tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 09:26:32

كۆچمە،تېلىگراف،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەققىدە

كۆچمە،تېلىگراف،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەققىدە


ئالدىنقى قېتىم مەن كۆچمە،تېلىگراف،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەققىدە بىلمىگەنلىرىمنى دېگەندە مۇھسىن


ئاكام شۇنداق ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپتىكەن،مىنىڭچە يەنەنۇرغۇن ئادەم كۆچمە،تېلىگراف،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەققىدە ،پەرقى ،ئىشلىتىلىشى،سىگناللىرى ھەققىدە جىق نەرسە بىلمەيدۇ.


تۆۋەندىكىسى مەن سورىغان سۇئال ھەم مۇھسىن ئاكام بەرگەن جاۋاب .تۇلۇق بولمىغان جايلىرىنى


باشقا تورداشلار تۇلۇقلاپ قويسا:


سوراپ باقسام مۇشۇ تېلىفۇننىڭ تىپى قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى چىقامدۇ؟2جى،3جى،4جى دېگەن نېمە ؟تېلىگراف،كۆچمە،بىرلەشمىنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟ تېلىفۇننىڭ باشتىكى 3خانىسىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغىلى بۇلامدۇ؟

cdma ۋە gsm تېلىفوننىڭ زادى نىمىسى ؟

تاق يادرلوق،قوش يادرۇلۇق دەيدىكەن كارتىنى قانداق پەرقى بار؟رولى نىمە؟

يانفۇن ئالساق نىمىلەرگە بەكراق دىققەت قىلىمىز؟

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

تورغا كىرىپ ،ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇپ ، ، مۇشۇ تېمىنى ۋە ئىنكاسلارنى نورمال كۆرۈپ ، ھەمدە بۇ ئىنكاسىڭىزنى نورمال قالدۇرالىغان بىر كىشىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى بىلمەسلىگىگە تازا ئىشىنەلمىگەن بولساممۇ ، بۇلارغا قارىتا بىلگىنىمنى دەپ باقاي ، قالغانلار تولۇقلاپ قويا ...



سوراپ باقسام مۇشۇ تېلىفۇننىڭ تىپى قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى چىقامدۇ؟

- ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ ، تېلىفۇننىڭ تىپى قانچە يېڭى بولسا ، بۇ تېلىفۇننىڭ شۇنچە كىيىن چىققانلىغىنى ، ئەڭ يېڭى تېخنىكا بىلەن ياسالغانلىغىنى ، ئەڭ يۇقىرى ئىقتىداردا ياسالغانلىغىنى ... بىلدۈرىدۇ ( ئادەتتىكى ، ئەرزان باھالىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەنگەن بىر قىسىم يېڭى تىپلىق تېلىفۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا، بۇ خىل تېلىفۇنلار تۆۋەنرەك ئىقتىدار ۋە سەپلىمە ۋە ئەرزانراق بولغان باھا بىلەن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە تارتىشنى مەقسەت قىلىپ ياسالغان بولغاچقا ، بۇ خىل تېلىفۇنلار ئۆزىدىن بۇرۇنراق چىققان شۇ ماركىدىكى باشقا تىپلىق ئالى يانفۇنلاردىن تۆۋەنرەكمۇ بولىدۇ )



2جى،3جى،4جى دېگەن نېمە ؟تېلىگراف،كۆچمە،بىرلەشمىنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟

جۇڭگۇ تېلگىرافى ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ، تۆمۈر يول تېلگىرافى ... قاتارلىقلار جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر - ئالاقە ، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ، بۇ شىركەتلەر سىزنى موقۇم تېلىفۇن ، كۆچمە تېلىفۇن ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەرخىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بۇلارنىڭ تەمىنلەش دائىرىسى ۋە شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ لېكىن باھاسى ، سۈپىتى ... قاتارلىق تەرەپلەردە يەنىلا مۇئەييەن پەرىقلەر بار ، بۇلارنى سىز تەپسىلىرەك سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپ ئۆزىڭىزگە ياققاننى ، مۇۋاپىق كەلگىنىنى تاللايسىز .

