Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 13:11:59

تور بىلەن تېلېفۇن چوقۇم بىرگە بولىشى كېرەكمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر.



مەن پوچتا تېلېگراپ شىركىتىنىڭ 20، 30 يىللىق خېرىدارى ئىدىم(ئۆيۈمدىكى تورمۇ، مۇقۇم تېلېفۇنمۇ، يانفۇنۇممۇ پوچتا تېلېگراپنىڭ ئىدى)، ئۆيۈمدىكى مۇقۇم تېلېفۇن، تور ۋە يانفۇنۇم ئايلىقى 129 يۇەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتكە باغلاغلىق ئىدى، ئۆيدىكى مۇقۇم تېلېفۇنۇمغا  بىرمۇنچە سۆزلىشىش ئىتىبارى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنى  ئاساسەن ئىشلەتمەيمىز، يەنە يانفۇنۇمغا ھەقسىز بېرىلگەن Wi-Fi نىڭىمۇ بىزنىڭ تەرەپلەردە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرئايدا كىلىدىغان ئۇچۇردا  Wi-Fi نىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى، مۇقۇم تېلېفۇننۇڭمۇ 1000 مىنۇتلۇق ئىتىبارىدىن بىرمىنۇتمۇ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئەمما يانفۇننىڭ سۆزلىشىش ھەققى بىلەن  تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە دەرھال پۇل تولۇقلىشىم لازىملىقىدىن ئۇچۇر كىلىدۇ،  بىريىلدىن بىرى بۇ 129 يۇەنلىك  مۇلازىمەتتە ھەرئايدا ئەڭ ئاز بولغاندا 175 يۇەن، كۆپ بولغاندا 300 يۇەندىن پۇل تۆلەپ كەلدىم.


مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، ماڭا مۇقۇم تېلېفۇنغا بېرىلگەن ئىتىبارنى يانفۇنۇمغا  يۆتكەپ بېرىڭلار، توكسىز جايغا تېلۋىزور يارىدەم بەرگەندەك ئاۋۇ ئاقماس Wi-Fi نىڭ ئورنىغا ماڭا ماس كىلىدىغان ئېقىم مىقدارى قوشۇپ بېرىڭلار دېسەم، بۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، دەيدۇ. ئۇنداق بولسا، مەن تورغا يىللىق پۇلنى بىراقلا تاپشۇراي، ئۆي تېلېفۇننى بىكار قىلىۋىتىشكە مۇمكىن بولسا، ئۆي تېلفۇنۇمنى بىكار قىلىۋىتىڭلار، يانفۇننى قانچىلىك ئىشلەتسەم ياكى ياخشىراق مۇلازىمەت بولسا، شۇ مۇلازىمەتتە ئىشلىتەي دېسەم، تورغا ئايدا 80 يۇەندىن تۆلەيسىز، يانفۇننى ئاجرىتىپ بەرسەك بولىدۇ، دەيدۇ. تور، يانفۇن، ئۆيفۇن ئۈچى بىرلەشكەن 99 يۇەنلىك مۇلازىمەتمۇ بار  بولغانلىقى ئۈچۈن، تورغىلا 80 يۇەن تۆلىگىچە،  ئىشلەتمىگەن مۇقۇم تېلېفۇنغىمۇ پۇل تۆلەيدىغان 99 يۇەنلىك مۇلازمەتنى بىجىرىشكە مەجبۇر بولدۇم.


网通 شىركىتىنىڭ تورىنى تارتقان ۋاقتىمدا يىللىق تورپۇلىنى بىراقلا تۆلەيتىم، ئۆيگە تېلېفۇن قويۇشقىمۇ مەجبۇر قىلمىغانتى، ھازىر بۇلارنىڭ توچكا كېڭەيتىش ھوقۇقىنى پوچتا شىركىتى مونۇپۇل قىلىۋالغانمۇ قانداق، توچكىلىرى بارغانچە تارىيىپ، ئىشىك ئالدىمدىكى توچكىمۇ يوقاپتۇ،  网通شىركىتىنىڭ مۇقۇم تېلېفۇنغا مەجبۇرلىمىغىنىدىن قارىغاندا تور تارتىش ئۈچۈن مۇقۇم تېلېفۇن بولمىسىمۇ بولغىدەك،  پوچتا تېلېگراپنىڭ مۇقۇم تېلېفۇنغا مەجبۇرلىشى، يانفۇنغا قىستىشى بىر يولسىز تەلەپ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.



