پەخىرلىك چولپانىمىز شىرئەلىجانغا بېلەت تاشلايلى
2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-19-كۈنى بىيجىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان چولپانلارنى تاللاش ئۈچۈن توردا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ25-كۈنىدىن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرىقى بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
بىلەت تاشلاشتا جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايۇنىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نەپەردىن ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى، ئىككى نەپەر ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، ئىككى نەپەر ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى بۇلۇپ جەمئى 10 نەپەر تەنھەركەتچى جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايۇنىنىڭ ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان سەپ شەكلىگە تاللىنىدۇ ( ھەر بىر مۇسابىقە رايۇنىغا تاللانغان چەتئەللىك ياردەمچى تەنھەركەتچى ئىككى نەپەردىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ).
بىلەت تاشلاش ئەھۋالى ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم تور ئارقىلىق ئىلان قىلىنىدىغان بۇلۇپ، 2-دىكابىر چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى تۈنجى ھەپتىلىك توردا بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئىلان قىلىنغان، يىجەنلىيەن، ماربول قاتارلىقلارنىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
نۆۋەتتىكى بېلەت نەتىجىسىگە قارىغاندا جەنۇب مۇسابىقە رايونىدىن ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىغا يىجەنلىيەن، ئالدى ھۇجۇمچى ئورنىغا ۋاڭ جىجى، دىڭ جىڭخۇي ئارقا بېك ئورنىغا خوشۇپىڭ، لىن جېجى؛ شىمالىي مۇسابىقە رايونىدىن ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىغا ھادادى، ئالدى ھۇجۇمچى ئورنىغا لى شىياۋشۇ،خې تىيەن جۇ، ئارقا بېك ئورنىغا ماربول، سۈن يۈنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
2014-يىللىق چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئۈچۈن جەمئى 36 نەپەر تەنھەركەتچى نامزاتى بىلەت تاشلاپ تاللاشقا قاتناشقان بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ماھىرلار ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان سەپ شەكلىگە تاللىنىدۇ.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان، ياڭ جىڭمىڭ، جاڭ چىڭپىڭ، تاڭ جىڭدۇڭ، سۇۋىي، سىڭگىلتون قاتارلىقلار تاللاش نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى شىرئەلىجان ئۈچۈن كۆپلەپ بېلەت تاشلىساق ئۇنىڭ تاللىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. پىقىر شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ شىرئەلىجان ئۈچۈن بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
2- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@goodluck بىلەت تاشلاش تىزىملىكى قاتارىدىكى 北区 رايوندىن 后卫 نى چەكسىڭىز شىرئەلىجاننىڭ ئىسمى چىقىدۇ.
،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
后卫 غا كىرىپ شىرېلىجان دىگەن ئىسىمنى چەكتىم شۇ توغرا بولغاندۇ ھە ، بەلەت تاشلغان تاشلىمىغانلىقىمنى ئۇقالماي قالدىم .
ئاۋۇ ئەڭ ئۈستىدىكى بېلەت تاشلاش چۈشەندۈرىشىدە ئوخشاش بىر ئايپىدا تاق كۈنلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ دەمدا؟ دىمەك جۈپ كۈنلىرى بېلەت تاشلىغىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەستۇ ھە؟ كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ئوڭ ياندىكى تاپشۇرۇش ۋە ھەمبەھىرلەشنى چەكسەم 球员选择不完全 دەيدا؟ بۈگۈن جۈپ كۈنكەن، شۇڭا تاشلىغى بولمايۋاتامدىغاندۇ ياكى بېلەتنى قانداق تاشلاشنى بىلمەي قالدۇقمۇ؟ مۇنۇ تېمىنى يوللىغان توردىشىمىز بىلسە بىرنىمە دەپ باقسا بوپتىكەن.
شىمال رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ خەن دېجى (1454219 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ لى شىياۋشۇ ( 180551 ) دىڭ يى يۈ خاۋ ( 132169 )، ئارقا بېك ؛ ماربول ( 209654 ) سۈن يۈ ( 131505 ) .
جەنۇپ رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ يىجىيەنلەن (272758 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ ۋاڭ جىجى( 188562 ) جۇفاڭيۈ ( 148541 )، ئارقا بېك ؛ ۋاڭ شىپىڭ ( 135471 ) لىن جېجى ( 125214 ) .
ئىككىنچى ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجاننىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، شىرئەلىجان بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ سۈن يۈ ھازىر ۋاختىنچەئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى شىرئەلىجان ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىمىساق شىرئەلىجاننىڭ ئاساسلىق بۇلۇپ ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا تاللىنىشى تەسرەك . شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ شىرئەلىجان ئۈچۈن يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
مەن ھېچ يەردىن تاپالمىدم ، كۆرسەتكەن ئادىرسى بىلەن كىرىپ قارىسام يوقۇرقىغا ئوخشىمايدىغان جەدىۆەل چىقىپ قالدى ، مەن ھازىر بىرنى تاشلىۋەتتىم بېلەتتىن ....
ھەر كوماندىدىن 5 ئادەمنى تاللايدىكەنمىز، تېخى چەتئەللىك ماھىرلارنى 2دىن ئارتۇق تاللىغىلى قويمايدىكەن، كۆردۈڭلەرمۇ ماۋۇ زومىگەرلىكنى ...