koknur36 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 21:00:11

ئالتۇن بازىرىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئېلىم-بېرىم قىلىش ۋاختى ( بىر كۈن ئىچىدىكى ۋاقىت )

1، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 3-12گىچە بازار ئەھۋالى ئادەتتىكىچە ھەم سۇس بولىدۇ .

بۇ ئاساسلىقى ئاسىيا بازىرى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولغانلىقىدىن . ئادەتتە تەۋرىنىش بىر قەدەر كىچىك ،ئىنىق يۆنىلىش بولمايدۇ .كۆپىنچە ھاللاردا ئاز مىقداردا باھادا ئىگىز - پەس بولىدۇ . مەسلەن : ئەگەر بازار شۇكۈنى ئۆسۈشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان بولسا ، بۇ ۋاقىتتا ئازمىقداردا تەۋرىنىش بولۇپ باھا چۈشىدۇ . دەل شۇ ۋاقىتتا ئەگەر باھا مۇۋاپىق بولسا مال كىرگۈزۈشكە بولىدۇ .

2،چۇشتىن كىيىنكى ۋاقىت 12دىن 16گىچە ياۋروپانىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى بازىرى .

ياۋروپادا سودا باشلانغاندىن كىيىن بازاردىكى مەبلەغ كۆپىيىشكە باشلايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بىرقىسىم ياۋروپادىكى پۇللارنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئىلان قىلنىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر باھا مۇۋاپىق بولسا مال كىرگۈزۈشكە بولىدۇ .

3، كەچقۇرۇن 16دىن 18كىچە بولغان ۋاقىت ياۋروپا بازىرىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاختى ۋە ئامرىكا بازىرىنىڭ سەھەر ۋاختى ، بۇ ۋاقىتتا بازار بىرقەدەر سۇس بولىدۇ ، شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتا بازارنى كۆزىتىش كېرەك .

4، 18- 22 گىچە بولغان ۋاقىت ياۋروپا بازىرىنىڭ چۈشتىن كىينلىك بازىرى ۋە ئامرىكا بازىرىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاختى . بۇ ۋاقىت بىركۈن ئىچىدىكى بازارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرۈش بولىدىغان ۋاختى . يەنى ،بازاردىكى مەبلەغ مىقدارى ۋە سودىغا قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاختى ، بۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي شۇ كۈندىكى بازار يۆنىلىشىگە ئاساسەن ھەركەت قىلىدىغان ۋاقىت ، شۇڭلاشقا ، بۇ ۋاقىتتا بازار ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئومۇمى يۆنىلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك . بۇ ۋاقىت مال چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاختى .

5، 22دىن سەھەر سائەت 3كىچە ئامرىكىنىڭ چۈشتىن كىيىنلىك بازىرى ، ئادەتتە بۇ ۋاقىت ئاللىقاچان بازار ئەھۋالى ئىنىق بولغان ۋاقىت ، بۇ ۋاقىتتا كۆپرەك نۆۋەتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك ۋە كۆزۈتۈشنى ئاساس قىلىش كېرەك .

ئەمەلىيەتتە جۇڭگۇدىكى ئالتۇن سودىسى قىلغۇچىلار باشقا ۋاقىت رايوندىكىلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ۋاقىت ئەۋزەللىكىگە ئىگە . يەنى 19دىن 22 گىچە بازاردا چوڭ تەۋرىنىش بولىدىغان ۋاقىت پۇرسىتىنى تۇتالايدۇ . ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتا ئېيىتقاندا كەسپىي ئالتۇن سودىسى قىلدىغانلارغا قارىغاندا چۇشتىن كىيىن 17 دە ئىشتىن چۈشۈپ كەچ 22 گىچە بولغان ۋاقىت ئەركىن پائالىيەت ۋاختى ، بۇ ۋاقىت ئىشتىن سىرىت ئالتۇن سودىسى قىلدىغانلارنىڭ مال چىقىرىشتىكى ياخشى ۋاختى .

ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا مېنىڭ سودا قىلىش ئادىتىم چۈش 11دىن 16 گىچە زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدىغان توغىرلاپ قويىمەن . بۇنداق بولغاندا ئىزچىل كومپىيۇتىر ئالدىدا بازار ئەھۋالىنى كۆزىتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق . 15:00 ، 15:30 ، 16:00 ، 18 ، ۋە 13 دىن 19 گىچە ھەر 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە بىر قېتىم بازار ئەھۋالىنى كۆرۈپ قويسام بولىدۇ .

چۈشتىن كىيىنلىك بازارغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈلگۈرەلمىگەندە ئەلۋەتتە كەچكىچە ساقلاپ ئاندىن ئېلىم بېرىم قىلسا بولىدۇ . ئەمما ئەڭ ياخشىسى 18:30 دىن كىيىن ئېلىم بېرىم قىلغان ياخشى . بۇ ئادەتتە ئىككىنجى قېتىملىق بازارنىڭ ئۆزگۈرۈش ۋاختى ، يەنى ياۋروپا بازىرىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاختى . ئەگەر مۇھىم بولغان ئالتۇن باھاسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئىلان قىلىنماقچى بولسا ئىنتايىن ئىھتىيات قىلىش كېرەك .

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 23:50:03

خەتكۈچ

oghuzxan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 02:15:56

ۇرۇمچى ۋاختىمۇيا؟

koknur36 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 08:12:18

2- قەۋەتتىكى oghuzxanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۇرۇمچى ۋاختىمۇيا؟

ئۈرۈمچى ۋاختى

Tawghaq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 19:51:19

رەخمەت

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-10 20:54:46

1263كە ئۆرلەپ كەتتىغۇ بۇ ئالتۇن

koknur36 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-11 09:10:34

5- قەۋەتتىكى bardamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1263كە ئۆرلەپ كەتتىغۇ بۇ ئالتۇن

بۇگۈن دوللار باھاسى ئۆسۈۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،دىققەت قىلىش كېرەك .
بەت: [1]
: ئالتۇن بازىرىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئېلىم-بېرىم قىلىش ۋاختى ( بىر كۈن ئىچىدىكى ۋاقىت )