ئىنىمنىڭ دۇكىنىدامۇ  مۇقۇم تېلېفۇن، يانفۇن ۋە تور كەسپى  ئۈچۈن 129 يۇەنلىك مۇلازىمەت بىجىرىلگەن ئىدى،  يانفۇننى ئىشلەتمىگىلى بىر يىلدىن ئاشتى، شۇڭا يانفۇننى بۇ مۇلازىمەتتىن چىقىرىۋىتىڭلار دېسەم، 10 يۇەنلىك ئىقىم مىقدارى بىلەن 3 يۇەنلىك قوڭغۇراق مۇزىكىسىنىلا چىقىرىۋىتەلەيدىغانلىقىنى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرقېتىم يانفۇنغا ئۇچۇر كەلگەندە، يانفۇننى  60 يۇەنلىك  ئىشلىتىپ بولدىڭىز، يەنە پۇل قاچىلاڭ دېگەن ئۇچۇر كىلەتتى.


دۇكاننىڭ تېلېفۇنى مېنىڭ نامىمدا ئىدى، شۇڭا ئۇنداق بولسا، دۇكاندىكى تېلېفۇنغا مېنىڭ يانفۇنۇمنى كىرگۈزۈپ قويۇڭلار، مەن ئىككى تەرەپنىڭ 60 يۇەنلىكتىن مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولاي دېسەم، بىر يانفۇن ئىككى تورغا چىتىلمايدۇ دەيدۇ،  تور تارتىشتا ئۆزىدىن باشقا رىقابەتچىسى يوق، تەلىيى ئوڭ كىلىپ قالغان پوچتا تېلېگراپنىڭ بۇ ئىشلارى كاللامدىن تازا ئۆتمىدى.



umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 18:02:03

ئى تىلۋېزىيە بىلەن تورنى بىرقىلدىغان ئىشنى قايسى ئىدارىدىن بېجىردىكەنمىز ؟مەنمۇ ئالماشتۇرمەن تىلگىرافتىن

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 19:22:13

ماڭا كىيىنچە لازىم بولدىغاندەك تۇردۇ بۇتىما ھازىرچە چىكىت قويۇپ قۇياي.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 17:38:00

پوچتا ئايرىم تېلگىراف ئايرىم. ئىككىسى ئىككى شىركەت. مەن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىپ تويغان. ئادەمنى ئالدايدىغان ئۇششاق-چۈششەكلىرى بەك كۆپ. ھازىر ھېچقانداق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىشلەتمەيمەن، قانچىلىك ئىشلەتسەم شۇنچىلىك پۇل تاپشۇرۇپ...

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 17:48:21

مۇشۇ تىلگىرافنىڭ مۇقىم تېلفونغىغۇ مەيلى ،ئەمما قول تېلفونغا مەجبورلىشىغا مەنمۇ ھەيران قالىمەن.شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۆزەم بىلىپ بىلمەيلا، كۆچمە خەۋەرلىشىنى تاشلاپ، تېلگىرافنىڭ ئابونتى بۇلۇپ قالدىم. \"\" \"\"

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 18:12:46

مىنىڭمۇ ئۆينىڭ مۇقىم تىلفۇن،يانفۇن،تور 99 سومغا كۆتۈرە ئىدى.لىكىن 211-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا كىمىدە 200 سوم ئەتراپىدا تاپشۇرۇپ كەلدىم.سۆزلىشىش سوممىسى 50 سومغىمۇ بارمايدۇ ئەمما يوقلاڭ باھانىلەر بىلەن پۇل تۇتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىدىن بىرنى ئىشلەتتىم.تىلگىرافنىڭ تورىنى ئىشلىتىپ يانفۇنىنى ئۆيدە بىكار قويوپ قوياتتىم.لىكىن ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 400 سومدىن پۇل تۇتتى بىر ئىككى ئاي غۇدىراپراق تۆلىدىم،تۆتىنجى ئايغا بارغاندا يەنە شۇنداق چىقىۋەردى .ئاچچىمقىمدا زالدىكىلەردىن ،بىر موچەنلىك سۆزلەشمىسەم تورنىلا ئىشلەتسەم نەدىن چىقىپ قىلىۋاتقان پۇلكەن بۇ دىسەم‹‹ۋاي فاي››دەمدۇ بىر نىمىنى رايون ئاتلاپ ئىشلىتىپسىز دەپ ھەر ئايدا 200 سوم ئەتراپىدا تۇتۇپ كەپتۇ .مەن دىدىم مەن خىزمىتىم مۇقىم ئادەم ئۇ يەر بۇ يەرگە بارمايمەن ھەم بارالمەن.يەنە بىرى مەن تىلگىراف تىلفۇنۇمنى نەچچە ئايدىن بىرى تۇتۇپمۇ باقمىدىم دەپ جىدەل قىلدىم.ئۇلار ھىچ گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس.

ئاخىر باشلىقى بىلەن كۆرۈشتىم،مەخپى نومورنى ئالماشتۇرۇپ بەردى ئاقمىدى،تىلگىرافنىڭ كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى ئاقمىدى،ئاخىر پەيلىمنى بۇزۇپ باشلىغىنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسسۈپلا كىرىپ ما شىركىتىڭنىڭ نامىنى جۇڭگۇ تىلگىراف شىركىتى دىمەي پۇل پۇل تۇتۇش دەپ ئۆزگەرت،دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى بۇلغىماي ئاۋۇ جۇڭگۇ دىگەن خەتنى ئىلىۋەت دەپ جوزىسىغا مۇشلاپ ،تۈكۈرۈپلا چۈشتۈم .شۇنىڭ بىلەن يىرىم يىل بىر فۇڭ تۆلىمەي يانفۇن بىلەن تورنى ئىشلىتىشكە ئىچىپ بەردى.

شۇندىن كىيىن يانفۇننى ئىشلەتمىدىم .تورنى ھەر ئايدا 99 يۈەندىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 18:24:05

ئەگەر مۇشۇ تىلگىرافتىن باشقا تور تاتىدىغانلار بولسا 1-بولوپ مەن خۇشلىشاتتىم بۇلار بىلەن

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 19:40:28

سىملىق تور ئەكىرەيمىكىن دەۋاتقانىدىم . لەپتوپتا تورغا چىقىشقا ئادەتلىنەلمەي قالدىم \"\"

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 19:47:36

مەنمۇ سىلەردەك تىلگىرافنىڭ زۇلىمىنى ئاز تارتىمىدىم ، تور سۇرئىتىمۇ تازا كۇڭۇلدىكىدەك ئەمەس، مۇشۇنداق كۇنلەرنىڭ بىردە ماۋۇ تىلۋىزىيە ئىستانىسنىڭ سىملىق سىگنال قۇبۇللىغۇچ (机顶盒)ئارقىلىق كومپىيوتېر تورغا ئۇلاش مۇلازىمىتى بارلىغىنى بىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە مۇشۇ تورنى يىللىقىنى 480 يۇەنگە ئورناتتىم ، سىگنالمۇ ياخشى ، تىلگىرافنىڭكىدىنمۇ قېلىشمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇستىگە تىلۋىزىيەدە يەنە 15 قانالنى ھەقسىز قۇشۇپ بىردىكەن ، يانفۇن ،ئۆيفۇنغا زورلاشمۇ يوق ئىكەن ، يەنە تېخى بۇ تورنى ئىككىنچى يىلى داۋاملىق ئىشلەتسە 80يۇەن ئىتىبار قىلدىكەن  . شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ،تىلۋىزىيە ئىستانىسنىڭ سىملىق سىگنال قۇبۇللىغۇچ ئورناتقان دوستلار بولسا مۇشۇ تورنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلمەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:02:27

6- قەۋەتتىكى nawkeranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ سىلەردەك تىلگىرافنىڭ زۇلىمىنى ئاز تارتىمىدىم ، تور سۇرئىتىمۇ تازا كۇڭۇلدىكىدەك ئەمەس، مۇشۇنداق كۇنلەرنىڭ بىردە ماۋۇ تىلۋىزىيە ئىستانىسنىڭ سىملىق سىگنال قۇبۇللىغۇچ (机顶盒)ئارقىلىق كومپىيوتېر تورغا ئۇلاش مۇلازىمىتى بارلىغىنى بىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە مۇشۇ تورنى يىللىقىنى 480 يۇەنگە ئورناتتىم ، سىگنالمۇ ياخشى ، تىلگىرافنىڭكىدىنمۇ قېلىشمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇستىگە تىلۋىزىيەدە يەنە 15 قانالنى ھەقسىز قۇشۇپ بىردىكەن ، يانفۇن ،ئۆيفۇنغا زورلاشمۇ يوق ئىكەن ، يەنە تېخى بۇ تورنى ئىككىنچى يىلى داۋاملىق ئىشلەتسە 80يۇەن ئىتىبار قىلدىكەن . شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ،تىلۋىزىيە ئىستانىسنىڭ سىملىق سىگنال قۇبۇللىغۇچ ئورناتقان دوستلار بولسا مۇشۇ تورنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلمەن.


================================



تورچىقىش تىزلىكى قانچىلىكەن؟؟؟ئەگەر ئىككى-ئۈچ مىگابايىتقا چىقالىسا ياخشى تاللاشمۇ نىمە بۇ!!!!!


Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:17:29

مەنمۇ ، مۇشۇ تېلگىراپنىڭ زۇلمىدا قالدىم ، 129 كوي تۆلەيمەن ئايدا \"\"

atlan77 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:30:25

مىنىڭمۇ129يۇەنلىك يۈرۈشلۈك كەسىپ ،ئىككى يانفۇن ،مۇقىم تىلفۇن ،تور چېتىقلىق ،ئايدا 120يۇەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بېرىدۇ .دەسلەپتە مەنمۇ 150-250گىچە تۆلەپ يۈرگەن،تېلگىرافتىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ يېقىندىن بۇيان 129يۇەن يىتىدىغان بولدى ،بوشلا تۇرسىڭىز قويىمەن دەپ تۇرىدۇ ،شۇ تورىنىڭ تىزلىكىنى دىمىسە قاراپمۇ قويمايدۇ كىشى \"\"

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:41:26

مەنمۇ بىر قېتىم تورغا چىقىپ باقماي 400 سوم تۆلۈدۈم ، ئايدا 99 يۈەنلىك كەسىپى بېجىرىگلىك ئىدى.

ھازىرئۇ كارتىنى تاشلىۋەتكەن يەنە 200 يۈەن قەرىز چىقىپتۇ. بىكار قىلىۋېتىمەن دېسەم قەرىزنى تۆلەيسەن دەيدۇ.

ماۋۇ تەرەپتە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ  يېڭى بىر مۇلازىمىتىنى بېجىرۋاتىدۇ.  ئايدا 400 سائەت تورغا چىقسا ھەر ئايدا 50 يۈەن تاپشۇرۇدىغان ، سۈرئىتى شۇنداق تېز ئىكەن . لېكىن بىر سىگىنال قۇبۇلىغۇچ ئالمىسا بولمايدىكەن. ھەرقانداق يەردە ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:50:48

مېنىڭ ئۆيۈمدىكى تور
مۇقىم تېلفۇن (شەھەر ئىچىدە مىڭ مىنۇت)+ يان تېلىفۇن (شەھەر ئىچىدە مىڭ مىنۇت)+ تور (ئېيتىلىشىدا بىر مىگا، ئەمەلىيەتتە ئىككى ئۈچ مىگا ئەتراپىدا)= 99يۈەن

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 22:54:02

بۇ تىما ئارقىلىق مەن يولۇققان  مەسىلىدە باشقىلارنىڭمۇ يولۇقۇش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، قارىغاندا بۇ مەسىلىگە يولۇققانلار ئاز ئەمەسكەن، ئەمما بۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەسكەن.


مەركەزدىن سىياسەتلەردە، تەدبىرلەردە  ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغىلى ئۇزۇن بولدى، ئەمما بۇ خىل شىركەتلەر ئادەمنى ۋە ئادەمنىڭ ئىھتىياجىنى ئاساس قىلماستىن ئۆزىنىڭ تويماس نەپسىنى ئاساس قىلامدۇ قانداق، قازاننىڭ قۇلىقى تۆت دېگەندەك نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇنسىز زىيان تارتماقتا، شۇڭا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئۆيفۇن، يانفۇنلارغا ئوخشاش ئىھتىياجسىزلارنى زورلاپ تاڭغانلىقىنى مۇناسىبەتلىك ئورۇنلارغا  مەلۇم قىلساق، ئۈنىمى زور بولىشى مۇمكىن، مەن مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر دوستىمىزنىڭ ماۋۇ ئادرس  http://www.chinatcc.gov.cn:8080/cmsadmin/shouli/shensu.jsp  قا ئەھۋال  مەلۇم قىلغاندا ، ناھايىتى تىزلا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر قېتىم يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلالىغان ئىدىم، بىراق، بۇ قېتىم يولۇققان مەسىلىنى خەنزۇچە ئىپادىلەشتە قىينالغانلىقىم ئۈچۈن، ھەم بۇ خل مەسىلىنى بىرقانچە ئادەم مەلۇم قىلغاندا ئۈنىمى تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تىمانى يازدىم.


يولۇققان مەسىلىنى مېنىڭ كۆپ ھاللاردا تىجارەت زالىدا  ھەل قىلمىقىم ناھايىتى تەس،  چىرايلىق گەپ قىلسىڭىز، ئاڭلىمايدۇ، قۇرۇق جىگدە بىلەن ئالداپ، يولغا سالىمەنلا دەيدۇ،  قاتتىق - يىرىك  گەپ قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، شۇڭا 10000غىلا تېلېفۇن قىلىمەن،  بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا \"ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت لازىم بولسا 2نى بېسىەڭ\" دېگەن سۆز  چىقمايلا، مانچىنجى نۇمۇرلۇق گەپچى خادىم سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، دەپلا- بىرسى  ئەھۋال سوراپ كېتىۋاتىدۇ، ماڭا ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى لازىم، شۇنى ئۇلاپ بەر دېسەم، - نېمە گېپىڭ بارتى،  -دەيدۇ، بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلسام - ئۇقمۇدۇم، - دەيدۇ. شۇڭا ماڭا ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىنى ئۇلاپ بەر دېسەم، ئۇيغۇر قىزدىن بىرسىنى ئۇلاپ بەردى، ئۇنىڭغا مەن شۇنداق دېدىم، -ئۇكام، باشلىقىڭىزغا يەتكۈزۈپ قوياڭ، مېنىڭ ئەرزىم بار. 1- دىن مەن 10000غا تېلېفۇن ئۇرغاندا \"ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت لازىم بولسا 2نى بېسىەڭ\" دېگەن گەپ چىقاتتى، مەن ئۆتكەندە 10000 ئىستانسىغا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت قىلالايدىغان قوش تىللىقلارن كۆپەيتسۇن، قاچاندا قارىسا، ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت ئالدىراش بولىۋەرمىسۇن، دېگەن پىكىرنى بەرگەنتىم، ئەمدىلىكتە ئاشۇ ئالدىراش خادىملارمۇ قىسقىراپ، بىراقلا خەنزۇچىلا مۇلازىمەت قىلىپ قالدىمۇ؟ دېسەم، بۇ قىز دېدىكى، ئالاھىدە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدىغان  دەرىجىڭىز يۇقۇرى خادىمكەنسىز، شۇڭا سىزنىڭكىنى بىۋاستىلا خەنزۇچە چىقىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ، - دەيدۇ. مەن دېدىمكى، ۋاي ئۇكام، بولدى دەرىجەمنى تۆۋەنلىتىۋىتىڭ، ماڭا ئاسانچىلىق ئەمەس، قىينچىلىق ئېلىپ كىلىدىغان ئۇنداق دەرىجە كېرەك ئەمەس، مېنىڭ مۇمكىن بولسا، ئۇدۇللا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت قىلىدىغانلارغا ئۇلىنىدىغان بولسۇن، 2- پىكىرىم، سىز ئىشلەۋاتقان ئاۋۇ جايغا قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىمالال خىزمەت قىلالايدىغان قوش تىللىق خادىملارنى كۆپەيتسۇن، مېنىڭ مۇشۇ 2 تەلىۋىمنى باشلىقىڭىزغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ، دېۋىدىم، 2- پىكىرىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدىم، 1- پىكىرىم ئەمەلىلىشىپ، بىرقانچە قېتىم زىرىكمەي ئۇرىۋەرسەم، 2نى بېسىپمۇ يۈرمەستىن بىۋاستە ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتچىگە يولۇقىدىغان بولدۇم.


ئاۋۇ ئادرسقا ئەسلىدە مۇنداق دەپ يازماقچىتىم: پوچتا  تېلگراپ شىركىتىنىڭ تور خىرىدارلىرىغا ئىھتىياجىنىڭ بار - يوقلىقى بىلەن ھىساپلاشماي، ئۆيفۇن، يانفۇننىمۇ قوشۇپ تەڭ قويۇشقا زورلىشى توغرىمۇ؟ كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ باھاسىنى يەرلىكلەر خالىغانچە بىكىتسە، ئۇنى  نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئورۇن، چەكلەيدىغان تۈزۈم يوقمۇ؟   


سىلەرچە مۇشۇنداقراق يازساق بولارمۇ؟ يازىدىغان سۆز بىكىسە، ئۇنى خەنزۇچە تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغانلار تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلەر يۇقۇرىدىكى تور ئادرسقا يوللاپ باقساق.

misran807 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 01:02:44

مەنغۇ بىر يېرىم يىل بولدى، ئۆي تېلىفۇنى توختاپ قالغاندا ئىشخانامنىڭ تورغا چىقىش نومۇرىنى ئىشلەتسەممۇ تورغا چىققاچقا ئۆيدىكى تورنى توختىتىمەن دەپ توختىتىۋېتىپ كۈندۈزى ئىشخانىدا، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدە ئاشۇ بىر نومۇرنى ئىشلىتىپ تورغا چىقىۋاتىمەن، كىيىن ئۆي كۆچۈپ نۇركابىلغا ھەقسىز ئالمىشىۋالدىم، خادىم گەرچە ۋاقتىدا كەلمەي 20 نەچچە كۈندە كىلىپ تىلفۇننى ئورنىتىپ بەرگەن بولسىمۇ ئىشخانامنىڭ تورغا چىقىش نومۇرى يەنىلا ئىشلەۋەردى، نۇركابىلغا ئۆي تېلىفۇنىنى چاتىدىغان روتېرنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرىۋەتسەم ئۆي تېلىفۇنىمۇ ماڭمس بولدى...(تىلفۇن يۆتكەپ ئىككىنچى كۈنىلا) كىيىنچە نەچچە ئاي ھەر ئايدا 10 يۈەن تورنى توختىتىش ساقلاش ھەققى 18 يۈەن ئۆي تېلىفۇنى ئايلىق ئىجارە ۋە نومۇر كۆرسىتىش ھەققى دەپ تۆلەپ يۈردۈم، مانا ھازىر 4 ئاي بوپتۇ، ئۆي تېلىفۇن نورمال ئەمەس دەپ قايتا - قايتا ئىنكاس قىلىۋەرسەم مەنمۇ بىلمەيمەن ئۆزلىكىدىن 停机拨号 (نىمە دەپ تەرجىمە قىلساق ئۆلچەملىك بولار؟) بولۇپ قاپتۇ... ھازىر ئايدا 12 يۈەنلا چىقىۋاتىدۇ، مەقسىدىممۇ تورغا چىقىش، ئۆي تىلىفۇنىنى يىللاپ ئىشلەتمەيمەن، ئالدى 0991 گەلگەن كەڭ بەلۋاغ تورغا چىقىش نومۇرىنى قارىسىغا كىرگۈزۈپ يۈرۈپ نۇرغۇن تورغا چىقىش نومۇرى تېپىپى چىقتىم، ئارىسىدىن تاللاپ تۇرۇپ 20M سۈرئەتتىكى بىرىنى سىمسىز روتېرغا تەڭشەپ ئۇلاپ قويدۇم، مانا ئۇزۇن بولدى، كېچە-كۈندۈز تورنى ئېچىپ قۇيىمەن، خولۇم خوشنىلىرىم دىن تارتىپ مەن يانفۇندا سىمسىز تورغا، كومپىيۇتېرىمدا سىملىق تورغا چىقىۋاتىمەن، ئايدا پەقەت 12 يۈەنلا تاپشۇرىمەن... تىلىگىراف شىركىتىدىن مەن بەكمۇ رازى... \"\" ھەر3 ئايدا بىر بېرىپ 50 يۈەن تاپشۇرۇپ قويىۋاتىمەن، قايسى كۈنى بارسام ھىساباتتا تېخى 20 نەچچە يۈەن ئېشىپ قاپتۇ قايتىپ كەلدىم، تورمۇ توختاپ باقمىدى، ئۈرۈمچىدىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ تورغا چىقىش نومۇرىنى ئىشلەتلەچكىمۇ ئۇلارمۇ، مەنمۇ نورمال ئىشلىتىۋاتسام كېرەك...!!!  {:90:}  

