تاشپولات: مەۋجۇت بولمايدىغان ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرگەن زور پلانېتا بايقالدى
مەۋجۇت بولمايدىغان ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرگەن زور پلانېتا بايقالدى
تاشپولات روزى

تاشپولات روزى
قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا، ئەسلىدە مەۋجۇت بولمايدىغان ئوربىتىدا
ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ زور پلانېتا ئىسمى "HD 106906 b" دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ
پلانېتا يەر شارىدىن 300 يورۇقلۇق يىل يىراقلىقتا تۇرىدىكەن. ئۇنۇڭ
ئېغىرلىقى يۇپىتېر (Jupiter) نىڭ 11 ھەسسىگە ھەم ئۇنىڭ ئانا يۇلتۇز بىلەن
بولغان ئارىلىقى يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ 650 ھەسسىگە توغرا
كېلىدىكەن.
ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ بۇ زور پلانېتاغا قىزىقىشى، بۇ پلانېتانىڭ
مەۋجۇتلۇقىنى ھازىرقى ئاسترونومىيە نەزەرىيىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە
بولمايدىكەن.
ئاسترونومىيە نەزەرىيىسىدە، يۇلتۇزنى ئايلىنىدىغان پلانېتا ئۇنۇڭغا يېقىن
بولىدىكەن. مەسىلەن يەر شارىغا ئوخشاش. يەر شارىغا ئوخشاش پلانېتىلار
يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدىكى قويۇقلاشقان چاڭ توزاڭ بىلەن گازلارنىڭ ئىپتىدائىي
دىسكاسى (Disk) ئارقىلىق پەيدا بولىدىكەن. بىراق بۇ پلانېتا ئانا يۇلتۇزدىن
بەكمۇ يىراق بولغاچقا بۇنداق زور پلانېتا ھاسىل بۆلىشى ئۈچۈن كېتىدىغان
تېزلىك بەكمۇ ئاستا بولۇپ، يۇقىرىدىكى نەزەرىيىنى قوللانغىلى بولمايدىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن يۇلتۇزدىن بەك يىراقلىقتا ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ زور پلانېتا،
پلانېتا ھاسىل بولىدىغان دەسلەپكى دىسكانىڭ پارچىلانغان ماددىلىرى ئارقىلىق
پەيدا بولغان بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان. بىراق قۇياش
سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى ھاسىل بولۇش جەريانىدا، دىسكادىن پارچىلانغان ماددا،
بۇنداق زور پلانېتىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ماسسىغا ئىگە دەپ پەرەز
قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇڭا بۇ بايقاش ئاسترونومىيە ئالىملىرىغا
قارىتىلغان چوڭ بىر جەڭ ئىكەن.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://www.astronomy.com/news/2013/12/astronomers-discover-planet-that-shouldnt-be-there
يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت

رەخمەت. پىلانېتلار بىر- بىرىگە يېقىنلىشىپ قالغاندا ئوربىتىسى ئۆزگىرىپمۇ كېتىدىغاندۇ، بەلكىم ئۇ ئۆز يۇلتۇزىدىن ئايرىپ يىراقلاپ قالغاندۇ. دىمەك بۇنداق ھادىسىنىڭ بولىشى ،ئىلگىرى تىكلەنگەن نەزىريىنىڭ كەمتۈك ياكى خاتا ئىلەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
بەت:
[1]