شىنجاڭ كوماندىسى لىياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
ئۈرۈمچى ۋاختى 12-ئاينىڭ 13- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون ئۈچۈنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاندېرسېن 29 نومۇر ئېلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 86-71 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان مەغلۇپ بولدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 29 نومۇر،8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەم 6قېتىم ياردەمچى پاس بەردى،4 قىتىم توپ تارتىۋالدى ؛ سېنگېلدون 15 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 16 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 10 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 6 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاڭ چىڭپىڭ 6 نۇمۇر، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى.
مۇسابىقە تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى15-دىكابىر قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
بەت:
[1]