iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 11:53:08

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورى ھەققىدە



ھازىر 4G تورىنىڭ ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدىكى TD_LTE ۋە چەتئەلنىڭ FDD-LTE دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆلچىمى بار .

خەلقئارادىكى تىجارەت سودىگەرلىرىدەTDD بىلەنFDD نى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشدا مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇل بار:


بىرىنچى، ئارىلاشما تور شەكلى ، FDD-LTE بولسا خەلقئارادىكى ئاساسلىق شەكىل ،


TD-LTEبولسا ساپ سانلىق مەلۇمات شەكلى ؛ مانا بۇمۇكۆچمىنىڭ بۇرۇنقى غەيرى تۆرەلمىسى TD-SCDMA غا ئۆز ئەينى ئوخشايدۇ .


بۇنداق TD-LTE تورىنى قوللايدىغان تېلفوننى تېپىشىڭىزمۇ تەس ، دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلار ياكى كۆچمە بۇيرۇتۇپ ياساتقاننىلا ئىشلىتەلەيسىز دىگەن گەپ !


ئىككىنچى ، TDD بىلەنFDD تەڭ بولغان شەكىل، 3G تور بىلەن ماسلىشىشچانلىققا ئىگە ؛


ئۈچىنچى، ماسلىشىشچان شەكىل FDD-LTE،بىلەن TD-LTE نى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشىلتىشكە بولىدۇ .

   ئاشكارلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى 12-ئايدا تارقىتىدىغان 4G ئىجازەت نومۇرى پەقەتTD-LTE بىلەن چەكلىنىدۇ،      ھالقىلىق بولغان چاستوتا تەقسىملەشتە ، ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ خەۋەر قلىشىچە 2.6GHz    TDD-LTEغا پىلانلانغان. جوڭگۇ تېلگىرافى(1.8GHz(1755-1785MHZ / 1850-1880MHzنى ئالغان . جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 2.1 GHz(1955--1980MHz / 2145-2170MHz) نىئالغان .


2014-يىلنىڭ يېرىمىدىن بۇرۇن4G تورىنى ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ ئەمەس.


    4- دېكابىر، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە TD-LTEگۇۋاھنامىسى، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىلىشىش شىركىتىگە TD-LTEۋە FDD LTEگۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى

بۇنىڭ ئىچىدە، يەر شارىدىكى پەقەت ۋە پەقەت ئارانلا 18 دۆلەتتە 23 يۈرۈش TD-LTEسودا تورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە4G ئېقىم مىقدارىنىڭ ھەق ئۆلچىمى ئېيىغا 100يۈەن بولۇپ 2GB ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئېشىپ كەتسە 0.29 يۈەن بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ.


ئەرزانمىكەن باللا !


ئايلىق ئەڭ يۇقىرىيۈرۈشلۈك مۇلازىمەت 500 يۈەن بىلەن ، ئېقىم مىقدارى 15GB بىلەن چەكلىنىدۇ.

ئانالىز قىلىنىشچە 4Gئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش ھەرگىزمۇ 4G دەۋرىنىڭ ھەقىقى تۈردە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدىكەن .ئىجازەتنامە تارقىتىشتىن كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر بار بولۇپ ، 4G مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇرەككەپ پىشىپ يېتىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن .



خۇلاسە :


ھاياتنى قەدىرلەپ مەن 10 يىللىق كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتامنى تاشلىۋېتىپ بىرلەشمىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدىم، 2گ تورى بەك قىممەت ۋە بەك ئاستا ، 3گ تورىمۇ كۆچمە مۇلازىمەت زالىدىن باشقا يەردە يوق،سىرتىغا چىقسا تاپقىلى بولمايدۇ.شۇڭا بىرلەشمىنىڭ خەلقئارادىكى ئاساسلىق ۋە ئۆلچەملىك 3 گ تور شەكلى بولغان WCDMA غا كۆچۈشنى ۋە شۇنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم .


كۆچمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى: مۇنارلىرى كۆپ ، خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ،پۇل تۆلەش ئورنى ھەممە يەردە بار، كۆپ خىل ئۇسۇللاردا ھەق تاپشۇرغىلى بولىدۇ،مۇلازىمەت سۈپىتى ياخشى.


كەمچىلىكى :بىرلەشمىنىڭ مۇنارلىرى كۆپ ئەمەس، خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ ئەمەس، نۇرغۇن يەردە سىگنال يوق تۇرۇۋالىدۇ ، پۇل تۆلەش ئورۇنلىرىنى خالىغان يەردە تاپقىلى بولمايدۇ،پۇل تۆلەش شەكلىمۇ كۆپ خىل ۋە قولايلىق ئەمەس، مۇلازىمەت زاللىرىدا مۇلازىمەت سۈپىتى ياخشى ئەمەس!


بىرلەشمىنىڭ تور سۈرئىتى ئەڭ تېز، 9 گ ئېقىمى بار ئايلىقى 15 يۈەنلىككارتىنى 100-150سېتىۋاتاتتى بالىلار ئالپ تورىدا !


