bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 10:45:50

NASA: مارستا بىر قەدىمقى كۆل تېپىلدى

NASA: مارستا بىر قەدىمقى كۆل تېپىلدى

بىلىمخۇمار

2013-يىلى 9-دىكابىر

ناسا نىڭ ھازىر مارس ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «ھەۋەسكار» (Curioisity)  ناملىق ماشىنىسى بىر كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان قەدىمىي سۇ كۆلىنى بايقىدى.  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ھەۋەسكەر» ئارقىلىق توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ بېكىتىشىچە، مارسنىڭ ئۈستىدىكى بۇ سۇ كۆلى نەچچە ئون مىڭ يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىكەن.  بۇ ئۇچۇرنى كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسى جون گروتزىڭگەر (John Grotzinger) بۈگۈن كالىفورنىيەنىڭ سان فرانشىسكو (San Francisco)  شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا جۇغراپىيىلىك فىزىكا بىرلىكى نىڭ يىغىنىدا ئېلان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ھازىر «ھەۋەسكار» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان رايون ئاشۇ كۆلنىڭ ئىچىدىكى بىر جاي بولۇپ، مارسنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىپ بولغان، ياكى ھاياتلىققا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تېيىز، كىسلاتالىق، ۋە تۇزلۇق سۇلار ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئانچە-مۇنچە ساقلىنىپ قالغان بىر ۋاقىتتا، بۇ يەردە پاكىز سۇلار مەۋجۇت بولغان.  بۇ يەردىن تېپىلغان لايلارمۇ بۇرۇن مۆلچەرلەنگەندىن ياشراق بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مارستا سۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقىت بۇرۇن مۆلچەرلىگەندىن ئۇزۇنراق ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن.  بۇ كۆلدە تاش يەيدىغان مىكروبلار ياشاپ باققان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.  بۇ بايقاش بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلىرىدا خەۋەر قىلىندى.  

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

NASA Mars rover finds evidence of life-friendly ancient lake

http://www.reuters.com/article/2013/12/09/us-space-mars-idUSBRE9B815620131209

http://s1.reutersmedia.net/resources/r/?m=02&d=20131209&t=2&i=818860579&w=580&fh=&fw=&ll=&pl=&r=CBRE9B81NS700

A self-portrait of the Mars rover Curiosity is seen in this February 3, 2013 handout image courtesy of NASA.  CREDIT: REUTERS/NASA/JPL-CALTECH

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 11:32:28

بىلىم خۇمار ئاكىمىز بىلەن تاشپولات مۇئەللىمنىڭ ئەجرىدە ،بىز پەن-تېخنىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىدىن ئەڭ بۇرۇن خەۋەر تېپىۋىتىپتىمىز،ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر. \"\" \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yalqin bulut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:15:32

ئۇ كول قۇرۇپ كەتكەن كول بولدىما ئەمدى،يەر شارىدىن باشقا پىلانىتقا يەر شارىدىكىدەك قار يامغۇر ياغمايدىغان ئوخشايدۇدە،

بىلىمغۇمار ئاكىمىزنىڭ بىزنى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىلەپ تۇرغىنىغا رەھمەت،سىز ۋە ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك يaر بولغاي

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:23:55

ئىلىم پەن خەۋەرلىرىدىن بىزنى خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:35:01

3- قەۋەتتىكى yalqin bulutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ كول قۇرۇپ كەتكەن كول بولدىما ئەمدى،يەر شارىدىن باشقا پىلانىتقا يەر شارىدىكىدەك قار يامغۇر ياغمايدىغان ئوخشايدۇدە،

بىلىمغۇمار ئاكىمىزنىڭ بىزنى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىلەپ تۇرغىنىغا رەھمەت،سىز ۋە ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك يaر بولغاي

..........................................................................

