waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 19:57:45

شىنجاڭ كوماندىسى فوشەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

12-ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون ئىككىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ فوشەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 103-86 نەتىجە بىلەن  گۇاڭدۇڭ فوشەن ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلدى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 25 نومۇر،9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەم  9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى،4 قىتىم توپ تارتىۋالدى ؛  سېنگېلدون 22 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   ياڭ جىمىڭ 18 نۇمۇر،  2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 14 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 8 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 7 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ،  5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەم1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋىي 6 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  

  مۇسابىقە تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى13-دىكابىر قارشى تەرەپ مەيدانىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



792_1142464_180729.jpg
792_1142466_561233.jpg
792_1142467_251596.jpg
792_1142470_446751.jpg
792_1142472_167329.jpg
792_1142473_324654.jpg



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى فوشەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى