wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 03:10:22

بىر سوم پىلانى خەۋىرى

2013~يىلى 10~دېكابىر كۈنى بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىقى   تۇرمۇش پۇلى ياردىمى بېرىپ كېلىۋاتقان  ئۆگىنىشتە تىرىشچان ,ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بەش نەپەر سىتۇدىنىتقا  11250سوم  تۇرمۇش ياردەم پۇلى  ئەۋەتىپ بەردى .بۇنىڭ ئىچىدە ئىزچىل ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ,تور مۇراجىتى ئارقىلىق بىر سوم پىلانى تورداشلىرى  بىر قېتىملىق ياردەمدە بولغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.

بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تۇرمۇش ياردىمىنى  ئۆزىگە بېسىم قىلماي بۇ ياردەم خىراجەتلىرىنى   ئالغا ئىنتىلىشنىڭ ,تىرىشىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ  ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .چۈنكى بۇ پۇل بىر كىشىنىڭ پۇلى ئەمەس .يۈزلىگەن ساخاۋەتچىلەرنىڭ  كۆڭلى 、شۇنداقلا ھازىرقى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ھەرگىزمۇ ئۆمۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ .  بىز تىرىشىپ بىلىم ئارقىلىق  ساپايىمىزنى ئاشۇرۇپ  ئۆزىمىزنىڭ كىشلىك قەدىر ~قىممىتىمىزنى نامايەن قىلالايمىز .

بىر سوم پىلانى مۇراجىتى:بىرىمىزگە كۆپ بىلىنمىگەن نەچچە ئون سوم پۇل كۆپىمىزنىڭ يانچۇقىدىن  تەڭلا چىقسا  ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتا قالغان تىرىشچان بىر سىتۇدىنىتنىڭ بىر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلالايمىز .قېنى سېپىمىزگە قېتىلىپ ساخاۋەتچى بولۇڭ .ھەقىقى قىيىنچىلىقتا قالغان تىرىشچان سىتۇدىنىتلار بولسا تەۋسىيە قىلىڭ .ھەممىمىز تىرىشىپ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشايلى .ئىناق جەمىئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار !

خوشلىقىمىز شۇكى بىر سوم پىلانى ياردىمىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ   خىزمەتكە چىقىپ  سېپىمىزگە قېتىلدى .

بىلدۈرگۈ : بىر سوم پىلانى ،2006-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغان ،بۇ يىل ئۈچىنچى ئايغىچە يىغىلىپ تارقىتىلغان پۇل 105مىڭ 210 سوم 70 تىيىن بولدى .ھازىر 5نەپەر سىتۇدىنىت قىز نىڭ ئوقۇشىغا ياردەمدە بولىۋاتىمىز .مەسئۇل :ئەيساجان نىزامىدىن . بورتالا توك ئىدارىسى  خىزمەتچىسى .تور دىكى ئىسمى :

wapadarim912

بىر سوم پىلانى تەپسىلاتى  ئىزدىنىش مۇنبىرى  بىر سوم پىلانى مەخسۇس سەھىپىسى

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 05:34:54

قايىلمەن!

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 05:39:12

يوق ئىشلانى تالىشىپ ئاغزىمىزدىن **قالمايدۇ. مۇشۇنداق ھەم ساۋاپلىق، ھەم ئەھمىيەتلىك ئىشتا قەرزىمىزنى بىر تۆلىۋەتمەمىزمۇ؟ ئاران ئايدا بىر يۈەن!

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 08:02:11

قوللايمەن

ئۈندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىقمۇ تارقاتساق ئۈنۈمى ئالاھىدە بولاتتى دە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 08:18:03

ئاللاھ كاتتا ساۋابلارنى بەرسۇن سىزگە!

musajan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 09:13:08

ئىزچىل قوللايمىز ھەم داۋاملاشتۇرمىز.

دوستلار مۇنۇ ئۇلىنىشنى تەۋسىيە قىلىپ قۇياي مال ئالدىغانلارغا پۇرسەتكەن،كىرسىڭىزلا 10يۈەنلىك مال ئىلىش كارتىسى بېرىدىكەن.ماللىرى خېلى ئەرزانكەن.

http://shop107556810.taobao.com/cuxiao.htm?spm=a1z10.1.w5002-4921538175.3.YhQJS9

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 09:17:11

ئەيساجانغا تەۋسىيە:   ئاۋال سىزگە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بولسۇن! ھەپتە ئىلگىرى بىر تونۇشۇم بىر ئائىلىدىن 3 نەپەر بالىنىڭ يىتىم بولۇپ قالغانلىغىنى بۇ بالىلارنىڭ چوڭى (قىز) ئىلى پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىدا ،كىچىكى (ئوغۇل)سەنشيا ئۇنۋېرسىتىتىدا،ئوتتۇرانجىسى(قىز) ئىلى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغانلىغىنى دادىسى2010-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن،ئاپىسى(ئوقۇتقۇچى) 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنى،ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشىنى بىر يىل داۋاملاشتۇرغانلىغىنى ئەمدى بالىلارنىڭ ئامالسىز قالغانلىغىنى دەپ ياردەمدە بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىپ كەپتىكەن،تونۇش بىلىشلەر ئارقىلىق ئازراق يىغىپ ياردەمدە بولغان بولدۇق.تۈنۈگۈن بىر نەچچە قىز3 پارچە تونۇشتۇرۇش كۆتۈرۈپ ياردەم سوراپ كەپتۇ،قارىسام نەق مۇشۇ ئۈچ نەپەر بالىنىڭ ئىسمى،مەكتىپىدىن ۋە ناھىيىلىك ئاھالە كومىتىتىدىن يېزىلغان تونۇشتۇرۇشكەن.قەغەزنى قويۇپ قويۇڭلار مەن باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قوياي دەپ ئېلىپ قالدىم.ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى يازمىدىم .ئەگەر ياردەمدە بولۇشقا مۈمكىن بولسا ئۇچۇرلىرىنى تېلىفۇن ئارقىلىق دەپ بېرىمەن،ئۆزىڭىز مەكتەپ ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 10:05:46

6- قەۋەتتىكى bariberنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما باللارنىڭ ئەھۋالى راست بولسا مەن ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ 100 سوم ئاتىدىم 1 سوم پىلانىغا. ئەيساجان قېنى سىز ما باللانىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقسىڭىز؟

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 10:08:44

ھەر ئايدا يەنە داۋاملىق ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىپ ماڭغىم بار.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 10:13:23

پۇل ئەۋەتىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى قايسى باللا....بىر مەزگىل ئۈزۈپ قويغۇنىمدىن تولمۇ خىجىلمەن...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 13:19:55

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 13:22:24

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 14:42:05

ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن !

بەدەل پۇلىنى ئاللاھ خالىسا يېقىندا تاپشۇرىمىز .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 14:45:50

12- قەۋەتتىكى baydowlatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى bariberنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيساجانغا تەۋسىيە: ئاۋال سىزگە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بولسۇن! ھەپتە ئىلگىرى بىر تونۇشۇم بىر ئائىلىدىن 3 نەپەر بالىنىڭ يىتىم بولۇپ قالغانلىغىنى بۇ بالىلارنىڭ چوڭى (قىز) ئىلى پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىدا ،كىچىكى (ئوغۇل)سەنشيا ئۇنۋېرسىتىتىدا،ئوتتۇرانجىسى(قىز) ئىلى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغانلىغىنى دادىسى2010-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن،ئاپىسى(ئوقۇتقۇچى) 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنى،ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە ئوقۇشىنى بىر يىل داۋاملاشتۇرغانلىغىنى ئەمدى بالىلارنىڭ ئامالسىز قالغانلىغىنى دەپ ياردەمدە بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىپ كەپتىكەن،تونۇش بىلىشلەر ئارقىلىق ئازراق يىغىپ ياردەمدە بولغان بولدۇق.تۈنۈگۈن بىر نەچچە قىز3 پارچە تونۇشتۇرۇش كۆتۈرۈپ ياردەم سوراپ كەپتۇ،قارىسام نەق مۇشۇ ئۈچ نەپەر بالىنىڭ ئىسمى،مەكتىپىدىن ۋە ناھىيىلىك ئاھالە كومىتىتىدىن يېزىلغان تونۇشتۇرۇشكەن.قەغەزنى قويۇپ قويۇڭلار مەن باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قوياي دەپ ئېلىپ قالدىم.ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى يازمىدىم .ئەگەر ياردەمدە بولۇشقا مۈمكىن بولسا ئۇچۇرلىرىنى تېلىفۇن ئارقىلىق دەپ بېرىمەن،ئۆزىڭىز مەكتەپ ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز.

بەرىبىر ئۇكام، ئۇلارنىڭ راستىنلا قىيىنچىلىقى بار ئىكەن. مەن بىرسىگە ھەر ئايدا 100يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن. ئۇلار ئوقۇشتىن بۇنداقلا توختاپ قالمىسۇن.

قانداق ئالاقىلىشىمىز.

قېرىندىشىم:بۈگۈن مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئادرىسىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىمەن،ئاللاھ خالىسا ئۆيىگە چىققاچ،ئاھالە كومىتىتى بىلەننمۇ پىكىرلىشىپ كىرەي دەپ ئويلاۋاتىمەن،ياردەمنى ئامال بار <بىرسوم پىلانى>ئارقىلىق يەتكۈزسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ،سىزگە ۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن!ھە-راست،مەن بۇ يىل 44 ياش .

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 15:53:06

mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 10:32:33

مەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئېلىكتىر شېركىتىدە خىزمەت قىلىمەن،سېستمىمىزدا مۇشۇنداق ئېسىل ياشلارنىڭ بارلىغىدىن پەخىرلەندىم

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 10:52:29

بىر سوم پىلانىنى ئىزچىل قوللايمىز!

بارىبەر بىلەن بايدۆۋلەت ئىككڭلار ئاكامدەك ئىكەنسىلەر، يېشىڭلارمۇ تەڭكەن، كىم بىلىدۇ تۇغۇلغان كۈنۈڭلارمۇ ئوخشاشمۇ!؟

نىشانىڭلار ئوخشاش بولغاندىكىن دوستلىشىپ قالساڭلارمۇ بولغۇدەك!

udun1224 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 13:30:32

مەنمۇ قاتنىشاي دىگەنتىم ،پۇلنى قانداق تاپشۇرىمىز؟

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 16:15:12

بەت: [1] 2
: بىر سوم پىلانى خەۋىرى