2014-يىللىق ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان تېلېگرامما (2013) 28-نومۇرلۇق
ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق ، كومىتېتلىرى ، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرى :
گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ھازىر 2014-يىلى يېڭى يىل ، چاغان ، چوكانتال بايرىمى ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى ، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا قويۇپ بېرىش ۋاقىتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
1. يېڭى يىل : 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
2. چاغان : 1-ئاينىڭ 31-كۈنى (جۈمە) دىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى (پەيشەنبە ) گىچە جەمئىي يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .
3. چوكانتال بايرىمى : 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (شەنبە)، 6-كۈنى (يەكشەنبە) 7-كۈنى (دۈشەنبە) ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ .
4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە ) دىن 3-كۈنى (شەنبە)گىچە ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 5-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
5. تاڭزۇڭزا چاغىنى : 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) قويۇپ بېرىلىدۇ ، شەنبە ، يەكشەنبە نورمال دەم ئېلىنىدۇ.
6. تاۋۇز چاغىنى : 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) قويۇپ بېرىلىدۇ ، شەنبە ، يەكشەنبە نورمال دەم ئېلىنىدۇ.
7. دۆلەت بايرىمى : 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)دىن 7-كۈنى (سەيشەنبە)گىچە يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .
ئەسلى مەنبە تەڭرىتاغ تورى
قۇربان ھيتىنى كىرگۈزمەپتىغۇ ؟
بۇ بايراملىق دەم ئېلىش ئۇختۇرشى ئىكەن ، ھېيىتنىڭ ئەمەس .
4- قەۋەتتىكى baydowlatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ تۈنۈگۈن بۇ خەۋەرنى ئۈندىداردىن كۆرگەندىن كېيىن باشلىقىمدىن قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيتنى كىرگۈزمەپتىغۇ دىسەم ، ئۇ ‹قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيتنى ئاپتونۇم رايوندىن بەلگىلەيدۇ › دەپ جاۋاپ بەردى .
سىزنىڭ تېمىمۇ تېما قوغلاپ ھاشارغا ئىنكاس يازغاندەك ئىنكاس يازغىنىڭىزغا قاراپ \" بىكار تەلەت\" ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن. ھەرھالدا خىزمەت ئورنىڭىز بار ئىكەن. بولمىسا ئاۋۇ ئۈچ بالىڭىز (مىللەتنىڭ بالسى ھە) قانداق قىلار بولغىيتى.
توردا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭىز بەك كۆپكەن- ھە.
ئىزدىنىشتا يىل ئاخىرقى خۇلاسە پۇلاسە قىلىدىغان ئىش يوقما؟ مۇشۇنداق كېلىپ كېتىشتە ياخشى ئەزالارنى مۇكاپاتلاپ كېلەر يىلدىمۇ مۇشۇ روھنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىشمىتىكىن، ئويلىشىپ باققان بولساڭلار.
ئۇ ئادەمدىن تۇلا غەم قىلىپ كەتمەڭ،خىزمەت ئورنىنى سوراپ قاپسىز،ئىختىسادىي قىيىنچىلىقىڭىز بولسا دىسىڭىز ھەل قىلىپمۇ بىرىدۇ تېخى.
قۇربار ھېيتقا قارىغاندا روزا ھېيتقا ئاز قويۇپ بېرىشنى قانداق بەلگىلىگەن بولغىيتى تاڭ، ئىككىلىسى ئوخشاش ھېيىت تۇرسا. تەشكىل يەنىلا بايرامدا دەم ئېلىش قويۇپ بېرىپ، ئادەتتىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تولۇقلىۋېلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىپتۇ ھە.6- قەۋەتتىكى functionنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قۇربار ھېيتقا قارىغاندا روزا ھېيتقا ئاز قويۇپ بېرىشنى قانداق بەلگىلىگەن بولغىيتى تاڭ، ئىككىلىسى ئوخشاش ھېيىت تۇرسا.
قۇربان ھېيتتا گۆش يوق دەپ ئويلامدىكىن ئېچىق بېشىدىكى جانابلار.
ھېيت توغرىسىدىكى دەمىلىش ئۇقتۇرۇشنى نىڭشانىڭ ئورگان تورىدىن، مىللىي بايراملارنىڭ دەمىلىش ئۇقتۇرۇشنى شىزاڭنىڭ ئورگان تورىدىن كۆرگەندە ئاپتونۇم رايۇن دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى خىلى بىلگىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەزكۇر تېما كومپىيوتېر نۇسقىسىدا ئېچىلىدۇ , يانفۇن نۇسقىسىدا ئېچىلمايدۇ , مۇشۇ خىل ئەھۋالغا بىر نەچچە قېتىم يولۇقتۇم,تېخنىكلار سەۋەبىنى ئىزدەپ باقسا.