2G , 3G , 4G قاتارلىقلار مەزكۇر شېركەتلەر سىزگە تەمىنلەۋاتقان ، كۆچمە تېلىفۇن ، سىمسىز تور قاتارلىقلارنىڭ تۈرىگە قارىتىلغان . 90 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تېخى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ھەر قايسى شىركەتلەر بىزگە تەمىنلەپ كېلىۋاتقىنى 2G تورى بولۇپ ، بۇ تورنىڭ سۈرئېتى نىسبەتەن ئاستىراق ، سىزنى كۆچمە ئاۋازلىق تېلىفۇن مۇلازىمىتى ۋە نىسبەتەن ئاستىراق بولغان سىمسىز تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمنلىيەلەيتى ، يەنى ئۇ چاغلاردا تېلىفۇندا ئاۋازلىقلا سۆزلىشەلەيتۇق ، ھازىرقىدەك بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۆزلەشكىلى بولمايتى ، يانفۇندا تورغا چىقساقمۇ سۈرئەت بەكلا ئاستا بولۇپ ، پەقەت تېكىست ، رەسىم ھالىتىدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولاتتى ، يانفۇندا تورغا چىقىپ كىنو كۆرۈش مومكىن ئەمەستى .

تەخمىنەن 3 - 4 يىل بولدى ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ، تېلگىراف ، كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن 3G تورىنى يولغا قويدى ، بۇ تورنىڭ ئالاھىدىلىگى سۈرەتلىك سۆزلىشىش ، ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تور ... ، يانفۇندا تۇرۇپلا تور ئارقىلىق كىنو كۆرۈش ... قاتارلىق ئىشلار ئەمەلگە ئاشتى . يانفۇنىمىزدىكى سىمسىز تورنىڭ يوللاش - قوبۇللاش سۈرئېتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .

4G تورى بولسا بىر قىسىم تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان ، ۋە مۇشۇ يېقىن ئارىدا جوڭگۇدىمۇ يولغا قويۇلماقچى بولىۋاتقان يېڭى بىر خىل تور بولۇپ ، بۇنىڭ سۈرئېتى ھازىرقى 3G تورىدىن نەچچە ھەسسە ، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە تىز ئوخشايدۇ . قالغىنىنى ئۇزاققا قالماي بىلىمىز . ھازىرچە مەۋجۇت بولغان 3G تورى ئىچىدە بىرلەشمە ، ۋە تېلگىرافنىڭ بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان ۋە ئابونتلارغا بولغان ئېتىۋارلىرى كۆپرەك . كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورى بولغان TD - SCDMA تورى ئانچە كۆپ ئومۇمىلىشالمىغان ، چۈنكى بىرلەشمە ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورىغا ئوخشاش قوللايدىغان تېلىفۇن تىپلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس ، بەلكى مەخسۇس ياسالغان تېلىفۇن كېتىدىغان بولغاچقا ئانچە ئومۇمىلىشىپ كېتەلمىدى ، تا ھازىرغىچە ئايفۇننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورىنى قوللىماسلىغى بۇنىڭ مىسالى ، مۇشۇ سەۋەبلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇرغۇن ئابونتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى . كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئوننەچچە يىللار بولغاچقا ، كونا قەدىناس نۇمۇردىن ۋاز كېچەلمەي قوش كارتىلىق تېلىفۇن ئېلىپ ياكى يانچۇققا ئىككى تېلىفۇن سېلىپ بىرىدە سۆزلىشىپ يەنە بىرىدە مەخسۇس تورغا چىقىپ ئىشلىتىۋاتقانلاردىن ئەتراپىمدىلا نۇرغۇن كىشىلەر بار .



بۇ ئۈچ شىركەتلەرنىڭ كارتىللىرى باشتىكى ئۈچ خانىلىق نۇمۇردىلا ئايرىلىدۇ .



cdma ۋە gsm تېلىفوننىڭ زادى نىمىسى ؟

بۇ ، ھەر قايسى شىركەتلەر سىزگە تەمىنلەۋاتقان تورنىڭ بىر خىل تارقىلىش شەكلى بولسا كېرەك ، ھەممىسىلا كۆچمە تېلىفۇن ۋە كۆچمە تور ئۈچۈن سىمسىز سېگىنال تارقاتسىمۇ ، ئەمما تارقىلىۋاتقان تورنىڭ تارقىلىش ، قوبول قىلىش چاستۇتىسى ... قاتارلىق تەرەپلەردە پەرىقلىنىدىكەن . خۇددى ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا ھاۋاغا تارقالسىمۇ رادىيو بىلەن تېلىۋىزور بىر - بىرىنىڭ سېگىنالىنى قوبۇل قىلالمىغاندەك ...

GSM ۋە CDMA ئىككى چوڭ تۈر بولۇپ كارتىنىڭ شەكلى ئوخشاش بولغان بىلەن قۇرۇلمىسى پەرىقلىنىدۇ ، يەنى كارتا ئوقۇرى بىلەن كارتىنىڭ تىپى ماس بولمىسا تېلىفۇن كارتىنى تونىمايدۇ . كۆچمە ۋە بىرلەشمىنىڭ كارتىللىرى GSM غا ، تېلگىرافنىڭ كارتىللىرى CDMA غا تەۋە .



تاق يادرلوق،قوش يادرۇلۇق دەيدىكەن كارتىنى قانداق پەرقى بار؟رولى نىمە؟

بۇنى سىز سەل خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسىز . تاق يادىرولۇق ، قوش يادىرولۇق دىگەنلەر يانفۇننىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكىگە قارىتىلغان . يەنى تېلىفۇننىڭ مىڭىسى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ ، بۇ قانچە كۆپ بولسا شۇ يانفۇننىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئېتى ، ئىنكاسى شۇنچە تىز بولىدۇ . ھازىر SAMSUNG نىڭ 8 يادىرولۇق تېلىفۇنلىرى چىقتى .

كارتا دىگەن قوش ، تاق يادىرو بولمايدۇ ، بەلكى 2G , 3G , 4G بولىدۇ . سىز قوش كارتىلىق ، تاق كارتىلىق دىگەننى ، قوش يادىرو ، تاق يادىرو دەپ چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز. بۇ دىگىنى شۇ تېلفۇنغا بىرلا ۋاقىتتا نەچچە تال كارتا سالغىلى بولىدىغانلىغىغا قارىتىلغان. بەزى تېلىفۇنلارغا بىردىن ئارتۇق كارتا سالغىلى بولمايدۇ ، ئۇ تېلىفۇن ھەر قانچە ئىلغار بولۇپ كېتىشىدىن قەتئى ، مەسىلەن : ئايفۇنغا ئوخشاش ..

بەزى تېلىفۇنلارغا بولسا ، بىرلا ۋاقىتتا 2 ، ھەتتا 3 كارتىنى بىرلا ۋاقىتتا سالغىلى بولىدۇ ، بۇ تېلىفۇننىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، پەقەت سىزنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىزغا ماسلاشقانلىق، ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاق كارتىلىق ياكى كۆپ كارتىلىق تېلىفۇننى تاللاپ ئىشلىتىسىز ...



يانفۇن ئالساق نىمىلەرگە بەكراق دىققەت قىلىمىز؟

بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ ، ئەمما مېنىڭ سىزگە دىمەكچى بولغىنىم :

يانچۇقنىڭ ئەھۋالى بىلەن سىزنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىز ، ۋە ئىشلىتىش قابىلىيتىڭىزگە بەكرەك دىققەت قىلغايسىز . ئايفۇن 5S ياكى SAMSUNG9500 لارنى قولىدا كۆتۈرىۋېلىپ ، سائېتى ئۆزگىرىپ كەتسە رېمۇنېتچىلارنى قېشىغا يۈگۈرىدىغان ، سۆزلىشىشتىن باشقا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ 5 - 6 مىڭلارغا تېلىفۇن تۇتۇپ ، تېخى ھەپتىدە ، ئۆتەپ كەتسە ئايدا يەڭگۈشلەيدىغان " نوچى " لارنىمۇ كۆپ كۆرگەنمەن ...



بەت: [1]
: كۆچمە،تېلىگراف،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەققىدە