atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 14:05:56

يىراقتىن سىمسىز تور ئۇلاشتىن ياردەم[تېخنىكا]

ئالدىنقى قېتىم يىراقتىن سىمسىز تور ئۇلاش ھەققىدە ياردەم تىمىسى سىمىسىز تور ئۈسكىنىلىرىدىن ياردەم سورايمەن نى يوللىغان دىن كېيىن نۇرغۇن ئاي تى چى ئاغىنىلەر بىلەن پىكىرلىشىپ ئوبدان بىلىم ئالغان ئىدىم.ھەمدە 500مېتىر يىراقلىىققا سىمسىز تورنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاپارغان ئىدىم.بۇ قېتىم شۇ مۇۋاپىقىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي 1500مېتىر يىراقلىقتىكى يەنە بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا سىمسىز تور ئاپارماقچى بولۇپ ئوخشاش ئۈسكىنە سېتىۋېلىپ ئورناتقان ئىدىم.سىمسىز تور سىگىنالىنى قۇبۇل قىلدى.ئەمما 300mbsئۇلىنىدىغان بۇ ئۈسكىنە ئارانلا
45mbsسۈرئەتتە ئۇلاندى.تور يوللىغۇچى DHCPمۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قۇبۇل قىلغۇچقا IPئادىرىس تەقسىملىدى.ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن ئۇلاندى.ئەمما قانداقلا قىلماي ئېنتېرنېتقا قەتئى ئۇلانمىدى.سىگىنال يوللىغۇچى ۋە قۇبۇل قىلغۇچىدىكى ئېنتېرنېتقا ئۇلىنىشقا تىگىشلىك تەڭشەكلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن.چۈنكى بۇ جەھەتتە ھەر ھالدا بىر نىمىلەرنى بىلىمەن.ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئىس مېنى گۇمانلاندۇردى.يەنى سىمسىز دائىرىلىك تورغا ئېنتېرنىېت يۈكلىنىپ تەڭ ئۇلانغان ئەھۋالدا سىگىنال ئاجىزلىسا دائىرىلىك تور ئۇلىنىپ يۈكلەنگەن ئېنتېرنېت سىگىنالى يوقاپ كېتىدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟نېمە سەۋەپتۇر بۇرادەرلەر،ياردەم قىلساڭلار.مۇتەخەسىس بوز كەپتەر ۋە باشقا تور ئىنژىنىرلىرى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم قىلساڭلار.


كومپىيوتېر بازىرىدىكى مۇشۇنداق ئۈسكىنىلەرنى ساتىدىغان ئۆزىچە ئۆزىنى تېخنىك ئاتىۋالغان كۇسپۇرۇشلار مەنچىلىكمۇ بىر نەرسە بىلمەيدىكەن.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 18:49:12

ping بۇيرۇقى بىلەن ئانالىز قىلىپ بېقىڭ. ئارىلىقتا ئۈزۈلۈش كۆرۈلسە ياكى كېچىكىش ۋاقتى يۇقىرى بولسا ئۇلانغان تەقدىردىمۇ تورغا چىقالمايدۇ.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 00:59:00

شۇنداق بولىشى مۇمكىن، ماڭا چ چ ئۇلىنىپ ئېنتېرنېت ئۇلانمايدىغان ئەھۋال جىق ئۇچىرىغان...

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 03:45:06

بوز كەپتەر دىمەي كۆك كەپتەر دىمەملا دەيمەن ھاھا مىنىڭچە سىمىز تورغا چىقىمەن دىگەنلىك

گال پىچاق ئىشلەتكەن بىلگەن ئوخشاشلا ئىش شۇڭا ئامال بار سىملىق تور ئىشلەتكەن ياخشى

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 08:50:57

يەنى سىمسىز دائىرىلىك تورغا ئېنتېرنىېت يۈكلىنىپ تەڭ ئۇلانغان ئەھۋالدا سىگىنال ئاجىزلىسا دائىرىلىك تور ئۇلىنىپ يۈكلەنگەن ئېنتېرنېت سىگىنالى يوقاپ كېتىدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟





بۇ نەزىرىيە جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس ، ئىش ، قۇياشنىڭ دىگىنى بۇيىچە سىناپ بېقىڭ ، ياكى قىسمى توردا ھۆججەت يوللاشقا بۇلىدىغان يۇمشاق دېتاللار بىلەن ئىككى كومپيۇتېر ئوتتۇرسىدا ھۆججەت يوللاپ كۈرۈپ بېقېڭ ، مەن تەخمىنەن 3.5 كىلومتېر ئارىلىقتا (ئارىلىقتا ھېچقانداق تۇسالغۇ يوق ) سىمسىز تور ئۇلىنشىنى ئۇلاپ نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن ، يېرىم يىل بۇلاي دىدى ، ئىككى قېتېمچە قايتا قوزغاتقىلى سالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ھېچقانداق ئۈزۈلۈش يوق نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن . ئادەتتە قىسمى تور نورمال ئۇلاندى ، دىگەنلىك تور ئالاقىسى قۇرۇلۇپ بولدى دىگەنلىك بىلەن باراۋەر ، ئەلۋەتتە ئېنتېرنېت سىگنالىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 09:14:57


4- قەۋەتتىكى Abdikadirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنى سىمسىز دائىرىلىك تورغا ئېنتېرنىېت يۈكلىنىپ تەڭ ئۇلانغان ئەھۋالدا سىگىنال ئاجىزلىسا دائىرىلىك تور ئۇلىنىپ يۈكلەنگەن ئېنتېرنېت سىگىنالى يوقاپ كېتىدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟





بۇ نەزىرىيە جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس ، ئىش ، قۇياشنىڭ دىگىنى بۇيىچە سىناپ بېقىڭ ، ياكى قىسمى توردا ھۆججەت يوللاشقا بۇلىدىغان يۇمشاق دېتاللار بىلەن ئىككى كومپيۇتېر ئوتتۇرسىدا ھۆججەت يوللاپ كۈرۈپ بېقېڭ ، مەن تەخمىنەن 3.5 كىلومتېر ئارىلىقتا (ئارىلىقتا ھېچقانداق تۇسالغۇ يوق ) سىمسىز تور ئۇلىنشىنى ئۇلاپ نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن ، يېرىم يىل بۇلاي دىدى ، ئىككى قېتېمچە قايتا قوزغاتقىلى سالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ھېچقانداق ئۈزۈلۈش يوق نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن . ئادەتتە قىسمى تور نورمال ئۇلاندى ، دىگەنلىك تور ئالاقىسى قۇرۇلۇپ بولدى دىگەنلىك بىلەن باراۋەر ، ئەلۋەتتە ئېنتېرنېت سىگنالىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە


ماۋۇ گەپ ياخشى بولدى.سىزگە ئوخشاش ئەمەلى سىناق قىلىپ باققان ئادەمدىن بىرنى تاپالماي يۈرەتتىم.مۇبادە بۇ قېتىمقى 1500مېتىرلىق ئۇلىنىش ئەمەلگە ئاشسا مەن كېيىنكى قەدەمدە 2500مېتىر كېلىدىغان ئۆيۈم بىلەن ئىدارەمنى سىمسىز ئۇلىماقچى.چۈنكى ئۆيۈم بار يەردە سىملىق تور بېجىرىش ئىمكانىيىتى يوق.بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 300يۇەنگە 18گېگابايىتلىق كارتىسىنى ئىشلىتىپ تورغا چىقىمەن.سەللا بېخىللىق بىلەن ئىشلەتمىسە ئاسانلا تۈگەپ كېتىدىكەن.ئۆيۈم بىلەن ئىدارەمنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 2500مېتىر.ئارلىقتا ئېگىز،ئېگىز ئاق تىرەكلەردىن بىر مۇنچە بار،ھېسابلاپ كەلسە تەخمىنەن 15قاتاردىن 20قاتارغىچە دەرەخنىڭ توسالغۇسى بار،باشقا توسالغۇ يوق.سىز قانداق ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەتتىڭىز،تاپسىىلى يوللاڭە.20قاتار دەرەخنىڭ توسالغۇسىنى ھېسابقا ئالمىسام تارقاتقۇچ بىلەن قۇبۇللىغۇچنى مۇشۇنداقلا قاداپ قويسام بولىدۇ.ئەگەر دەرەخنىڭ توسالغۇسىدىن ئۆتەلمەيدىغان ئىش بولسا دەرەختىن ئېگىز ھالەتتە تۈۋۈرك ئورنىتىشقا توغرا كېلىدىكەن .ئۇنداقتا    چىقىمىم خېلى ئېشىپ قالىدىكەن.




atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 09:17:43

يەنە بىرسى 3.5كىلومېتىرىدىن تور سۈرئىتى قانچىلىك چىقدىىكەن.تور تارقاتقان ئۇرۇندىكى ئېنتېرنېت سۈرئىتى قانچە،سىز قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تور سۈرئىتى قانچە بولدى.ئەگەر تور سۈرئىتى مۇۋاپىق،چىقىمىم 3000ئىچىدە كونتىرول قىلىنسا ئىدارەم بىلەن ئۆيۈمنى ئۇلىۋالىمەن.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 10:02:49

مەن بىرنى ئالغان مۇشۇنداق تورنى قۇبۇل قىلدىغان ئۇسكىنىدىن.يىدۇڭنىڭ سىمسىز تورىغا ئۇلاندى.لىكىن سۈرئەت بەكلا ئاستا،ياكى ئۈزلۈپ كېتىدۇ.

tewpiqyuli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 20:40:34

قېنى جاۋاب بېرىڭلارچۇ ماۋۇ سۇ؟اللارغا مەنمۇ بىلىۋالاي
بەت: [1]
: يىراقتىن سىمسىز تور ئۇلاشتىن ياردەم[تېخنىكا]