abcd423 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 14:08:44

2013-يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10چوڭ خەۋەر

2013-يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10چوڭ خەۋەر





2013-يىل شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر يىل. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ۋە قارارىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى بۇ يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر زور ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان خەۋەرلەردىن 40نى تەۋسىيە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى 10 خەۋەرنى تورداشلارنىڭ تاللىشىغا قويدى، قېنى، سىزمۇ رايونىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان بەش خەۋەرگە بېلەت تاشلاپ، بۇ پائالىيەتكە ئىشتراك قىلىڭ!



بېلەت تاشلاش ئېغىزى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:24:05

ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر يىل، ھىم…

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:38:08

نامراتى قەۋەرلەر ئاركەن..

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:44:42

بىزنىڭ سايلىغىنىمىزنىڭ ئېتىراپقا ئېرىشىش مۈمكىنچىلىكى قانچىلىكتۇ؟ قىززىق گەپ بوپتۇ ماۋۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 16:59:26

كەتتى بىر بىلەت .

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 17:37:50

بۇندىن كىيىن بارا- بارا سىياسەت يەنىمۇ توغرا ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىجرا قىلىنىشىدىن ئۈمىت زور

okojan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 21:24:25

قايسى خەۋەرلەردىن تەۋىيسە قىلىمىز ....ئشخاندىن چىقماي ئولتۇرۇپ يازغان خەۋەرلەرنمۇ ياكى ..؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 09:59:29

7- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ زور غەيرىتى بىلەن 2013 - يىلى بېغىردىن 20 سى پەيدا بولدى .

سىلىمۇ كۆپ ھەرەج تارتلا!

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 10:36:26

7- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ زور غەيرىتى بىلەن 2013 - يىلى بېغىردىن 20 سى پەيدا بولدى .

ئۇنداقتا بۇ يىل بېغىر ئاپىتى بوپتۇ-دە، قانداقمۇ قىلارمىز.\"\"\"\"\"\"\"\"

diljahan1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 12:10:26

بۇ تېمىنى يوللىغۇچىدىن:



سالام كۆپچىلىك

بۇ تېما ياكى مېنىڭ ماۋۇ چۈشەندۈرۈشۈمگە باشقىچە پىكىرى بارلار تورىمىزغا كىرىپ پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى قالدۇرساڭلار بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىدە قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ، بىر ئۆتۈنۈش: بەك سەت گەپ قىلمىساڭلا.



مەن خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ تەھرىرى http://uyghur.people.com.cn/ ، بۇ تېمىدا يوللانغان 10 چوڭ خەۋەرنى تاللاش پائالىيىتى بولسا خەلق تورى (人民网) ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلۈمىدىكى بەش قانال (موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن تىلى قاناللىرى) ئۆتكۈزگەن 10 چوڭ خەۋەرنى باھالاش پائالىيىتى بولۇپ ، راستىنى دېگەندە ئازراق ۋەزىپە تۈسىنى ئالغان، ھازىرغىچە باشقا قاناللارنىڭ تاشلانغان بېلەت سانى ئون مىڭدىن ئاشقانلارمۇ باركەن، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىمىزدىكى 10 چوڭ خەۋەرنى باھالاشتا ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ تاشلانغان بېلەت 100گە چىقمايدۇ. شۇڭا ئويغاق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى توپلانغان بۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللاپ، كۆپچىلىكنىڭ كىچىككىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، بۇنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، بىراق ھېچقانداق مۇكاپاتلاش دېگەندەك ئىش يوق، ئاساسلىقى تورداشلارنى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىغا ئانچە-مۇنچە جەلپ قىلىش. شۇڭا كىچىككىنە ئۆتۈنۈش: كىرىپ خالىغانچە بېلەت تاشلاپ قويساڭلار، بىر قېتىمدا 10 بېلەت تاللىغىلى بولىدۇ، ئوخشاش IP كۆپ قېتىم تاشلاشقا بولىدۇ. http://uyghur.people.com.cn/157643/309350/index.html



خەلق تورى مەركەزنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان خەلق گېزىتىنىڭ ئورگان تورى. ئۇيغۇرچە قانىلىمىزمۇ دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرچە ئاخبارات تورى. يۇقىرىنىڭ تەلىپىدە ئۇيغۇرچە قانىلىمىزنى ئۆز مىللىتىمىزگە ئائىت ماقالە خەۋەرلەرنى كۆپرەك چىقىرىشقا، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، بىراق ھەرخىل ئويېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇيغۇرچە قانىلىمىزدىكى مىللىي مەدەنىيەتكە ئائىت مەزمۇنلار يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ كەلدى، بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر مىللىي مەدەنىيەتكە ئائىت خەۋەر، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، ماقالىلەر بولسا تەمىنلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. ئېلخەت ئادرىسىمىز uyghur@people.cn . خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى بىلەن باشقا تۆت ئاز سانلىق مىللەت قانىلىنىڭ بەت شەكلى، ئىقتىدارى، ئىچىدىكى خەۋەر مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش، بىراق كۆرۈلۈش سانى زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ كەلدى، مەسىلەن، ئوخشاش خەۋەرلەرنى ئوخشاش ۋاقىتتا يوللىساقمۇ، كۆرۈلۈش سانى قازاقچە قانالدىكىنىڭ نەچچە مىڭ بولسا، بىزنىڭ ئادەتتە يۈزگىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنى ئەمدى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دەپ چۈشەنسەكمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرچە قانىلىمىزنىڭ خىزمەت شەكلىدە مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ گېزىت كۆرگەندەك، كىرىپ قانىلىمىزنى بىر مالتىلاپ چىقىپ، ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋە قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز. سۆز قالدۇرۇش ئورنى http://liuyan.uyghur.people.com.cn/index.php



خىزمەت نەتىجىمىزنى ئاساسلىقى خەۋەرلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا مىللەت قاناللىرىنىڭ كۆرۈلۈشى شۇنداق كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇيغۇر تىلى قانىلىمىزمۇ ئاز تولا بېسىمغا ئۇچرايدۇ. شۇ ڭا ئامال يوق مۇشۇنداق باشقا تورلارغا كىرىپ تور بېتىمىزنى تەشۋىق قىلىشقا توغرا كەلدى، كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

http://uyghur.people.com.cn



چۈشەندۈرۈش: بۇ تېمىنى يوللىغان ۋاقتىمدا ئالدىنقى قېتىم تىزىملاتقان نومۇرۇم بىلەن كىرەي دەپ شۇنچە قىلساممۇ كىرەلمەي، يېڭىدىن تېزىملاتقان ھەم بۇتېمىنى يوللىغان ئىدىم، بىراق بايا ئۈستىدىكى ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ يوللاي دېسەم، تىزىملاتقىلى ئاران بىر كۈن بولدى دەپ، ئىنكاس يوللاش ھوقۇقۇم يوقكەن. شۇڭا بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ كونا نومۇرۇمدا كىرىپ بۇ ئىنكاسنى قايتا يوللاۋاتىمەن. كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىنى سورايمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 20:59:19

ئەڭ چوڭ خەۋەرنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى ئۆي باھاسىنىڭ ئېشىشى 10% تىن چۈشمەي ئۆرلەۋاتقانلىقى يېزىلىشى كېرەك. بۇمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بىرى.

esil521 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 02:49:42

بىزگە پايدىلىق بىرەر خەۋەر كۆرمىدىم شۇڭا بىلەت تاشلىمىدىم ..

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 05:19:37

بىزنىڭ ئورنىمىزغا يولباشلار دەسەۋاتقاندىكىن شۇلار تاشلىۋەتسۇن !

eltabir9 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 17:45:30

ئۇ خەۋەرلىرىڭلارنى ئوقۇشمۇ خوشياخمىدى،ياخشى يىزىلغىندىن تاللىۋىتىڭلارە ئۆزەڭلا.
بەت: [1]
: 2013-يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10چوڭ خەۋەر