bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 10:24:29

بۈگۈن 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلدى




بۈگۈن 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلدى





نوبېل مۇكاپاتى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات بولۇپ، تەسىر دائىرىسىنىڭ زورلىقى بىلەن بۇ مۇكاپات پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ كىلىۋاتىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى 19-ئەسىردىكى ئاتاقلىق خېمىيە ئالىمى، كەشپىياتچى ئەلفىرەد نوبېلنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپلاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قالدۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ ئۆلۈپ كېتىپ 5-يىلدىن كىيىن تارقىتىلىشقا باشلىغان. بۇ مۇكاپات 1901-يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتلغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 113-يىللىق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات، تىنچلىق ۋە كېيىن قوشۇلغان ئىقتىساد قاتارلىق ساھەدىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان شەخسىلەرنى مۇكاپاتلاپ كەلدى.


مانا بۈگۈن (12-ئاينىڭ 10-كۈنى) 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ھاياجانلىق بىلەن كۈتكەن نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ستھوكلىم كونسېرىت زالى ۋە ئوسلو شەھەر زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۆۋەندە بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغۇچى ئەلفىردە نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى، ئاخىرىدا بۈگۈنكى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:



http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=54060



1 .ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى








ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1864-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.


1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرنسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېىزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.  ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نىمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان)  نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.

نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇكاپات تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى 8 مىليون شىۋىتسىيە كروناسى (تەخمىنەن 1.2 مىليون ئامرىكا دوللىرى ياكى 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىردىن كۆپ كىشى بىر قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا تەڭ ئېرىشسە ئۇلارغا بۇ پۇل بۆلۈپ بىرىلىدۇ.





2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار



نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz.  بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:

1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ:  تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)



2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)



3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)



4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)



5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)



6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)



7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)



8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)



9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)



10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)






3. 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر:





















بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55310





































بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)




(2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، كەچ 10:30)





ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.


bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 10:40:02

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى نوبېل مۇكاپاتى فوندى ئورگان تور بېكىتى. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدان ۋىدىئوسىنى شۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.nobelprize.org



ئەسلى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ سۈرىتى يېنىغا ئىسىملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوشۇپ تونۇشتۇرۇش پىلانىم بار ئىدى. ئەمما ۋاقىتىم قىس بوپقالدى. خەۋەرنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەي دىسەم كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، شۇڭا 30 مېنۇتلۇق دەمئىلىش ۋاقتىمدا مۇشۇنچىلىك ئاددى بىر خەۋەرنى يوللاپ تۇردۇم. چولتا بوپقالغان بولسا ئالدىنئالا ئۆزرە سورايمەن.


ئىزدىنىشتىكى ئېنگىلىزتىلى ئۇستىلىرىنىڭ ۋاقتى يار بەرسە, بولسا ئۆزى ياخشى كۆرگەن نوبېل ساھىبلىرىنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 10:57:42

ئاپىرىن بىلگەجان، شۆھرەتكام بۇلارغا قارىغاندا تېخى ياشكەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 11:17:12

نوبېلدىن قالغان پۇلنى بىرەر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىپ تۇرامدۇ؟ بولمىسا ھەر يىلى مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە ئۇ مىراس قالغان پۇل بىر كۈنلەردە تۈگەپ كېتەر. ئۆسۈمى ئۇنچىۋالا يوقىرى بولمايدىغاندۇ؟

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 11:36:49

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىغا مۇبارەك بولسۇن.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 11:59:24

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!بىزدىنمۇ بۇنداق ساھىبلارنىڭ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 13:56:53

9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

چېرچىلنىڭ ئېرىشكىنى ئەدەبىيات مۇكاپاتىدۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 14:03:38

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نوبېلدىن قالغان پۇلنى بىرەر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىپ تۇرامدۇ؟ بولمىسا ھەر يىلى مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە ئۇ مىراس قالغان پۇل بىر كۈنلەردە تۈگەپ كېتەر. ئۆسۈمى ئۇنچىۋالا يوقىرى بولمايدىغاندۇ؟



مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدىغىنى ئۆسۈمغۇ دەيمەن.


ئاڭلىشىمچە نوبىل دۇنيا ئۇرۇشىدا بومبا تىجارىتى قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقانكەنمىش، كېيىن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانكەنمىش.

jangal04 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 14:04:55

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نوبېلدىن قالغان پۇلنى بىرەر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىپ تۇرامدۇ؟ بولمىسا ھەر يىلى مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە ئۇ مىراس قالغان پۇل بىر كۈنلەردە تۈگەپ كېتەر. ئۆسۈمى ئۇنچىۋالا يوقىرى بولمايدىغاندۇ؟

بىر يەردە كۆرۈشۈمچە، نوبىل مىراس قالدۇرغان پۇلنى مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن، ئېيتىشىچە ئۇ پۇلمۇ كۆپىيىپ بىريەرگە بېرىپتۇ، مۇكاپات سوممىسىمۇ مۇناسىپ كۆپىيىپ مىڭىۋىتىپتۇ.

jangal04 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 14:24:29

8- قەۋەتتىكى jangal04نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نوبېلدىن قالغان پۇلنى بىرەر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىپ تۇرامدۇ؟ بولمىسا ھەر يىلى مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە ئۇ مىراس قالغان پۇل بىر كۈنلەردە تۈگەپ كېتەر. ئۆسۈمى ئۇنچىۋالا يوقىرى بولمايدىغاندۇ؟

بىر يەردە كۆرۈشۈمچە، نوبىل مىراس قالدۇرغان پۇلنى مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن، ئېيتىشىچە ئۇ پۇلمۇ كۆپىيىپ بىريەرگە بېرىپتۇ، مۇكاپات سوممىسىمۇ مۇناسىپ كۆپىيىپ مىڭىۋىتىپتۇ.


ئۇ مەبلەغنى مەخسۇس بىر فوندى جەمئىيىتى باشقۇرۇپ ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئىۇل دەيدۇ.

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 14:35:09

jangal04 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 14:41:41

10- قەۋەتتىكى italianoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنىڭ ھەممىسى نوبىلنىڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى




http://image.baidu.com/i?tn=baiduimage&ct=201326592&lm=-1&cl=2&nc=1&word=Bofors&ie=utf-8



http://commons.wikimedia.org/wiki/Category:Bofors_40_mm_gun?uselang=zh



http://tieba.baidu.com/p/1424790423



نوبىل بورفوس  قورال ياراق شىركىتى مۇزىيى


http://nobelmuseetikarlskoga.se/index.php/bofors-industrial-museum


ئۇنداقتا نوبىل مۇكاپاتىدا تارقىتىلىدىغان پۇلنى قورال سېتىپ تاپىدۇ دەمدۇق\"\"





italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 14:46:00

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 17:26:57

7- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نوبېلدىن قالغان پۇلنى بىرەر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىپ تۇرامدۇ؟ بولمىسا ھەر يىلى مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە ئۇ مىراس قالغان پۇل بىر كۈنلەردە تۈگەپ كېتەر. ئۆسۈمى ئۇنچىۋالا يوقىرى بولمايدىغاندۇ؟



مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدىغىنى ئۆسۈمغۇ دەيمەن.


ئاڭلىشىمچە نوبىل دۇنيا ئۇرۇشىدا بومبا تىجارىتى قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقانكەنمىش، كېيىن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانكەنمىش.



خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايسىز. نوبىل 1896-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىمىغان تۇرسا. لېكىن نوبىل ئىجاد قىلغان بومبىلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئۇششاق-چۈششەك ئۇرۇشلاردا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەنلىكى ئىنىق...

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 17:32:11

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 17:41:56

نوبېل ئۆز ۋاقتىدا قالدۇرغان 31 مىليون شىۋىت كروناسى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 1 مىلياردتىن ئارتۇق شىۋىت كروناسىغا تەڭ بولىدىكەن. يەنى بۇ تىمىدا دىيلىۋاتقان ۋاقىت پەرقىگە ئاساسەن پۇلنىڭ ئۆز قىممىتى بويىچە تۇرمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇش كىرەك. ئەمدى سىز دىگەندەك 5 مىلياردتىن ئارتۇق پۇل بولۇشى كىرەكمۇ دىگەندە، ياق. چۈنكى نوبېل مۇكاپاتى 1901 يىلى دەسلىپىدە 150،000 شىۋىت كروناسىدىن تارقىتىلغان (ئەينى دەۋىردە بۇ بەك كۆپ پۇل بولۇشى مۇمكىن)، ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئازلاپمۇ كەتكەن. پەقەت 1946 يىلى شىۋىتسىيەدە، 1953-يىلى ئامرىكىدا نوبېل فوندىنىڭ باج تاپشۇرماي مەبلەغ سېلىشى قانۇنلاشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1980-يىللاردىن بۇيان نوبېل فوندى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىدىغان پۇلنى تىز سۈرئەتتە كۆپەيتكەن. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى نوبېل فوندى نوبېلنىڭ شۇ كۈندىكى مەبلىغىنىڭ 3 مىليارد 628 مىليون شىۋىت كروناسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.



http://www.nobelprize.org/nobel_organizations/nobelfoundation/finan-manag.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 17:43:45

داڭلىق بىئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى FASEB تە ئېلان قىلىنغان مەخسۇس نوبېل مۇكاپاتنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە توختالغان ماقالىنى كۆرۈپ بىقىڭ. قىزىقسىڭىز، ئۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.



http://www.fasebj.org/content/24/5/1335.long







http://www.fasebj.org/content/24/5/1335.full.pdf+html

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 18:19:58

ياۋرۇپا قىتئەسىدىن 284 كىشى ،ئامىرىكا قىتئەسىدىن247كىشى،ئاسىيادىن 25كىشىكەن.ئافرىقىدا يوقكەن.ئىقسادى ،مائارىپ تەربىيەسى يۇقىرى ئۇرۇنلارنىڭ كىشى سانىمۇ يۇقىرىكەن.ھىندىستانمۇ 8 نۇبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىنى يىتىشتۈرۈپتۇ.بىلگىجان بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن يىلىمۇ جۇڭگودىن كىم بىرسى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەندەك قىلغان. يۇقمۇ نىمە ئۇ؟  {:92:}   {:92:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 18:27:20

نوبېل تورىدا خەۋەر قىلىشىچە جۇڭگودا تۇغۇلغانلاردىن 10 كىشى نوبېلغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 2 ئادەم جۇڭگو پۇقراسى ۋە جۇڭگودا ياشاپ تۇرۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. لىكىن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىچىدىكى لىيۇشىياۋبو تۈرمىدە بولغاچقا بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلالمىغان. شۇنداق قىلىپ جۇڭگۇ پۇقرالىرىدىن پەقەت مويەن دىگەن يازغۇچى ئۆتكەن يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ جۇڭگودا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئارىسدا بىردىنبىر نوبېل مېدالى ۋە نوبېل دىپلومى بار كىشى بولۇپ قالغان.



بۇ تېمىدا تىزىلغانلىرى تولۇق تىزىملىك ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىنمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار چىققان، تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:



http://www.nobelprize.org/nobel_prizes/lists/countries.html

absalam334 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 07:42:28

ئىلىم پەننىڭ قورال ياراغ ياساشقا قوشقان تۆھپسى چوڭ ئەمما دۇيانى ۋەيران قىلىۋىتىش ئاچچىغى كەلسە ئازسادىكى كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى بۇ خەتەرلىك بىر ئەھۋال
بەت: [1] 2
: بۈگۈن 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلدى