imirghazi1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 21:17:10

ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىز ھازىر دوختۇرخانىدا ياردەمگە مۇھتاج ....

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ، ئالدى بىلەن ھەر بىرىڭىزلارگە ئاللاھتىن سالامەتلىك تىلەيمەن!


قېرىندىشىمىز بۇھاجەر ئابلا لەنجۇ  پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى


چۈشتە يېقىلىپ چۈشۈش سەۋەبى بىلەن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئېغىر زەخمىلەنگەن ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چىقىرىشى ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ


ياردەم قولىنى سۇنىشى بىلەن 10-چىسلا كەچ ئاللاھنىڭ ياردىمىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوپراتسىيە قىلىنغان.



قېرىندىشىمىزنىڭ ئوپراتسىيىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولسىمۇ ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر. داۋاش چىقىمى يۇقىرى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى ئەمەس. ئوپراتسىيەدىن چىققاندىن ھازىرغىچە ئادەتتىكى ياتاقتا ئاسما ئوكۇل


بىلەنلا داۋالىنىۋاتىدۇ.كامىدا ئەللىك مىڭ يۈەن تاپشۇرمىسا رەسمىي كۆزىتىپ داۋالاش ياتىقىغا يۆتكىمەيدىكەن. ھازىرچە باشقا ئامال قىلالمىغاچقا


ئاللاھتىن شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە سىزلەرگە مۇشۇ مۇراجەتنامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ھەر بىرىڭىزلارنىڭ قېرىندىشمىزنىڭ سالامەتلىكى


ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى سورايمىز. قىلغان دۇئا ۋە ياردەملىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ كاتتا-كاتتا


ساۋابلارنى بەرسۇن! ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت ، ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن!


ئەسلى قېرىندىشىمىزنىڭ تەپسىلىي كېسەللىك ئەھۋالىنى سۈرەتلىك قىلىپ چىقىرىشنى ئويلاشقان ھەم تەييارلىق قىلغان، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا

چىقارماسلىقنى مۇۋاپىق كۆردۇق، چۈنكى بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم يالغان سۈرەتلىك خەۋەرلەر، مۇراجەتنامىلەر بىلەن خەلقىمىزنى ئالدىغانلار ھەم بولدى.

بىز ئالدى بىلەن ئالاھقا ئىشەندۇق ئاندىن قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشەندۇق، ئەلۋەتتە بۇ يەردە مېيىپلىقىڭنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مېيىپلىق كىنىشكاڭنى

چىقار بولمىسا ئىشەنمەيمىز دەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، قەلىبلەرنى، نىيەتلەرنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچى.

قېرىندىشىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان،  كۆپ ئىشلارنى بىلىپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلار ياردەمدە

بولۇپ تۇرىۋاتىمىز،























تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى مېھرىبان ئانىلار" مۇشۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىدۇق ،ئۈرۈمچىدىكى  قايسى دوختۇرخانىدىكەن ، خوشنىلار بىلەن يوقلاپ

بارايلى دېگەن " دەپ تېلېفون قىپتۇ، ئاشۇ ساپ نىيەتلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

قېرىنداشلارنىڭ ئۇيۇشۇشنى، ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە مۇمكىن بولسا قېرىنداشلارنىڭ سەپەرۋەرلىك

قىلىشىنى جۈمەگە بارغاچ باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورايمىز. قىلغان ھەر بىر نىيەت تارتقان ھەر بىر ئەجرىڭىزلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ چەكسىز

رەھمىتى ، ساۋابى بولسۇن!  




