nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 11:22:12

دۇنيادىكى ئون داڭلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر

دۇنيادىكى ئون داڭلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر



چىن
شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى (بايقالغان ئورنى ۋە ۋاقتى: جۇڭگو
شىئەن، 1974-يىلى) جۇڭگونىڭ بىرىنچى خانى چىن شىخۇاڭ سەددىچىن سېپىلىنى
قۇرۇش پەرمانىنى چۈشۈرۇپ جۇڭگودا رەھىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.
ئۇ ناھايىتى چوڭ بىر قەبرىستانلىق ياسىتىپ، 8 مىڭ دانە راست ئادەم
چوڭلۇقىدىكى رەڭلىك سىزما ياساۋۇللارنى قوغداشقا قويىدۇ. بەزىلەرنىڭ
دېيىشىچە، چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۈستى قاشتېشىدىن ياسالغان
بولۇپ، لەھەت ئىچىدە سىمابتىن تۈزۈلگەن ئېقىۋاتقان ئېقىن بار ئىكەن. 700
مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەمچى ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جاپالىق
ئەمگەك قىلىش نەتىجىسىدە بۇ قەبرە پۈتۈپ چىققانىكەن. قەبرە ئىچىدىكى بايلىق
ۋە نوپۇسقا ئائىت مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن
كىشىلەر تىرىك پېتى قەبرە ئىچىگە سولىۋىتىلگەنىكەن. يۇقىرىدا
ئېيىتىلغاندەك نۇرغۇن تەدبىرلەر قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەمما قەبرە
ئوغرىلىرى چىن شىخۇاڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىزچىل قەبرىنىڭ ئىزلىرىنى
قىدىرغان، لېكىن ھەممىسى نەتىجىسىز قالغان، 1974-يىلى بىر دېھقان قۇدۇق
كولاش جەريانىدا، ئاندىن بۇ قەبرىنى بايقاپ قالغان. ئەمما، قەبرىنىڭ ئۆزى
تا ھازىرغىچە ئېچىلمىدى. يېقىنقى ماگىنتلىق ئۆلچەش نەتىجىسىگە
ئاساسلانغاندا، قەبرە ئىچىدە بىر تاغدەك دۆۋىلەنگەن بايلىقلار بار ئىكەن.


نېفېرتارى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئەڭ گۈزەل ئادەم» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ رامېسسېس نىڭ ئەڭ ئامراق خانىشى بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇ ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، بۇ  فىرئەۋن
خان مەقبەرىسى جىلغىسىدا كۆلىمى ئەڭ زور ۋە ئەڭ ھەشەمەتلىك قەبرىنى
ياسىتىشقا باشلىغان. ئۈچ لەھەتنىڭ تېمىغا پۈتۈنلەي نېفېرتارى خانىشنىڭ
«جەننەت» تىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر سىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ
ئىچىدىكى نۇرغۇن رەسىملەر خۇددى تۈنۈگۈن سىزىلغاندەك مۇكەممەل ساقلىنىپ
قالغان. ئەمما قەبرە ئوغرىلىرى نېفېرتارى خانىشنىڭ مومياسى ۋە تاقاپ قويغان
نۇرغۇن ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.


تۇتانكخانۇمنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى


تۆۋەندىكى
ئىككى سەۋەب ئۇنىڭ نامىنى يىراق-يېقىنغا تارقاتقان: بىرىنچى، دۇنيا بويىچە
ئەڭ بۇرۇن بايقالغان پادىشاھنىڭ قەبرىسى؛ ئىككىنچى، ئۇنىڭ سېسىق نامى پۇر
كەتكەن ئەپسۇنلىرى. قەبرىنىڭ ئۆزى كىشىنىڭ ئەقلى سىغمىغۇدەك دەرىجىدە كىچىك
بولۇپ، كىچىكلىكتىن، ھەمدەپنە قىلىنىدىغان بايلىقلارنى لەھەتنىڭ يېنىدىكى
بىر كاماردىن سېلىشقا مەجبۇر قىلىنغان. فىرئەۋننىڭ قەبرىستانلىقى
قېزىۋىلىنغاندىن بۇيان، بىر قىسىم قىممەتلىك ھەمدەپنە بۇيۇملار دۇنيانىڭ
ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇزىيخانىلاردا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ تارقىلىشقا باشلىغان، بۇ
قەبرىگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنى پالاكەت باسىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراش
ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.


