kirindax يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 18:58:19

مەسلەھەت بەرسەڭلار تورداشلار !

    قەشقەر پىداگوگىكا ئائىلىكلەر قورۇسىدىن  نەچچە ئون ئائىلىلىك بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆينىڭ ئىسسىماسلىغى سەۋەبىدىن پار پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدۇق  ، پۇل يىغىدىغان يولداشلار ساپلا ياز كۈنلىرى كىلىپ پۇل يىغىدۇ ، قىش كۈنلىرى كىلىپ ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش دىگەندەك ئىشلار بۇلارنىڭ كاللىسىدا قەتئى يوق . بۇلار پۇلنى يىغالمىغانلىقتىن ئەمدىلىكتە سوتقا ئەرىز قىپتۇ ، بايا سوتنىڭ چاقىرىغىنى تاپشۇرىۋالدىم ، 1-ئاينىڭ بىشىدا سوت ئاچىدىغان بوپتۇ . تورداشلار نىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر ياكى مۇناسىۋەتلىك سوت  تەرتىپلىرىنى بىلىدىغان تورداشلار مەسلەھەتلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار ، بولسا دۆلەتنىڭ  پار تەمىنلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار ، رەھمەت !!!


    ئۇلارنىڭلا دىگىنى ھىساپ بولۇپ كەتمەس ، قىنى بىرىپ دىيىشىپ باقمامدۇق ، بەلكىم بۇ قىتىم چۈچىسە، كىيىنچە ئۆيمۇ ئىىسسىپ قالار.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 20:05:42

سوتقا ئۇدۇللا بېرhپ قىلغان ئەرىز دەپ ئويلاپ قالماڭ، بىرلەشمە ئىمزالىق ھۈججەت تەييارلاپ يۇقىرى-تۈۋەنگە قاتراپ بىلىشكە تىگىشلىك يەرلەردىن تەپتىش، ئەرزىيەت ئىشخانىسى دىگەن يەرلەرگە بىلدۈرۈڭلار، كىيىن قالساڭلار شىئاۋ بەيسەي بىلەن ياڭ نەيۋۇ كىنوسىدەك چىتىلىدىغان مەمورلار كۈپىيىدۇ...






horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 20:11:07

http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=53514#Inkas

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 21:17:43

نەچچە ئون ئائىلىلىك بولساڭلار، ئەھۋال خېلى ياخشىكەن. ھەممىڭلار بىر- بىرىڭلارغا گۇۋاھچى بولۇپ، بىر توپ سۈپىتىدە ئۇيۇشىۋالساڭلار پار شىركىتىدىكىلەرنى خېلى تىترىتەلەيسىلەر. چىڭ تۇرۇڭلار.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

KVZYAPRIQI يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 00:39:29

1.ئۆي ئىسسىمىدى دېسە، شىركەتنىڭ ئادەملىرى كېلىپ،ئۆي تېمپىراتۇرىسىنى ئۈسكۈنىسى بىلەن ئۆلچەيدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.

2. بۇنداق ئەرزلەر جىق بولىدىكەن،ئۆتكەندە خوجىلىق شىركىتى خوجىلىق ھەققىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈرۈۋېلىپ،ئون نەچچە ئائىلىلىك خوجىلىق پۇلىنى بەرمەي،خوجىلىق شىركىتى ئەرز قىلغانتى.پوپوزا قىلىش ،قورقىتىش مەقسىدىدە قىلغان ئەرزكەنتۇق.چىڭ تۇرۇۋالغانتۇق،ئاخىرى سوتنى ئاچماي،باھادا ئاز تولا كېلىشىپ تۆلەپ تۈگەتكەن.



پوزىتسىيە بىلدۈرگىنىم ئەمەس،پەقەت بېشىمدىن ئۆتكەننى سۆزلەپ قويدۇم.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 06:10:45

ئۆينىڭ گىرادۇسى 17 سېلسىيەدىن تۆۋەن بولسا پار پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. begir5 بۇرادەرنىڭ دىگىنى ئورۇنلۇق.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 07:35:51

تورداشلار ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپتۇ.

ئىشنى ئەقەللىي ۋە قائىدىگە چۈشۈرۈپ قىلىڭلار، ھازىر قىش بولغاندىكىن، ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمەك ئاسان، پارنى تازا ياخشى بەرگەندە شىركەتنىڭ ئۆي تېمپراتورىسىنى تەكشۈرگىلى كەلسىمۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا تېمېپراتۇرىنىڭ قانچىلىك ئىسسىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ فىلىمگە ئېلىۋېلىپ ئىسپات قىلساڭلارمۇ بولىدۇ.

