4G تور ھەققىدە پاراڭلاشمامدۇق؟
يېقىندا 4G تورنىڭ گېپى ئاۋۇپ قالدى. ئۈرۈمچىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدا يولغا قويۇلۇپتۇ، كىلەر يىلى يىل ئاخىرغىچە پۈتۈن دىيارىمىزنى قاپلايمىش. ئۈرۈمچىلىك باللار ئىشلىتىپ باققان بولساڭلار قانداقراقكەن تەسىراتىڭلىنى سۆزلەپ بېقىڭلا.
ئاندىن 4گ يانفۇنلارنىڭ ياخشىللىرىنى تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن. تەييارلىق قىلغاچ تۇرىلى بىز تەرەپكە كەلگۈچە.
4Gتورى تېخى شىنجاڭغا كەلمىدى،قايسى كۈنىدىكى يىغىندا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ نەزىرىيەدىكى4G تور سۈرئىتىنى 100Mbps دەپ ئېلان قىلغان،تورنىڭ قاپلىنىش ۋاقتىمۇتېخى ئېنىق ئەمەس. ئىچكىرىدە يولغا قۇيۇپ شىنجاڭغا كېلىشكىمۇ يەنە پالان بىر ۋاقىت كىتەر بەلكىم...يىل بېشىدا ئىنىقراق بىر خەۋىرى چىقارمىكىن.. خەۋەدە چىقتىغۇ شىنجاڭ غا كەلدى دەپ. ئالما 5s بىلەن samsung note3 قوللامۇ ما ھەيۋەت 4G نى؟ مۇشۇ خەقنى قىززىق دەيمە , 3Gتورى تېخى ھېچقانچە كۆلەملەشمەي تۇرۇپ , 4Gبىلەن ھەپىلىشىپ كەتكىنىنى چۈشەنمىدىم , ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچمىنىڭ 3Gتورى ئەڭ ناچار قاپلىنىشى ئەڭ تار, نومۇرۇمغا قىيالمىدىم بولمىسا 920Tئالماي 920ئالاتتىم , بىرلەشمە بىلەن تىلگىرافنىڭ 3Gتورى بوپ قويىدۇ , شەھەر سىرتىگىچە بار سېگنالى.
1- قەۋەتتىكى sarayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4Gتورى تېخى شىنجاڭغا كەلمىدى،قايسى كۈنىدىكى يىغىندا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ نەزىرىيەدىكى4G تور سۈرئىتىنى 100Mbps دەپ ئېلان قىلغان،تورنىڭ قاپلىنىش ۋاقتىمۇ
تېخى ئېنىق ئەمەس.
Xperia SP M35t قوللايدۇ،
100 مېگالىق سۈرئەت دېگەن ئوسۇرۇق گەپ، مەن ئىشلىتىپ باقتىم، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 800 كىلوبايتقا چىقىدىكەن، چۈشۈرۈش سۈرئىتى. ئەمما مۇشۇ 800 كىلوبايتلىق سۈرئەتنىمۇ ناھايىتى تېز ھېس قىلدىم.
بۈگۈن بىر بۇرادىرىم مۇنداق دەيدۇ « چەتنىڭ 3 گ 4 گ لىرى چېگرادىن كىرگۈچە ئاختا قىلىۋېتىدۇ، شۇڭا بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 3 گ مۇ پوقتەك ناچار، 4 گ بەك بولاپ كەتسە پوقتەك بولار، شۇڭا تېلىۋېزوردا ۋاي ئانداقتى، مانداقتى دەپ ماختاپ كەتسە، سېنىڭ راس دەپ قويساڭلالا بولىدۇ»بۇ دۆلەتتە 30 يىل ياشىغان تەجرىبەمدىن ئېلىپ ئېيتسام بۇرادىرىمنىڭ گېپى ھەق راست! {:136:} ئالما 5 قوللاما بۇنى. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ھازىرقى تورىدىن جاق تويدۇم مەن. ئەتىگەن رادىيودا بۇ 4G تور كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئېچىلىپ بولدى، ئەۋۋەلقىسىدىن يەنى 3G يىگىرمە ھەسسە تىز. دېگەندەك بىر ئېلاننى ئاڭلاتتىيا. شۇنىڭغا قاراپ مەن بۇنى باللا ئىشلىتىشنى باشلاپ بولدىمىكى دەپتىمەن.
7- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۈگۈن بىر بۇرادىرىم مۇنداق دەيدۇ « چەتنىڭ 3 گ 4 گ لىرى چېگرادىن كىرگۈچە ئاختا قىلىۋېتىدۇ، شۇڭا بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 3 گ مۇ پوقتەك ناچار، 4 گ بەك بولاپ كەتسە پوقتەك بولار، شۇڭا تېلىۋېزوردا ۋاي ئانداقتى، مانداقتى دەپ ماختاپ كەتسە، سېنىڭ راس دەپ قويساڭلالا بولىدۇ»
بۇ دۆلەتتە 30 يىل ياشىغان تەجرىبەمدىن ئېلىپ ئېيتسام بۇرادىرىمنىڭ گېپى ھەق راست!
ئۇنداق ئەمەس. دەسلەپ لىيەنتوڭ چەتئەلدىن ئېلىپ كىرگەن CDMA تورى ۋە لىيەنتوڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان wcdma تورىنىڭ تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى دۆلىتىمىز ئۆز قولىغا ئالالماي كۆپ ھەرەج تارتتى. ئاخىرى CDMAنى سىملىق ئابۇنتلىرى كۆپ تېلېگرافقا بىرىپ ئاندىن خاتىرجەم بولدى. لىيەنتوڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان wcdma نىڭ تور سۈرئىتى ھازىر شىنجاڭنىڭ كىچىك ناھىيىلىرىدىمۇ 21مىگا/سېكۇنتلىق سۈرئەت بىلەن تورغا چىقالايدۇ. بۇ سۈرئەتنى تېلېگراف شىركىتى ئائىلىگە نۇر كابىل بىلەنمۇ ئىنجىقلاپ ئاران يەتكۈزىدۇ.
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خەۋەرلىشىش ساھەسىدە چەتئەلنىڭ مونوپوللىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۆزىنىڭ تورىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئۈچۈن دكۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلسىدا تىرىشىپ يۈرۈپ TD-SCDMA نامىدىكى 3Gتورىنى ئىجاد قىلدى-يۇ تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ۋە بۇ تورنى قوللايدىغان تېرمىنال ئۈسكۈنە(يانفۇن) مەسىلىسىدە قېيىنچىلىققا يولۇقتى. سەنشىڭ، ئالما، نوكىيا.... قاتارلىق داڭلىق ماركىىدىكى يانفۇن شىركەتلىرى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بۇ تورنى قوللايدىغان يانفۇن ياساپ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇنىڭ ئۆزىنىڭ تورىنى ئۆزى باشقۇرۇش چۈشى ۋاقتىنچە مەغلۇپ بولدى. شۇڭا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورى پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئاستا سۈرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.
10- قەۋەتتىكى quyashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىيەنتوڭ ھەققىدە باشقا پىكرىم يوق، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ھەرھالدا بولىدۇ.
ئەمما ئاۋۇ تور سۈرئىتى جەھەتتە ئېيتقان گېپىڭىز گۇاڭگاۋدەكلا بوپقاپتۇ.
مانا مەن ھازىرمۇ لىيەنتوڭنىڭ wcdma تورىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. كىچىك ناھىيەلەردىمۇ 21 مېگاغا چىقىدۇ دەپسىز، ئۈرۈمچىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىمۇ 1 مېگاغا چىققاننى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم.
-----------
ياكى بۇ يەردە، تور سۈرئىتىنى ھېسابلاش جەھەتتە ئۇقۇشماسلىق بارمۇ؟
مەن سۈرئەت دېسىلا «ھەر سېكونتلۇق چىقىرىش-چۈشۈرۈش سۈرئىتى» دەپ چۈشىنىمەن. ياكى سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلار مىنۇتلۇق سۈرئەتمۇ؟
مەن بۇ جەھەتتە ھەم كۆپ قايمۇقۇم قالدىم، ئۆيۈمدىكى تېلېگرافنىڭ سىملىق تورى 8 مېگالىق ئىدى. شۈنلېي ئارقىلىق نەرسە چۈشۈرسەم 1 مېگاغا بەزىدە چىقىپ قالىدۇ، كۆپ ھاللاردا تۆت-بەش يۈز كىلوبايت.
ئەگەر خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام چۈشەنچە بېرەرسىز.
تورنىڭ سۈرئىتى نەزىرىيە جەھەتتە سېكۇنتىغا بىر توننا بولۇپ كەتسىمۇ شىنجاڭغا ئوخشاش زىمىنى كەڭ، تاغلىرى كۆپ، مەھەللىلەر دەل-دەرەخ بىلەن قاپلانغان جۇغراپىيىلىك شارائىتتا ھەممىسى ۋاك دەيدۇ.سىمسىز تور دىگەن ئارىلىقنىڭ، دەل-دەرەخنىڭ، كاتەكچە شەكىلدىكى سىم تورنىڭ، تېلېۋىزورغا ئوخشاش باشقا چاستوتىدىكى سىمسىز قوبۇللىغۇچلارنىڭ تەسىرى بىلەن سېگنال كۈچى تۆۋەنلە كېتىدىغان نەرسە. شىنجاڭغا ئوخشاش شەھەرلىشى نىسبىتى تۆۋەن، ئىستىمال كۈچى ئاجىز ئورۇنلارغا تور سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ سالسا بىرىنچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شەھەرلىشىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆلكىلەرگە سالغان مەبلەغنىڭ نەچچە ھەسسىسى كېتىدۇ. ئاندىن بۇنى ئاسراپ راۋان ماڭغۇزۇش مەسىلىسى بار. يەنە كېلىپ ئىستىمال مەسىلىسى بار. شۇڭا بۇنداق پايدا چىقمايدىغان تىجارەتنى قىلغان ئادەم دۆلەتتىن تولۇقلىما بېرىپ مەجبۇرلىمىسا ئالدىراپ مەبلەغ سالمايدۇ. شۇڭا شىنجاڭدا تورنىڭ سۈرئىتى ياخشىلىنىپ كېتىشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار. بۇ يەردە، تور سۈرئىتىنى ھېسابلاش جەھەتتە ئۇقۇشماسلىق بارمۇ؟----------------------------------------------------
لىيەنتوڭنىڭ تورى نورمال ھالەتتە 7مىگا سېكۇنت سۈرئەتتە ئېچىلىدۇ. 21 مىگالىق سۈرئەتنى تىجارەت زالىدا ئېچىپ بېرىدىغۇ دەيمەن. بۇنىڭ ھەق تۇتۇش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
7 مىگالىق سۈرئەت دېگىنىمىز ھەرگىزمۇ سېكۇنىتىغا 7مىگابايت ھۆججەت يوللىيالايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. 7MB PS/S بولىدۇ. بۇنىڭدا سېكۇنىتىغا 800 دىن ئارتۇق كىلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن ھۆججەت يوللىنىشى توغرا.
3گ تولۇق ئومۇملاشماي تۇرۇپ 4 گ نى كىرگۈزگىنى قىززىق.
14- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ 4گ تورى ئايفون 4 دىمۇ ئىشلەمۇ يا يەنە تېلىفون ئالماشتۇرىمەن دەپ يۈرەمەممۇ؟
خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار، بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقىنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى (جۇڭگو يىدوڭ) نىڭ 4-ئەۋلاد تورى. ئالما شىركىتى ھېچقاچان كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن ھەمكارلاشمىدى. ئالما يانفونلار يىدوڭنىڭ 3G تورىنىمۇ قوللىمايدۇ. پەقەت لىيەنتوڭ ياكى دىيەنشىننىڭ 3G تورىنى قوللايدىغان ئالما بار.
بەلكىم كەلگۈسىدە يىدوڭ بىلەن ئالما شىركىتى ھەمكارلىشىپ قالسا، ئەجەب ئەمەس.
15- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالما، سامسۇڭلارغا ئەلۋەتتە ئىشلەيدۇ دە. ئىشلىمىسە كىم ئىشلىتىدۇ بۇ 4 گ نى؟
ئۇنداق ئەمەس. ھەر قايسى شىركەتلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن چاستوتا بۆلىكى بار. يانفۇندىكى سېگنال قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى SIMكارتىدا بەلگىلەنگەن چاستوتا بۆلىكى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ تورىغا ئۇلىنالايدۇ. ئەگەر يانفۇننىڭ قوبۇللىغۇچىدا ھازىرقى 4Gسېگنالىنى قوبۇل قىلالايدىغان چاستوتا بۆلىكى بولمىسا تېلىفۇنىڭىز تۈنۆگۈن زاۋۇتتىن چىققان تېلىفۇن بولسىمۇ 4Gسېگنالىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ھازىرقى 4Gنى قوللىمايدىغان يانفۇنىڭىزنى قوللىتىش ئۈچۈن ئۈچۈن يانفۇننىڭ ئىچىنى ئېچىپ سېگنال قوبۇللىغۇچىنى ئالماشتۇرىشىڭىز ئاندىن سېستىمىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى چاستوتا بۆلىكىنى قوشۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. مىنىڭچە ھازىر ئۇرۇمچىدە سىناق يولغا قويۋاتقان بولىشى مۇمكىن چۇنكى 2010 يىلى ئۇرۇمچىگە بارغاندا بۇلارنىڭ يوغان تۆمۇر مۇنارىنىڭ قىشىغا قەلەيدىن ئۆي ياسايدىغان ئىش قىلغان ئىدىم ئۇچاغدا ئۇ ئۆيلەرنى ئۇرۇمچىنىڭ
شەھەر ئىچىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىگە ئاپرىپ ئورناتقان ئىدۇق بۇنىڭ ئىچىدە سانجى شەھىرىمۇ بار ئاندىن بەزىبىر ئىگىز بىنالارنىڭ ئۇستىگىمۇ تومۆرلەرنى ئاچىقىپ ئورناتقان ئىدۇق مىنىڭچە شۇ مۇنارلار 4گ تورىنى تارقىتىدىغان
مۇنار بولىشى مۇمكىن