شىرئەلىجان21نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئون بىرىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن خاندېرسېننىڭ 30 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ، 9 قېتىم ياردەمچى پاس ، 5 قىتىم توپ تارتىۋىلىشى، شىرئەلىجاننىڭ 21 نومۇر ئىلىشى بىلەن، ئۇلار ئاخىرى 104- 88 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 30 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 21 نومۇر ئالدى، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سېنگېلدون 18 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىڭمىي 14 نومۇر ئالدى ۋە 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈچاڭدۇڭ 8 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛سۇ ۋېي7 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 4 نومۇر ئالدى.
گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندا ئەزاسى ۋاڭ شىپىڭ 24 نومۇر ئالدى؛ يىجىيەنلەن 13 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ چىڭ جاڭخۇا 13نومۇر،قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 8-دىكابىر قارشى تەرەپ مەيدانىدا فوشەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.











مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
يارايدۇ ئەزمەت
شىمال رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ خەن دېجى (1454219 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ لى شىياۋشۇ ( 180551 ) دىڭ يى يۈ خاۋ ( 132169 )، ئارقا بېك ؛ ماربول ( 209654 ) سۈن يۈ ( 131505 ) .
جەنۇپ رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ يىجىيەنلەن (272758 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ ۋاڭ جىجى( 188562 ) جۇفاڭيۈ ( 148541 )، ئارقا بېك ؛ ۋاڭ شىپىڭ ( 135471 ) لىن جېجى ( 125214 ) .
ئىككىنچى ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجاننىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، شىرئەلىجان بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ سۈن يۈ ھازىر ۋاختىنچەئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى شىرئەلىجان ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىمىساق شىرئەلىجاننىڭ ئاساسلىق بۇلۇپ ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا تاللىنىشى تەسرەك . شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ شىرئەلىجان ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
بەت:
[1]