چولپىنىمىز شىرئەلىگە بىلەت تاشلاش كۆرسەتمىسى
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تورداشلار ،يېقىندا بىر توردىشىمىزنىڭ (پەخىرلىك چولپىنىمىز شىرئەلىجانغا بىلەت تاشلايلى) دىگەن تېمىسىنى كۆرۈپ ،بەزى تورداشلارنىڭ قانداق بىلەت تاشلاشنى بىلمەيۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىنكاس يازغانلىقىنى كۆردۈم ،شۇڭلاشقا بىلەت تاشلاش توغرىسىدا رەسىملىك تېما يوللاشنى لايىق تاپتىم . قېرىنداشلار ھەممەيلەن بېلەت تاشلايلى ،بۇ شىرىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت .مەن سىناپ باقتىم ،بىر ئاي پ ئادىرىسىدىنمۇ ھەركۈنى بىلەت تاشلىغىلى بۇلىدىكەن .قېرىندىشىمىزنى قوللاپ قۇيايلى ! ئىككى مىنوت ۋاقتىمىزنى چىقارساقلا بىر قېتىم بىلەت تاشلىغىلى بۇلىدىكەن .
ئاۋال توربەتنى ئاچىمىز تور ئادىرىسى http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
توربەتنى ئاچقاندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
تور بەتنى ئېچىپ سەل ئاستىغا چۈشۈرسەك ،يۇقىردىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ .ئوڭ تەرەپتىكىلەر شىمالى رايۇندىكىلەر ،سول تەرەپتىكىلەر جەنۇبى رايۇندىكىلەر . سول تەرەپتىن ئارقا مۇداپىيىچى (后卫) دىگەننى باسىمىز ،قىزىل كاتەكچىگە ئېلىنغان شىرئەلىجان (西热力江) دىگەن ئىسىمنى چىكىپ قويىمىز ،ئاندىن يەنە خالىغان بىر ئىسىمنى چىكىمىز ،چۈنكى ئارقا مۇداپيىچىدىن ئىككىنى تاللىشىمىز كېرەك .ئاندىن ئوتتۇرا ھۇجۇمچى (中锋) نى باسىمىز ،بۇنى باسساق يەنە نەچچە ئىسىم چىقىدۇ ،بۇلاردىن بىرنى تاللاپ قۇيىمىز .ئاندىن يەنە ئالدىن ھۇجۇمچى (前锋)نى تاللاپ ،يەنە ئىككى تەنھەركەتچىنىڭ ئىسمىنى بېسىپ قۇيىمىز .ئەمدى ئوڭ تەرەپتىكى جەنوبى رايۇندىن بايامقىغا ئوخشاش قىلىپ ،كەينى مۇداپىيىچىدىن ئىككىنى ،ئوتتۇرا ھۇجۇمچىدىن بىرنى ،ئالدى ھۇجۇمچىدىن ئىككىنى تاللاپ قۇيىمىز .ئېسىڭىزدە بولسۇن شىرىمىزنىڭ ئىسمى سول تەرەپتىكى يەنى شىمالى رايۇندىكى (北区 ) دىكى ئارقا مۇداپىيىچى (后卫) دىگەن يەردە .
جەمى ئون تەنھەركەتچىنى تاللايسىز ،ھەر بىر تەنھەركەتچىنى تاللىسىڭىز ئاستىدىكى رايۇنغا تەنھەركەتچىنىڭ رەسىمى چىقىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .
قىزىل كاتەكچە ئىچىدىكى بىزنىڭ شىرىمىز شۇ . شىرئەلىجان قاتارلىق ئون تەنھەركەتچىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك
كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپىدىكى قىزىق كاتاكچىنىڭ ئىچىدىكى تاپشۇرۇش ۋە ھەمبەھىرلەش دىگەننى بېسىۋەتسەكلا شىرىمىزغا بىر بېلەت تاشلىغان بۇلىمىز .ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى قېرىنداشلار ،بىلەت تاشلاش توغرىسىدىكى خەۋەرنى يوللىغان قېرىندىشىمىزغا رەھمەت .
مەن تېخى بېلەت تاشلايمەن دەپ ئاۋارە بوپتىمەن، ماداق بىر ئىشقا دېققەت قىلساق بولىدىكەن ئەمسە، شىرئەلىجان بىلەن يەنە بىر ئەزانى تاللىغاندا باشقىلارنىڭ تاللاش نىسبىتى تۆۋەن بولغاننى تاللىساق بولىدىكەن، شىرئەلىجان بىلەن تەڭ تۇرالايدىغاننى تاللىساق ئۇنى خەقمۇ تاللىسا، شىرئەلىجاننىڭ ئومومى بېلەت سانى يەنە تۆۋەن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاندىن شىرئەلىجان شىمالى رايوندا بولغاندىكىن ئەلۋەتتە شىمالى رايوننىڭ ئۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇڭا باشقا ئەزالارنى تاللىغاندا قارا قويۇقلا تاللىماي، نوچىلىرىنى تاللىساق بولغۇدەك، @goodluck توغرا دەيسىز، تاللىغان تەنھەركەتچىنىڭ باش رەسىمىنى چەكسەك شۇنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى چىقىدىكەن، شۇنىڭغا قاراپ سىز دىگەندەك قىلىشقا تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەنمۇ شۇ بويىچە تاشلىدىم


5- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىدىم ، چۈشەندۈرگۈچىگە رەھمەت
بۈگۈنمۇ بىردىن بېلەت تاشلىۋىتەيلى ھە ، ئەتە يەنە ...... مەن بايام بىرنى تاشلىدىم .
3- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@goodluck توغرا دەيسىز، تاللىغان تەنھەركەتچىنىڭ باش رەسىمىنى چەكسەك شۇنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى چىقىدىكەن، شۇنىڭغا قاراپ سىز دىگەندەك قىلىشقا تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەنمۇ شۇ بويىچە تاشلىدىم![]()
بۈگۈنمۇ يەنە تاشلايلى ھە ، شىرىمىزغا بۇ يىل ياخشى پۇرسەت .
7- قەۋەتتىكى nuri24نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@goodluck توغرا دەيسىز، تاللىغان تەنھەركەتچىنىڭ باش رەسىمىنى چەكسەك شۇنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى چىقىدىكەن، شۇنىڭغا قاراپ سىز دىگەندەك قىلىشقا تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەنمۇ شۇ بويىچە تاشلىدىم![]()
بۈگۈنمۇ يەنە تاشلايلى ھە ، شىرىمىزغا بۇ يىل ياخشى پۇرسەت .
كۈندە تاشلىغىلى
بولسا ياخشى ئىشكەنغۇ ئەمىسە، بولىدۇ چاتاق يوق. مەيداندىكى توپچىلارنىڭ
ئارخىۋىنى بىردىن كۆرۈپ شىرنى ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈرۈش ئىمكانى بولغان
مەيدانچىلارنى تاللايلى. ئۈستىدە گۇدلاك بەك توغرا دىگەن.


1- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەلى ئون تەنھەرىكەتچى تاللايدىغان ئىشكەندە.
مەن تېخى بېلەت تاشلايمەن دەپ ئاۋارە بوپتىمەن، ماداق بىر ئىشقا دېققەت قىلساق بولىدىكەن ئەمسە، شىرئەلىجان بىلەن يەنە بىر ئەزانى تاللىغاندا باشقىلارنىڭ تاللاش نىسبىتى تۆۋەن بولغاننى تاللىساق بولىدىكەن، شىرئەلىجان بىلەن تەڭ تۇرالايدىغاننى تاللىساق ئۇنى خەقمۇ تاللىسا، شىرئەلىجاننىڭ ئومومى بېلەت سانى يەنە تۆۋەن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
گىپىڭىز بەك ئورۇنلۇق ، مەن لۈ شاۋمىڭنى تاللىدىم ، ئارىسدا بىر قەدەر ئاجىزكەن ، 9-دىكابىر 2014-يىللىق چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئىككىنچى ھەپتىلىك توردا بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئىلان قىلىندى، 25-سىنتەبىردىن 8-دىكابىرغىچە 532,856 تورداش بۇ قىتىمقى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىگە قاتناشقان بۇلۇپ يىجەنلىيەننىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى يەنىلائەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايونى چولپانلار كوماندىسىغا ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئىرىشكەنلەر سەپ شەكلى؛
شىمال رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ خەن دېجى (1454219 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ لى شىياۋشۇ ( 180551 ) دىڭ يى يۈ خاۋ ( 132169 )، ئارقا بېك ؛ ماربول ( 209654 ) سۈن يۈ ( 131505 ) .
جەنۇپ رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ يىجىيەنلەن (272758 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ ۋاڭ جىجى( 188562 ) جۇفاڭيۈ ( 148541 )، ئارقا بېك ؛ ۋاڭ شىپىڭ ( 135471 ) لىن جېجى ( 125214 ) .
ئىككىنچى ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجاننىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، شىرئەلىجان بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ سۈن يۈ ھازىر ۋاختىنچەئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى شىرئەلىجان ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىمىساق شىرئەلىجاننىڭ ئاساسلىق بۇلۇپ ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا تاللىنىشى تەسرەك . شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ شىرئەلىجان ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/