ئىشقىلىپ ھەممە جەھەتتىن رازى بولغۇدەك بىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ-دە بۇ جۇڭگوچىلىقتا، بىرنىڭ يېرى بىر نىمە ، بىرىنىڭ يەنە بىر يېرى بىر قانداق دىگەندەك.....


يەنىلا بىرلەشمە ياخشىكەن دەپ ھېس قىلدىم .


يۇقىرىقى تېخنىكىلىق ئاتالغۇ ۋە مەزمۇنلار نۇر تورىدىكى 4G توغرىلىق خەۋەرلەردىن ئېلىندى.

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 19:48:14

مەنمۇ كۆچمىنىڭ نەچچە يىللىق كارتامنى تاشلىۋېتىپ بىرلەشمىنىڭكارتىسنى ىشلىتىۋاتىمەن11يۈەنگە 600مىگا ىېقىم 50تال ىۇچۇر ھەقسىز باشقا ھىچقانداق قوشۇمچە ھەكقى يوقكەن،بۇ كارتىنى ىاقسۇدىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىغا كىرىپ سورىسام يوق دېدى شۇنىڭ بىلەن خوتەندىكى بىر دوستۇم شۇ يەردىن بىجىرىپ ىەۋەتىپ بەردىتېلفۇنۇم قوش كارتا قوللىغاچ يەنە بىر تال سۆزلىشىش كارتىسىنى يەنە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن بىجىردىم بۇ كارتىمۇ يامان ىەمەس (تېلفۇندا ىىنكاس يازغاچ ىەمزىنى چىقىرالمىدىم،ىەيىپكە بۇيرىمايسىلەر).(ى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:01:25

كۆچمە خەۋەرلىشىش ئادەمنى يەنە ئۈمىتسىزلەندۈردىغۇ

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 12:00:05

مەنمۇ 4 يىللىق كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرۇمنىڭ بارلىق كەسپلىرىنى ئېتىۋېتىپ، 10 كويلۇق ئەڭ تۆۋەن ئىستىماللىق كارتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇم، ئاندىن تېلېگرافتىن كارتا بېجىردىم، كۆچمىگە كەلگەن تېلېفۇنلارنى تېلېگرافقا كېلىدىغان قىلىپ تەڭشىۋەتتىم. كۆچمنىڭ كارتىسىنى شىرەنىڭ كۆزىگە تاشلاپ قويدۇم. كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرۇمنى نۇرغۇن تېلېفۇن باغلىنىدىغان جايلارغا باغلىۋەتكەن بولغاچقا تاشلاشقا بولماي قالدى.

QoxYurak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 13:30:38

كەمچىلىكى : بىرلەشمىنىڭ مۇنارلىرى كۆپ ئەمەس، خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ ئەمەس، نۇرغۇن يەردە سىگنال يوق تۇرۇۋالىدۇ ، پۇل تۆلەش ئورۇنلىرىنى خالىغان يەردە تاپقىلى بولمايدۇ،پۇل تۆلەش شەكلىمۇ كۆپ خىل ۋە قولايلىق ئەمەس، مۇلازىمەت زاللىرىدا مۇلازىمەت سۈپىتى ياخشى ئەمەس



سىز دىگەن بۇ ئىشلار 23 يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداقتى لىكىن ھازى ئۇنداق ئەمەس . نۇرغۇن مۇنارلار كۆپەيتىلدى .

بىرلەشمىنىڭ 3 گ نى تاللاش ئەڭ توغرا تاللاش.................

yatmix يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 14:32:12

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

سىلەردىن سوراپ باقسام زادى مۇشۇ تېلىگراف،بىرلەشمە،كۆچمىنىڭ پەرقى نېمە؟

مۇنارلىرى دېگەندە ئاساسلىقى قانداق جايلارغا ئورنىتىدۇ؟تاغ،ئۇزۇن تونىللاردا قايسىسىنىڭ ياخشى سىگنالى؟

ھازىر جۇڭگۇد ھەممىدىن ئابۇنتى كۆپى قايسى؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 15:55:00

مەن تېخى كۆچمىدىن بىر نۇمۇر بىجىرىپتىكەنمەن يېقىندا...

يەنىلا بىرلەشمىنىڭكىنى ئىشلىتىۋېرەي، گەرچە چىقىملىرى كۆپرەك بولسىمۇ ئەمما تور سۈرئىتى تىز.1گ تور ۋە 450مىنۇت سۆزلىشىش 108يۈئەن.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 20:16:03

بىر يىلدىن ئاشتى بىرلەشمىنىڭ 3-ئەۋلات كارتىسىنى ئىشلىتۋاتقىلى،تور سۈرئىتى شاش،باھاسىمۇ مۇۋاپىق . 4-ئەۋلات ئۇمۇملىشىپ باھاسى بىز قۇبۇل قىلالايغان دەرىجەگە يىتپ باقسۇن ،ئاندىن ئويلاشساق بۇلار
بەت: [1]
: كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورى ھەققىدە