ئىشقىلىپ مەن بەك رازى تىلىگىراف تىن...كومپىيۇتېرىمدا پات-پات تور سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ باقىمەن، 2.1M~2.35M ئەتىراپىدا چىقىدۇ تور سۈرئىتىم...مېنىڭچە بەك تىز!

misran807 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 01:16:21

مەن بولدى دەۋا قىلمايمەن، مەن تېلىگىرافتىن ياخشى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىمەن، ئەممازە ماۋۇ تېما ئىگىسى ۋە باشقا قاخشاۋاتقان تورداشلارغا ياخشى بىر مەسلىھەتىم بار...

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا مەيلى كۆچمە، تېلىگىراف، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشلىرى بولسۇن ھەممىسىنى بىردەك ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە ھەر قانداق بىر پۇل ئېلىش ئۆلچىمىنى تەستىقلايدۇ. تور بەت ئادىرىسى http://www.xjca.gov.cn مانا بۇ، مۇشۇ تور بەتكە كىرىپ ئەرىز - شىكايەت قىلىپ بېقىڭلار، ياكى مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، يەنە ئۆرىز قىلىشتىن ئاۋال چوقۇم ئىسپات ماتېرياللار بىلەن تەمىنلەيسىلەر، شۇڭا پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى ۋە باشقىلارنى چىڭ ساقلاپ ئەگەر سۈرۈشتۈرسە تەمىنلەپ بىرىڭلار... ئۇلار تىلىگىراف بولامدۇ، كۆچمە بولامدۇ كارى يوق، ئالدىغا سېلىپ يۈگۈرتىۋېتىدۇ...بارىلىق ھوقۇق شۇلاردا...10000 مۇ ھەل قىلالمىغاننى 1 لا قېتىمدا ھەل قىلىدۇ! بۇلار شۇ غوجاملارنىڭ غوجىسى!!!

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 09:22:52

كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ 4مىگابايىتلىق سىملىق تورنى 18 ئايلىق تورپۇلنى 380 كوي دەپ داۋراڭ قىلۋاتىدىغۇ

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 10:08:31

misran807@ ئۇنداقتا سىزنىڭ قالايماقان نۇمۇر كىرگۈزۈپ تاپقان مەخپى نۇمۇرلىرىڭىز؟قۇرۇق نۇمۇرلارمۇ؟ياكى باشقىلار ئىشلىتىۋاتقان نۇمۇرلارمۇ؟بىر سىمدا بىر نۇمۇر تۇرغا چىقىقىلى بۇلىدۇ.ھەم پەقەت نۇمۇر ئەشۇ سىم لىنىيەسىگىلا مەنسۇپ،باشقا سىم لىنىيەسىدە ئىشلىمەيدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم(تور چۈشۈردىغان يولداش ئۈز ئاغزى بىلەن شۇنداق دىگەن،شۇڭا ئەسلى مەخپى نۇمۇر (123456)نى ئۆزگەرتىشىم ھاجەتسىزكەن!!!سىزنىڭ سۈزىڭىز بىلەن ئىتقاندا (ئۈستىدىكى سۈزىڭىزدىن شۇنداق چۈشەندىم)بىر كەڭ بەلغاغلىق تور نۇمۇرى باشقا سىم يۇللىرىدىمۇ چىقىۋىرەمدىكەن؟ مەسلەن مەن ئىشخانامنىڭ كەڭ بالباغلىق تور نۇمۇرىنى ھەم مەخپى نۇمۇرىنى ئۆيۈمدە ئىشلەتسەم ئۇخشاشلا تۇرغا چىقالايمەن شۇنداقمۇ؟بۇنىڭ شەرتى چوقۇم ئۆيدىكىسىگە بىر نۇمۇر ئۇلانغان بۇلىشى كىرەك!!!!

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 10:35:57

15- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ 4مىگابايىتلىق سىملىق تورنى 18 ئايلىق تورپۇلنى 380 كوي دەپ داۋراڭ قىلۋاتىدىغۇ



تىجارەت زالىغا بارامدىكەن؟
بەت: [1] 2
: تور بىلەن تېلېفۇن چوقۇم بىرگە بولىشى كېرەكمۇ؟