bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 13:23:18

NASA: يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنىڭ ئۈستىدە قەرەرلىك سۇ ۋولقىنى بايقالدى

NASA: يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنىڭ ئۈستىدە قەرەرلىك سۇ ۋولقىنى بايقالدى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 13-نويابىر




يۇپىتېرنىڭ ھەمرالىرىنىڭ بىرسى ئىنگلىزچە «Europa» دەپ ئاتىلىدۇ.  بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەر ناسا نىڭ «ھاببۇل» (Hubble) ئالەم تېلېسكوپى 1999-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئۇلترا بىنەپشە رەڭدە تارتقان رەسىملەرنى ئانالىز قىلىپ، بۇ ئاي شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىدا ئىككى قەرەرلىك سۇ ۋولقىنى (geyser) بارلىقىنى مۆلچەرلىدى.  بۇ ئىككى ۋولقاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ ئىگىزلىكى 200 كىلومېتىر كېلىدىكەن.  ئىنگلىزچە «geyser» دەپ ئاتىلىدىغان سۇ ۋولقانلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بارمۇ-يوق، مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن. يۇلغۇن لۇغىتىدا بۇ سۆزگە «قەرەرلىك بۇلاق» دەپ ئىزاھات بېرىلىپتۇ.  ئەمما بۇلاقنىڭ سۈيى ئىگىزگە ئېتىلىپ چىقمايدۇ.  بۇ يەردىكى سۇ ۋولقىنى بولسا، قەرەرلىك ھالدا، مەسىلەن، ھەر 40 مىنۇتتا بىر قېتىم، بۇلاقتىن ئىگىزلىككە ئېتىلىپ چىقىدۇ.  ئامېرىكىنىڭ «Yellowstone» تەبىئىي باغچىسىدا ئاشۇنداق بۇلاقتىن 10 دەك يەردە بار بولۇپ، مەن بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ باغچىدا ئاشۇنداق بۇلاقلارنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇلاردىن ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ ئەڭ ئېگىزى 10 مېتىردىن ئاشىدىكەن.




بۇ ئاي شارىنىڭ كەڭلىكى 3100 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئۆكسىگەندىنلا تەركىپ تاپقان ئىتايىن ئاز مىقتاردىكى ئاتموسپھراسى بار.  ئۇنىڭ يۈزىنى مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ.  ھەمدە يۇپىتېردىن كېلىدىغان كۈچلۈك رادىئاتسىيە بىلەن زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر بۇ ئاي شارىدا ھاياتلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ھاياتلىقلار بۇ ئاي شارىنىڭ 20 كىلومېتىر يەر ئاستىدا ياشاشقا توغرا كېلىدۇ.  يۇپىتېرنىڭ تارتىش كۈچى پەيدا قىلغان ئىسسىقلىق، بۇ ئاي شارىنىڭ 20 كىلومېتىر قېلىنلىقتىكى پوستىنىڭ ئاستىدا چوڭقۇرلىقى 160 كىلومېتىر كېلىدىغان يەر ئاستى دېڭىزى پەيدا قىلالايدىكەن.  




بۇ بۇلاقنىڭ سۇيىنىڭ ئېتىلىپ چىقىش تېزلىكى ھەر سېكونتىغا 700 مېتىر ئىكەن.  




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://news.nationalgeographic.com/news/2013/12/131212-water-plumes-europa-space-science-jupiter/




رەسىملەر:

http://images.nationalgeographic.com/wpf/media-content/photos/000/742/cache/1-jupiter-europa_74294_990x742.jpg

http://images.nationalgeographic.com/wpf/media-content/photos/000/742/cache/74293_990x742-cb1386862135.jpg




1





2

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 19:02:12



  دىمەك يوپتىرنىڭ بىر ھەمرايىدا كۆپ مىقداردا سۇ بار .

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 23:41:30

بۇ قۇياش سېستىمىسىدىكى ئاتمۇسفېراغا ئىگە ئالتە ھەمراھنىڭ بىرى ئىكەن، يۇپتېرنىڭ ھازىرغىچە 66ھەمرايى بايقالغان بولۇپ، خەنزۇچە 欧罗巴ياكى 木卫二دەپ گوگېللاپ باقساڭلار بۇ ھەمراھ توغرىسىدا بىر قەدەر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدىكەن....

amball يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 00:28:45

بۇ يىل چىققان بىر كىنومۇ بار ياۋروپا دوكلاتى ( En: The Europa Report; Zh: 欧罗巴报告 ) دەيدىغان. ئۇچقۇچىلار تېمىدا دېيىلگەن سەييارىگە چىقىپ سەيلە قىلىدۇ.



خېلى بولۇپ قويىدىغان كىنو. مەن ياقتۇرغان ئىدىم.



لېكىن، ھەۋىسى يوقلار كۆرسە زېرىكىپ قالىدۇ.


kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 13:59:38



    geyser نى فونتان ياكى فونتان بۇلاق دەپ ئالساق بىر قەدەر مۇۋاپپىق بولغۇدەك .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 21:51:06

مەن Voyagr نى ئويناپ، يۇپىتىرنىڭ ھەمراھىغا سۈنئىي ھەمراھنى زادىلا دەل ئەۋەتەلمىدىم. ناسا مارستىن كېيىن شۇنىڭغا تەكشۈرگۈچ قويۇپ بېرەرمىكىن، سۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا. سۇ بولسىلا، ھىدىروگىن ماتورىغا يېقىلغۇ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، تەلەي بولسا مىتانمۇ ياساش مۇمكىن باكتىرىيە ياكى ئۈسۈملۈك ئۇرۇقلىرى بىلەن. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە يېقىلغۇ ياسىيالايدۇ، قۇياش سىستېمىسىدا ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇچۇش ھەركەتلىرى كۆپىيىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:29:38

بۇ ئامېرىكانلار ئون ئالتىنچى ئەسىردە ياۋرۇپادىن بىشىنى ئىلىپ چىقىپ كىتىپ،

يىڭى قۇرۇقلۇق ئۇچۇن ئىزدىنىپ ئاخىرى تىپىپ چىققان ئىدى ئامېركىنى،

ئەمدىزە يەرشارىدىن بىشىنى ئىلىپ چىقىپ كىتىپ، يىڭى پىلانىت تاپماقچىكەندە،

بۇمۇ بولىدىغان ئامالكەن ھە. بۇ تۇگىمەس جەڭگە جىدەلگە تولغان، بايلىغى قىس يەرشارىدىن

ۋايساپ يۇرمەي، ئۇمىت قىلسا بىر ئىش بولامدۇ نىمە .

ئادەم شۇنداق ئەركىن بولسا ، ئامېركىلىقلاردەك كەڭ قوساق بولۇپ قالىدىغان چىغى بار . .

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:44:37

يۇپتىرنىڭ ئالتىنجى ھەمراھى تىتانغا جىق ئۈمىت باغلىغانتى، بۇ بىر يېڭىلىقكەن ھەقىقەتەن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:48:12

بۇ يەردە يانار تاغ ھەرىكىتى ئانچە ئاكتىپ ئەمەس، بۇرۇنقى زامانلاردا سايرامدا بولغان بولسا قانداقكىن.

قارا قۇرۇم تەرەپلەردە ئاكتىپ يانار تاغلار بار دىيىشەتتى.

windboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 11:17:30

ياۋروپا دوكىلاتى بوپ قويىدىغان فىلىمكەن،خېلى ياقتۇرۇپ كۆرگەندىم،قايسى كۈنى ما خەۋەرنى تېڭشۈننىڭ ئۇندىداردا ئەۋەتىدىغان خەۋەرلىرىدە كۆرۈپ بىرىنجى بولۇپ مۇشۇ فىلىم ئېسىمگە كەلدى.
بەت: [1]
: NASA: يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنىڭ ئۈستىدە قەرەرلىك سۇ ۋولقىنى بايقالدى