قەشقەردە 11-ئايدا پار بېرىدۇ، پار بەرگىلى ئاران بىر ئاي بولدى، سىلەرمۇ بۇ ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلمىساڭلار بولماپتۇ. ھەش -پەش دېگۈچە ياز كېلىپ قالىدۇ، ئارقىغا سوزۇپ سوتنى يازدا ئېچىپ قالسا، ئىسپاتىڭلار كەمچىل، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىلەر!

يەنە بىرسىگە، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن گەپتانلىق قىلىمەن دەپ، سېسىق گەپتىن بىرنى قىلىپ قويۇپ، پارنىڭ ئىشى بىر يەردە قېلىپ، باشقا جودا ئويناپ كەتمەڭلار يەنە.

baburhan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 09:00:12

ئولتۇراق رايۇن خوجىلىق ئورنىنىڭ خادىملىرىنى گۇۋاھچى قىلىپ ئۆينىڭ تىمپىراتۇسىنى ئۆلچەپ ئىسپات قالدۇرۋىلىڭلار، ئاندىن يۇقارقىلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىڭ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 10:08:23

سوتقا بېرىش قورققۇدەك ئىش ئەمەس. مەنمۇ بىر قانچە ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ مانداق ئىشنى قىلمىساڭ، پالانى پۇلنى بەرمىسەڭ سوتقا ئەرز قىلىمىز دېگەن گېپىگە سوتقا ئەرز قىل، سوتتا ئىككى ئېغىز ھەق گېپىمنى قىلىۋېلىپ بىرىشكە تىگىشلىك بولسا ئاندىن بېرىمەن دەپ ئىشمنى قىلىپ يۈرسەم، ئۇلار ئۆزى كېلىپ چىرايلىق مۇرەسسە قىلىپ، مەن قايىل بولمىغان يەرلەردە ماڭا يول قويۇپ كېلىشىپ قالدۇق.


تورداشلار دېگەندەك ئۆينىڭ ئىسسىمىغانلىقىغا ئىسپات ئېلىۋالساڭلار سوتقا بېرىش ئەكسىچە سىلەرگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 10:10:07

ئۆي تېمپۇراتۇراسى نەق شۇلار ئۆلچەيدىغان چاغدا 19 ئەتراپىدا چىقسا،قولۇڭلاردا تۇتساڭلار مۇزدىن بەتتەر چىقسا نىمىنى ئىسپات قىلىسىلەر؟يەنە بىرسى بىر ئولتۇراق رايۇن بولۇپ قالسا ئامال قىلىپ شۇ ۋاقىتقا توغرىلاپ پارنى ياخشى بېرىپ ،ئاندىن ئۆلچەپ سىلەرنى نەق مەيداندا مات قىلىمىز دەيدىغان دەيۈزلەرمۇ يوق ئەمەس.

arslan720 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 12:54:21

سىلەر بىرلىشىپ قارشى ئەرز بېرىڭلار،ئاساسىڭلار تولۇق بولسۇن، شۇنداق بولغاندا سىلەرنى سوت مۇرەسسەگە يىتەكلەيدۇ،ئىشقىلىپ نەتىجە سىلەرگە ياخشى...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 15:55:11

چوقۇم ئىسپات ئېلىۋېلىڭلار. بىرلا قېتىم ئەمەس بىر قانچە قېتىم، ھەرقايسى ۋاقىتلاردا ۋە ھەرقايسى كۈنلەردە بولسۇن. ئىسپاتىڭلار ئىسپات ئېلىش تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولسۇن. كامىرا دەمسىلەر ياكى خوجىلىقنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۆلچەپ كۆرۈپ نەق مەيداننى كامىراغا ئېلىپ، يا ئاۋازغا ئېلىپ دەمسىلەر دىگەندەك... بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپات ئېلىش ئۇسۇلى نىمە بولغىيتتىكىن كەسپ ئەھلىللىرى يوقما مۇشۇ پارچىلىق ئىشىدا؟

Shukur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 17:13:29

ئۆي ئىسسىمىدى دەپ گىپىڭلارنى ئاقتۇرالمايسىلەر. بۇلار:« ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسى چوڭ لىنىيە، قورو ئىچى لىنىيە، ئۆي ئىچى لىنىيەسى دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ، بىز چوڭ لىنىيەنىڭ ئىسسىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دەپ چوڭ يول بويىدىكى قورو ئىچىگە كىرگەن ئىغىزنى تەكشۈرىدۇ. ئۇ لىنىيەنىڭ تىمپىراتورىسى ھەر ۋاقىت 90 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقۇرى چىقىدۇ. قورو ئىچىدىكىسىگە خوجىلىق بۆلۈم، ئۆي ئىچىگە ئۆي ئىگىسى مەسئۇل دەپ، ئۇ يەرلەرنى تەكشۈرۈشكە ئۇنىمايدۇ. ھەم سىلەرنىڭ ئىسسىتىش ئۈسكىنەڭلار كونىرىغان، شۇلارنى ئالماشتۇرۇڭلار دەپ ھەممە سەۋەبنى سىلەرگە ئارتىپ قويىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆي ئىسسىمىسا شەھەرلىك ھۆكىمەت، ۋىلايەتلىك پارتىكوم قاتارلىق ئورۇنلارغا بىرىپ، ھال ئىيتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوق. ئۇلار ئادەتتىكى ھال-ئەھۋال ئىيتىپ كەلگەنلەر قاتارىدىلا مۇئامىلە قىلىپ، تىزىملاپ قويىدۇ خالاس. ئەمىلىيەتتە قۇرلۇش ئىدارىسى ۋە سۈپەت تىخىنىكا ئىدارىسىدا يۇقارقى ئىشلارنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس بۆلۈم بارلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەيدۇ. بۇلسا سىلەر قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان بۆلىمىنى ئىزدەپ، شۇلارغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇپ قويۇڭلار. ئىسىڭلاردا بولسۇن  ھەر قانداق ماتىرىيالنى يازمىچە تاپشۇرۇڭلار، تاپشۇرۇپ ئالساڭلارمۇ يازمىچە ئىلىڭلار، ھازىر ئىغىزدىكى گەپ ئاقمايدۇ.

ئەگەردە ئۆي ئىچى ھازىرمۇ ئىسسىمىغان بولسا، قورو ئىچىدىكىلەر بىرلىككە كىلىپ، سوتقا ئىلتىماس سۇنۇپ، نەخمەيداندا سەييارە سوت ئىچىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ھەمدە يۇقۇرىدا تورداشلار دىگەندەك بىرسى بىرسىڭلارغا گۇۋاھچى بولساڭلار بولىدۇ. يەنە شۇ مەزگىلدە سۇغۇق ئۆتۈپ قىلىش سەۋەبىدىن داۋالانغان تالۇنلار بولسا ئۇنىمۇ ئىلىۋىلىڭلار. بۇنى بىۋاستە ئىسپات قىلغىلى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا سوتقا تاپشۇرۇپ، ئورۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن چۈشەندۈرگەننىڭ پايدىسى بار.

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 18:13:44

ئۆيڭلاردا گىرادۇس ئۆلچىگۈچ باردۇ ئۆيىڭلار نەچچە گىرادۇسقا چىقۋاتدۇ ،پار پۇلنىمۇ ياز كۈنى يىغامدۇ پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغاندا يىغمامدۇ توۋۋا ...؟بۇيىلغا قارتا ئۆي ئىسسماي تېلغۇن قىلىپ باقتىڭلارمۇ ئۇلار كىلىپ تەكشۈردىمۇ ؟ئۆي ئىچى سىلەرگە تەۋە بولغان بىلەن ئۆي ئىسسىمىسا ئۇلارنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ سەۋەبىنى تىپىپ بىرىش مەجبۇرىيتى بار قوقماڭە ...؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 15:59:17

ئەڭ ياخشىنى بىر ياخشى تېرمومىتىر ئېلىپ،(سېتىۋالغان تالوننىمۇ ساقلاپ قويۇڭلار(ئۆينىڭ كۈنلۈك تېمپىراتۇرسىنى (3-4قىتىم) ئۆلچەپ رەسىمگە تارتىۋېلىڭلار ھەممىڭلار شۇنداق قىلىڭلار بۇ بىر ئىسپات سوتقا چىققاندا ئۇتىشىڭلارغا ئاساس.

ناۋادا سوتتىن پار ئىدارىسىگە ياكى باشقا ئورۇنغا قايتا تەكشۈرۈپ كېلىڭلار دىسە، شۇنداق تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن پارنى ياخشى بېرىۋېلىپ تەكشۈرگىلى كەلمەكچى بولسا ئىشىك دەرىزىلەرنى ئېچىپ تېمپىراتۇرىنى دائىم سۇغۇق تۇردىغان گىرادوسقا چۈشكەندە يەنە رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويۇڭلار. بۇيىلقى زۇكامداپ قالغاندا دوختۇرغا كۆرۈنگەن تالونلار يەنە ھەممىڭلارنىڭ ئىمزا قويغان بىرلىككە كەلگەن يازما ماتىريالى بولسۇن. چوقۇم ھەممىڭلار بىر ياقىدىن باش چىقارمىساڭلار بىر-بىردىن قورقۇتۇپ ئالداپ ياكى پارپۇلۇڭنى كىلەر يىلى ئالمايمىز دىگەندەك قۇرۇق ئىمىزگە بىلەن جايلايدۇ.

سوت دىگەندىمۇ قورقامدۇ دىز يا جىنايەتچى بولمىسىڭىز
بەت: [1]
: مەسلەھەت بەرسەڭلار تورداشلار !