batur72 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 17:56:45

خوتۇن ، ساڭا ئاتا- ئانامغا ياخشى قارا دىگۈم يوق



         
  خوتۇن، ساڭا ئاتا-ئانامغا ياخشى قارا


                     دىگۈم يوق


                       


                    مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى











          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :     






           خوتۇن ، بۇ سالىمىمنى كۆرۈپ چوقۇم ھەيران قالدىڭغۇ دەيمەن ، چۈنكى مەن سەن بىلەن مۇشۇنچىلىك سالاملاشمىغىلى يىگىرمە يىل بولغىلى تۇرۇپتۇ . بۇنىڭغا مىنىڭ ئاشۇ ئالدىراش خىزمىتىم ، ھەركۈنلۈكى تۈگىمىگەن ئاشۇ ئولتۇرۇش ، تۈگىمىگەن كاماندروپكا ... ئىشقىلىپ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر ساڭا كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ ئىككى ئېغىز  سالام سۆزىنى دىمىگىنىمگە سەۋەب بولۇپ تۇرۇپتۇ .  لىكىن سەنچۇ ؟ ئىزچىل يوقاتمىغان ئاشۇ كۈلكەڭ ، قەيسەرلىكىڭ ، ئەقىللىقلىقىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىن گۈل چىقىرىپ كەلدىڭ .كەچلىرى قايتقاندا  كىيىملىرىمنى سالدرۇپ ئىلغىغا ئېسىپ ،مىزلىك تاماقلارنى ئىتىپ ،مىنىڭ دولىلىرمنى تۇتۇپ ،ماڭا خىزمەتنىڭ جاپاسىنى ئۇنۇتقۇزاتتىڭ ، ئەتىگەندە ماڭغاندا بولسا سېنىڭ ئەتكەن مېزىلىك ئەتكەنچايلىرىڭنى ئىچىپ ھوزۇرلىنىپ كىتەتتىم -دە خۇشال ئىشقا ماڭاتتىم . ئىككى يىلدا بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئوماق جان دۇنياغا كەلدى ، سەن تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭ . لىكىن مىنىڭئ ئۆيدىكى چاغدا ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش خىزمىتىنى قىلچىلىك كەينىگە  سىلجىتىپ قويمىدىڭ .




     ساڭا ئاتا ئانامغا ياخشى قارا دىگۈم يوق .




    بالىمىز ئىككى ياشقا كىرگەن ئاشۇ كۈن يادىڭدا بارمۇ ؟ مەن ئاتا - ئانامنى ئەكىلەيمىكىن دەپ ساڭا مەسلىھەت سالغان ئاشۇ كۈنى سېنىڭ چىرايلىرىڭ تۈرۈلۈپ كەتتى ، ئۇنى كۆرۈپ" بولدى ،ئىككى ياشانغان جانغا ئايرىم ئۆي ئېلىپ بىرەيلى"دىۋىدىم ،سەن يىغلاپ كەتتىڭ . مەن سەندىن سەۋەبىنى سورىدىم ، سەن " بىلەمسىز ،سىز ئەمدى ئەقلىڭىزگە كەلدىڭىز ،مەن سىزگە بۇرۇندىن بالىمىز بولماستا سزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاشۇ ئىككى پەرىشتىمىزنى ئۆيگە ئەكىلىپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالايلى دىگەن ،لىكىن سىز كىيىن بولسۇن دەپ تۇرىۋالدىڭىز ،مىنىڭ ئۇلارنىڭ پۇت -قوللىرىنى تۇتۇپ قويغۇم ، تەرەتلىرىگە سۇ بەرگىم ،ئۇلارنى مۇشۇ شەھرىمىزنىڭ گۈزەل يەرلىرىنى چۆگىلەتكىم كىلەتتى ،ئەمدى بالىمىز بولدى ،لىكىن ئەكەلسىڭىز مۇشۇ ئۆيدە تۇرىدۇ  ،مەن يەنىلا مۇشۇ ئۆيدە ئىككەيلەننى ئۆز ئاتا ئانامغا قارىغاندىن ياخشى قارايمەن، مىنىڭ ئاچچىقىم كەلگىنى سىزنىڭ ئۇلارنى نەچچە يىلدىن بالدۇراق ئەكەلمەي يېزىدا تاشلاپ قويغىنىڭىزغا ئىچىم ئېچىشتى ، بۇ خەۋەر مىنى ئىچ -ئىچىمدىن خۇشال قىلىۋەتتى ،شۇڭا يىغلاپ كەتتىم " دېدىڭ . مەن بەلكىم شۇ گەپلىرىڭگە تەسىرلەنگەندىمەن ،لىكىن كۆپ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم .




   ئۇلار كەلدى ، سەن تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭ ، چوڭلار بالا بېقىشقا ئامراق بولىدىكەن ، ئىسىڭدىمۇ ؟ مەن بىر كۈنى خىزمەتتىن كەلدىم ،  دادامنىڭ بالامنى كۆتۈرۈپ سۆيۈپ ساقىلىنى سانجىپ ئۇنى يىغلىتىشى كۆزۈمگە سىغمىدى ، دادام يەنە پىچاقنى بالامغا تۇتقۇزۇپ قويمامدۇ شۇنىڭ بىلەن ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۆرلىدى ، مەن دادامغا يۇقرى ئاۋازدا  كايىپ كەتتىم ،" دادا، نىمە قىلىۋاتىسەن دەيمەن ، مۇشۇنچىلىك كىچىك بالىغىمۇ شۇنداق قاتتىق چاقچاق قىلامسەن ؟ ساقالنى سانجىيدىغان سەھرانىڭ قاتتىق قۇرۇق بالىسى ئەمەس بۇ  ، پىچاقنى تۇتقۇزۇپ قويساڭ خەتەرلىك ئەمەسمۇ ،باتۇر بولىدۇ دەيدىغان يا ئۇرۇش دەۋرى بولمىسا بۇ ،كىچىك بالا بىر يەرىنى يارلاندۇرىۋالسا قانداق قىلىسەن ، بۇنداق قوپال چاقچاقنى بالىغا قىلما! " دېدىم . دادام ماڭا قارىدى ، ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ ،"بالام ، ماقۇل " دېدى .  لىكىن شۇ كۈنى كەچتە  ئاڭلانغان يىغا ئاۋازى مىنى ئۇيقۇمدىن ئويغاتتى ، سەن يېنىمدا يېتىپ يىغلاۋاتاتتىڭ ، مەن كۆرۈپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي سەندىن سورىدىم ، سەن يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا دېدىڭ ،" مەن ئادەم ئەمەسكەنمەن ، ئەسلىدە سىزگە دادامنى تېخىمۇ يېقىن قىلىپ ،ئىككىڭلارنى ئامراق قىلىشىم كىرەك ئىدى ، لىكىن مىنڭ دۆتلۈكۈم سەۋەبى سىز دادىڭىزغا كايىدىڭىز ، مەن ھەقىقەتەن ئادەم ئەمەسكەنمەن ." بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى ، " بولدى ،ئۇخلا ،بۇ سىنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس ،مەن خاتا قىپتىمەن " دىگىنىمگە پىسەنتمۇ قىلماستىن پەستىكى گىلەمگە چۈشۈپ ماڭا تىزلىنىپ يىغلاشقا باشلىدىڭ ، " مەن ئۈچۈن بولسىمۇ كەچۈرۈم سوراڭ ئەخمەت ، بولمىسا مەن مۇشۇ يەردىن قوپمايمەن ، ھەممىسى مىنىڭ گۇناھىم " مەن سېنى ھەرقانداق قىلىپ ئورنۇڭدىن تۇرغۇزالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئەتىسى دادام ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشقا ۋەدە بېرىپ ئاندىن سېنىڭ يىغاڭنى توختاتتىم .  




   ئەتىسى دادامدىن كەچۈرۈم سورىدىم ، دادام كۈلۈمسىرىگەن پېتى بېرىپ سىىنىڭ پىشانەڭگە بىرنى سۆيۈپ قويدى ، ئاناممۇ ساڭا قاراپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى . دىمەك ئىككىمىزنىڭ دىيىشكەن سۆزلىرىنى ئۇلار كىچىچە ئاڭلىغان ئىكەن . ئانام ماڭا ،" بالام مۇشۇ تاپتا سەندىن پەخىرلىنىۋاتىمەن ، ئائىلىمىزگە مۇشۇنداق بىر ئىسىل كىلىننى ئەكىرگىنىڭ ئۈچۈن سەندىن پەخىرلىنىمەن " دەپ مىنىڭ پىشانەمگە بىرنى سۆيۈپ قويدى .




   مىنىڭ بىرىنجى قېتىم ئانامغا ۋە ساڭا ئازار بېرىشىم ئىدى .




    شۇنداق قىلىپ بالام داۋۇتچان تۆت ياشقا كىردى ، مىنىڭ خىزمىتىمنىڭ ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي  سىنىڭ خىزمىتىڭمۇ شۇنچە ئالدىراش بولۇپ كىتىپ باراتتى ، ئۆيىمىزدە ئانام بىلەن دادام بالامنى بېقىش بىلەن بىرگە يېقىندىكى بىر  ياشانغانلار ئارام ئالىدىغان باغچىغا بېرىپ سەيلە قىلاتتى . بىلىمەن ، ئۇلار دىمىسىمۇ سەيلە قىلىدىغان مەزگىلگە كەلگەن ئىدى، ئۇلار بىكاردىن - بىكار  بۇنچىلىك قېرىپ كەتمىدى ، مىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەپ مەھەللىدىكى شۇنچىلىك كۆپ يەرلەرنى تېرىپ ئېغىر ئىشنى كۆپ قىلىپ  قوللىرى ياغاچتەك قېتىىپ  ، مىنىڭ تۇرمۇش پۇلۇمنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بىرىش ئۈچۈن جان -جەھلى بىلەن ئىشلەپ نى قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىن ئاشۇ بىر قۇر كىيىملىرىنى يىللاپ تاشلىماي ، گۆش يىشىشنىڭ ئورنىغا سەيگە تۇخۇم سېلىپ ،سەي ئەكىلىشنىڭ ئورنىغا ئېتىزدىن سويما ئېلىپ كىلىپ سەيگە سېلىپ يەپ  ، ئۆزلىرى تاپقان  ئەڭ ياخشى نەرسىللىرىنى يىمەي  ماڭا پوچتىدىن سېلىپ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ يەپ  تويۇپ كەتكەنلىكىنى دەپ قويۇپ ، ئۆزىدىن تەڭ ياشتىكىلەردىن خېلى  بۇرۇنلا چىرايلىرىنى قورۇقلار باسقان چاچلار ئاقارغان  بولسىمۇ ، مىنىڭ تەتىلدە بارغىنىمدا  چېچېمنىڭ بىر نەچچە تال ئاقارغىنىغا ئاچچىقلاپ ،ئىچى تىتىلداپ كەتكەن ..... ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا نىمە قىلىپ بەرسەم ، ھەتتا بىر ئۆمۈر يۈدۈپ باقساممۇ ئازلىق قىىدۇ . سەن بولساڭ بىر ھېچنىمىدىن غېمىڭ بولماي چوڭ بولغان  شەھەر قىزى ، سەن بىلەن تەڭ نۇرغۇن  قىزلار بولسا ئائىلە ئەمەس چىراي ، سورۇن ،ئولتۇرۇشقا ، توي تۆكۈنگە ئۆزىنى ئاتىغان ،سەن بولساڭ كۆڭلۈڭدە ئائىلە ، كۆڭلۈڭدە پەقەت شۇ كىچىك ئائىلە ،شۇڭلاشقا مەن ئۆيدىن شۇنچىلىك خاتىرجەم . لىكىن بىر كۈنى يۈز بەرگەن ئىش سىنىڭ شۇنچىلىك  ئائىلىگە ،ماڭا كۆيىدىغانلىقىڭدىن مىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويدى .




         سەن بىر كىشى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشتىڭ ، ئۇ ئەركىشىدەك قىلاتتى ، سېنىڭ تىلفۇن خاتىرەڭدە بىر ناتونۇش نۇمۇرنىڭ پەيدا بولغانلىقى مىنى گۇمانغا سالغىنى تۇردى ،سەندىن سورىسام سەن "كىيىن بىلىپ قالىسىز "دېدىڭ . مەن گەپ قىلمدىم ، نەچچە كۈندىن كىيىن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ھىساباتىدا ئىككى مىڭ يۇەن ئازلاپ قالدى ،بۇ مىنى تېخىمۇ گۇمانغا سالدى ، يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن دېرىزىدىن بىر ئەرنىڭ ساڭا بىر خەتتەك بىر نىمىنى بەرگەنلىكىنى كۆردۈم ، سەن ئۇنىڭ قولىغا بىر سىقىم پۇلنى تۇتقۇزۇپ قەيتىپ كىردىڭ ، سەن كىرىپلا سېنى سۆرەپلا ئىككىمىزنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ كارۋاتقا تاشلىدىم ، سەن كارۋاتتى ئاران تۇرۇپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ چۈشەندۈرەي دىۋىدىڭ ،مەن تېخىمۇ ئاچچىقلاپ كىتىپ تەستىڭىڭگە بىرنى ئۇرىۋەتتىم ، ئاچچىقىم كەلگەندە تۇنجى كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى ، دەل مۇشۇ چاغدا ئانام بىلەن دادام بالامنى ئېلىپ باغچىدىن يېنىپ  كىرىپ كەلدى ،مەن سىنىڭ ئەمدى تۇرغان چېغىڭغا توغۇرلاپ يەنە بىر تەستەك سالدىم ،ساڭا چۈشەندۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمىدىم . ئۇلار يۈگرەپ كىلىپ مىنى تۇتىۋالدى ،مەن ئانامغا " سەن تولا بۇ ئىشلارغا ئارلاشما !!" دەپ ۋارقىراپ سالدىم . يەنە ئۇراي دەۋاتقان چېغىمدا ئانام كىلىپ مىنى بىر تەستەك سالدى .




     ئەسلىدە ساقچىخانىدىكىلەر دادام ۋە ئانامنى تولا سۈرۈشتۈرۈپ نوپوسنىڭ بۇ يەردە ئەمەسلىكىنى دەپ ئۆيگە كۆپ ئىزدەپ كەلگەچكە ،سەن  خىزمىتىگە دەخلىسى بولمىسۇن دەپ ماڭا دىمەي ئۆزۈڭ رەھمىيەت بىجىرگەن ئىكەنسەن . بۇمۇ مىنىڭ ئۈچۈن ئەمەسمىدى ؟




        مەن بىلىمەن ، سىنىڭ بىر كىچىك خاتىرەڭ بار ، ھەر قېتىم دادام، ئانام نىمىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپمۇ خاتىرەڭگە  خاتىرلىۋىلىپ خىزمەتتىن چۈشكەندە بازاردىن بىرىنجى بولۇپ شۇلارنىڭ دىگىنىنى سېتىۋالىسەن . ئالدىنقى قېتىم تېخى مىنىڭ مۇكاپات پۇلۇم ، سىنىڭ مۇكاپات پۇلۇڭنى قوشۇپ يىغقان پۇللار بىلەن دادام ئانامنى ھەرەمگە بېرىشقا رەسمىيەت بىجىرىپ ئۇلارنى ھاياتىدىكى چوڭ ئارمانلىرىدىن بىرى بولغان ھەج قىلىش ئارزۇسىغا  يەتكۈزدۈڭ ، ئەسلىدە سىنىڭ .ئاتا -ئاناڭنى بارسۇن دىسەڭمۇ پىكرىم يوق ئىدى ئەمەسمۇ . ھەر قېتىم ھېيىت -بايرامدا بىرىنجى بولۇپ ئويلايدىغىنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئاتا -ئاناڭ ئەمەس مىنىڭ ئاتا ئانام ، "سېنىڭ ئاتا -ئاناڭغا بىر نەرسە سېتىۋالايلى" دىسەم ،"سىزنىڭ ئاتا -ئانىڭىز يىزىدا كۆپ قىينىلىپ نۇرغۇن نەرسىنىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن ،مىنىڭ ئاتا -ئانام مائاشى بار ،ئاكا ھەدىللىرىم ئۇلارغا ھەممە نەرسىسىنى ئېلىپ بېرىدۇ" دەيتتىڭ .




     بىر كۈنى بالىمىز مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرۈپ مەن چالۋاقاپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئوتتۇز نۇمۇرلىرى كاللامنى پىرقىرىتىپ تاشلىدى ،دەپتەرنى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم . ئىشىكنىڭ قىسلىچىىدىن قاراپ تۇرغىنىمندا بالىنى ئوينىغىلى قويۇپ بېرىپ تاپسشۇرۇق دەپتەرنى ئېلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ ،  كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ چىقتىڭ ، ئاندىن كىرىپ ماڭا بالىنىڭ نەدىن خاتالاشقىنىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىڭ ، سەن دىدىڭكى بالىمىز تېرىشسا بەكمۇ ئەقىللىق بالا بولىدىكەن ، مىنىڭچەن بولغاندا بۇ بالىدەك دۆت بالا يوق ئىدى . سەن ئۆزۈڭنىڭ بالىنى تەربىيلەش پىلانىڭنى ماڭا تونۇشتۇردۇڭ ،مەن بولسام ئىرەڭشىپ كەتمىدىم .