كەلگۈسىدە جۇڭگو دېڭىز  سۈيىنى  تۇربا  ئارقىلىق ئاپىرىپ  بۇ  كۆللەرنى تولدۇرىۋالادۇ ھەقاچان ، \"\" شىنجاڭنىڭ  نىفىت  گازلىرىنى  شاڭخەيگە   ئىچكىرى  ئۆلكە  دۆلەتلەرگە يۆتكىگەندەك  .\"\"

بىلىم  خۇمار  ئەپەندىگە  رەخمەت .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 15:51:51

تاش يەيدىغان مىكروپمۇ باركەندە  {:107:}  ،،،،مۇشۇ مىكروپنىڭ ھال-ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلگىنى بولارمۇ ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 21:33:08

ماۋۇمۇ ئالامەت بايقاش بوپتۇ لېكىن... دىمەك مارىستا ياشاش ئىمكانىيىتىگە بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ دىگەن گەپمۇ بۇ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 22:00:55

بايقالغىنى قۇرۇپ كەتكەن لاتقىكەن.لاتقا بولغانكەن دىمەك بۇرۇن سۇ بولغان.(بۇ سۇ زادى قانچىلىك ۋاقىت بۇرۇن بولغان بۇ دىيىلمەپتۇ)

ئەمما ھازىر يوق.ھازىر بۇلىشى ئۈچۈن يىتەرلىك ئاتمىسفورا قاتلىمى بولىشى،ئاتمىسفورا ئۈچۈن يىتەرلىك تارتىش كۈچى،تارتىش كۈچى ئۈچۈن،مارىس يادروسى ئايلىنىشى كىرەككەن.(بۇ گەپنى مۇشۇ يېقىندا مۇشۇ مۇنبەردە بىر تورداش قىلغاندەك).

بۇرۇن مارىس يادرۇسى ئايلىنىدىكەن،ھازىر ئايلانمايدىكەن.دىمەك يادرو ئايلانمىسا ،كىنولاردا تەسۋىرلەنگەندەك تالاپەت خارەكتىرلىك كىلىمات ئۆزگۈرىشىنى ئېلىپ كىلىدىكەن.بۇرۇن سۇنىڭ بولغانلىقى،ئېھتىمال بۇرۇن مارىس يادرۇسىنىڭ ئايلىندىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغاندۇ.نىمىشقا تۇختاپ قالغان؟بۇنى بىلمەيمىز.........دىگەنلىرىم توغرىمۇ؟بىلمىدىم!!!

مارىس سىرىتقى يۈزىدە سۇ بولمىغان بىلەن ،مارىس يەر ئاستى قاتلاملىرىدا ھاياتلىققا ماس كىلىدىغان سۇ بۇلۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟بىلىمخۇمار ئاكىمىز بىر بۇ ھەقتە بىر بىلىم بەرسە!!!!!

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 09:00:32

8- قەۋەتتىكى talmas1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر مۇرەككەپلەشتۈرمىسەڭلارچۇ...

مارستا ئاتموسفېرا بارلىقى خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلانغانتىغۇ، پەقەت تەركىبى يەر شارى ئاتموسفېراسى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقى ئېھتىمال. يادرو ئايلانمىسا تارتىش كۈچى بولمايدۇ دېگەن گەپنى ئەمدى ئاڭلاپتىمەن. مېنىڭ چۈشەنچەمدە پېلانېت يادروسى پېلانېتتىن مۇستەقىل ئايلىنىش ھەرىكىتىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پېلانېتنىڭ ئايلىنىشى بىلەن بىر ئۇقۇم، تۇخۇمنى ئايلاندۇرساق تۇخۇم سېرىقى بىللە ئايلانغاندەك. ئاندىن تارتىش كۈچى (ئېغىرلىق كۈچى ھاسىل بولۇشىنىڭ شەرتى) ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ، يادرونىڭ ئايلىنىشى دېگەن گەپ بىلەن ئالاقىسى يوق، پەقەت پېلانېتنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى پېلانېت ئېكۋاتورى ئەتراپىدىكى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 09:26:20

«اباي تېخى خەنچە مەنبەدىكى خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە مارىستا بۇرۇن سۇ بولغان. دىمەك سۇ بۇلۇش ئۈچۈن ناھايتى قېلىن ئاتمىسفۇرا قاتلىمى بۇلۇشى كېرەك، ئاتمىسفۇرا قاتلىمى بۇلۇش ئۈچۈن ماگنىت مەيدانى بۇلۇشى كېرەك، ماگىنىت مەيدانى بۇلۇش ئۈچۈن مارىس يادروسى ئۆز ئىچىدە ئايلىنىش كېرەك دەپتۇ. ئاشۇ قېلىن ئاتمىسفۇرا قاتلىمى نىمىشقا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن؟ دىگەننى بۇ قېتىم قۇيۇپ بېرىدىغان ئۇچقۇ تەكشۈرەپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ.