پېرۇدىن
قېزىۋىلىنغان بۇ موميا تاھازىرغىچە كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ يۈرمەكتە. بۇ بىر
ئايال كىشىنىڭ مومياسى بولۇپ، كۆمۈلگەن ۋاقىتتا خان جەمەتى قاراۋۇللىرىنىڭ
بارلىق دۇبۇلغا-ساۋۇتلىرى يېپىنچاقلانغانىكەن، ھالبۇكى ئۇ ياشىغان
دەۋردىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى دەپ قارىلىدىكەن؛ بۇ ئايال كىشىنىڭ
جەسىتى چىڭ قىلىپ ئورىۋىتىلگەن بولۇپ، بەدىنى بىر خىل قىزىل رەڭلىك
مېنىرال ماددا بىلەن بويىلىپ، كېسەك گۆرلۈككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن
سىرت ئۇنىڭ يېنىدا بىر ھەمدەپنە قىلىنغان قىزچاق بولۇپ، بىر ئالتۇن تاج ۋە
ئالتۇن چىنە قويۇپ قويۇلغان. بۇ قەبرە خان جەمەتىنىڭ چەكلەنگەن رايونىدىكى
ئېھرامغا ئوخشايدىغان تاغ ئۈستىدە بايقالغان، ئېيتىلىشلارچە، كېيىنكى
كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ نەزىر-چىراغ قىلغانىكەن.


1599-يىلى،
سىتسىلىيە ئارىلىدىكى پالېرمو كاپۇچىن موناخى بىر موناستىرنىڭ ئاستىدا بىر
قىسىم يەر ئاستى قەبرىلىرىنى بايقىغان بولۇپ، قەبرە ئىچىدە بىر قىسىم
موميا ياسايدىغان مۇكەممەل ئەسۋابلار بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېڭىلا
ۋاپات بولغان بىر موناخقا بۇ خىل تېخنىكىنى ئىشلىتىپ كۆرۈشنى قارار قىلغان.
شۇنىڭدىن تارتىپ تا 1880-يىلىغا قەدەر بۇ خىل قىلمىش چەكلەنگەن بولۇپ،
موميا ياساش كەيپىياتى سىتسىلىيە ئارىدا كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن. ھازىرغىچە
كىشىلەر شۇ يەردە ھەر دەۋرنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن، چىرىش دەرىجىسى ئوخشاش
بولمىغان، ئېگىز قىلىپ ئېسىپ قويۇلغان جەسەتلەرنى كۆرەلەيدۇ.


6. سۇتتونخۇ (ئەنگلىيە ساففولك ۋىلايىتى، ئەڭ بۇرۇن 17-ئەسىردە كولىۋىلىنغان)


سۇتتونخۇ 7-ئەسىردىكى خان جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقى. 1939-يىلى، ئارخېئولوگلار   ئۇزۇنلۇقى
27 مېتىر، كەڭلىكى 4.2 مېتىر كېلىدىغان تېز سۈرئەتلىك ئۇرۇش كېمىسى
ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، ئوتتۇرىسى لەھەت ئىكەن. قەبرىنىڭ ئىچىگە
نۇرغۇن قىممەت باھالىق ئۈنچە-مەرۋايىت ئورنىتىلغان بولۇپ، پەرەز قىلىنىشچە،
ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پادىشاھلىقى رېيد ۋالدقا تەۋە ئىكەن.
قەبرىنىڭ كىسلاتالىق توپىسى قالپاقلىق مىخ ۋە كېمە شەكىللىك بولغاندىلا
مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر
قىسىم ئىزنالار ئۇ يەردە ئىلگىرى قەبرىنىڭ ئېگىسىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرسىتىپ
بېرىدۇ.


1972-يىلى،
بىر ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۆڭگۈرى ياساش ئۈچۈن، جۇڭگو ئارخېتىكتورلىرى
چاڭشا ماۋاڭدۈيدە يەر كولاۋېتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان چېدا
خانىمنىڭ قەبرىسىنى بايقايدۇ. چېدا خانىم غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى
يىللىرىدىكى باش ۋەزىر شىياڭ لىساڭنىڭ ئايالى. ئۇ ئۆلگەن ۋاقىتتا، زور
مىقداردىكى مۇزىكا ئەسۋابلىرى، سىرلانغان ئەسۋابلار، ساپال قاچىلار،
يېمەكلىك، دورا ماتىرىياللىرى، كىيىم-كېچەك، يىپەك رەسىم شۇنداقلا نەچچە
ئونلىغان ياغاچتىن ياسالغان قۇل ۋە ياساۋۇللارغا ئوخشاش قىممەت باھالىق
بۇيۇملار قوشۇپ دەپنە قىلىنغان. چېدا خانىمنىڭ جەسىتى ھازىرغا قەدەر
بايقالغان ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ھۆل جەسەت، چىرايى پەرق قىلغۇدەك
دەرىجىدە ئېنىق، چاچلىرى پارقىراق، تېرىسى يۇمراق، مۇسكۇللىرى
ئېلاستىكىلىققا ئىگە، ئىچكى ئەزالىرى مۇكەممەل. ئارخېلوگلار ئامال قىلىپ
ئۇنىڭ بۇنداق مۇكەممەل ساقلىنىشىنىڭ قەبرىنىڭ لاھىيىلىنىشىدىن ياكى قەدىمكى
دەۋرنىڭ چىرىتىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ
چىقماقچى.


مىلادىيە
79-يىلى پارتلىغان ۋېزۇۋى يانار تېغى رىمنىڭ قەدىمقى شەھىرى پومپېيەنى يەر
ئاستىغا كۆمۈپ تاشلىغاندا، ئۇ بىر غايەت زور قەبرىستانلىققا ئايلىنىپ
قالغانىدى. پومپېيە يەر ئاستىغا 1600 يىل كۆمۈلۈپ يېتىپ تا 1599-يىلىغا
كەلگەندە، بىر ئارخېتىكتور ئېرىق قېزىۋاتقاندا، ئۇنى قايتا بايقايدۇ. 150
يىلدىن كېيىن، ئارخېتىكتورلار كەينى-كەينىدىن خارابىلىكلەرنى قېزىشقا
باشلايدۇ. 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا،
  جىساپپى فىئورې لې ئىسىملىك بىر ئارخېتىكتور،  شاخارلار
ئارىسىدىكى تۆشۈكچىلەرنىڭ چىرىپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ قالدۇرغان بوشلۇقى
ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئۇ گەجنى بۇ تۆشۈكچىلەرگە كىرگۈزگەندە، بۇ
گەج قېچىپ كېتىۋاتقان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلىگە كىرىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:38:49

ھازىرغىچە بايقالغان جاھاندىكى ئەڭ ئاۋات ئادەملەر ماكانى يەنىلا يەرشارى.. كىمدە كىم بۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۇۋېتەلىسە ئونمىڭ تەڭگە ئىنئام بېرىمەن \"\"

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:43:40

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:48:31

كائىناتتىكى ئەڭ ئىسسىق پىلانىت قۇياشتىن قالسىلا مىركۇرىي، ئەڭ سوغۇقى بولسا پىلوتۇن....(پىلوتۇننىڭ بىر يىلى يەرشارىنىڭ 164يىلىغا تەڭ، ئەمما مىركۇرىينىڭ بىر يىلى بولسا يەرشارىنىڭ 86كۈنىگە تەڭ!)

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:50:32

قۇياش سېستىمىسىدىكى دىسىڭىز جايىغا چۈشىدۇ.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:57:12

مەن 20يۈەن تۆلەپ قوياي

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 16:39:06

ئاتتىلانىڭ قەبرىسى يوقكىنا بۇ نىڭ ئارسىدا؟ \"\"

كىم مېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىمنى تاپالىسا118 سوم تۇلەپ قويسۇن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 19:51:22

«ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» دېگەن نامدا بولسۇن ياكى باشقا سەۋەب بىلەن بولسۇن، مەن مۇشۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ قەبرىسىنى ئاچىدىغانلارغا بەكلا ئۆچ. ئۆزىنى «ئارخولوگ» دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى «قەبرە ئوغرىسى» دېگىنىنى ئاڭلىساممۇ كۈلگۈم كېلىدۇ....

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 20:05:23

3- قەۋەتتىكى windows100نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

مانا مەن ئاغدۇرىمەن.10يۇەن تەييارلاڭ.


1969-يىلى ئامېركىلىق ئامىستىردام ئاي شارىغا دەسسىگەن.شۇنداقلا ھايات قايتىپ كەلگەن.شۇڭا قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ئاي شارىدا ئادەم ياشىدى.(ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىز ھەرگىز ئۇزۇن مۇددەت ،كېرەكلىك ئېنىرگىيىنى ئاي شارىدىن ئېلىپ دەپ شەرت قويمىدىڭىز)


سىزنىڭكىدەك ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان تىتەمپەتى ئىنكاس يازىدىغاندىن يەنە بېغىر123456789.....بار.


10كىيىڭىزنى ساقلايمەن ئەمىسە.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 22:11:48

چىنشىخۇاڭنىڭ قەبرىسى توغرىسىدىكى ئاۋۇ ئەپسانىلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيمەن. مۇشۇ يازدا بىرىپ ساياھەت قىلىپ كەلدىم، چىنشىخۇاڭنىڭ مەقبەرىسى ئاۋۇ ئات-ئەسكەر ھەيكەللىرىدىن خىلى بىر يىراقلىقتىكى بىر تاغدەك بىر يەردىكەن. شۇندا ئايلىنىپ چۆرگىلەپ باقسىڭىزمۇ ھىچنىمۇ يوق. چىنشىخۇاڭنىڭ قەبرىسىنىڭ تىشىمۇ يوق. ھىلىقى ئات-ئەسكەر ھەيكىلىنى بايقىغان ئادەمنى ئوتتاغۇزۇپ قوياپتۇ، ئىمزا قويۇپ پۇل تاپىدىكەن. دۇنياۋى داڭلىق دىگەن گەپكە ئىشەنمىدىم. ئەمىلىيەتتە كىچىكلا بىر يەركەن. \"\"

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 23:21:06

9- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى windows100نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

مانا مەن ئاغدۇرىمەن.10يۇەن تەييارلاڭ.


1969-يىلى ئامېركىلىق ئامىستىردام ئاي شارىغا دەسسىگەن.شۇنداقلا ھايات قايتىپ كەلگەن.شۇڭا قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ئاي شارىدا ئادەم ياشىدى.(ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىز ھەرگىز ئۇزۇن مۇددەت ،كېرەكلىك ئېنىرگىيىنى ئاي شارىدىن ئېلىپ دەپ شەرت قويمىدىڭىز)


سىزنىڭكىدەك ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان تىتەمپەتى ئىنكاس يازىدىغاندىن يەنە بېغىر123456789.....بار.


10كىيىڭىزنى ساقلايمەن ئەمىسە.


ئۇتتۇرىۋەتكەن چىراي تۇرامسىز نېمە بۇرادەر، ئاي شارى پلانېت ئەمەس ھەمراھ


abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 23:22:40

4- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كائىناتتىكى ئەڭ ئىسسىق پىلانىت قۇياشتىن قالسىلا مىركۇرىي، ئەڭ سوغۇقى بولسا پىلوتۇن....(پىلوتۇننىڭ بىر يىلى يەرشارىنىڭ 164يىلىغا تەڭ، ئەمما مىركۇرىينىڭ بىر يىلى بولسا يەرشارىنىڭ 86كۈنىگە تەڭ!)

