ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 16:13:51

ئازەربەيجاندا ھەيدەر ئەلىيىۋ ئەسلەندى

ئازەربەيجاندا ھەيدەر ئەلىيىۋ ئەسلەندى








تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2013-12-12) خەۋىرى:

ئازەربەيجاندا ھەيدەر ئەلىيىۋ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت باكۇ ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ھەيدەر ئەلىيىۋ 1923-يىلى 10-ماي ناھچىۋاندا دۇنياغا كەلدى. 1944-يىلىدىن 1964-يىلىغچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسىدە ئىشلىدى. 1969-يىلدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئازەربەيجان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى بولدى ۋە بۇ خىزمىتىنى 1982-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغۇچە داۋاملاشتۇردى. 1987-يىلدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى مىخائىل گورباچېۋ بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

ھەيدەر ئەلىيىۋ 1990-يىلىدىكى قانلىق «20-يانۋار» ۋەقەسى ۋە ئارقىدىن يۈز بەرگەن «تاغلىق قاراباغ ۋەقەسى» تۈپەيلىدىن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىستېپا بېرىپ، يۇرتى ناھچىۋانغا قايتىپ كەلدى. 1991-يىلدا ناھچىۋان پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. ئۇ 1993-يىلى ئازەربەيجاننىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى نەزەرگە ئېلىنىپ، باكۇغا تەكلىپ قىلىندى ۋە ئازەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىقىغا كەلتۈرۈلدى. شۇ يىلى ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى 2003-يىلىغىچە داۋام قىلدى.

مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيىۋ ئامېرىكىدا ئۇزۇن مەزگىل داۋالانغان بولسىمۇ، 2003-يىلى 12-دېكابىر بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى.

★★★★★







ئازەربەيجان ھەققىدە



دۆلەت نامى:

ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتى



مۇھىم بايراملىرى:

مۇستەقىللىق كۈنى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى (1991-يىلى)



دۆلەت رەھبەرلىرى:

زۇڭتۇڭ ئىلھام ئەلىيېف، 2003-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2008-يىلى 10-ئايدا قايتا سايلانغان.



تەبىئىي جۇغراپىيەسى:

ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى چېگرىلىنىدىغان جايدىكى تاشقى كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆلىمى 86 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. شەرقىدە كاسپى دېڭىزى بار، جەنۇبتا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن، شىمالدا رۇسىيە بىلەن، غەربتە گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاراس ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەرمىنىيە بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالغان ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ناگورنو قاراباخ ئاپتونوم ئوبلاستى تاشقى زېمىنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئازەربەيجاننىڭ %50تىن كۆپ زېمىنى تاغلىق بولۇپ، شىمالىدا چوڭ كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى، جەنۇبىدا كىچىك كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى بار. ئاساسىي دەريا ئېقىنلىرىدىن كۇرا دەرياسى ۋە ئاراس دەرياسى بار. كىلىماتى كۆپ ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.



پايتەختى:

پايتەختى باكۇ مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا كاسپى دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ پورت. بۇ شەھەر ئاپشېرۇن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نېفىت سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، «نېفىت شەھىرى» دېگەن نامى بار. 10 مەمۇرىي رايون ۋە 46 شەھەر-بازاردىن تەركىب تاپقان، يەر كۆلىمى 2200 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليون 828 مىڭ 800. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27.3 سېلسىيە گىرادۇس.



نوپۇسى:

8 مىليون 246 مىڭ (2003-يىل 10-ئايدىكى ئىستاتىستىكا).

ئاساسلىق مىللەتلەردىن ئازەربەيجانلار(%77.3نى ئىگىلەيدۇ)،

ئەرمەنلەر(%5.6نى ئىگىلەيدۇ)

رۇسلار(%5.2نى ئىگىلەيدۇ) بار.

ئاھالىلەر، ئاساسلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ھۆكۈمەت تىلى ئازەربەيجان تىلى(ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا تەۋە)، رۇس تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ.



قىسقىچە تارىخى:

مىلادى 3-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە پېرسىيە، ئەرەب خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان. 9-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە شىرۋان فېئودال دۆلىتى قۇرۇلغان. 11-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئازەربەيجان مىللىتى شەكىللەنگەن. 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە سالجۇقىيلار، تاتارلار، تېمۈرىيلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىران سەفەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1813-يىلى ۋە 1928-يىلى ئازەربەيجاننىڭ شىمالىي قىسمى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1917-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1918-يىلى يازدا ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئازەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، 1922-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشقى كاۋكاز سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30- كۈنى مۇشۇ فېدېراتسىيەنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1936-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت نامىنى ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

★★★★★

http://uyghur.people.com.cn/157624/15141187.html

★★★★★

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 13:45:04

ئەزەربەيجان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى يېڭى مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى ئىنىرگىيە كۈچى مول، تەرەققىيات ئىستىقبالى يۇقىرى بولغان دۆلەت. ئۇنىڭ ئىستىقبالى تۈركىيە بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ، رۇسىيەنىڭ رايۇن تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە خەلقى ئۈمىد قىلغان گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىشى مۇمكىن. بۇ بەلكىم بارلىق تۈركىي مىللەت دۆلەتلىرىنىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى بولىشى مۇمكىن.

زبىگنىۋ بىرژىنىسكىنىڭ «بۈيۈك شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابىدا ئامېرىكىنىڭ رايۇن ئىستىراتىگىيەسىدە ئەزەربەيجان ئالاھىدە مۇھىم تايانچ دۆلەت قاتارىدا كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 17:38:13

مۇشۇ ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ تىلى بىزنىڭ تىلىمىزغا ئاجەپ ئوخشايدىكىنا ، ۋېكپىدىيە قانۇسىغا كىرىپ تىل تۈرىنى ئەزەربەيجانغا توغرىلاپ خالىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇپ باقتىم ،شۇنداق چۈشنىشلىك بىلىندى . قارغاندا ئەزەربەيجانلار بىلەن تەرجىمانسىز سۆزلەشكىلى بولغۇدەك.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 17:47:57

بىر چاغدا ئىككى ئەزەربايجانلىق بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانتىم. گەرچە كۆپ سۆزلەشمىگەن بولساقمۇ لېكىن مەقسىتىمنى ئۇقتۇرالىدىم. تىلىمىز خېلى يىقىن كېلىدىكەن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 17:49:35

مۇشۇلارنىڭ ئەتلەس كەيگەن قىزلىرنى كۈرۈپ ئويلارغا چۆمدۈم ....

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 14:14:03

ھەيدەر ئەلىيىۋ 1923-يىلى 10-ماي ناھچىۋاندا دۇنياغا كەلدى. 1944-يىلىدىن 1964-يىلىغچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسىدە ئىشلىدى.

++++++++++++++++++++++

بۇ ئىستىخبارات ئىدارىسى دېگىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ك گ ب دېگەن ئورگىنىنى كۆرسىتەمدۇ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 05:28:11

دادا دىكتاتۇرنى بالا دىكتاتۇر ئەسلەپتۇدە.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 18:26:04

ئەگەر ئەزرائىل ئەلەيھىسالام بوينىغا قىلىچ ئۇرمىغان بولسا ئوتتۇرا

ئاسىيادەك ھوقۇقنى ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرار بولغىتتىمۇ؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 14:11:46

4- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەيدەر ئەلىيىۋ 1923-يىلى 10-ماي ناھچىۋاندا دۇنياغا كەلدى. 1944-يىلىدىن 1964-يىلىغچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسىدە ئىشلىدى.

++++++++++++++++++++++

بۇ ئىستىخبارات ئىدارىسى دېگىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ك گ ب دېگەن ئورگىنىنى كۆرسىتەمدۇ؟

مىنىڭچە بىيجىڭدىكى د ب بىلەن ،ئاپتۇنۇم رايۇندىكى د ب نىڭ پەرقى بولمىغاندەك بىر ئىش ،پەقەت رايۇن ئىسمىنى ئايرىم تىلغا ئىلىپلا ئاتشى ئوخشاش \"\"

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 15:21:10

سابىق سوۋىتلارنىڭ بىر چوڭ قۇرال-ياراغ زاۋۇتى مۇشۇ ئازەرىلەرنىڭ مەھەللىسىدە ئەمەسمىدى ؟
بەت: [1]
: ئازەربەيجاندا ھەيدەر ئەلىيىۋ ئەسلەندى