مارىس يادروسىدا ئاتۇم بومبا پارتىلاتسا يادرو ئايلىنىشى ئەسلىگەىلىشى»

https://uyghur-archive.com/izdinix/forum.php?mod=viewthread&tid=55891

مەن ماگنىت مەيدانىنى، تارتىش كۈچى دەپ ئەستە تۇتىۋاپتىمەن.مەندىن كىتىپتۇ.  {:107:}   {:107:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 20:57:55

يەر يادروسى تۆمۈر، ئايلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماگىنىت مەيدانى پەيدا بولارمىش. يەر ماگىنىت مەيدانى بولسا، قوياش بورىنى قاتارلىق زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدىكەن. مارسنىڭ يەر ماگىنىتى يوقنىڭ ئورنىدا بولسا كېرەك.

يەر يادروسىنى ئايلاندۇرىدىغان بىر كىنو بار ئىدى، ئاتوم بومبىسى بىلەن. مارسنىڭ يادروسىمۇ تۆمۈر بولسا، مارسقا تاشقىي پىلانىتتىن كەلگەن يەر شارىلىقلار چوقۇم ئوڭشايدۇ بىر كۈن. بۇنىڭ پايدىسى ھەربىي ئىشلارغا ئەڭ پايدىلىق.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 21:18:52

baqka @

بۇرۇن مارىس يۈزىدە سۇ بارلىقى ئىسپاتلاندى.كىيىن تەبىئىي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ سۇنى ساقلاپ تۇردىغان ئامىللار يۇقالغان،شۇنىڭ بىلەن سۇمۇ يوق بولغان .ئەمما مارىس يەر ئاستىدىكى سۇنى ئېھتىمال ساقلاپ تۇردىغان ئامىلار بۇلىشى مۇمكىن مەسلەن ،قۇتىنىڭ ئىچىدىكى سۇ پارلىنىپ يۇقاپ كەتمىگەندەك ،سۇنىڭ يوق بۇلىشىغا ئېھتىمال كۆپ خىل ئامىللار سەۋەپتۇ. ئەمما ئەڭ ئاددى تەسەۋۇر بىلەن مۇشۇنداق ئويلىساق مارىس يەر ئاستىدا سۇ بۇلىشى مۇمكىنمىدۇ؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 21:38:34

ھدي بالىلار بىكار بوغان بوسا تۇرباتارتىپ سۇقۇياكەن شۇكۆلگە سۇجىققۇ ئاخىر بىزدە .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 12:42:38

12- قەۋەتتىكى talmas1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

baqka @

بۇرۇن مارىس يۈزىدە سۇ بارلىقى ئىسپاتلاندى.كىيىن تەبىئىي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ سۇنى ساقلاپ تۇردىغان ئامىللار يۇقالغان،شۇنىڭ بىلەن سۇمۇ يوق بولغان .ئەمما مارىس يەر ئاستىدىكى سۇنى ئېھتىمال ساقلاپ تۇردىغان ئامىلار بۇلىشى مۇمكىن مەسلەن ،قۇتىنىڭ ئىچىدىكى سۇ پارلىنىپ يۇقاپ كەتمىگەندەك ،سۇنىڭ يوق بۇلىشىغا ئېھتىمال كۆپ خىل ئامىللار سەۋەپتۇ. ئەمما ئەڭ ئاددى تەسەۋۇر بىلەن مۇشۇنداق ئويلىساق مارىس يەر ئاستىدا سۇ بۇلىشى مۇمكىنمىدۇ؟

ئۆتكەندە بىر خەۋەرنى ئوقۇۋىدىم، مارسنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، تۇپراقنىڭ ئاستىدا سېڭىپ قالغان سۇ باركەن. شۇ بويىچە ئويلىساق، يەر شارىدا غايەت زور يەر ئاستى ئۆڭكۈرلىرى بارغۇ سۇغا توشۇپ كەتكەن، غايەت كىرىستاللار تۇتۇپ كەتكەن. بەلكىم مارستىمۇ چوقۇم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن كۆل باركەن دەيدۇ، يەر ئاستىدا ھازىر چوقۇم سۇ بار.
بەت: [1]
: NASA: مارستا بىر قەدىمقى كۆل تېپىلدى