بۇھاجەرنىڭ

قۇرۇلۇش بانكا كارتا نومۇرى:

                                          阿吉兰木。阿不拉     6212  8442  6133  0001  788

پوچتا بانكا كارتا نومۇرى:


                                          阿吉兰木。阿不拉     6221  8882  0006  9798  386





( پۇل سالغاندا ئامال بار ئۈستىدىكى بۇھاجەرنىڭ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەرسەك )



يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نومۇرى : ( ئىمىرغازى )


    伊米尔阿则。图尔荪尼亚孜    6228  4812  1083  5570  916  

سودا-سانائەت بانكا كارتا نومۇرى : (ئىمىرغازى )


                                                                     伊米尔阿则。图尔荪尼亚孜   6222  0227  0301  9670  899  

يېزا-ئامانەت قەرز كوپراتىپ بانكا كارتا نومۇرى : ( مېھراي)


                                                                              米热阿依。莫太力甫   6210  0820  2854  4055



چۈشەنمىگەن ياكى سورايدىغان ئىشلار بولسا تۆۋەندىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

  بۇھاجەر ئابلا : 18919927009         گۈلنىسا: 15214040921         ئىرپان: 15569996539       ئىمىرغازى: 18993033160



(  باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن گەرچە ياخشى نىيەت بىلەن قىلغۇسى كەلسىمۇ ئەمما بۇ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىدىغان  ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز )




2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 09:15


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 14:45:15

ئىسىم بىلەن كارتا نۇمۇرى ئۇدۇل كەلمىدى دەيدۇ، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسى.

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 14:51:28

ئاللا سىڭلىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن! ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلايلى! كىشنىڭ يۇرتىدا مۇساپىر بولماق تەس!

تېما ئىگىسىگە سەمىمى ئىزاھات: كىملىك نومۇرى، ئادېرسى دىگەندەك مۇھىم شەخسى ئۇچۇرلار دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرى بويىنچە قوغدىلىدۇ، ھەم بۇ ئۇچۇرلار شەخىسنىڭ مۇھىم شەخسى ئۇچۇرى، بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ يېرىمىنى يۆگەپراق چىقارساقمۇ بۇلاتتى، ئاۋۇ كىملىكتىكى ئۇچۇرلار بەك ئىنىق ئىكەن، يامان غەرەزلىك كىشىلەر پايىلىنىپ كەتمىسۇن، كىملىكىنى كۆرمىسە ئىشەنمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا ‹‹مىھىربان ئانىلار جەمىيىتى›› گە تېلفون قىلىش ئارقىلىق خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى دەلىلىلىسە بولىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 14:55:57

پوچتا بانكىسىنىمۇ سىناپ باقتىم، ماڭمىدى، ئوتتۇرىدىكى چېكىتنى ئۆزگەرتىپمۇ سىناپ باقتىم، ماڭمىدى.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:05:36

سەپ سېلىپ قارىسام، كىملىك بىلەن قالدۇرغان ئىسىم بىردەك ئەمەسكەن، توغرىلاپ يېزىپ، ماڭدۇرسام، ئەڭ ئاخىرىدا

对方返回:账户类型非法

دەيدۇ. چوقۇم پوكەيگە بېرىش كېرەك ئوخشايدۇ.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:46:22

يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا سالغىلى بولىدىكەن. توربانكىسىدىن يۆتكەشتە ئۆلكە تەۋەلىكىنى گەنسۇ قىلسام بولدىغۇ



ئاللاھ سىڭلىمىزغا شىپالىق ئاتا قىلغاي!

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 18:29:53

ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپاتلىق بەرسۇن..تاما-تاما كۆل بولار دەپتىكەن ..ياردەم قىلايلى

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 23:30:36

مەنچە بانكا كارتىلىرىدىكى ئىسىمدىكى چىكىتتە مەسىلە بار. بانكا كارتىسىغا ئۇنداق يۇملاق چىكىت كەلمەيدۇ. « · » مانداق چىكىت كىلىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 08:21:41

يۇرىكىم ېغىپ كەتتى  

ھېسابات ۇچۇرلىرىنى توغۇرلاپ قويۇڭ

ongshayli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 08:39:14

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتۇ.... ئاللاھ ھەرقايسىڭلارنىڭ تىنىم تاپماي،كىچىمۇ كۈندۈز شۇ دوختۇرخانىدا ئاشۇ ھەمشىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىڭلانىڭ ھەققى ئۈچۈن سىلەرنى ھەرگىزمۇ نائۈمۈد قويمايدۇ قىرىندىشىم.ئاللاھ سىلەردىن ۋە بىزلەردىن رازى بولسۇن، ئاخىرىدا پەقەت ھەرقايسىڭلارغا ئىلتىجا قىلىدىغىنىم: پەقەت بىزلەرنىڭ ۋە ياخشى نىيەت بىلەن مۇشۇ ئىشلارغا ئۆزنىڭ بىركىشلىك بۇرچىنى قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا بىر دۇئا قىلىپ قويساڭلار..... ئاللاھ سىلەدىن رازى بولسۇن.....................................

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

imirghazi1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 09:37:10

گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلىق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلەر بۆلۈمى يەتتىنچى قەۋەت 5-كارىۋات.

imirghazi1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 09:45:48

يەنە بىر گەپ ئاۋۇ يەردىكى بۇھاجەر ئابلا دېگەن بىمار شۇ. تېما يېزىپ بولۇپ بىخەستەلىك قىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ قويغىنىم ئېسىمگە كېلىپ باشقۇرغۇچىلارغا بۇھاجەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يۇيىۋېتىڭلار دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويسام گەپ يوق.

شۇڭا بىرەر ئىش بولسا بۇھاجەرگە ( بىمار ، كارىۋاتتا جىم ياتمىسا بولمايدۇ، سىلەر بىلەن ئالاقىلاشقۇدەك ئەھۋالى يوق) تېلېفون قىلىپ يۈرمەي مەن ياكى باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشساق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 11:47:19

ئىنتايىن مۇھىم خەۋەر:

مەن مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ راس-يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن توردىن گەنسۇ ئۆكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېلفون نۇمۇرى(0931-2821114)نى توردىن تېپىپ تېلفون قىلىپ 7-قەۋەت 5-كارۋاتتا ھاجىرە ئابلا(خەنچە : ئاجىلەن ئابۇلا) ئىسىملىك بىمار بارمۇ دەپ سورىدىم، ئۇلار قايسى بۆلۈم دەپ سورىغانتى سۆڭەك بۆلۈم(骨科)دىدىم، ئۇلار ماڭا سۆڭە بۆلۈمنىڭ تېلفون نۇمۇرى(0931-8281006) نومۇرغا ئېلىپ سۈرۈشتۈر، سۆڭەڭ بۆلۈمنىڭ تېلفون نۇمۇرى شۇ دىدى، ئاندىن مەن يەنە 0931-8281006نومۇرغا تېلفون قىلسام تەستە بىر ئەر ئالدى(سۆڭەك بۆلۈم سېستىرالار ئىشخانىسىنىڭ بولسا كىرەك، خۇيزۇمۇ خەنزۇمۇ بىلمىدىم،)ئۇنىڭدىن 7-قەۋەت 5-كارۋاتتا ھاجىرە ئابلا ئىسىملىك بىمار بارمۇ دەپ سورىدىم، ئۇ ئەر يولداش ئورتاق تەلەپپۇزنى چۈشەنمەيدىغانچېغى، بىر ئايال يولداشقا تېلفوننى بەردى، ئۇنىڭدىن سورىسم ئۇ سەل توختاڭ دىگەندىن كىيىن بار ئىكەن دىدى، ھازىرمۇ بارمۇ يا چىقىپ كەتتىمۇ دەپ سورىسم، ئۇ ھېلىمۇ 5-كارۋاتتا دىدى، ئاندىن مەن ئۇنىڭغا : بىز توردا ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئۇقۇپ ياردەم قىلايلى دىگەن، شۇڭا مۇشۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەللەپ بەرسىڭىز دىسەم، ئۇ سېستىرا: (ئاجىلەن ئابۇلا، 21سۈېي، ۋېي ۋۇ ېر زۇ) ھاجىرەم ئابلا . 21 ياش، ئۇيغۇر، ھېلىمۇ7-قەۋەت 5-كارۋاتتا يېتىۋاتىدۇ دىدى.

مەن ئۆزەم خوتەندىن، ھازىرمۇ ، خوتەندە ، گەنسۇدا تۇنۇشۇم بولمىغاچقا ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن مۇشۇن ئۇسۇلنى قوللاندىم، ئىشەنمىگەنلەر سۈرۈشتۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، ئۆزەم شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان، ئۇ قىزنىڭ ئۇچۇرىنى مەنمۇ مۇشۇ ئىزدىنىشتىن كۆرگەن.



www.baidu.comغا 甘肃省人民医院دەپ كىرگۈزسىڭىز:医院总机 0931-8281114 دەپ چىقىدىكەن، ئاندىن给我查一下骨科联系电话دىسىڭىز، سۆڭەك بۆلۈمنڭ نۇمۇرىنى دەپ بىرىدىكەن، ئاندن 7-قەۋەت 5-كارۋاتتىكى بىمارنىڭ ئىسمىنى سورىسىڭىز ئىسىمى يېشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بىرىدىكەن، گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تور بېتى:http://www.gsyy.cn

_________________________________

قولۇمدىن مۇشۇنچىلىكلا ئىش كەلدى، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر!

2013-يىل-12-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 11:30

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 11:56:08

ئىككىلىنىپ قالغانلار ئەمدى ئىككىلەنمەي ياردەم قىلىۋىرىڭلار. ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەللەپ بولدۇم. ئىشەنمىسەڭلەر ھەممىڭلارنىڭ كومپيۇتېرىدا ياكى يانفونىدا تور بولغاندىن ئۈزەڭلارمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار،

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 11:59:33

تېما ئىگسى ئەمدى سىزنىڭ ئارتۇقچە چۈشەندۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. قىلغان ئەجرىڭىزگە ئاللاھ ئۆز يولىدا ساۋاپ بەرگەي

imirghazi1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 12:20:58

18- قەۋەتتىكى arman0903نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئىگسى ئەمدى سىزنىڭ ئارتۇقچە چۈشەندۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. قىلغان ئەجرىڭىزگە ئاللاھ ئۆز يولىدا ساۋاپ بەرگەي


ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!


تېما يوللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشۈپ كەتتى، باشقىلارنى ئىشەندۈرىمەن دەپ دېمىگەن گەپلىرىممۇ قالمىدى. بولدىلا دەپ تاشلىۋىتەي دېسەم « ئىنسانلاردا مېھىر -شەپقەت تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم» ۋە « ئىنسانلاردا ئىشەنچ تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم» . ئاخىرى سىزنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئايدىڭلاشتۇرغىنىڭزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!


arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 12:28:21

14- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يېقىن بۇرادەرلەر بولسا بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرسەڭلەر . ھەقىقەتەن تېما ئىگىسىدەك بىمار مەۋجۈت بولسا ياردىمىمىزنى ئايىمىساق .

مېنىڭ ئاز كەم قىرىق يىللىق ھاياتىمدىن ئالغان تەسىراتىم شۇكى ، مەلۇم ئىشنى ئەۋزەيلەپ چۈشەندۈرۈپ كەتكەن كىشى كۆپىنچە ھاللاردا قويمىچى بولۇپ چىقىدۇ .

ئىلاھىم تېما ئىگىسى ئۇنداق بولۇپ چىقمىغاي . بولمىسا ئۇيغۇرلاردىمۇ ئىشەنچ دىگەن نەرسە يوقاشقا باشلايدۇ ...










بېغىر ئاكا، ئەمدى قورقماي ساندۇقتىكى پۇلدىن ئاچىقىپ سېلىپ بىرلى ئا قىزغا، ساۋاپ بولىدۇ ئەمەسمۇ!


بەت: [1] 2
: ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىز ھازىر دوختۇرخانىدا ياردەمگە مۇھتاج ....