   ئىككى يىلدىن كىيىن بالىمىز ماتىماتىكا زىھىن سىناش مۇسابىقسىدە بىرىنجى بولدى ، سىنىڭ چۈشەندۈرۈشۈڭدە  سەن بالىنى رىغبەتلەندۈردۈڭ ،كۈزەتتىڭ ،بالىنى تەتقىق قىلدىڭ ، چوڭلار بىلەنمۇ ئوينىتىپ چوڭلارنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈردۈڭ ،شۇڭا چوڭلارنىمۇ بالا بىلەن ئايرىۋەتمىدىڭ ، دىمەك يەنىلا ئاتا -ئانامنى بالا بېقىش ئىستىكىدىن مەھرۇم قويماي ،ئۇلارنىڭ رازىلىقىنمۇ ئالدىڭ .




    لىكىن مەن شۇنچە يىلدىن بېرى سىنىڭ پىشانەڭگە تۇتۇپ بىرنى سۆيۈپ قويماپتىمەن .سېنىڭ جاپاكەشلىكىڭگە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن ، لىكىن ئەمدى سەندىن ئايرىلغاندا ھىس قىلىپ يەتتىم .مەن بىر ئىككى يىللىق ياپۇنيەگە ئوقۇشقا ماڭدىم ، لىكىن سەن يەنىلا شۇنداق تەبەسسۇمۇڭ بىلەن مىنى ئۇزاتتىڭ ،ئۆيدىكىلەرنىڭ يىغىسى بىلەن سىنىڭ تەبەسسۇمۇڭ مىنى قىيىماستىن كەينىمگە يېنىشلاپ -يېنىشلاپ قاراشقا مەجبۇر قىلاتتى ، يۈرۈكۈمنىڭ بىر پارچىسىنى ئايرىدرومغا ،ئۈرۈمچىگە تاشلاپ قويغاندەك ھىس قىلاتتىم .  مەن بىلىمەن ،سەن مەن ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كىيىن چوقۇم قاتتىق يىغلىدىڭ ، ئۆيدىكىلەرنى باغرىڭغا بېسىپ قاتتىق يىغلىدىڭ ، ئايرۇپىلاندا يىغلاپ تۇرۇپ مۇشۇ خەتلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، قوللۇرۇم تىترىمەكتە ، يۈرەكلىرىمدە خۇددى سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك ساڭا بولغان سېغىنىش  ،ئاتا -ئانامغا،بالامغا  بولغان سېغىنىش  ئېتىلىپ چىقماقتا ،  يۈرۈكۈمنى تولىمۇ قاتتىق مۇجۇماقتا .




  خوتۇن ،ساڭا ئاتا - ئانامغا قارا دىگۈم يوق ، چۈنكى بۇنداق دىيىش تولىمۇ ئارتۇقچە، مەن تىزلا قايتىپ كىلىمەن ئاللاھقا ئامانەت،   سىلەرنى سېغىنىمەن .                                                                                                                        2013_12_10 كۈنى




                                                                                                                               تىيەنجىن  


yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 06:34:59

ھىكايىما بۇ \"\"

تۇتىيادەك ئايالكەن ئەمما.

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 17:10:14

پاھ پاھ بۇنى ئۇقۇپ مىڭ بىر كىچىدىكى سەيىد شەمسىيە دىگەن ھېلىقى كەپتەرگە ئۆزگۈرەلەيدىغان پەرىزات ئىسىمگە كەپكالدى دىسە \"\"

مانداق خۇتۇنى بار ئادەم ئۆزىنى دۇنيانىڭ خۇجىسى دىسىمۇ ئارتۇق كەتمەس.

oghuzxan68 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 15:34:30

بۇ ھىكايىنى وقۇپ الدىنقى كۇنلېردىكى اياللار ەركىنلىگى ھەقىدىكى ىنكاسلار يادىمغا يەتتى.
بەت: [1]
: خوتۇن ، ساڭا ئاتا- ئانامغا ياخشى قارا دىگۈم يوق