سەئۇدى ئەرەبىستان غەيرى مۇسۇلمانلارغا ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى باشلايدۇ
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى يېقىندا ۋىزا ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇھىم تارىخىي جايلارنى كۆرۈشنى خالايدىغان غەيرى مۇسۇلمان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن قايتىدىن ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى باشلايدۇ.
چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە تۇنجى قېتىم 2006 – يىلى ساياھەت ۋىزىسى بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى، 2010- يىلىغا كەلگەندە بۇ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئىشلەش ياكى ھەج ۋە ئۆمرە ۋىزىسى بىلەن بارغان بولسا، دۆلەتنىڭ خالىغان جايلىرىنى ئايلىنالمايتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا كۆپ ساندا تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئاسارە – ئەتىقىلەرنىڭ بارلىقى؛ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدا بولسا، غەۋۋاسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن گۇرۇپپا بولۇپ ياكى پەقەت مەھەللىي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا دۆلەتنى زىيارەت قىلالايدۇ.
http://www.alkin.cn/hawar_korux.asp?eqide_rat=11447
كۈن نەدىن چىققاندۇ بۇ خەققە. بېجيىڭدىكى ئالاقىدار كىشلەردىن سورسام بۇنداق ئىش يوق دەيدۇ .غەيرى مۇسۇلمان دىگەن گەپنىڭ ئىسلامچە ئاتىلىشى بارمۇ،