pirkat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 21:35:17

باغاق بىسىش ئۇسكىنىسىدىن ياردەم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم !


تىجارەت دائرىمىزنى كىڭەيتىش ئىھتىياجى ئۇچۇن ، باغاقچىلىقنى تۇرىنى تىجارىتىمىزگە قوشۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق. ھەممە ئىشلار پۇتۇپ قالغان ، لىكىن مۇشۇ بىسىش ماشىنىسىنى تاللاشتا پەقەت بىر قارارغا كىلەلمىدۇق . ئىزدىنىشتىكى قىرىنداشلىرىمىزدىن ياردەم سوراپ مەزكۇر تىمىنى يازغان .


印刷机,胶印机 ,打印机قايسى تۇردىكى ماشىنلار مۇۋاپىق ، سۇرئىتى تىز ، باھاسى ئەرزان ، بىز پەقەت باغاقلا بىسىشقا ئىشلىتىمىز . باشقا باسما ئىشلىرىنى قىلمايمىز .


قىرىنداشلارنىڭ مالال كۆرمەي يەردەم قىلىشىنى سورايمەن.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 10:19:42

توي باغىقىنىڭ ئىچىنىمۇ ياكى رەڭلىك تېشىنى بېسىش ماشىنىسىمۇ؟

توي باغاق قاتارلىق رەڭلىك باغاقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت رەڭلىك ماشىنا 印刷机 قىلىن قەغەزگە سىزنىڭ لاھىيلىگىڭىز بويىچە بېسىپ بېرىدۇ. باسما زاۋۇتلىرى قىلىدۇ.

ناۋادا رەڭلىك باغاقنى باغاق توي تارقىتىش بازىرىدىن ئېلىپ سىز پەقەت ئىچىگە يەنى ھۆرمەتلىك قۇتلۇق توي مەرىكىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز دىگەندەك قىزىل خەتتە باسماقچى بولسىڭىز. مەن تەپسىلىي چۈشەندۈرەي.

ماشىنا ئىسمى: 一体机باغاقنى مەخسۇس مۇشۇ ماشىنىدا باسىدۇ.

چوڭ كىچىىكلىكى كۆپەيتىش ماشىنىسى 复印机 بىلەن ئوخشاش .. باھاسى تەخمىنەن 10 مىڭ سوم ئەتراپىدا. ھازىرقى باغاق بېسىش دۇكانلىرىدا بۇنداق ماشىنىلار بار. مەخسۇس مۇشۇنىڭدا باسىدۇ.

قىزىل ۋە قارا دىن ئىبارەت ئىككى خىل رەڭ قۇتىسى بار.

كومپيۇتېردا باغاق ئىچىگە كېلىدىغان خەتنى باغاقنىڭ چوڭ كىچىكلىگە بويىچە لاھىيلەپ قارا رەڭدە بېسىپ چىقىرىپ، 一体机 نىڭ ئىچىگە سالىسىز، ئاندىن قېلىپقا ئېلۋىلىپ،

رەڭنى تەڭشەپ، باغاق فۇيىنجىغا ئوخشاش قويسىڭىز لا بېسىشنى باشلايدۇ. سۈرەتنى 1 - 5 كىچە تەڭشىگىلى بولىدۇ. سۈرەت بەك تىز. ئىش ئاۋۇيدۇ 1000 تال باغاق دىگەن 40 مىنوتتا چىقىپ بولىدۇ.

نەزىر باغاقلىرىنى بېسىشتا ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىلىپ، قىزىل رەڭنى ئېلۋىتىپ قارا رەڭنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 11:43:35

10000 غا 一体机 نىڭ ياخشىسى كەلمەيدۇ.

pirkat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 11:51:51

رەھمەت ! 一体机 نى بايا كۆرۇپ كەلدىم . نىمكەش ئۇسكىننىڭ باھاسى 13000 ئەتىراپىدا ئىكەن . يىڭىسىنى 40000-50000 غىچە دەيدۇ .
بەت: [1]
: باغاق بىسىش ئۇسكىنىسىدىن ياردەم