قوياش دېگەن يۇلتۇزدۇ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 10:15:16

ئۆزى ئېسىل تېمىكەن، قۇرۇق گەپنىڭ ئارىسىدا قاپتۇ.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 10:41:07

11- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى windows100نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

كائىناتتا ئادەملەر ياشايدىغان پىلانت پەقەت يەرشارى،كىم بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۋېتەلىسە ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىمەن.



مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغان كەلمەيدىغان ئىنكاسلارنى يازالايدىغان ئادەم ئىزدىنشتا پەقەت بىرلا،مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرۋېتەلىگەن ئادەمنىڭ تىلىفۇنىغا 10 كوي تۆلەپ قويىمەن.

مانا مەن ئاغدۇرىمەن.10يۇەن تەييارلاڭ.


1969-يىلى ئامېركىلىق ئامىستىردام ئاي شارىغا دەسسىگەن.شۇنداقلا ھايات قايتىپ كەلگەن.شۇڭا قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ئاي شارىدا ئادەم ياشىدى.(ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىز ھەرگىز ئۇزۇن مۇددەت ،كېرەكلىك ئېنىرگىيىنى ئاي شارىدىن ئېلىپ دەپ شەرت قويمىدىڭىز)


سىزنىڭكىدەك ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان تىتەمپەتى ئىنكاس يازىدىغاندىن يەنە بېغىر123456789.....بار.


10كىيىڭىزنى ساقلايمەن ئەمىسە.


ئۇتتۇرىۋەتكەن چىراي تۇرامسىز نېمە بۇرادەر، ئاي شارى پلانېت ئەمەس ھەمراھ




شۇنداقتەك تۇرامدۇ نېمە.ئۇنداقتا يەنە بىرسىنىڭ مارىسقا چىقىپ چۈشۈشىنى ساقلاي.ئون سومنى شۇ چاغىدا قاچىلاپ قويۇڭ.

akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 11:35:08

تىما خېلى ئوندان تىما ئىكەن لىكىن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز چاخچاق قىلدىم دەپ تىمىدىن چەتنەپ مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار بىلەن توشقۇزۇپ قۇيۇپتۇ .

ئۇنداق سىرلىق قەبرىلەردىن دىيارىمىزدىكى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن .

دۇنيانىڭ سىرى تەكلىماكاندا !!!!!!!!!!!!!!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 13:14:38

بۇ تىمىنىڭ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋتى يوقتەك قىلامدۇ نىمە \"\"

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 13:46:17

15- قەۋەتتىكى akbar1017نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىما خېلى ئوندان تىما ئىكەن لىكىن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز چاخچاق قىلدىم دەپ تىمىدىن چەتنەپ مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار بىلەن توشقۇزۇپ قۇيۇپتۇ .

ئۇنداق سىرلىق قەبرىلەردىن دىيارىمىزدىكى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن .


دۇنيانىڭ سىرى تەكلىماكاندا !!!!!!!!!!!!!!


تىمىغا چېقىلمىدىم.ئىنكاس يازدىم.\"\"


arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 15:30:37

1- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جاھاندىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق يەر شارى .

كىمدە كىم مېنىڭ بۇ ئىنكاسىمنى ئاغدۇرىۋېتەلىسە مىڭ تەڭگە ئىنئام بېرىمەن .

----------------


10 داڭلىق قەبرىستانلىق يەنى داڭلىق قەبرىستانلىق دەپتۇ ، چوڭ قەبرىستانلىق دىمەپتۇ! كاللىدا ئازىراق سۇ  باكەن ھاما....ھەي، مۇنازىرنى تىتىقسىزلاشتۇرمايلى باللا

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 15:33:58

ئوف ، تىتىقسىزلا بىرىنجى قەۋەتتىكى يولداشلا ئەمەس ئىكەن .

قىلغىلى ئىش چىقمىغان بولسا چۇچاقنى سوزوپ ئويناڭلا باللا... ھەي سىسىق ئىنكاسلا
بەت: [1] 2
: دۇنيادىكى ئون داڭلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ سىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر