tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 10:38:19

تاشپولات: مۇزىكا تەربىيىسى بالىلارنىڭ كالىسىنى ئۆتكۈر قىلالمايدىكەن

مۇزىكا تەربىيىسى بالىلارنىڭ كالىسىنى ئۆتكۈر قىلالمايدىكەن.



تاشپولات روزى









بىز ھازىرغىچە مۇزىكا تەربىيىسى ئارقىلىق بالىلار كوپ نەرسە
ئۆگىنەلەيدۇ، مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چېلىپ بەرسە بالىلارنىڭ يېڭىلىق
يارىتىشچانلىقى ئاشىدۇ دەپ كەلدۇق. يەنە، بالا مۇزىكا ئەسۋابىنى
قايتا-قايتا چېلىپ بەرسە ئۇلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرگىلى ھەم
سەۋر-تاقەتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپمۇ كەلدۇق!



بىراق، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى، بالىلار
مۇزىكا تەربىيىسى كۆرسە بالىلارنىڭ كالىسى ياخشى ئىشلەيدۇ دېگەن گەپنىڭ
پەقەت بىر خاتا چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.



بۇ تەتقىقات ماقالىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىسى Samuel Mehr
بىلەن Elizabeth Spelke 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ژۇرنال PlOS ONE دا ئېلان
قىلدى.



تەتقىقاتچى Mehr نىڭ دېيىشىچە ئامېرىكادىكى چوڭلارنىڭ 80% دىن كۆپرەكى
مۇزىكا بالىلارنىڭ نەتىجىسىگە ھەم ئۇلارنىڭ ئەقىلگە ئالاھىدە ياردەم قىلىدۇ
دەپ قارايدىكەن.



بۇ ئىككى تەتقىقاتچى خارۋارد تۇرىدىغان كامبرىچ ئەتراپىدىكى 4 ياشلىق 29
بالا ئۇستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا
بۆلگەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى 15 بالىغا مۇزىكا ئاڭلاتقان، يەنە بىر
گۇرۇپپىدىكى 14 بالىغا مۇزىكا ئاڭلاتماي ئۇلارنى ئويۇنغا قويۇپ بەرگەن.

ئۇلارنىڭ تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى گۇرۇپپا بالىلارنىڭ
ئاقىلىنىڭ ئۆزگىرىشىدە بەكلا كىچىك پەرق بولغان. ماقالىنى خۇلاسىلىگەندە ئۇ
بالىلارنىڭ ئەقلىدە ھېچقانداق بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.



مېنىڭچە ئەگەر بالىڭىز مۇزىكىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى ئۆگەنسۇن، ئۇنى ئۆزىنىڭ
بىر قىزىقىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرسۇن! ئەگەر بالىڭىز مۇزىكىنى ياخشى
كۆرمىسە بالىغا زورلاپ مۇزىكا ئۆگىتىپ، بالىنىڭ ئەقلىنى ئاشۇرىمەن دېمەسلىك
لازىم. مېنىڭ بىلىشىمچە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ مۇزىكىنى ياخشى
كۆرمەسلىكىگە قارىماي، بالىغا ناھايىتى قىممەتلىك مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى
ئېلىپ بېرىپ، بالىنى مۇزىكىغا زورلايدۇ.   



قارىغاندا ماتېماتىكىدىن باشقىسى ئەقىل ئاچالمامدۇ نېمە؟



يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.





http://news.harvard.edu/gazette/story/2013/12/muting-the-mozart-effect/

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 12:44:21

قارىغاندا ماتېماتىكىدىن باشقىسى ئەقىل ئاچالمامدۇ نېمە؟

-- توغرا، ئۇيۇن بىلەن ماتېماتىكىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەككەن.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 13:45:31

ئىنسان ئۈزى خالىمايدىغان ھەر قانداق ئىشقا مەجبۇر قىلىشنىڭ ئۈزى ئۇلارغا زۇلۇم . يالغۇز موزىكا ئەمەس ئىش قىلىپ ھەر قانداق ئىش . باللارنىڭ تاللىشىنى نەزەرگە ئىلىشى كىرەككى ھەرگىزمۇ ئۈزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى ياكى كەسىپنى ئۇلارغا مەجبۇر قىلسا بەلكىم ئەقىلىنى چىكىندۇرۋىتىشى مۈمكىن . ھازىر جەميىتىمىزدە ئاشۇنداق بىمەنلىكلەر كۆپ بولغاچقا سەنئەت ساھەسىدە ئادەم كۆپ لىكىن سانىغىدەك سەنئەتكارنىڭ تاينى يوق ھەممىسى تار كوچىدا قېستىلىشىپ يۈرىۋاتمامدۇ ؟

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 13:53:08

ماتېماتىكىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر تەتقىقات نەتىجىسى بارمۇ؟ بولسا ئادرېسىنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 13:56:02

2- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنسان ئۈزى خالىمايدىغان ھەر قانداق ئىشقا مەجبۇر قىلىشنىڭ ئۈزى ئۇلارغا زۇلۇم . يالغۇز موزىكا ئەمەس ئىش قىلىپ ھەر قانداق ئىش . باللارنىڭ تاللىشىنى نەزەرگە ئىلىشى كىرەككى ھەرگىزمۇ ئۈزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى ياكى كەسىپنى ئۇلارغا مەجبۇر قىلسا بەلكىم ئەقىلىنى چىكىندۇرۋىتىشى مۈمكىن . ھازىر جەميىتىمىزدە ئاشۇنداق بىمەنلىكلەر كۆپ بولغاچقا سەنئەت ساھەسىدە ئادەم كۆپ لىكىن سانىغىدەك سەنئەتكارنىڭ تاينى يوق ھەممىسى تار كوچىدا قېستىلىشىپ يۈرىۋاتمامدۇ ؟


بالىلارغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان توغرا ئىشلارنى قىلغىلى قويۇش  بىلەن بىرگە بالىلار ئۆزىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى بايقشقا ياردەم بېرىش كېرەك.

tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 14:15:21

كالىسىنى -> كاللىسىنى

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 14:22:11

راست گەپ قىلسام باغۇ، بالىلارنىڭ ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەيمۇ بىر ئۆمرىمىز ئۆتۈپ كېتىدىكەن.

ghalcha يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 14:40:33

چوڭ پەرىق بولمىغان دەپتۇ ،دىمەكچى ئازراق بولسىمۇ پەرقى بولغان دىمەكچىغۇ ؟

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 16:12:01

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 16:52:42

چوڭ ئوغلۇمنى تېخىمۇ ئەقىللىق بوپ كەتسۇنا دەپ، نەچچە كۈن ئېدىيە خىزمەت ئىشلەپ ئاراندا بىر موزىكا سىنىپىغا ئەكىرىپ قويسام ،دەرسكە ئىككى كۈنلا قاتنىشىپ راس گېپىنى قىلدى. بوپتۇلا ئۆزى قىززىققىنىنى قىلىپ ئەقىل تاپسۇنچۇ دېدىم.

بۇ باللانى تەربىيەلەش ئۈچۈن ساپانى چىددى ئۆستۈرمىسەك بولمايدىغاندەك قىلىدۇ..

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 17:21:13



ھېساپ راستىنلا بىركىشنىڭ رايىغا باقمايدۇ،بىرە ئىىشقا بوپتۇ دىمەيدۇ،توغرىسنى ھېچكىم خاتا قىلالمايدۇ.

نۆل جۈپ سان ،نول مۇسپەتمۇئەمەس،مەنپىيمۇ ئەمەس.،جۈپ سانننڭ قاتارىدا مۇسبەتمۇ ئەمەس ،مەنپىمۇئەمەس سانىدىن پەقەت نۆللا بار....مۇشۇ گەپنى تولۇق ئوتتۇرىدىكى مۇئەللىم دائىم تەكرار ئەسكەرتىپ تۇراتتى...

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 18:15:26

مەن بىر ژۇرنالدىن ئويۇن(كومپىيوتىر ئويۇنلىرىنى ھىساپقا ئالمايدۇ) ئويناش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئۆستۇرگىلى بولىدۇ دەپ كۆرگەن.

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 19:48:06

باشقا مىللەتلەر قانداقكىن بىلمىدىم ..بىز ئازىراق بىرنىمە تاراڭلىتىشنى ئۈگۈنىۋالساقلا بارىدىغان يېرىمىز ئەيىش _ئىشرەت ، ھاراق _تاماكا سورۇنى بۇلىدىكەن .ئوبدانراق تاراڭلىتىدىغىنى بولسىغۇ بولدى ..كەشنى كەش دىمەي ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن سۆرەپ ئەكىتىۋاتقان. سازچىنى بالام دىمە،بۇقىنى كالام ،دەپ بىكار دىمەپتىكەن كونىلا.. شۇڭا مۇزىكا ئادەمگە ئانچە پايدا قىمكەتمەسمىكىن دەيمەن.  {:106:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 19:51:43

باللانىڭ تەپەككۇرى جانلىنىۋاتىدۇ ھە. 2-بەتكە ئۆتكەندە ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ بىز قانداقلاچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قالدۇق دېگەن نەزەرىيەلىرى ئوتتۇرىغا چىقامدىكىنا؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 19:58:56

بۇ نەتىجە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغۇ دەيمەن ؟؟؟

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 20:05:04

13- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باللانىڭ تەپەككۇرى جانلىنىۋاتىدۇ ھە. 2-بەتكە ئۆتكەندە ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ بىز قانداقلاچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قالدۇق دېگەن نەزەرىيە




نىمە نەزەرىيە چىقسا سىلىنىڭ نىمە چاتاقلىرى ؟ ئىنكاس يازغىللىرى كىلىپ قۇلىڭىز قىچىشىپ كەتسە  ئىنكاسقا  ئىنكاس يازماي ،  تېمىغا  ئىنكاس يازايلى  ھەزرىتىم


niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 20:37:32

ھەزرىتى پىركامىلنى رەنجىتىپ قويۇپتىمەن، ئەپۇ سورايمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 21:58:10

ئۇ مائىشنى، ئەمدى شەنبە يەكشەنبە سەھەردە دۇمبىسىگە ئىسكىرپكا ئارتىپ دومسيىپ كىتىپ بارغان ئوماقلارنىڭ سانى ئازلاپ كىتەرمۇ؟

imirghazi1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 08:25:00

مەن تولۇقسىزغا چىققاندا مېنىڭ مۇزىكىغا ھەۋىسىم كېلىپ شۇ مەكتەپتىكى ئاكاردىيون دېگەننى يىتىۋېتىدىغان بىر مالىمنىڭ يېنىغا بېرىپ « مالىم مېنىڭ ئۈگەنگىم بار ئىدى » دېسەم ماڭا: « ئۇكام سىزگە دېسەم بۇرۇنقى زاماندا رېشىتخان دەپ بىر***-قىز بىلەن نىساخان دەپ بىر***-لاپ باشقىلارنىڭ زەمبىرەك پوتەيلىرىگە ساز تەڭلەپ ئوتۇرۇپ مانا ئەمدى بىز مۇشۇ كۈنگە قالدۇق. داپ -دۇتتا دەرتمەننىڭ، راۋاپ-تەمبۇر قەلەندەنىڭ ، گارمۇن مەندەك ھاراقكەشنىڭ. مۇزىكا دېگەن ئۇغاۋالا يېقىن كىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ» دەپ نەسىھەت قىلغانتى.

شۇنچە يىللاردىن بېرى چۈمۈچ كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان نۇرغۇن بالىلار بىلەن تۇنۇشۇپ بىر-ئىككى يىل بىر ياتاقتا يېتىپ دېگەندەك كۈنلەر ئۆتتى، ئەمما چۆمۈچ چېلىشقا قەتئىي قىزىقمىدىم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 17:57:46

بۇ نەتىجە سەل ئىشەنچىسزمۇ قانداق. ئاران 29 بالىغا سىناق قىلىپتۇ. تەتقىقات ئوبيىكتى بەكلا ئاز بولۇپ قاپتۇ.
بەت: [1]
: تاشپولات: مۇزىكا تەربىيىسى بالىلارنىڭ كالىسىنى ئۆتكۈر قىلالمايدىكەن