغاندىكىن بۇ ئادەملەرگە بولغان كۆز قارىشىم ئالاھىدىرەك بولسا كىرەك. لىكىن خاتا كۆرىۋالمىغان بولسام ‹‹ 42 يىل بۇرۇنقى جىنايەتنىڭ سورىقنى ھازىر قىلىش سىياسىي سۈيقەسىت ›› دەپسىلىكىن . شۇڭا سىلىنى بۇ ئىشلاردىن خەۋرى بولسا كىرەك دەپ...
ئەمدى كەشمىر مەسلىسىگە كەلسەك ئاۋۋال ئىنسانلار ياشاۋاتقان بۇ زىمىن \"ئاللاھنىڭ زىمىنى\" ئۇ قانداقتۇر بىرەر ئادەم ، بىرەر دۆلەت، ياكى بىرەر مىللەتكە سۇيۇرغال قىلىپ بىرىلمىگەن ، قارىسام كەشمىرنى پاكىستاننىڭ زىمىنى ئىدى دىمەكچى بولغىنىڭلارنى بىلدىم. كەشمىر مەسلىسىمۇ ھەل بولىدۇ... بۇ پەقە ت ۋاقىت مەسلىسى . تىخى 400 يىلنىڭ ئالدىدا كەشمىر ئۇيغۇرلارغىمۇ تەۋە بوپ باققان ،سەئىدىيە خاندانلىقى ئەسكەر چىقىرىپ سېرناگارنى ئىگەللىگەن. بۇنىڭلىق بىلەنلا كەشمىرنى جوڭگۇغا تەۋە دىگىلى بولمىغىندەك...كەشمىر پاكىستاننىڭ زىمىنىمۇ ئەمەس، ئۇمۇ پەقەت مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ
كەشمىرمۇ ئەمەليەتتە بۇرۇن مۇستەقىل بەگلىك، مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. ۋاقىت سائىتى كەلگەندە ھۆرلۈكىنى قولىغا ئىپمۇ قالار.
قارىسام ماڭا خەلىپىلىكنى پۇرىتىۋاتىسىز. ئاۋۋال ئەرەپ يىرىم ئارلىدىكى ھەممە نەرسىسى تەل مۇسۇلمانلاردىن كەلسۇن، كىيىن ئۇ ئارزۇيىڭىزمۇ ئىشقا ئىشىپ قالار...
چولپانلىڭىقىڭلارنى نامايان قىلىشىۋېتىپسىلەردە، ئاپىرىيييين!
پىشقەدەملەر: ئۆچكە چاغلىق ساقىلى يوق! تۈك ئۈنمىگەن سويما- دېسە ھەيران قالغان ئىدىم. چولپانلىرىمىزنىڭ سىرتىغا تەپچىپ چىققان ياغلىرىدىن ياغ بارلىقى مەلۇم بولىۋاتامدۇ قانداق؟
ئىزدىنىشتىن ئىبارەت خەلىقئاراغا داڭلىق بۇ مۈنبەردە ياقا سىقىشىپ يۈرسەڭلەر ئىززا ئەمەسمۇ؟ خىجىل بولساڭلارچۇ، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋالساڭلارچۇ؟ ئەگەر كۈچىڭلار يەتمىگۈدەك بولسا بىزگە دەڭلار، ھە-ھۇ دېيىشىپ بېرەرمىز بولمىسا. قانداق ديدىم كۆپچىلىك؟ دۇنيا خەلقىلا ئەمەس ، مۇنۇ ئىزدىنىشتىكى دېموكراتىيەنى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچىلا چۈشىنىۋالىدىغان ، ئىسلام دىسە قۇيقا چېچى تىك تۇرىدىغان ، دەھرى ئىدىيەنى ياقىلايدىغان ئاتالمىش تەرەققىيپەرۋەرلەر بىلەن يۈزى قېلىن خرىستېئان دەۋەتچىلىرىمۇ سۈكۈتتە تۇرىۋالماقتا . ئاتالمىش ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دىمكۇراتىيەدىن ئىبارەت بۇ سىياسىنىڭ چوماقلىرى مەنپەت ئۈچۈنلا مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ،پەقەت ۋە پەقەت ئۆزنۆۋتىدە
باھانە سۈپىتەدە بىرقەۋىمنىڭ مەنپەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلدۇرۇلدىغان مەسلەك ئىكەنلىكى يەنە بىرقىتىم ئىسپاتلاندى خالاس ! ئىراق،مىسىر،سۈريە ،
ئەمدە باڭلادىش .............


ئاللاھ ئىگەم زالىملارنىڭ جازاسىنى تېزراق بېرىپ، مۆئمىنلەرگە شاپائەت قىلغاي. مەن تونىيدىغان بىنگاللىق مۇسۇلمان (نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۇرۋەتكىەن قانخۇر ئۇ )دەپ تىللاۋاتىدۇ.بۇ ئادەمنى ھىچ چۇشەنمىدىم.پاكىستانغا قىتىلىپ مەينەت بولاي دىگەن گۇناھىغا ئىتىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ. ئۇمۇن توققۇز توققۇز ئاداش،بۇ ئادەمنى ئېتىپ تاشلىماپتۇ بەلكى دارغا ئېسىپتۇ.خەۋەرنى تەپسىلى ئۇقۇڭلار. ھەر ھالدا ئادۇكاتلىق ئالى سوتقىچە بارالاپتۇ،،دۆلەتنىڭ قانۇننى ئېجرا قىلىشى ئادىل ھەم دەخلىسىز بولۇشىمۇ خاتا ئەمەس،، ب د ت نىمۇ كۆزگە ئىلماپتۇ
5- قەۋەتتىكى Umun99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن تونىيدىغان بىنگاللىق مۇسۇلمان (نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۇرۋەتكىەن قانخۇر ئۇ )دەپ تىللاۋاتىدۇ.بۇ ئادەمنى ھىچ چۇشەنمىدىم.پاكىستانغا قىتىلىپ مەينەت بولاي دىگەن گۇناھىغا ئىتىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ.
سىلەرنىڭ ئاشۇ بىنگاللىق تونۇشلارنى خەلقئارالىق سوتقا باش سودىيە قىلىدىغان ئىشكەن، ئىتتىكلا كىسىم قىلىپ قەتلى قىلىۋىرىدىكەن ئاغزىدا.
مىسىر دىكى ۋەقەگىمۇ سۇكۇت قىلغان بۇنداق ئىش بەك كوپ ئا للا تائالا ئۇكىشىنى بالدۇر ئەكەتىپتۇ ياتقان يېرىنى سۇرۇن قىلغاي .آمين
قارشى پىكىر قىلغانلارنى ھىسداشلىق قىلمىدى دەپ ئەيىپلەش خاتا . چۈنكى خەۋەر تولۇق ئەمەس . بۇ ئادەمنى دارغا ئاستى دەپلا خەۋەر بېرىلىپتۇ . نىمە ئىش قىلغانغا دارغا ئاستى ، بىز تېخى بۇنىڭدىن بىخەۋەر . شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ كېلىپ چىقىشى ، نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقلىرى توغرىسىدا خەۋەر بولسا ، بىلىدىغانلار بىزنى خەۋەردار قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن ؟ ئۆزىمىز ئىزدەپ باقايلى دىسە ياكى بۇ ئادەمنىڭ ئېنگىلىسچە ياكى خەنزۇچە ئىسمى بېرىلمەپتۇ .بېنگال ۋە بېنگالنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولساڭلار خوش بوپقالغان بولاتتۇق . مەن بېنگالنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ئىكەنلىكى ، پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىققانلىقى ، 120 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلماننىڭ كىچىككىنە مۇشۇ دۆلەتتە نامراتلىق ئىچىدە قاپسىلىپ ياشايدىغانلىقىنىلا بىلىدىكەنمەن .
4- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىلنەچچە كۈن بولدى دەرىس ئۆتىمەن، باڭلادىشنى بىنگال دەۋالماڭلار دەپ ، بۇ خۇدىدىي ئوتتۇرا ئاسىيا دىمەي قەشقەر دەڭلا باللار دىگەندەك بىر گەپ ئەمدى !
باڭلادىش دېمەي بېنگال دەڭلار باللا.
ئاللاھ ئىگەم زالىملارنىڭ جازاسىنى تېزراق بېرىپ، مۆئمىنلەرگە شاپائەت قىلغاي.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم، باڭلادىش دەيمىز دوستۇم،
.....
ئەسلى بىنگال دىگەن ھەقىقەتەن بىر رايۇننىڭ ئىسمى . 1947-يىلى پاكىستان ھېندستاندىن ئايرىلىپ چىققاندىن كىيىن، بىنگالدىن ئىبارەت بۇ رايۇننىڭ باڭگاكىي مىللىتى ياشايدىغان قىسمى پاكىستانىغا تەۋە بولغان ئىكەن. يەنە بىر قىسمى ھىندىستانىغا تەۋە بولۇپ بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى شەرقى بىنگال دەپ ئاتىغان ئىكەن(ھىلھەم شۇنداق). تاكى 1971-يىلىغا كەلگەندە باڭگالىي مىللىىتىي پاكىستاندىن مۇستەقىل بولۇپ ، باڭگالىيلار ياشايدىغان ئەسلىدىكى بىنگال رايۇنىنى باڭلادىش خەلق جۇمھۇريىتى دەپ ئاتىغان ئىكەن. تېممىزدا مۇنازىرە قىلنىۋاتقان كىشى دەل شۇ مۇستەقللىق ھارپىسىدا نورغۇن باڭگالىقلارنى ئۆلتۇرگەن، نەچچە ئايالغا زىيانكەشلىك قىلغان دەپ ،ھازىرقى ھىندستانغا مايىل دىنسىز ھاكىميەت تەرپىدىن قارلىنىپ، بۇلتۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. بۇ كىشى باڭلادىشتا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئىسلام ئالىمى ، دىن ئۈچۈن ئاجايىپ خىزمەتلەرنى قىلغان ئىكەنتۇق. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشىنى خالىمىغان ھازىرقى ھېىندستاننىڭ ئاستىرتتىن كونتۇرۇللىقىدىكى ھاكىميەت بۇ كىشىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن كۆزدىن يۇقاتماقچى بولۇپ ،سىياسى ئويۇن ئويناۋاتقان ئىكەن.
...گەپ تامام دېمەك، بىنگال چوڭ بىر رايۇننىڭ ئىسمى، تېمىمىزدا مۇنازىرە قىلۋاتقان كىشى ياشايدىغان يەرنىڭ ئىسمى شۇبىنگال رايۇنىغا تەۋە بولغان باڭلادىش خەلق جۇمھۇريىتى.
بىنگال رايۇنى تۆۋەندىكى ئىككى رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى شەرقى بىنگال رايۇنى، يەنە بىرى بولسا بىز تېمىدا مۇنازىرە قىلۋاتقان باڭلادىش خەلق جۇمھۇريىتى. بىنگال رايۇنىنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمى : 232،752، ئومۇمىي نوپۇسى : 250 مىليۇندىن كۆپ.
شەرقى بىنگال رايۇنى( ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى ):
يەر كۆلىمى : 88،752 كىۋادىرات كىلومىتىر.
باڭلادىش خەلق جۇمھۇريىتى.
مەرگىزى: داكا.
يەر كۆلىمى:147،570 كىۋادىرات كىلومىتىر.
نوپۇسى 160 مىليۇندىن كۆپ، بۇنىڭ، 89 % مۇسۇلمانلار، 9%ھىندىي دىندىكىلەر، 1% بۇدىستلار، 0.5 % خىرستىيانلاردىن ئىبارەت.
موشۇنچىلەك بولسۇن، ئۆمۈدىمىز:
باڭلادىش خەلق جۇمھۇريىتىنى يەنە بىنگال دەپ تۇرۋالمىساڭلار،