ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:13:51

بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى





تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2013-12-10) خەۋىرى:

بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى، 1948- يىلى 10- دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى»نى ئېلان قىلدى.

بۈگۈن مەزكۇر خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا 65 يىل بولغان بولسىمۇ، ھېلىھەم ئىرق، تىل، دىن ۋە جىنس پەرقىگە قارىماستىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشتا مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە.

ب د ت «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى»نىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ھەر بىر ئىنسان تىل، دىن، ئىرق ۋە جىنسىيىتىگە قارىماستىن ئەركىن ۋە باراۋەر توغۇلىدۇ.

ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىن ۋە خاتىرجەم ياشاش ھوقۇقى بار.

پىكىر، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا ئورۇن بېرىلگەن «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى»دە، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ياشاش شەكلىنى تاللاش، خىزمەت تېپىش ۋە تەلىم – تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى تەكىتلىنىدۇ.

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى»گە كۆرە، ئاساسلىق ھەق – ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە شەرەپ بىلەن ياشاش ھوقۇقى ئىقتىسادىي، مەدەنىي ياكى سىياسىي سىستېمىغا قارىماستىن ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. دۆلەتلەرمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مەسئۇلدۇر.

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى» تارىختىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ بىرى بولدى؛ يەنى 375 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە تەرجىمە قىلىش داۋاملاشماقتا.

ب د ت، خىتابنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومېسسارلىقىنى قۇرۇپ چىقتى، كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدىغان ۋىيېننا خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى.

لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاينىڭ قارىشىچە، بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە سەزگۈر ئەمەس.

پىللاي، كۆپلىگەن ئەللەردە ھېلىھەم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىش سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاشنىڭ خۇسۇسىيلار ھوقۇقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن پىللاي، بۇنىڭ ئەركىن جەمئىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا سەھنىدە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى»دىن باشقا، «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى»دىن تارتىپ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى سوتلىنىدىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگىچە كۆپ ساندا قانۇنىي ھۆججەت ۋە ئورگان بار.

كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئازايتىلىشى ئۈچۈن، ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، بۇ نۇقتىدا ھوشيارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:37:28

ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى





پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن!

ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھقا ئاللاھنىڭ سالام ۋە رەھمىتى بولسۇن!

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارغا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» (سۈرە ھۇجۇرات 13 ئايەت)



ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پۈتۈن نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان، ئۇنى ھۆرمەتلىك قىلغان، ئۇنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار قىلغان، ئۇنى زېمىننى ئىسلاھ قىلىپ گۈللەندۈرۈشكە ۋەكىل قىلغان، ئۇنىڭغا ئىلاھىي تەكلىپ ئامانىتىنى يۈكلىگەن ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۇرۇپ؛

ئاللاھ تائالا ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئالەملەرگە رەھمەت، قۇل قىلىنغانلارنى قۇتقۇزغۇچى، تاغۇتلار ۋە خۇدالىق دەۋاسى قىلغۇچىلارنىڭ نەيرەڭلىرىنى پاش قىلغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن، بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا باراۋەرلىك ئېلان قىلغان، ئىنسانلارنى پەقەت تەقۋا بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئارتۇق قىلغان ۋە ئاللاھ بىر جاندىن ياراتقان ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە دۈشمەنلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنى تەستىقلاپ؛

ئىسلام ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىنسانلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك قىلماسلىققا، ئاللاھنى قويۇپ بەزىسى بەزىسىنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىققا چاقىرغان؛ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرمىتىنىڭ ھەقىقىي ئاساسىنى بېكىتكەن ۋە ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن ئازات قىلىشنى ئېلان قىلغان خالىس تەۋھىد ئەقىدىسىگە مەھكەم ئەگىشىپ؛

دىننى، جاننى، ئەقىلنى، مالنى، ئىپپەتنى ۋە نەسلىنى قوغداشنى پەرز قىلغان، پۈتۈن ھۆكۈم ۋە پوزىتسىيىلىرىدە ئوتتۇراھال ۋە ئالەمشۇمۇل بولغان؛ روھ بىلەن ماددىنى، ئەقىل بىلەن قەلبنى بىرلەشتۈرگەن، ئىدېئالىزم بىلەن رېئالىزمنى بىرلەشتۈرگەن، غايىچىلىك بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقنى بىرلەشتۈرگەن، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان، شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بىلەن ئاممىۋىي مەنپەئەت ئارىسىنى كېلىشتۈرگەن، بىر-بىرىگە قارشى گۇرۇھلارنىڭ ھېچقايسىسىنى زىيانغا ئۇچراتماستىن ۋە تاجاۋۇز قىلدۈرماستىن، ئۇلار ئارىسىدا ئادىللىق ئۆلچەملىرىنى قۇرغان، مەڭگۈلۈك ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بارلىق ھۆكۈملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ؛

ئىنسانلارغا دۇنياۋى ھەققانىيەت مەدەنىيىتىنى مىراس قالدۇرغان، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرگەن، ئىلىم بىلەن ئىماننى بىرلەشتۈرگەن، بۈگۈن ھەم بۇ ئۈممەتنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئېقىملار ۋە داۋالغۇشلار ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغان ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە يېتەكلىشى ھەمدە پەقەت ماددا بىلەنلا ئورالغان مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك مۈشكۈللەرنى ھەل قىلىشى ئۈمىد قىلىنغان ۋە ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى ئۈممەت قىلغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتتىكى رولىنى تەكىتلەپ؛

ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تەئەللۇق پائالىيەتلىرىگە، ئىنسانلارنى ھەر تۈرلۈك ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇملاردىن قوغداشنى نىشان قىلغان، ئىسلام شەرىئىتىگە مۇۋاپىق ئىززەت-ئابرۇيلۇق ھايات كەچۈرۈشتىكى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغان ھالدا تۆھپە قوشۇپ؛

ماددىي ئىلىملەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ھېلىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئىمانى كۈچكە ۋە ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىچكى تۈرتكىگە ئاساسلىنىشقا قاتتىق موھتاج ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھالدا؛

ئىسلامدىكى ئومۇمىي ئەركىنلىك ۋە ئاساسىي ھوقۇقلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدىن بىر پارچە بولۇپ، ئۇنى تەلتۆكۈس ياكى بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھېچكىمنىڭ قادىر بولالمايدىغانلىقىغا، ۋە ئاللاھ ساماۋى پەيغەمبەرلىكنى ئاياغلاشتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىگەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئىبادەت، سەل قاراش ياكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىش دىنغا ئىنكار قىلغانلىق بولىدىغان، ھەر بىر كىشى ئۆزى يالغۇز ۋە ئۈممەت بىرلىكتە ئۇنىڭدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئىلاھىي تەكلىپ بولغان ھۆكۈملەرنى بىلمەسكە سېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەر تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئېلان قىلىدۇ:



بىرىنچى ماددا:

(1) پۈتۈن ئىنسانلار بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرىدۇر، ئۇلارنى بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقى بىرلەشتۈرىدۇ، ئىنسانلار ئىنسانىي ئىززەت-ئابرۈيدا، تەكلىپ ۋە مەسئۇلىيەتتە باراۋەردۇر، ئۇلار ئىرقى، رەڭگى، تىلى، جىنسى، دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ۋە باشقا ئېتىبارلار سەۋەبى بىلەن پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ، توغرا ئەقىدە ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(2) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغىنى ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ئەڭ پايدىلىق بولغانلاردۇر، ئىنسانلار پەقەت تەقۋا ۋە ئەمەلى-سالىھ بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئەۋزەل بولىدۇ.



ئىككىنچى ماددا:

(1) ھايات ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتىدۇر، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش ھەققى، ھەر بىر كىشى، جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەر بۇ ھەقنى ھەر تۈرلۈك تاجاۋۇزدىن قوغدىشى كېرەك، شەرئى سەۋەب بولماستىن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ.

(2) ئىنسانلارنى قىسمەن ياكى كوللېكتىپ شەكىلدە ئۆلتۇرىدىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ھارام قىلىنىدۇ.

(3) ئىنسانلار ھاياتىنى ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئاسراش شەرئى مەجبۇرىيەتتۇر. شەرئى سەۋەب بولماستىن بالىنى ئالدۇرىۋېتىش جايىز بولمايدۇ. توي قىلىش، نەسىل قالدۇرۇش ۋە تۇغۇش قاتارلىق ئىشلارنى زۆرۈرىيەتسىز پۈتۈنلەي چەكلەشكە بولمايدۇ.

(4) مېيىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش لازىم. ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، شەرئى دەلىل-ئىسپات بولماستىن مېيىتنى پارچىلاش ھارام بولىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا كېپىل بولۇشى ۋاجىبدۇر.



ئۈچىنچى ماددا:

(1) قوراللىق توقۇنۇش ياكى ئۇرۇش ھالىتىدە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان قېرى كىشى، كىچىك بالا ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، كېسەل ۋە يارىدارلارنىڭ داۋالىنىش ھوقۇقى بار، ئەسىرلەرنىڭ يېيىش، ئىچىش ۋە كىيىش ھوقۇقى بار، ئۆلۈكلەرنى پارچىلاش ھارام. ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇرۇش ئايرىۋەتكەن ئائىلىلەر بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

(2) دۈشمەننىڭ دەرەخلىرىنى كېسىش، زىرائەت ۋە ھايۋانلىرىنى ھالاك قىلىشقا بولمايدۇ. ۋە يەنە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە زاۋۇتلىرىنى، جىددى شەرئى زۆرۈرىيەت بولماستىن، بومباردىمان قىلىش ياكى پارتىلىتىش ئارقىلىق ۋەيران قىلىشقا بولمايدۇ.



تۆتىنچى ماددا:

ھەر بىر ئىنساننىڭ ھۆرمىتى بار، ھاياتىدىمۇ ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش ھوقۇقى بار، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۇنىڭ جەسىتىنى ۋە قەبرىسىنى قوغدىشى لازىم.



بەشىنچى ماددا:

(1) ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر، ئائىلىنىڭ ئاساسى-توي قىلىشتۇر، ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆزى خالىغان كىشى بىلەن توي قىلىش ھوقۇقى بار، ئىرقى، رەڭگى ياكى گراژدانلىقىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى توسۇشقا بولمايدۇ.

(2) دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ توي قىلىش ئالدىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىشى، توي قىلىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇشى، ئائىلىنى قوغدىشى لازىم.



ئالتىنچى ماددا:

(1) ئاياللار ئىنسانلىق ئىززەت-ئابرۈيدا ئەرلەر بىلەن باراۋەردۇر، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى بولغاندەك ھوقۇقلىرى بار، ئۇلارنىڭ مەدەنىي كىشىلىكى، ئۆز ئالدىغا مال-مۈلۈك تۇتۇش، ئۆز ئىسمىنى ۋە نەسەبىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بار.

(2) ئائىلىنىڭ نەپىقىسىنى كۆتۈرۈش ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.



يەتتىنچى ماددا:

(1) ھەر بىر بالىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ ئاتا-ئانىسى، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئۈستىدە بېقىش، تەربىيىلەش، ماددىي، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ھوقۇقى بار، شۇنىڭدەك، ھامىلە ئاياللارنى ۋە قورسىقىدىكى بوۋاقنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋاجىپ بولىدۇ.

(2) ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولغانلار ئەۋلادىغا بېرىدىغان تەربىيە تۈرىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە. تەربىيىنى تاللاشتا شەرىئەت ھۆكمى ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئەۋلادىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە كەلگۈسىنى كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋاجىپ .

(3) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭمۇ شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق بىر-بىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار.



سەككىزىنچى ماددا:

ھەر بىر ئىنساننىڭ گراژدانلىق ھوقۇقى بار. ئۇنى بۇ ھوقۇقىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.



توققۇزىنچى ماددا:

ھەر بىر ئىنسان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتە شەرئى سالاھىيەتكە ئىگە، ئەگەر سالاھىيىتى يوقالسا ياكى كېمەيسە، ۋارىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.



ئونىنچى ماددا:

(1) ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر، تەلىم-تەربىيە جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر، شۇڭا دۆلەتنىڭ تەلىم-تەربىيە يولىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەر تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى تونۇشىغا، كائىناتنىڭ ھەقىقەت ۋە سىرلىرىنى ئېچىپ ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

(2) تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرى بولغان ئائىلە، مەكتەپ، ئۇنىۋىرسىتىت، ئاخبارات ساھەلىرى ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ ئۈستىدە ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى ئۆستۈرىدىغان، ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى كۈچەيتىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەپ قوغدايدىغان پروگراممىلار ئارقىلىق ئىنسانلارنى دىنىي، دۇنياۋى جەھەتتە تەكشى ۋە تولۇق تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ ئۇلار ئۈستىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەققىدۇر.



ئون بىرىنچى ماددا:

ئىنساننىڭ ئىسلامغا كىرىشى تەبىئىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەر قانداق بىر ۋاستىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، بىر كىشىنىڭ دىنىنى باشقا دىنغا ياكى دىنسىزلىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاجىزلىقى، كەمبەغەللىكى ۋە بىلىمسىزلىكىدىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.



ئون ئىككىنچى ماددا:

(1) ئىنسان ھۆر تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ھېچقانداق كىشىنىڭ قۇل قىلىش، ئېزىش، خارلاش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ھوقۇقى يوق، ئاللاھدىن باشقىغا قۇللۇق قىلىنمايدۇ.

(2) ھەر تۈرلۈك بېسىۋېلىش ۋە ئىستېلا قىلىش قەتئىي ھارام قىلىنىدۇ، ئىستېلا قىلىش-ئىنسانلارنى ۋەھشىيلەرچە قۇل قىلىشنىڭ بىر تۇرىدۇر. ئىستېلا ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار.

(3) ئىشغال ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ھەر خىل ئىشغال ۋە ئىستېلادىن قۇتۇلۇش يولىدىكى كۈرىشىگە بارلىق دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا ۋە تەبىئىي بايلىقىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار.



ئون ئۈچىنچى ماددا:

ھەر بىر ئىنسان شەرىئەت دائىرىسىدە مەملىكىتى ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرۈش-تۈرۈش ۋە تۇرىدىغان جايىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەمدە بېسىمغا ئۇچرىغاندا باشقا دۆلەتتىن باشپاناھلىق تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار، باشپاناھلىق تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىش بولمىسا، پاناھلىق تەلەپ قىلىنغان دۆلەت ئۇ كىشىنى خاتىرجەم بىر يەرگە ئورۇنلاشقۇچىلىك قوغدىشى لازىم.



ئون تۆتىنچى ماددا:

ئىشلەش ھەممە كىشىنىڭ ھەققى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشلەشكە كۈچى يېتىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋە جەمئىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۆزىگە لايىق ئىش تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى ۋە سالامەتلىكىكە ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىشچىلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا سېلىش، مەجبۇرلاش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ياكى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىغا لايىق ئادىل ھەق ئېلىش ھەمدە كېچىكتۈرمەستىن ئېلىش ھوقۇقى بار، ئۇلارنىڭ لايىق بولغان مەنسەپكە ئۆسۈش، ئىش ھەققىنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقى بار، ئىشچىلار ئىخلاس بىلەن پۇختا ئىشلىشى كېرەك. ئەگەر ئىشچىلار بىلەن ئىش ئىگىلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ چىقسا، دۆلەت بىتەرەپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادالەت بىلەن تۈزىشى ۋە ناھەقچىلىكنى يوقۇتۇپ ھەقنى بەرپا قىلىشى كېرەك.



ئون بەشىنچى ماددا:

ھەر بىر ئىنساننىڭ بېسىمدارلىق قىلماستىن، ساختىپەزلىك قىلماستىن، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زىيان ئۇرماستىن قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش ھوقۇقى بار.



ئون ئالتىنچى ماددا:

(1) ھەر بىر ئىنساننىڭ شەرئى يول بىلەن (شەخسىي ياكى باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ) مال مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار. ھەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان ئۇرماستىن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان تەقدىردە ھېچقانداق كىشىنىڭ مۈلكى تارتىپ ئېلىنمايدۇ، ئەگەر ئېلىش زۆرۈر تېپىلسا ئادالەت بىلەن بەدىلىنى نەق تۆلەپ بېرىپ ئېلىنىدۇ.

(2) قانۇنىي ئىسپات بولمىغان ھەر قانداق ئەھۋالدا مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇنى تارتىۋېلىش ھارام بولىدۇ.



ئون يەتتىنچى ماددا:

ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي، سانائەت ۋە تېخنىكا جەھەتتە ياراتقان ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار ھەم بۇنىڭغا ھەسسە قوشقان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئەدەبىي مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مالىيە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ھوقۇقى بار، بۇ ئىجادىيەتلەرنىڭ شەرىئەت ھۆكمىگە ۋە ئەخلاقىي قىممەتلەرگە زىت كەلمەسلىكى شەرت.



ئون سەككىزىنچى ماددا:

(1) ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇزۇقچىلىقتىن، ئەخلاقىي رەزىللكتىن پاك، مەنىۋى كىشىلىكىنى بەرپا قىلىشقا ئىمكانىيەت بولغان مۇھىتتا ياشاش ھوقۇقى بار. جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا بۇ ھەققىدىن پايدىلىنىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىشى لازىم.

(2) ھەر بىر ئىنساننىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدىن ھەم موھتاج بولغان ئاممىۋى ياردەملەرنىڭ ھەممىسىدىن مۇمكىن بولغان مىقداردا پايدىلىنىش ھوقۇقى بار.

(3) دۆلەت ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ھوقۇق يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي، تەلىم-تەربىيە، داۋالىنىش ۋە باشقا ئاساسلىق ھاجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



ئون توققۇزىنچى ماددا:

(1) ئىنسانلار شەرىئەت ئالدىدا باراۋەر، ھاكىم ۋە مەھكۇم ئوخشاش.

(2) بارلىق ئىنساننىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئېلىنغان.

(سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھەر بىر ئىنساننىڭ ھوقۇقى.)

(1) ھەر بىر ئىنساننىڭ جېنى، مېلى، دىنى، ئائىلىسى ۋە ئىپپىتىنى ھەر قانداق دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراشتىن قوغداپ خاتىرجەم ياشاش ھوقۇقى بار.

(2) ئىنسان ئۆز ئۆيى، ئائىلىسى، مال-مۈلكى ۋە خەت ئالاقىسى قاتارلىق شەخسى ھاياتىدا مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بار، جاسۇسلۇق قىلىشقا، ئۇنى ماراشقا، ئۇنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دۆلەت ئۇنىڭ ئىشلىرىغا باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئارىلىشىپ كاشىلا قىلىشىدىن قوغدىشى لازىم. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

(3) ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆينىڭ ھۆرمىتى بار، ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيگە كىرىش ياكى قانۇنسىز يول بىلەن كىرىشكە بولمايدۇ. ئۆينى چېقىش ياكى مۇسادىرە قىلىش ياكى ئۆيدىكىلەرنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بولمايدۇ.



يىگىرمىنچى ماددا:

(1) جاۋابكارلىق شەخسىي بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ قانۇن تېكىستىگە ئاساسلانماي تۇرۇپ جىنايەت ۋە جازا بەلگىلەشكە بولمايدۇ.

(2) جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەر قانداق ئادەم جىنايىتى ئىسپانلانغىچە گۇناھسىزدۇر. سوت مەھكىمىسى ئادىللىق بىلەن ئۇنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

(3) ھەر قانداق شەكىلدە ۋە ھەر قانداق مەقسەت بىلەن ئىنساننى گۆرۈگە ئېلىش ھارامدۇر.



يىگىرمە بىرىنچى ماددا:

ھېچقانداق بىر ئىنساننى قانۇنسىز قولغا ئېلىش، ئەركىنلىكىنى چەكلەش، سۈرگۈن قىلىش ياكى جازالاشقا بولمايدۇ، ھېچقانداق ئىنساننى جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن ئازابلاشقا بولمايدۇ، ئىنسانغا ئۇنى خارلايدىغان، يۈزىنى تۆكىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھېچقانداق ئىنساننى ئۆز رازىلىقسىز تېببىي ياكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە زورلاشقا بولمايدۇ، ئۆز رازىلىقى بولغاندىمۇ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى ھالاكەتكە ئۇچراتماسلىق شەرت. شۇنداقلا يەنە ئىجرائىيە ئورگانلىرىغا بۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغان ئالاھىدە قانۇنلارنى تۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.



يىگىرمە ئىككىنچى ماددا:

(1) ھەر قانداق ئىنساننىڭ شەرىئەت پرىنسىپىغا زىت كەلمەيدىغان شەكىلدە بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش ھوقۇقى بار.

(2) ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا دىنغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ھوقۇقى بار. ئۇ بۇ ئىشلارنى باشقا شەخسلەر ۋە جامائەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق. دۆلەت ۋە جەمئىيەت بۇ ھەقتە يېتەرلىك ياردەم ۋە ھىمايە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

(3) ئاخبارات كەم بولسا بولمايدىغان جەمئىيەتنىڭ ھاياتىدۇر، ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، گۈزەل ئەخلاققا دەخلى يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەتنى بۆلگۈنچىلىككە، پارچىلىنىشقا ۋە زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ۋە ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ھارام بولىدۇ.

(4) ئىرقى ئايرىمچىلىق ۋە مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللىي كەمسىتىشكە ئېلىپ بارىدىغان قۇتراتقۇلۇقلار چەكلىنىدۇ.



يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا:

(1) ئىنساننىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆر بولىشى زۆرۈر. مەنسەپ بىر ئامانەتتۇر، مەنسەپتىن پايدىلىنىپ ئىستىبداتلىق قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش قەتئىي ھارام قىلىنىدۇ.

(2) ھەر بىر ئىنسان ئۆز مەملىكىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتە ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئاممىۋى خىزمەتلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار.



يىگىرمە تۆتىنچى ماددا:

بۇ باياننامىدا بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇق ۋە ھۆرىيەتلەر ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە باغلىقتۇر.



يىگىرمە بەشىنچى ماددا:

بۇ باياننامىنىڭ ھەر بىر ماددىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاشتا بىردىنبىر مەنبە-ئىسلام شەرىئىتىدۇر.

ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر بۇ باياننامىدە بەلگىلەنگەن ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاشقا ئالاقىدار بارلىق ئىجرائىيە خىزمەتلىرىنى ئۆتەيدۇ.



بۇ باياننامە 1990-يىلى 5-ئاۋغۇست قاھىرەدە ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇلئەھەد ھاپىز تەرجىمىسى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:38:42

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى





سۆز بېشى:

ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىززەت-ھۆرمىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باراۋەر ۋە تەۋرەنمەس ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئەركىنلىك، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قاراش ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى بۇلغايدىغان ياۋۇز زوراۋانغا ئايلانغانلىقى، ھەممە ئادەم سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ھەمدە ۋەھىمە ۋە نامراتلىقتىن خالىي بولىدىغان دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئالىي ئارزۇسى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئۈستىدە ئىسيان كۆتۈرىمىز دەپ تەۋەككۈلگە ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى بىلەن قوغداش زۆرۈر بولغانلىقى، دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر خارتىيىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتى، شۇنىڭدەك ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەقىدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە بىر قەدەر چوڭ ئەركىنلىك ئاساسىدا جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ ئومۇميۈزلىك ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكى، ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنىڭ شۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاچقا، يىغىن ھازىر بارلىق خەلق ۋە بارلىق دۆلەت تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە مۇشۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتنىڭ مۇشۇ خىتابنامىنى ھەر دائىم ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەلىم ۋە تەربىيە ئارقىلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ھۆرمەتلىنىشىنى تىرىشىپ ئالغا سۈرۈشى ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقارانىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى خەلق ئارىسىدا، شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى زېمىنىدا ياشايدىغان خەلق ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

1-ماددا:

ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

2-ماددا:

ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە، ئۇلار ئىرقى، رەڭگى، جىنسى، تىلى، دىنى، سىياسىي قارىشى ياكى باشقا قارىشى، دۆلەت تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى، مۈلكى، تۇغۇلۇشى ياكى باشقا سالاھىيىتى جەھەتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم ئۆزى تەۋە دۆلەت ياكى زېمىننىڭ سىياسىي، مەمۇرىي ياكى خەلقئارا ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىل زېمىن، ۋەكالىتەن باشقۇرۇلۇۋاتقان زېمىن، ئاپتونومىيەسىز زېمىن ياكى باشقا ھەر قانداق ئىگىلىك ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ھالەتتىكى زېمىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

3-ماددا:

ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن، ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

4-ماددا:

ھەر قانداق ئادەمنى قۇل قىلىشقا ياكى قۇل قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى قۇللۇق تۈزۈمنىمۇ، قۇللارنى ئېلىپ-سېتىشنىمۇ مەنى قىلىش كېرەك.

5-ماددا:

ھەر قانداق ئادەمنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىيناشقا ياكى ۋەھشىي، ئىنسانىيەتسىز ياكى ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ياكى جازاغا دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ.

6-ماددا:

ھەممە ئادەم ھەر قانداق جايدا قانۇن ئالدىدىكى كىشىلىك ئىززىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

7-ماددا:

ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ھەمدە قىلچە كەمسىتىلمەي، قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىگە خىلاپ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن ۋە مۇشۇنداق كەمسىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق قىلمىشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باراۋەر قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

8-ماددا:

ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلار بەخش ئەتكەن ئاساسىي ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، لاياقەتلىك دۆلەت سوتى ئارقىلىق بۇنداق زىيانكەشلىك ھەرىكىتىدىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.

9-ماددا:

ھەر قانداق فدەمنى ھەر قانداق شەكىلدە قولغا ئېلىشقا، نەزەربەنت قىلىشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ.

10-ماددا:

ھەممە ئادەم مۇستەقىل ھەم خالىس سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوراق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەمدە ئۆزىگە قويۇلغان ھەر قانداق جىنايى ئەيىبنى ئېنىقلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي تەڭ ھوقۇقلۇق.

11-ماددا:

‹1› جىنايى ئىشلار بىلەن ئەرز قىلىنغانلىكى ئادەم ئاقلاش جەھەتتە لازىملىق بارلىق كاپالەتكە ئېرىشكەن ئاشكارا سوتتا جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە دەلىللەنگىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق قىلمىشى ياكى قىلمىشسىزلىقى سادىر بولغان ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. جىنايى جازا جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تەتبىق قىلىنىدىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىكىدىن ئېغىرلىتىۋېتىلسە بولمايدۇ.

12-ماددا:

ھەر قانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، ئائىلىسىگە تۇرالغۇ جايىغا ۋە خەت-ئالاقىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ شەنى ۋە شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئارىلىشىشتىن ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

13-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ئەركىن كۆچۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەممە ئادەم ھەر قانداق دۆلەتتىن كېتىشكە، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق.

14-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەردە پاناھ تىلەشكە ۋە پاناھلىنىشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەقىقەتەن غەيرىي سىياسىي جىنايەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پرىنسىپىغا خىلاپ قىلمىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

15-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەر قانداق ئادەمنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

16-ماددا:

‹1› ياش قورامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللار ئىرق، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىن ھەر قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي، تويلىشىشقا ۋە ئۆي تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق . ئۇلار نىكاھ جەھەتتە، توي قىلغان مەزگىلدە ۋە نىكاھ توختىمى بىكار قىلىنغاندا، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك.

‹2› ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىشى ۋە تامامەن ماقۇل بولۇشى ئارقىسىدىلا توي قىلىشقا بولىدۇ.

‹3› ئائىلە--تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىك، ئۇ جەمىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك.

17-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەمنىڭ مۈلۈككە ئوڭچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى، شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.

‹2› ھەر قانداق ئادەمنى مال-مۈلكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

18-ماددا:

ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى، ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە.

بۇ ھوقۇق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئەقىدە، ئەمەلىيەت، ناماز-ئىبادەت ۋە ئەمرى-مەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم، ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19-ماددا:

ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

بۇ ھوقۇق مۇداخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇچۇر ھەم پىكىرلەرنى ھەر قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

20-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم تىنچ يول بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەر قانداق ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ.

21-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىش ياكى ئۆزى ئەركىن تاللىغان ۋەكىلى ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

‹2› ھەممە ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا باراۋەر پۇرسەت بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

‹3› خەلقنىڭ ئىرادىسى – ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى، بۇ ئىرادە قەرەللىك ۋە ھەقىقىي سايلام بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك، سايلام ئومۇميۈزلۈك ۋە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئاساسلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئوبدانلا ئەركىن ئاۋاز بېرىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

22-ماددا:

ھەر بىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەر خىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى ۋە بايلىق ئەھۋالى بويىچە بولىدۇ.

23-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم ئىشلەشكە، ئەركىن كەسىپ تاللاشقا، ئادىل ۋە مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىشسىز قېلىشتىن ساقلىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەممە ئادەم ھەر قانداق شەكىلدە كەمسىتىلمەي، ئوخشاش ئىش ئۈچۈن ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

‹3› ئىشلىگەن ئادەمنىڭ ھەر بىرى ئادىل ۋە مۇۋاپىق ھەقتىن بەھرىمەن بولۇشقا، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇنىڭغا باشقا ئىجتىمائىي كاپالەتنى قوشۇمچە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

‹4› ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

24-ماددا:

ھەممە ئادەم دەم ئېلىش ۋە بىكار يۈرۈش ھوقۇقىدىن، ئىش ۋاقتىنىڭ چېكىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەمدە قەرەللىك، مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

25-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن، جۈملىدىن يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىشتىن ۋە زۆرۈر ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىشسىز بولۇپ قالغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا، مەجرۇھ بولۇپ قالغاندا، تۇل قالغاندا، قېرىغاندا ياكى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان باشقا ئەھۋال بىلەن تىرىكچىلىك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ئانىلار ۋە بالىلار ئالاھىدە ئېتىباردىن ۋە ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بارلىق بالىلار نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغىنىغا قارىماي، ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھاپىزەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك.

26-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، بىلىم ئېلىش ھەقسىز بولۇشى كېرەك ، ھېچ بولمىغاندا، باشلانغۇچتا ۋە ئاساسىي باسقۇچتا شۇنداق بولۇشى كېرەك. باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدا بولۇشى كېرەك، تېخنىكا مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى ئومۇميۈزلىك تەسىس قىلىش كېرەك، ئالىي مائارىپنىڭ ئىشىكىنى نەتىجىگە قاراپ بارلىق كىشىلەرگە تەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك.

‹2› مائارىپنىڭ مەقسىتى – ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمىتىنى كۈچەيتىش. مائارىپ ھەر قايسى دۆلەتلەر، ئىرقلار ياكى ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلار ئارا چۈشىنىشنى، يول قويۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

‹3› ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىم تۈرلىرىنى ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

27-ماددا:

1) ھەممە ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئەركىن قاتنىشىپ، سەنئەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پاراۋانلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

2) ھەممە ئادەم ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىلمىي، بەدىي ئەسەرلەردىن ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھاسىل بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بىلەن، قوغدىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

28-ماددا:

ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تولۇق رېئاللىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا تەرتىپنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

29-ماددا:

‹1› ھەممە ئادەم جەمئىيەت ئالدىدا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ خاسلىقى جەمىيەت ئىچىدىلا ئەركىن ۋە تولۇق راۋاج تاپالايدۇ.

‹2› ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگىلا ئۇچرايدۇ.

بۇنداق چەكلىمىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر مەقسەت – باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دېموكراتىك جەمئىيەتتە ئەخلاق، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش.

‹3› ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى يۈرگۈزگەندە، ھەر قانداق ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

30-ماددا:

بۇ خىتابنامىنىڭ ھەر قانداق بىر ماددىسىنى ھەر قانداق دۆلەت، گۇرۇھ ياكى شەخس مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھەر قانداق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بۇزۇش مەقسىتىدىكى پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق دەپ سۈكۈت قىلىدىغان مەنىدە چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:40:25

كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش--سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىدۇر



ئاپتور: ئابلىكىم ئالاۋۇدۇن





پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش پۇقرالار بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە پۇقرا بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش−مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنى ھەم پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

دۇنيا تارىخىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قانۇن 1215-يىلى ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيادىكى 140تىن ئارتۇق دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بېكىتكەن. 1948-يىلى12-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نى ماقۇللىغان. 1966-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغان. شۇندىن ئېتىبارەن خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ۋە ئەھدنىنامىلەر داۋاملىق مەيدانغا كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ.

ئېلىمىزدە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇن «كىشىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمى تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغان نەرسە ھېسابلىناتتى. پارتىيە 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لاھىيىسى ۋەكىللەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ، بۇ ئۇقۇم تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە، ئېلىمىزدە بۇ ساھەدىكى تەتقىلاتلار باشلاندى. 2005-يىلىغا قەدەر دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئىمزالاشقان كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرىنىڭ سانى20 نەچچىگە يەتتى. بۇنداق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش--خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق سەھنىسىدە جۇڭگونىڭ ئاكتىپ رول ئويناش ھەققىدىكى ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى دۇنيا ئەھلىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىغانلىقىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ۋە يېڭىدىن مەيدانغا چىقىرىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار ماددىلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.



«كىشىلىك ھوقۇق» دېگىنىمىز--ئادەملەرنىڭ جەمئىيەتتە ئۆز ماھىيىتىگە خاس تىرىكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى ۋە تەرەققىي قىلىش ئەركىنلىكىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشقا قارىتىلغان. بۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.

«كىشىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمىنىڭ مەنتىقىسى بىلەن «ھوقۇق-ئىمتىياز»، «قانۇنىي ھوقۇق» ھەم «پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى» دېگەنلەر ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرق بار. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ.

بىرىنچىدىن، ھوقۇق بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز رىياللىقىغا ئاساسەن مەلۇم ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى شۇغۇللانماسلىق ئىختىيارلىقى تاللاشنىڭ كۆرسىتىدۇ. مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى، ئەدەپ-ئەخلاق ھوقۇقى، ئادەت ھوقۇقى ۋە قانۇنىي ھوقۇق دېگەنلەر بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرى ھېسابلىنىدۇ. قانۇنىي ھوقۇق بولسا دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇق بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىۋاتقان ھوقۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھوقۇق شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى، «كىشىلىك ھوقۇق» بىلەن «پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى»دا پەرق بار. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ. پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى بولسا دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە شەخسنىڭ بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق بولسا شەخسنىڭ ئۆز ماھىيىتىگە يارىشا جەمئىيەتتە تەرەققىي قىلىش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئىختىيار ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشقا قارىتىلغان. شۇڭا، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ چەك- چېگرىسىمۇ بىرقەدەر كەڭ. ئۇ، قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان ھوقۇقلاردىن باشقا مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى، ئەدەپ-ئەخلاق ھوقۇقى، ئادەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ھەم شەخس تەۋە بولۇپ تۇرىۋاتقان قەۋم ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە خەلقئارالىق خارەكتىرگىمۇ ئىگە. پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەممە دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بار. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەزمۇنى بولسا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇنلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، بۇ دۆلەت ئىمزالاشقان خەلقئارالىق ئەھدىمانىلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن چەك- چېگرالاردىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى بولسا بىر ئەلنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ئۇنىڭ بېكىتىلىشى بەك كونكىرت بولىدۇ ھەم نۇرغۇنلىغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەردىن ھاسىل بولغان مۇكەممەل قانۇنىي سىستىما ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ھوقۇق-ئىمتىياز، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي ھوقۇق، پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى دېگەنلەر ئۆز ئارا بىقىنىدىلىق مۇناسىۋەتتىكى بىر بىرىگە مەنسۇپ بولغان ئۇقۇملاردۇر.



كىشىلىك ھوقۇق ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ياشاش ئۇسۇلىنى تاللاش ئختىيارلىقىنىڭ چېكىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇنى بىر خىل ھوقۇقتىن ئىبارەت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل قاراش ئاسانلا مۇھىت ۋە ھايۋانات قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار: «ھوقۇق پەقەت ئىنسانلارنى ئاساس قىلغان تەپەكەككۇرنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئەمىلىيەتتە، ئادەمدىن باشقا، پۈتۈن ئالەممۇ ئوخشاشلا قوغدىلىشقا مۇھتاج» دەپ قارايدۇ. مەيلى ئۇلار قانداق قارىسۇن، بۇنداق قاراشلارنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، مۇھىتنى قوغداش، ئېكىلوگىيە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش دېگەنلەرنىڭ ئاداققى روھى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق دېگنىمىز--ئادەمنىڭ ھوقۇقى. ئادەمنىڭ «ئادەم» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب--ئۇنىڭدا ئىدراك ۋە ئىجتىمائىيلىقنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بۇ تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ قەدىر- قىممىتى، ئىجتىمائىي ئورنى دېگەنلەر بىلەن زىچ باغلانغان. بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئۇنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىيياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەت ئۆز قوينىغا ئالمىغان، كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان، قىممەت- ئىتىبارى يوق ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئىنتايىن مۇشكىل بىر ئىش. «كىشىلىك ھوقۇق»− دەل مۇشۇنداق ئادەمنى ئادەملىك سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭ قىممەت ئېتىبارىنى قوغدايدىغان ھوقۇقتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بىز تىلغا ئېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دائىرىسىنى تەپسىلى تۈرلەرگە ئايرىشقا توغرا كەلسە، ئۇ−دېھقانلارنىڭ ھوقۇقى، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇقى، ئىشلەمچىنىڭ ھوقۇقى، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، بالىلارنىڭ ھوقۇقى، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇقى، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقى، ھەر خىل ئاپەتكە ئۇچىراۋاتقانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك تۇرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، پۇقرالاردىكى «ئاساسلىق ھوقۇق» دېگەنلەر «كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. پۇقرالارنىڭ «ئاساسلىق ھوقۇقى»نىڭ قوغدىلىشى ئەمىلىيەتتە «كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ قوغدىلىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىكنىڭ ئۆزى پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر.



دۆلىتىمىز پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ ھەقتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپتىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى. ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى دېقانلاردىن ئىبارەت. دېھقان يۇكىنىڭ ئېغىر، كېرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە بىر قىسىم جايلاردىكى دېھقانلار بىلەن يېزا- كەنت تەشكىلى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى دېگەنلەر خېلى يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى كۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئاساسلىق مەسلىلەردۇر. شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېزا بىلەن شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۈزۈلمە جەھەتلەردىكى پەرقمۇ چوڭىيىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىسلاھات قىزغىنلىقىنى سوۋىدى. بۇنداق باۋارەرسىز تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدە، ھەرقايسى جايلار ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ھۇقۇق-ئىمتىيازلىرىدىن (ئىقتىسادى ھوقۇقى، تەربىيىلىنىش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش ھوقۇقى، پەن- مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى) بەھرىمان بولۇشى جەھەتتە زور پەرقلەر كېلىپ چىققىتى. بۇنداق پەرق ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىدە بەكىرەك گەۋدىلەندى.

ئىككىنچى، جەمئىيەتتىكى ئاجىز- ئاۋارە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسى. جەمئىيەتتە ھازىر ، نامرات رايونلاردىكى نامرات دېھقان-چارۋىچىلار، شەھەرلەردىكى ئىشسىزلار، تۆۋەن كاپالەتلەندۈرۈشتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار، تىلەمچىلەر، زەھەر چەككۈچىلەر، ئىسلاھات ۋە ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە مەنپەئەتى چەتكە قېقىلىۋاتقانلار، مېيىپلار، ئىگە-چاقىسى يوق يېتىم-يىسىرلار، ياشانغانلار، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسلىلەر بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا. بۇ مەسىلىلەر دەل ۋاقتىدا، دۇرۇس يوللار بىلەن ھەل قىلىنماسلىقى تۈپەلىدىن، ئاخىرىدا ئۇ، جەمئىيەت ۋە رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەھدىد يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىللارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچى، چىرىكلىك مەسىلىسى. چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشى− ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىمىزدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىمىزنىڭ تېخى مۇكەممەللىشىپ، سىستېمىلىشىپ بوللالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سەپەرۋەر قىلىنغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ چېرىكلىك مەسىلىسى يوقالماي ئەكسىچە بارغانسىرى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. چېرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇز قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دۇكىلاتىدىن قارىغاندا، خەلق ئاممىسى بىناكارلىق ئورۇنلىرى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى، داۋالاش تارماقلىرى قاتارلىقلار ساھەلەرنى ئاساسلىق چىرىكلىك بازىسى،دەپ قارايدىكەن. چېرىكلىك ئەۋج ئالسا جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ نورمال تىرىكچىلىكىگە تەسىر قىلىپلا قالماي يەنە دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

تۆتىنچى، مەمۇرىيەت ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر. مەمۇرىيەت ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى سىياسەت ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تارقاق بولۇشى، كەسىپ سۇبيېكىتلىرىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، قانۇن ئىجرا قىلىش مۇددىئاسىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن باغلىنىپ قېلىشى، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىك ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. ئاۋامنىڭ نارازىلىقى ئۇلارنىڭ «ئاساسلىق ھوقۇق-مەنپەئەتكە دەز كېتىۋاتقانلىق»ىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بەشىنچى، ئەدلىيىدىكى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسى. ئەدلىيە ساھەسىگە قارايدىغان بولساق، ئەدلىيە خىزمىتىدە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىش بىلەن ئەدلىيىنىڭ مۇستەققىللىقى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى دۇرۇس ھەل قىلىش، يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئاپىراتلىرىنىڭ سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى توسۇپ قېلىش دېگەنلەر ئەدلىيىنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەخىرىسىز خىزمەتلەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئىجتىمائىي ئادىللىق دېگەنلەر سوتسىيالىستىك دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ۋە زامانىۋېلىشىشنىڭ بەلگىسىدۇر. ئەگەر سىياسەت ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىۋاتقان ساھەلەردە ئادىللىق ئېڭى يوقۇلۇپ ئىجتىمائىي ئادىللىق ئىشقا ئاشمىسا، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ياكى باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىن سۆز ئېچىش قىيىن. ناۋادا، جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىق ئەھۋاللىرى داۋاملىق كۆپەيسە ھەم ئۇزاق مۇددەتكىچە ھەل قىلىنمىسا، پۇقرالار پىسخىك جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلمايدۇ. جەمئىيەتتە پۇقرالارنىڭ «ھەق-داد»ىنى سورايدىغان جاي تېپىلمىغاندا، ئەقىلغا سىغمايدىغان بەزى پاجىئەلەرنىڭ سادىر بولۇشى تۇرغان گەپ . ئاقىۋەتتە پۈتۈن جەمئىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان يۇقىرىقى مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ نېگىزى ئاخىرىدا بېرىپ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مەسىلىلىرىگە تاقىلىدۇ. دېمەك، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاداققى تەلىپى ۋە زامانىۋىي دېموكىراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسىدۇر.



پايدىلانغان ماتېرىياللار:

(1) ليۇ دېجيا، چىيەن جېن: «يەرشارىلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جۇڭگونىڭ دېموكىراتىك قۇرۇلىشى»، چوڭچىڭ نەشىرىياتى، 2005-يىل،4-ئاي.

(2) لى شىگۇاڭ، گو شياۋكې: «كىشىلىك ھوقۇق دوكىلاتى ئوقۇشلۇقى»،چىڭ خۇا ئونىۋېرستېتى نەشىرىياتى، 2007-يىل 4-ئاي.

(3) جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى: «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ھۆججەتلىرى»، يېڭى دۇنيا نەشىرىياتى، 2003-يىل2-ئاي .



(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنى)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2010-03/30/content_141201.htm

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:42:45

تەرەققىيات ھوقۇقى قەغەز يۈزىدىلا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك





تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىلىشى مۇرەككەپ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىلگىرى مۇستەملىكىچىلىك، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئىرقچىلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. يەر-زېمىنى ئىشغال قىلىۋېلىنغان، خەلقى قۇل قىلىنغان ۋە بايلىقى تارتىۋېلىنغانلىقتىن، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەت ئالغا باسماي بىز ئىزدا توختاپ قالدى، ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولدى. مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جەزمەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. 1972–يىلى سېنگاللىق سابىق سوتچى كابا مۇبايې تۇنجى قېتىم تەرەققىيات ھوقۇقى نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھوقۇققا بىنائەن بۇنى تەتقىق قىلدى.

1986-يىلى 4-دېكابىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارىدا «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، تەرەققىيات ھوقۇقى تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى، ھەمدە تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى، ئاساسىي گەۋدىسى، ئورنى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئومۇميۈزلۈك شەرھىلەندى، كوللېكتىپ كىشىلىك ھوقۇقى سۈپىتىدىكى تەرەققىيات ھوقۇقى تۇنجى قېتىم بېكىتىلدى، بۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى نامايەندە ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، بۇ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. 1992-يىلىدىكى «رىئوردى ژانېيرو خىتابنامىسى»، 1993-يىلىدىكى «ۋىنا خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى» ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۈرۈشلۈك قارارلىرىدا تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قايتا-قايتا تەكىتلىنىپ ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى.

25 يىللىق مۇساپە، بىر مايسىنىڭ بۈك-باراقسان بولۇپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك ۋاقىت، شۇنداقلا بىر خىل ئىدىيەنىڭ بىر مەھەل دولقۇن كۈتۈرۈشىگىمۇ يېتەرلىك، ھالبۇكى، 25 يىل ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن تەرەققىيات ھوقۇقى نەزىرىيە جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە قەدەم تاشلاپ يەنىلا ئۇزۇن سەپەرنى باسماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون ئېيتقاندەك « تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى قەغەز يۈزىدە يەنىلا مەۋجۇت، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ قۇرۇپ كەتتى.»

بەزى «كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى روھانىيلار» ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججەتلىرىدىكى تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى، يولغا قويۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئېنىق بەلگىلىمە ۋە دۇنيادىكى %90 دىن كۆپرەك دۆلەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان پاكىتقا سەل قاراپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ بىر ئاساسىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە چەكلەش خاراكتېرلىك ۋەدە بېرىشنى تېخىمۇ خالىمىدى. بۇ نۇقتئىنەزەردىكى دۆلەتلەر گەرچە ئىنتايىن ئاز، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى گەۋدىلىك توسالغۇ بولماقتا.

نۆۋەتتە، يەر شارىدا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۈنسېرى كۆپەيدى، تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. نامراتلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى چەكلىمەكتە. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى يەر شارىدا نامرات نوپۇسنىڭ يېڭىدىن 64 مىليون كۆپىيىشى، ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ بىر مىلياردقا يېقىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئىشسىزلىق، قۇراللىق توقۇنۇش قاتارلىقلار ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا. خەلق تۇرمۇشى مۈشكۈل ئەھۋالدا قېلىش، تەرەققىيات ئارقىدا قېلىش غەربىي ئاسىيا شىمالى ئافرىقا رايونلىرى ۋەزىيىتىنىڭ تەۋرىنىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۇقرالارنى يەيدىغان تامىقى، ئولتۇرىدىغان ئۆيى، قىلىدىغان ئىشى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى.

تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ نۇرغۇن تەرەققىيات خىرىسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. يېقىندا غەرب دۆلەتلىرى قەرز كىرىزىسىگە پېتىپ قالدى، ئامما كەينى-كەينىدىن كوچىغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق تەلەپلىرىنى بىلدۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، نۆۋەتتە دۇنيا تەۋەسىدە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ جىددىي بولماقتا.

تەرەققىيات ھوقۇقى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كىشىلىك ھوقۇقى، ئۇ جەنۇب شىمال دەپ بۆلۈنمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئاڭدىكى بىر تەرەپلىمىلىكتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنى مۇزاكىرە قىلىشنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاسلىقى ۋە ئورنىنى بېكىتىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مۇۋاپىق دۆلەت تەرەققىيات سىياسىتى ۋە خەلقئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق سىياسىتىنى تۈزۈپ، مۇقىم مەملىكەت ئىچى سىياسىي ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە تىنچ ئىناق خەلقئارا مۇھىتىنى يارىتىپ، ئۆز دۆلەت خەلقى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت سائادەت يارىتىشى كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ھەقىقى نەقلەشتۈرۈپ، بازارنى ئېچىۋېتىپ، قەرزنى ئازايتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يەر شارىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز مۇددىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىشى كېرەك. تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەت قىلىشتا.



٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-12-10)

(تەھرىر: ئېلنۇرە رەھىمبەگ)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201112/t20111205_167971.html

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:49:37

جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە نەزەر



ئاپتور: خەن يۈنچۈەن

(ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر )

نوشىرۋان تەرجىمەسى



مۇندەرىجە:



1-باب: جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى تارىخى

(1) دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە

(2) 1979-يىلدىن 89-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگىچە

(3) 1989-يىلدىن ھازىرغىچە



2-باب: جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر

(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

(2) پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

(3) پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە

(4) ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە

(5) ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە





1-باب: جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى تارىخى



(1) دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە



كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەھرىمان بولىدىغان ھەق-ھوقۇقلىرى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇقتىن باراۋەر، ئوخشاش بەھرىمان بولۇشقا ئىنتىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت ساقلىنىپ كەلدى، كەسكىن كۈرەشلەر بولدى.

جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان چاغلاردىلا باشلانغان. چاۋشيەن ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىنى جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى تۇنجى مەسىلە، دېيىش مۇمكىن.

چاۋشيەن ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان جۇڭگو-چاۋشيەن ئەسكەرلىرى ئەسىرگە ئېلىنغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن كۆپ بولغانلىقتىن، ئەسىرلەرنى جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە قايتۇرۇپ بەرسە، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارىغان ئامېرىكا ئەسىرلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلماي، ئەسىرلەرنىڭ ئىختىيارىغا قاراپ قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىقنى قارار قىلىش ياكى ئەسىرلەرنى بىتەرەپ دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىپ، شۇ دۆلەتلەر ئەسىرنىڭ ئىختىيارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىنىڭ ئەسىرلەرنى ئېزىقتۇرۇشى، گومىنداڭنىڭ تەھدىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو پىدائى قىسىم ئەسكەرلىرىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسىردىن ئالتە مىڭدىن كۆپرەكى ۋەتەنگە قايتقان، 14مىڭدىن كۆپرەكى تەيۋەنگە كەتكەن.

ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ، ئامېرىكا سۈركىلىش پەيدا قىلغان. «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»دە ھەرقانداق پۇقرانىڭ بىر دۆلەتتىن، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىش ياكى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، راكىتا، ئاتوم قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئامېرىكىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان جۇڭگولۇقلارنى ئامېرىكىدىن كېتىشكە يول قويمىغان، ئەكسىچە، جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگودا قاماق جازاسى بېرىلگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان.

دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى بولغان شىزاڭ مەسىلىسىدىمۇ، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئارىلىشىپ، چاتاق تۇغدۇرغان. 1949-يىلى بىر ئامېرىكىلىق شىزاڭغا مۇخبىر سالاھىيىتىدە كېلىپ، ۋاشىنگتون شىزاڭغا ياردەم بەرمەكچى، دېگەندەك گەپلەرنى تارقاتقان، 1950-يىللىرى ئامېرىكا گېزىتلىرىدە ئامېرىكا شىزاڭنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلماقچى، دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالغان. شىزاڭ تېنچ ئازات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا شىزاڭدىكى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىگە مەدەت بەرگەن، دالاينى قوللىغان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ب د ت يىغىنىدا: جۇڭگو كومپارتىيىسى شىزاڭلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، مۇستەملىكىچىلىك قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلغان. ئامېرىكا يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ب د ت دا قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگىمۇ توسالغۇ بولماقچى بولغان.

60-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىچە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگونى ئەيىپلەيدىغان ئىشلار بولمىغان، توقۇنۇشمۇ بولمىغان.



(2) 1979-يىلدىن 89-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگىچە



جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى يەنە باشلانغان.

1979-يىلى 1-ئايدا دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، كارتېر جۇڭگۇنىڭ كۆچمەنلەرگە ۋە ساياھەتچىلەرگە بولغان چەكلىمىنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋېي جىڭشىڭ(ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جازالانغان) ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتىدا بەزىلەر ۋېي جىڭشىڭغا ئۇۋال قىلدى دېيىشكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلغان.

1979-يىلى تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىنى ماقۇللىغان.

1980-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەيىپلەشنى باشلىغان.

1983-يىلى 4-ئايدا جۇڭگولۇق سېتكا توپ ماھىرى خۇناغا ئاتالمىش سىياسىي پاناھلىق بېرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

80-يىللاردا جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدىكى زىددىيىتى بارغانسىرى كەسكىنلەشكەن.

1984-يىلى ئامېرىكىنىڭ 18 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى جۇڭگو دۆلەت رەئىسىگە: جۇڭگۇ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئۈمىت قىلىمىز، دەپ خەت يازغان.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى جۇڭگونىڭ بىر تۈرلۈك دۆلەت سىياسىتى بولۇپ، ئامېرىكا 1986-يىلى 8-ئايدا بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

شىزاڭ مەسىلىسىدە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، 1987-يىلى 6-ئايدا بىر قارار ماقۇللىغان، دالاينىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

1989-يىلى ئەتىياز-ياز ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي بوران-چاپقۇندا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: تيەنئەنمىندا قان دەريا بولۇپ ئاقتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ، دەپ گەپ تارقاتقان. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مالىمانچىلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن.



(3) 1989-يىلدىن ھازىرغىچە



1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.

1989-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا جۇڭگۇغا قۇرال سېتىپ بېرىشنى توختىتىش، ھەربىي رەھبەرلەرنىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سودا تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق جۇڭگونى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەتىنىگە قايتسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دەپ، جۇڭگو كۆچمەنلىرىگە كەڭچىلىك قىلىش قانۇنى ماقۇللاپ، چەتئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىككى يىل خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن. يەنە ئىقتىساد، تېخنىكا جەھەتتە بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.

1989-يىلدىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەيىپلىنىپ كەلگەن. 89-يىلدىن كېيىن، تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتقان. ھەر يىللىق دوكلاتىدا جۇڭگونى مۇھىم ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلگەن.



2-باب: جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر



جۇڭگو-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.



(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە



ئامېرىكا دەيدۇ:

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىدە: كىشىلەرنىڭ ئەركىن كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بار، كىشىلەر ھەرقانداق دۆلەتتىن، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىش، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ، جۇڭگۇنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت تۈزۈمى ماھىيەتتە شەخسنىڭ ئولتۇراق ئورنىنى چەكلەيدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان تۈزۈم. بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا يول قويماي، تۈرمىدە قېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ دۆلەت ئىچىدە سۈرگۈن قىلغانغا باراۋەر. بولۇپمۇ، سىياسىي سەۋەب بىلەن جازالانغانلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جىسمانىي ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بەزىلىرى رېجىم ھالىتىدە تۇرىدۇ.



جۇڭگو دەيدۇ:

پۇقرالارنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە نوپۇس ئەھۋالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، مەلۇم دەۋردە جۇڭگو پۇقرالارنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكىگە بەزى چەكلىمىلەرنى قويمىسا بولمايدۇ. جۇڭگودا يولغا قويۇلغان ئاھالىلەر سالاھىيەت تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەر سالاھىيەت تۈزۈمى پەيدىن-پەي ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، بەزى شەھەرلەردە شەھەر-يېزا پەرقى تۈگىتىلدى. ھازىر جۇڭگودا پۇقرالار دۆلەت ئىچىدە ھەرقانداق جايدىن ئۆي سېتىۋالسا، مەلۇم كەسپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكى، ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جىنايى جازا ئۆتەپ چىققانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلارنى كەمسىتمەيدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، قايتىپ كەتمەي قېلىشنى ئىختىيار قىلغانلارنى ئەسلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىرىغا چېقىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دائىم تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرىدۇ، چەتئەللىكلەر، سودىگەر، مۇخبىر، دېپلومات، ساياھەتچى ۋە باشقىچە كۆز-قاراشتىكىلەرنىڭ تېلېفۇن، فاكس، ئىلىكتىرونلۇق ئالاقىلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا خەت-ئالاقىلەرنى ئېچىپ تەكشۈرىدۇ، پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەزى چەتئەللىكلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقىچە كۆز-قاراشتىكىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بەزى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى نازارەت قىلىدۇ، چەكلەيدۇ، باشقىچە كۆز-قاراشتىكىلەرنى چەتئەللىكلەر بىلەن، بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سۆزلەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ پروگراممىسىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ.



جۇڭگو دەيدۇ:

ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. قانۇندا پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. جۇڭگونىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان ياكى باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش بەلگىلەنگەن. جۇڭگونىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ج خ ئورگىنى جاۋابكارنىڭ يېنىنى ياكى تۇرالغۇسىنى ئاقتۇرسا بولىدۇ، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بېجىرىدۇ. جۇڭگۇدا پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت-ئالاقە مەخپىيىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش يۈزىسىدىن ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە خەت-ئالاقىلەرنى تەكشۈرگەندىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا بولمايدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا: باشقىلارنىڭ خەت-چەكلىرىنى تىقىۋالغان، يىرتىۋەتكەن ياكى قانۇنسىز ئېچىۋەتكەن، پۇقرالارنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بىر يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.



ئامېرىكا دەيدۇ:

پەرزەنت كۆرۈش مەسىلىسى شەخسنىڭ ئەركىنلىكى، ئائىلىنىڭ خۇسۇسىي ئىشى. پەرزەنت كۆرۈش-كۆرمەسلىكنى تاللاش ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسى ھوقۇقى، ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئائىلە ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ، شەخسنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلغانلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق. جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئىختىيار قىلىش پىرىنىسىپىنى قوللانماي، مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە رۇئايە قىلغانلارغا ئىقتىساد، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىدۇ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالايدۇ، جەرىمانە قويىدۇ، كەسپىنى توختىتىدۇ، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، خىزمەتتىن ھەيدەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنى پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتۈرگەنلىك. جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرى ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، ھايۋانىي قىلىقلارنى قىلىدۇ، ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، تېخى تۇغۇلمىغان بىگۇناھ بالىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، تۇغۇتىنى مەجبۇرىي چەكلەيدۇ، بېسىم قىلىدۇ. ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى تەكشۈرۈپ، جىنسىغا قاراپ ھامىلىنى چۈشۈرۈش-چۈشۈرمەسلىكنى تاللايدۇ، قىز-ئوغۇللار نىسبىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق ئېغىر.



جۇڭگو دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە جۇڭگونى ئەيىپلەشتە قىلچە ئاساسى يوق. نوپۇس سىياسىتى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى مەسىلىسى، باشقا دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق. پەرزەنت كۆرۈش مەسىلىسى ھەم شەخسنىڭ ئىشى ھەم جەمئىيەتنىڭ ئىشى، مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنىلا تەكىتلەشكە بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشى خەلقئارا جەمئىيەت بېكىتكەن روھ ۋە پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن. جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، يەر ئاز، جۇڭگونىڭ نوپۇس سىياسىتى دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە دۆلەت يېتەكلەش، ئامما ئىختىيار قىلىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا دېگەندەك ھايۋانىي قىلىقلار مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو نوپۇسنىڭ كۆپۈيىشىنى تىزگىنلەپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس، بۇنى ئەستايىدىل ئۆزگەرتىمىز، لېكىن بۇنى باھانە قىلىپ بېسىم قىلسا، قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز.



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگۇدا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋالى ئېغىر، جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ جىسماني بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكى كاپالەتسىز، بۇ بىرخىل تەشكىللىك جىنايەت. جۇڭگۇدا پۇقرالار خالىغانچە قامىلىدۇ، قولغا ئېلىنىدۇ، تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغانلار كۆپ، ساقچىلار نېمە گۇناھى بارلىقىنى ئېيتماي تۇرۇپ ئىككى ھەپتە قاماپ قويالايدۇ، گۇماندارلار سوت قىلىنىشتىن بۇرۇن نەچچە ئايلاپ قاماپ قويىلىدۇ، جۇڭگۇدا يەنە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش دەيدىغان بىر تۈزۈم بار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قامالغۇچىنى سوت قىلمايلا مەمۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا قاماپ قويالايدۇ، يەنە بىر يىل ئۇزارتالايدۇ. جىنايەتچىلەرگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلمايدۇ، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرىدۇ، قىيىن-قىستاقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ بولىدۇ. تۈرمىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، جىنايەتچىلەر ۋاقتىدا داۋالىنالماي ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ. بەزى جىنايەتچىلەر تاياق يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. سىياسىي جىنايەتچىلەرنى خورلايدۇ، جىنايەتچىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدۇ. ئاشكارا، ئادىل سوت قىلمايدۇ، جۇڭگۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ، پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر دېلولارغا ھۆكۈم قىلىشتا سوت مەھكىمىسىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. مەيلى مەركەزدە بولسۇن ياكى يەرلىكتە بولسۇن، پارتىيە ھۆكۈمەت ئەدلىيە تەرتىپىگە ئارىلىشىدۇ، بەزى دېلولارغا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلىپ بېرىدۇ، جۇڭگۇدا جىنايەتسىز دەپ پەرەز قىلىش دەيدىغان گەپ يوق، ھېچ بولمىغاندا سىياسىي دېلولاردا ئۇنداق گەپ يوق. سىياسىي ياكى دىنىي سەۋەب بىلەن ئەيىبلەنگەن جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكات تاپمىقى قىيىن، دەۋا تەرتىپىدە مەسىلە بار، دەۋا جەريانى ئاممىغا ئاشكارىلانمايدۇ، سەزگۈر دېلولاردا جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ خەۋەردار قىلىنمايدۇ.



جۇڭگۇ دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇنى ئەيىپلىشى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە بۆھتان قىلغانلىق. جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئەدلىيە جەھەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگۇدا قانۇنسىز قاماپ قويۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش قاتتىق چەكلەنگەن. ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى قوغدىلىدۇ، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، جىسمانىي ئەركىنىلىكىنى چەكلەش مەنئىي قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. پۇقرالارنى قانۇنسىز قامىغانلار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا: باشقىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئەيىپلەش، سوت قىلىش تەرتىپلىرى ناھايىتى قېلىپلاشقان، تەپتىش مەھكىمىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت مەخپىيىتىگە ۋە شەخسىي سىرىغا چېتىلغاندىن باشقا دېلولارنى ئوچۇق سوت قىلىدۇ، جاۋابكارلار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىغان بولسا، سوت مەھكمىسى ئاقلىغۇچى بەلگىلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. سوت مەھكىمىسى جازا ھۆكۈم قىلغان جىنايەتچىلەر تۈرمىدە جازا ئۆتەيدۇ، كۆپىنچىسى ئۆز رايونىدىكى تۈرمىدە جازا ئۆتەيدۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرىشەلەيدۇ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلاردىن باشقىلىرى سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ. جىنايەتچىلەر ئەرز قىلىش ھوقۇقى، ئاقلىنىش ھوقۇقى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولىدۇ. تۇرمۇش خىراجىتى ۋە داۋالىنىش چىقىمىنى دۆلەت بېرىدۇ، جىنايەتچىلەرنى خورلايدىغان ئىش جۇڭگۇدا ئەسلا يوق. قانۇندا: ئەمگەك ئىقتىدارى بار جىنايەتچىلەر ئەمگەك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جىنايەتچىنى جازالاش ئەمەس، بەلكى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش جىنايى جازا ئەمەس، مەمۇرىي جازا ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان بەلگىلىمە ئاساسى بار. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش قارارى قاتتىق تەرتىپلەر ئاساسىدا چىقىرىلىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا كۆپ قېتىم دەخلى يەتكەزگەن ياكى قىلمىشى جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلاردىن ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە تېگىشلىكلىرى يىغىۋېلىنىپ تەربىيەلىنىدۇ. بۇنى قانداقمۇ خالىغانچە قاماپ قويۇش، قولغا ئېلىش دېگىلى بولسۇن؟



(2) پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە



پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇپ، سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ۋە سايلام ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇق ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇش دەرىجىسى بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم بەلگىسى.



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى يوق. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ سۆز، مەتبۇئات، ئاخبارات ئەركىنلىكى بار دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ج ك پ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى بولغانلىقتىن بۇ ھوقۇقلار ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىدىلوگىيەنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ج ك پ نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا مۇخالىپ پىكىرلەرنى قىلىشىغا، ج ك پ نىڭ رەھبەرلىكىدىن، سوتسىيالىزىم تۈزۈمىدىن شۈبھىلىنىشكە يول قويمايدۇ. باشقىچە سىياسىي كۆز-قاراشلىرىنى ۋە دىنىي كۆز-قاراشلىرىنى ئاشكارا دېمەكچى بولغانلار قاتتىق بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ، تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، قامىلىدۇ ياكى رېجىمگە ئېلىنىدۇ، سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئېنتېرنېت تورىدا ج ك پ نىڭ تەشۋىقات يۆنۈلۈشىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا يول قويمايدۇ. نەشىر قىلىشتا تەكشۈرۈش تۈزۈمى بار بولۇپ، قاتتىق چەكلىمە قويىدۇ.



جۇڭگو دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز. جۇڭگودا پۇقرالار سۆز ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن، جۇڭگودا ئاخبارات تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئامېرىكا تۆھمەت قىپتۇ. گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بەشتىن بىرىلا ج ك پ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، قالغانلىرى دېموكراتىك پارتىيە گوروھ ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ گېزىتلىرى. جۇڭگو پۇقرالىرى قانداق كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، قانداق ئەسەر يېزىش، قايسى نەشىرىياتنى تاللاش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. جۇڭگودا ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەتچى» مەۋجۇت ئەمەس. باشقىچە كۆز-قاراش سەۋەبىدىن جازالىنىدىغان ئىش يوق. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك تەرغىپ قىلىدىغان، ج ك پ نىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىدىغان سۆز-ھەركەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سايلام ئەركىنلىكى ھوقۇقى يوق. سايلام پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونتروللىقىدا بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تاللاش ۋە ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى يوق.



جۇڭگو دەيدۇ:

پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سايلام ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن، تولۇق كاپالەتكە ئىگە. جۇڭگودا بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ، خەلق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدۇ، لاياقەتسىز ۋەكىللەرنى قالدۇرىۋەتسە بولىدۇ.



(3) پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگودا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق. ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دېيىلگەن بولسىمۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئەمەلدار بولىدىغانلار پارتىيە ئەزاسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلمايدۇ. دىنىي زاتلار زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، دىنىي پائالىيەت چەكلىنىدۇ، دىنىي پائالىيەت ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئورۇندا، تىزىملانغان ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ.



جۇڭگو دەيدۇ:

ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دەپ ھۇجۇم قىلىشى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك. جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق دۆلەت. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بەلگىلەنگەن. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلەنگەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا دىنىي ئىشلار زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۈزىتىلدى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئەركىنلىكى بار. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو دىن ئىشلىرىدا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىن ئىشلىرىغا چەتئەل كۈچلىرىنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.



(4) ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگودا مىللەتلەر باراۋەر ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەتلەر كەمسىتىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى خەنلەر قارار قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، تەرەققىيات بولسا، پايدىنى خەنلەر ئالىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. كۆچمەنلەرنى كۆپ يۆتكەيدۇ.



جۇڭگو دەيدۇ:

مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلەش سالاھىيىتى يوق. ئۇنداق ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. جۇڭگودا مىللەتلەر ھەقىقىي باپ-باراۋەر. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنلەر بىلەن ئوخشاش پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ، ئالاھىدە ھوقۇقتىنمۇ بەھرىمان بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلدى. كىرىمى ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ. مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى راۋاجلاندۇرۇلدى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى، مىللىي مائارىپ سېستىمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى قوغدالدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، توي-تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىدا ئۆرپ ئادەتلىرى قوغدالدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى تۈپتىن خاتا.





(5) ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە



ئامېرىكا دەيدۇ:

جۇڭگودا ئاياللارنى كەمسىتىش ئېغىر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سانى ئاز. ئائىلە زوراۋانلىقى ئېغىر، ئاياللار-بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان ئىشلار كۆپ. ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغى قىيىن. بوۋاقلارنى تاشلاپ قويىدىغان ئىشلار بەك كۆپ



جۇڭگو دەيدۇ:

جۇڭگودا ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. قانۇندا ئەر-ئاياللار باراۋەر دەپ بەلگىلەنگەن. ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاياللارنىڭ سانى كۆپۈيىۋاتىدۇ. قىزلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئاياللارنىڭ نىكاھ، ئائىلە ھوقۇقى، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرىلىدۇ، تۇغۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ھاياتلىق، ساغلاملىق ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدا ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت، «تېزىنى باسسا، مېزى چىقىدۇ». ئامېرىكا جۇڭگونى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىمەي، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەتسە بولىدۇ.



ئاپتورنىڭ «جۇڭگۇ-ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى» ناملىق كىتابىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.

★★★★★

http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=17416

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 18:27:45

ئۇيغۇرلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ



تەڭىرتاغ ئىشچىسى



بۈگۈن ئىنسانلار تارىخىدىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. ئۇشبۇ قۇتلۇق كۈن شەرقتە جۇڭگۇدىكى خەنزۇلاردىن تارتىپ غەربتە ئافرىقىدىكى ھەر قانداق مىللەت، ھەر قانداق دىندىكى ھەر بىر ئىنسان ئەۋلادى ئۈچۈن مۇبارەك كۈندۈر. مۇقەررەركى ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت كىشىلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ئۇشبۇ قۇتلۇق كۈننى قۇتلۇقلايدۇ، مۇبارەكلەيدۇ. ئۇشبۇ كۈننىڭ مەرھەمىتىدىن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئەزالىرىدىن قىلىشمىغىدەك دەرىجىدە يۈرەكتىكى ئىنسانغا بولغان ، كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ، دېموكىراتىيەگە بولغان سۆيگۈسى بىلەن تەڭ -باراۋەر ئاساستا بەھىرلىنىدۇ .شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇققا بولغان كۈچلۈك تەقەززاسىنى ئىپادىلەيدۇ .بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10 -كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنى ئىلان قىلدى ،ھەم ئۇشبۇ قۇتلۇق كۈننى ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە قۇتلۇقلاش ، تەبرىكلەش پائالىيتىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلدى . شۇندىن باشلاپ تا بۈگۈنكىچە بولغان 65 يىل جەريانىدا ، ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدە ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ،خاتىرلەش ھەركەتلىرىنى ئىلىپ باردى . خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۇ 65 يىل جەريانىدا ئۇرۇشنىڭ دەششىتىدە كىشىلىك ھوقۇقى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغانلار، تەبىئىي ئاپاتكە ئۇچىراپ ياشاشقا ئىمكانسىز قالغانلار ، سىياسىي مۇستەبىت ۋە زالىم ھۆكۈمرانلار تەرپىدىن ئىنتايىن ۋەششىلەرچە باستۇرلىۋاتقانلار، كەمسىتىلىشكە ئۇچىراۋاتقان ئاز سانلىقلار ، ئوخشىمىغان كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن قىيىن -قىستاققا ئىلنىپ تۈرمىگە قامالغانلار، دىننىي ياكى ئىتقادى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبلىك چەتكە قىقىلىۋاتقان، باستۇرلىۋاتقانلار،ئۆزىنىڭ مىللىي مەدىينىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل كۆرەش قىلىۋاتقان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىل باستۇرلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر، نەشىريات ئەركىنلىك ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچراپ ، ئەسەرلىرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان ، ئۆزى تەقىپ ئاستىغا ئىلنىۋاتقان يازغۇچىلار ، پارتىيە ،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقى بىكار قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مەخپى تەشكىلاتقا ئۇيۇشقان ۋە شۇ سەۋەپتىن ۋەششىلەرچە باستۇرلىۋاتقانلار ، ئىسلام ئەللىرىدە ئەنئەنە ۋە سىياسى ئىسلامنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشى، ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەرلەر ۋە ئەنئەنە تەرپىدىن ئىزچىل دەپسەندە قىلنىشى، موھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەپلىك نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئىغىر كىسەللەرگە گىرىپتار بولىشى ۋە بۇ بىمارلارنىڭ نورمال بولغان داۋالىنىش شارائىتىغا ئىرىشەلمەسلىكى...قاتارلىق نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىليارت ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۈزەش ، ئوڭشاش ، ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىرىشتۈرۈش ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدىكى قارارلارنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت جەمىيتىدە رىياللىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور تۆھپە قوشتى . ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىنسانلار ياشاۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئىزچىل دەخلىگە ئۇچراۋاتقان ،جۇڭگودىكى 1 مىليارت 380 مىليۇنندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلدى. بۇ جەرياندا جۇڭگوغا قارتا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغراسىدىكى كۈچلۈك تەلىپى، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئىنسانپەرۋەر رەھبەرلەرنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە بار كۈچى بىلەن ماسلىششى نەتىجىسىدە ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولوپمۇ 2012 يىلدىن باشلاپ يولغا قويىلىۋاتقان جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەركەت پىلانىنىڭ ئەمىيلىلىششى ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرلۈشىگە ئەگىشىپ، يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى زور ئۈنىمگە ئىرىشتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇرلاغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى ،جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتدىكى ئىنسانپەرۋەر رەھبەرلەرنىڭ كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئۇيغۇر ئاپتۇنوم ھۆكۈمىتىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ ، جاڭ چۈنشەن شۇجى ۋە داھى نۇر بەكرىنىڭ خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىشى، ئەمىيلىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ، ئۇيغۇر رايۇنىنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشتى . ئۇيغۇر قاتارلىق ھەرمىللەت كىشىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇن تەرپىدىن قوغدىلىش ئەھۋالى كۈندىن -كۈنگە ياخشىلانماقتا. گەرچە ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايۇنلىرىنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ئەھۋالىغا سىلىشتۇرغاندا مەسىلە يەنىلا بولوسىمۇ ، ئەمما پۈتكۈل رايۇندىكى خەلىقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالدا ھەقىقەتەن ئومومىييۈزلۈك ياخشىلنىش مەۋجۇت . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ، ئۆز نامىم ۋە مەن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر دەھرىلىرى شۇنداقلا مىنىڭ ۋەكىل بولىشىمنى خالايدىغان رايۇندىكى بارلىق كىشىلەر نامىدىن ،ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئىنسانپەرۋەر رەھبەرلەر ۋە جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەر ،ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق پارتىكۇم ۋە ھۆكۈمەت شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرۈش قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى ئىيتىمەن ۋە ئالىي ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن . سىلەرگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!!! سىلەرگە ئالىي ئىھتىرام!!! ئالەمدىكى جىمى ھەمدۇسانا ۋە مەدىيە سىلەر ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداۋاتقان گۈزەل ئىنسانلارغا بولسۈن!!!

شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى ، خەلقارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە قەتتىئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ، شى جىنپىڭ ئالىيلىرى باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن ماسلىشىشى ۋە كۈچلۈك قوللاپ قۇۋەتلىشى .، ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق پارتىكۈم ۋە خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى دادىل ئەمەلىي ئىشلىشى ، رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ھىمايا قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ، پۈتۈن جۇڭگونىڭ جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تىىخىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلنىدۇ ۋە كۆزلەنگەن مەقسەتكە ، بارلىق ئىنسانىيەت قۇبۇل قىلالايدىغان تولوق كىشىلىك ھوقۇق ھالەتىگە جەزمەن يىتىپ بارىدۇ .شۇندىلا رايۇندىكى ھەر مىللەت ئىنسانلار كوچىلاردا تۆۋەندىكىدەك يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىيالايدۇ . رايۇندىكى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خەنزۇ خەلقىنى يادرو قىلغان 25 مىليۇندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ ، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ، تەرتىپلىك ، رەتلىك ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ياشىسۇن كىشىلىك ھوقۇق !!! ياشىسۇن كىشىلىك ھۇقوق !!! ياشىسۇن كىشىلىك ھوقۇق !!! .....ياشىسۇن كىشىلىك ھۇقوق !!! ياشىسۇن ئەركىنلىك !!! ياشىسۇن ئەركىنلىك !!! ياشىسۇن ئەركىنلىك !!! ياشىسۇن دېموكىراتىيە !!! ياشىسۇن دېىموكىراتىيە !!! ياشىسۇن دېموكىراتىيە !!! ياشىسۇن ھەر مىللەت ئىنسانىلىرىنىڭ بۆيۈك ئىتىپاقى !!! ياشىسۇن بىز گە ئۇشبۇ ھوقۇقنى بەرگەن ئىسلاھات !!! ياشىسۇن بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ئۈچۈن كونسىرۋاتىپلار بىلەن كۆرەش قىلغان شى جىنپىڭ ئالىيلىرى !!! ياشىسۇن ئىنسانلارنىڭ ئىنساندەك ياشىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئىنسانلار !!!.... دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىيالايدۇ .

زوراۋان كۈچلەرنىڭ بىرەر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىلا ئەمەس ھەتتا بىرەر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن تەڭ. غەربتىكى بىرەر قارا تەنلىكنىڭ ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرەرسىنىڭ ئۇرۇش ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن قىينىلىۋاتقان ئىچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرسەم يۈرەكلىرىم ئىچىشىپ، تەنلىرىم تىىتىرەپ، ئىچ-ئىچىمدىن يىغا تۇتۇپ كىتەتتى. شۇنىڭغا جەزىم قىلىمەنكى رايۇنىمىزدىكى ياكى جۇڭگونىڭ ھەرقانداق بىر يىرىدىكى بىرەر ئىنساننىڭ شۇنىڭدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئازاپقا ئۇچۇرشى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئەۋلادىنى خۇددى مەن بىئارام بولغاندەك بىئارام قىلىدۇ . بىز ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھىسداشلىق ھىسياتى، بىرەر ھاياتلىق زۇلۇمغا ئۇچۇرسا ھەممە ئىنسانلار ئوخشاشلا بىئارام بولوش ھىسياتى بىز ئىنسانلارنى چوقۇم كۈتكىنىمىزدەك كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان ھەقىقى دېموكىراتىك، ئەركىن، ھەممە ئىنسان ئەۋلاتلىرى تىل، دىن، دىل ئايرىماي قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيدىغان ، ھەممە ئىنسان ئەۋلاتلىرى بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمگەن ، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىنى يىقىن كەلگۈسىدە رىياللىققا ئايلاندۇرىدۇ .

مىلادى 2013-يىلى 12- ئاينىڭ 10 كۈنى ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى.

تەڭىرتاغ ئىشچىسى. بارلىق تور بەتلەرگە تارقىتىشقا بولىدۇ.

*********

http://***.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=187&extra=

*********

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 18:36:09

پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر



ئابلاجان تۇردى



قاتىل دەپ ئەيىپلەندى، سوتلاندى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنى سوت بېكىتىپ بەردى. ئادۋۇكات جاۋابكارنى سوتتا كۆردى. جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئادۋۇكات ۋاكالىتەن نارازىلىق ئەرز سۇندى، نارازىلىق ئەرزنى جاۋابكار كۆرۈپ باقمىدى. 2- سوتتا باشقا ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلدى، ئىناۋەتسىز دېدى. سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئادۋۇكاتنى بېكىتىپ بەردى. نارازىلىق ئەرز رەت قىلىندى. بۇ ترىنىداد ۋە توباگودا بولغان ئىش.كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتىغا ئەرز سۇندى. ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى، دېدى. ھەيئەتلەر دېيىشتى: ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان دېلولاردا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىش شەرت. جاۋابكار سوت بېكىتكەن ئادۋۇكاتنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. جاۋابكار ئۆزى تاللىغان ئادۋۇكاتنى سوتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى چەكلەنگەن. ئادىل سوتلىماي تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان، بۇ-جاۋابكارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىقى جاۋابكار ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدۇ، ئاقلىغۇچى ئاقلىسىمۇ بولىدۇ. ئاقلىنىش ھوقۇقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن، دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدىمۇ بەلگىلەنگەن.جانباقتى ئادۋۇكاتلارمۇ بار، پاكىتقا كۆز يۇمىدۇ، قانۇننى كۆرەلمەيدۇ، ھەقنى سۆزلىمەيدۇ. ئاقلىغۇچىمۇ بولىدۇ، سوتتىن بۇرۇن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشەمدۇ-كۆرۈشمەمدۇ، پاكىتقا، قانۇنغا قاراپ ئاقلامدۇ ياكى سوتچىنىڭ، يەنە بىرسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئاقلامدۇ، ئىشقىلىپ ئاقلايدۇ. ئۆزىنى سودىيە، ئادۋۇكات ساناپ يۈرگەن ئەركەكلەر ئاقلاش ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئاشماي، جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا، ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويسا بولىدۇ.



ھامىلدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى يوق

زەھەر ئېلىپ-سېتىش بىلەن مال-دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلەر كۆپ، تەلىيى تەتۈر كېلىپ، ئېتىلىپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ. ئۇ شۇ يولغا قانداق مېڭىپ قالغان، بۇ نامەلۇم. ئاخىرى تۇتۇلدى. زەھەر-خرويىن ئېلىپ-سېتىۋاتقاندا تۇتۇلدى. ساتقان زەھەر ئاز ئەمەس، 717 گىرام. تۇتۇلۇپ ئەتىسى قاماقخانىدىن قاچتى. تۆت ئاي ئۆتكەندە يەنە تۇتۇلدى. بۇ قېتىم ھامىلدار بولۇپ كەلدى. ھامىلە چۈشۈرىۋېتىلدى. يەنە قاچتى، يەتتە يىلدىن كېيىن يەنە تۇتۇلدى.سوتقا ئەيىبلەندى. سوتلاندى. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. نارازىلىق ئەرز سۇندى. «قامالغاندا ھامىلدار ئىدىم، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايتتى» دېدى. يۇقۇرى سوت ھۆكۈم چىقاردى: سوت قىلىنغاندا ھامىلىدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. قامالغان ۋاقىتمۇ سوت قىلىنغان ۋاقىتقا تەۋە بولىدۇ. قامالغان مەزگىلدە مەيلى بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن ياكى ھامىلىنى چۈشۈرىۋەتسۇن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرى يوللۇق. ئەسلى ھۆكۈم كۈچتىن قالدى، جاۋابكار مۇددەتسىز قامالسۇن. بۇ شەنشى دېگەن يەردە بولغان ئىش.سوت قىلغاندا ھامىلدار ئەمەس، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان غوجاملار يەنە بىلىپ قويسا بولىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغاندا قورامىغا يەتمىگەن (18 گە كىرمىگەن)لەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى يوق. سوت قىلغاندا 18 گە توشۇپ بوپتۇ، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ يۈرۈشمىسۇن يەنە.



«سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار»

ئادەتتىكى كىتابپۇرۇش ئىدى. سېتىۋاتقان كىتابلار ئارىسىدىن چەكلەنگەن كىتابلارنى تېپىۋېلىشتى. شۇ كىتابلاردا پادىشاھنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى گەپلەر بارمىش. كىتابپۇرۇش تۇتۇلدى، ئەيىبلەندى، سوتلاندى.گۇناھسىز مەن، دېدى. نۇرغۇن سۇئال سورالدى، لام-جىم دېمىدى. سودىيە غەزەپلەندى، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. جازا چوڭ مەيداندا ئىجرا قىلىندى. كۆرۈپ تۇرغان ئاۋام: ئادىل سوت شۇنداق بولامدۇ؟ سۈكۈت قىلىش قانۇندا چەكلەنمىگەن، سۈكۈت قىلىش گۇناھ ئەمەس، دېيىشتى. بۇ 300 يىللار ئىلگىرى ئەنگىلىيەدە بولغان ئىش. كۆپ ئىنقىلاپلار بولدى. سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى قانۇنلاشتى. ساقچىلار ئادەم تۇتقاندا: «سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار» دەيدىغان بولدى. سوراقتا قىيناش، ئىقرارغا قىستاش نۇرغۇن ئەللەردە چەكلەندى.ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت بولغان ئەللەردە ئەركىن، بەختلىك ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇنداق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، بەزى يەرلەردە يەنىلا ئوقۇلىۋاتىدۇ...



مەنبە: تەرجىمە تەرمىلەردىن

★★★★★

http://www.anwar.cn/showthread.php?15789

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 19:02:14

پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرى





پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە، سىياسىي ھوقۇقلىرى



[ئىنسانىي ھوقۇق]

دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ. (ئاساسىي قانۇن 33-ماددا)



[باراۋەرلىك ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر. (ئاساسىي قانۇن 33-ماددا)



[سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18گە تولغان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپىي، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. (ئاساسىي قانۇن 34-ماددا)



[يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. (ئاساسىي قانۇن 35-ماددا)



[سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. (ئاساسىي قانۇن 35-ماددا)



[دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. (ئاساسىي قانۇن 36-ماددا)



[جىسمانىي ئەركىنلىكى ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ. پۇقرالارنى قانۇنسىز سولاش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. (ئاساسىي قانۇن 37-ماددا)



[ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارا چاپلاش، زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. (ئاساسىي قانۇن 38-ماددا)



[تۇرالغۇسى دەخلىگە ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ. (ئاساسىي قانۇن 39-ماددا)



[خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەرقانداق باھانە –سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. (ئاساسىي قانۇن 40-ماددا)



[تەنقىت-تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىغا تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. (ئاساسىي قانۇن 41-ماددا)



[شىكايەت قىلىش-پاش قىلىش ھوقۇقى]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. (ئاساسىي قانۇن 41-ماددا)

★★★★★

http://www.sirdax.la/unwirsal/kanundinsawat/2012-10-31/1447.html

★★★★★



ئەسكەرتىش، پۇخرالارنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىدىن بىرى - دىڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» پەلسەپىسىنى تۇرمۇشقا ئۈنۈملۈك تەدبىقلاش؟

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 19:25:09

ساقلاپ قويغۇدەك تىمىكەن

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 20:02:39

{:107:}  ئاۋۇ تەڭرىتاغ ئىشچىسى دېگەن لاۋزىنىڭ تېمىسىمۇ بار ئېكەن توۋا ...

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 20:24:09

ھەي ئامېركا ،ئامېركا ................................

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 20:47:13

ماۋۇ تەڭرىتاغ ئىشچىسى دىگەن زادى كىم ؟



دوپپا تورىدا مۇشۇ ئاداشنىڭ تىمىسىلا باركەن . \"\"

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 21:21:08

پارتىيە مەركىزى كومىتىتى 3ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق يولداشلارغا سالام.....

okojan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 21:22:05

توۋا .....دۇنىيادا مۇشۇنىداق كۇنمۇ بارما ....؟  كشلىك ھوقۇق كۇنى دەپ .،.. بۇ گەپىنى بۇگۇن ئاڭلدىم لكىن ..... خەلقئارا جەميەت بىزدىن بەك يىراق بولغاچقا بۇ گەپلەر بىزگە يىتىپ كىلىپ بولالماپتۇدە ..

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 21:23:02

مىنىڭچە ئۇيغۇر ئەمەسمىكىن دەيمەن مۇشۇ تەڭرىتاغ ئىشچىسىنى. دوپپا تورىدىكى تەڭرىتاغ ئىشچىسى، دوپپا دىگەندەك بىر قانچە ئەزا شۇ بىر ئادەمكەن. ئۆزى تېما يېزىپ ئۆزى ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرىدىكەن. يۇمۇر ئوقۇغىلى كىرىپ قويىمەن دوپپا تورىغا.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 21:25:16

بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ بىرەر ئولتۇرۇش قىلامدۇق يا؟

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 22:29:56

بۇنداق كۈننىڭ بارلىقىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 22:46:05

كىشىلىك ھوقۇق دىگەن نىمە؟مۆتىدىل بەلۋاققا ماس كىلەمدۇ؟؟؟؟

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 22:53:38

ھەي كىشىلىك ھوقوق ،يەنىلا ب د ت ئىلان قىلغان كىشىلىك ھوقوق خىتابنامىسى كەڭ مەنىگە ئىگىكەن،تولۇق ئوتتۇردا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئامىركا كىشىلىك ھوقوق خىتابنامىسى ئىدى.

كىشىلىك ھوقوق مۇقەددەستۇر ،ھەربىر كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقوقى مۇقەددەس بولغىنى ئۇچۇن بىر كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقوقنىڭ چىكى ھۆكۆمەتنىڭ ھوقوقىغا دەخلى قىلىش ئەمەس بەلكى باشقا شەخىسنىڭ كىشىلىك ھوقوقىغا دەخلى قىلىشتۇر.

كىشىلىك ھوقوقنىڭ قۇدىرتى ئاجايىپتۇر،كىشى باشقا كىشىنىڭ ھۆرلۇكىگە چىقىلمىسىلا ھۆرلۇكىنى خالىغانچە جارى قىلدۇرسا بولىدۇ.

ئالى مەكتەپتە ناماز ئوقۇش.بۇنى ئامىركىچە تەھلىل قىلساق مەكتەپ مۇلازىمەتچى ئۇقۇغۇچى مۇلازىمەت قۇبۇل قىلغۇچى،ئۇقۇغۇچى مەكتەپكە پۇل تۆلەپ كىرگەن ،ياتاققا پۇل تۆلەپ كىرگەن ،نامازنى باشقىلارنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ ئۇقۇپ باشقا ئۇقۇغۇچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىمىسا ،نامازنىڭ ئۇنلۇك ئوقۇيدىغان قىسىمى باشقا ياتاقداشلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ نارازىلىقىنى قوزغىمىسىلا ،ئۇزىنىڭ كارۋىتىدا ناماز ئۇقىسىلا،بۇخىل ناماز ھۆرلۇكنىڭ بىر قىسىمى بۇلۇپ مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ناماز ئۇقۇشىنى چەكلىشى ئامىركا قانۇنغا خىلاپ.

بۇنى جۇڭگۇچە تەھلىل قىلساق .مەكتەپ دۆلەتكە مەنسۇپتۇر، كارۋات ۋە ياتاق دۆلەت مۇلكىدۇر،ئۇقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە دىننى ھەركەت ئىلىپ بىرىش مەكتەپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇ بەلگىلىمىنى دۆلەت تۇزۇپ بەرگەن.بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئۇقۇغۇچى مەكتەپتىن قوغلىنىدۇ.( ئەمىليەتتە جۇڭگۇدا دۆلەتكە مەنسۇپ بولمىغان ياكى دۆلەتنىڭ باشقۇرىشىغا ئۇچىرمايدىغان بىرمۇ ئالى مەكتەپنى ئۇچىراتقىلى بوممايدۇ.)

ساقال قويۇش.كىشىلىك ھوقوق ئەمەلگە ئاشقان دۆلەتتە ساقال شەخىسكە مەنسۇپ ،ساقالنى قويۋىتەمسىز ئىلۋىتەمسىز ،بۇدىرە قىلامسىز ،ۋە ياكى بويىۋالامسىز بۇ شۇ كىشىنىڭ ھۆرلۇكى ،بولارنىڭ ھىچقايسىغا ھۆكۇمەت دەخلى قىلاممايدۇ.

قىسقىسى كىشىلىك ھوقوق ئەمەلگە ئاشقان دۆلەتتە شەخىس ھوقوقى مۇقەددەس ھوقوق سۇپىتىدە ھۆكۇمەت بىر  خەلىق ماقۇللىغان قانۇن دائىرسىنىڭ سىرتىدا شەخىسنى ھىچقانداق بىر ئىشقا مەجبۇرلىياممايدۇ،شەخىسنى بىر ئىشقا مەجبۇرلىيالايدىغان قانۇنمۇ ئىرىق ۋە مەدىنىيەت كاتىگۇرىيسى ئىچىدە تەڭ يىرىمدىن ئاشقان پۇخرانىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتىدۇ.

  
بەت: [1] 2 3
: بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى