elanim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 18:12:20

ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۈچ ئايلىق نەتىجە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، بىز ئالدىنقى قېتىم 9-ئايدا بىر قېتىم ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئىككى ئايلىق نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ تورداشلارغا يەتكۈزگەن ئىدۇق . ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەن بۇگۈنكى كۈندە يەنىلا ئوخشاشلا بىز قىلىۋاتقان ھەم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىمىزنى تورداشلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۇق .


بىز بۇ ئۈچ ئاي ئچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر :


9-ئاينىڭ 16-كۈنى بىز ئۈندىدار ۋە توربىكەت ئارقىلىق يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى چىقىرىلغان سۈبھىنۇر ئىسىملىك قىز بىر كۈن ئىچىدىلا تېپىلدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق رول ئوينىغان كىشى خوتەن شەھىرىدىن ھۈسەنجان ياسىن .بىز قىزنىڭ ماتىريالىنى تورغا ۋە ئۈندىدارغا يوللاپ تارقاتقاندىن كىيىن تەخمىنەن 6-7 سائەتلەردىن كىيىن سۈبھىنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە قىزنى قىزنى تېپىۋالغىنى ھۈسەنجان ياسىن ئىسىملىك كىشى ئىكەن ، ئۇلار قىزىنى ئالغىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى .


بۇ بىزنىڭ توربىكەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئەڭ تىز سۈرەتتە تېپىلغان سەبىي ھېسابلىنىدۇ .


2- توربىكىتىمىز تۇنجى بولۇپ ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدۇق .


يەنى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساڭفاڭگو رايۇنىدا بىر دوستۇم بىر بالىنىڭ يالغۇز يۈرگەنلىكى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى -بۇنى سورىغان ھەم بالىنىڭ ئېزىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ، شۇنىڭدىن كىيىن دوستۇم ساڭفاڭگو رايۇنلۇق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغان ، ساڭفاڭگو ساقچىخانىسىدىكى ئالىم ساقچى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن بالىنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇچۇرىنى توردا ئېلان قىلغان ھەم بىز مۇ ئۈندىدار سالۇنىمىزدا ئېلان قىلدۇق ، ئارىدىن 1،2 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بالىنىڭ ھامىيلىرى كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساڭفاڭگو رايۇنلۇق ساقچىخانىدىكى ئالىم ساقچىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .


3- ئامما بىلەن ھەمكارلىشىپ تېپىۋېلىنغان قىزنىڭ ساق سالامەت ھالدا ئائېلىسىگە قايتىشىغا ياردەم قىلدۇق .


9-ئاينىڭ 23-كۈنى خوتەن شەھىرى لاسكويدىن ئابلەت ئابلا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئېزىپ قالغان ئىنىمىز روزىمۇھەممەتنى تېپىۋالغان ھەم ماشىنىغا سېلىپ يوللارنى ئايلاندۇرغان ئەمما بالا يولنى پەرق قىلالمىغان ، ئامالسىز بالىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ بىز بىلەن ئالاقىلىشپ ئۆزىنىڭ بىر بالىنى تېپىۋالغانلىقىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى قىلالمىغانلىقى ئېيتقان ئىدى ، بىز بالىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇچۇرلىرىنى تورىمىزدا ۋە ئۈندىدار سالۇنىمىزدا ئېلان قىلىپ ئارىدىن 2كۈن ئۆتكەندە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى كېلىپ بالىنى ئېلىپ كەتكەن . بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابلەت ئابلاغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .


4-يوقاپ كەتكەنلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قىز گۈلزىبا ئەخمەت تېپىلدى .


بىز 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈندىداردا بىرئاكىمىزنىڭ قىزنىڭ دورىخانىغا كىرىپ چىققۇچىلىك ئارلىقتا يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قىزنىڭ ئەمدىلا 21ئايلىق بولغانلىقى بىلدۇق ، ھەم تىز سۈرئەتتە قىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توربىكىتىمىز ۋە ئۈندىدار سالۇنىمىزدا ئېلان قىلدۇق ، ئارىدىن 10 نەچچە كۈن ئۆتكەن كۈندە قىزنىڭ دادىسى تېلفۇن قىلىپ قىزىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ھازىر قىزنى ئالغىلى ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى ، بۇ قىز توربىكىتىمىزدە ئېلان قىلىنىپ تېپىلغان ئەڭ كىچىك قىز ھېسابلىنىدۇ .


5- 9-ئاينىڭ 7-كۈنى مىسرانىم ھەم شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش تورىغا يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى يوللانغان ئىككى ئىنىمىز ،نۇرئەلى تۇرسۇن ۋە قېيۇمجان تۇرسۇن قاتارلىقئىنىمىز سۆيۈملۈك ساقچىللىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بىخەتەر ھالدا ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كەلدى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارنىڭ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يوللاپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ، ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت ..


6-يوقاپ كەتكەن ئىنىمىز قەيسەر مەمەت قايتىپ كەلدى .


7-سىنتەبىر يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى يوللانغان ئىنىمىز قەيسەرمەمەت تورداشلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كەلدى .


8- ئالىمجان ئەخمەت قايتىپ كەلدى .


11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە بىر ھەدىمىزنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم-دە ئۇيقۇدىن ئويغاندىم ، تېلفۇننى ئالدىم ، ئەسلى ھەدىمىزنىڭ ئوغلى ئاخشام ئۈرۈمچىدىكى كەررىفۇرنىڭ ئالدىدىن يوقاپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ ، ھەدىمىز ئاخىرى ساقلاپ بولالماي ماڭا تېلفۇن قىلسا مېنىڭ ئارام ئېلىشىمغا دەخلى يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تاكى ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ساقلاپ تېلفۇن قىلالماپتۇ (ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىز 24 سائەت سىز ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ ، مەخسىتىمىز يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كۈچ قوشۇش ، شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ بالىڭىز ھەم ئومىقىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇيقىمىزدىن ۋاز كېچەلەيمىز ، شۇڭا ھەرۋاقىت تېلفۇن قىلسىڭىز بولىىدۇ .)،بۇ گەپنى ئاڭلاپلا بىرخىل بولۇپ قالدىم دە تىزلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالىنىڭ ئۇچۇرىنى چىقىرىپ قويدۇم ھەم سالۇندا تارقاتتىم ، ئارىدىن 3كۈن ئۆتكەندە بالىنىڭ ئۇچۇرىنى بىر ئاممىۋى ئاپتۇبۇس شوپۇرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئەمما ئادەم كۆپ بولۇپ كېتىپ بالىنى يەنە يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، بىز يەنە قايتىدىن سالۇندا ئۇچۇر قىلدۇق ، ئارىدىن يەنە 3 كۈن ئۆتكەندە ھەدىمىزنىڭ بالىنى تاپقانلىقىنى ئېيتىپ رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتى ....



خوش بۇ قىسقىغىنە ئۈچ ئايلىق نەتىجىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى ،ئاخىرىدا تورداشلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم :


بالا سىزنىڭ ، بالىنى قانداق تەربىيەلەش ئۇمۇ سىزنىڭ تاللىشىىڭىز ، لىكىن ئۇنۇتماڭ ، كىچىككىنە شۇ سەبىيدىمۇ كۆڭۈل بار ، غورۇر بار ، بەزىدە بىلىپ بىلمەي بالىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قالىسىز ، ئەمما ئويلاپ بېقىڭ ، ئېسىڭىزدە بولسا بەلكىم سىزنىمۇ ئاتا-ئانىڭىز بەزىدە ئۇقۇشماسلىق بىلەن رەنجىتىپ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقان بولىشى مومكىن . بۇ ۋاقىتتا سىز قانداق بولغان ؟ ئەسلىيەلمىسىڭىز بەزىدە تۇرمۇشتا ۋە ئائېلىدە شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا سىز قانداق قىلىسز ؟ شۇنداق ، بالىنىڭمۇ ئەلۋەتتە كۆڭلى بار ، شۇنداقلا كىچىك سەبىيلەرنىڭ كۆڭلى سىزدىن ۋە بىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق نازۇك ، شۇڭا بالىنى قانداق تەربىيەلەش ھەم قانداق ۋاقىتتا قانداق تەنبىھ بېرىش قاتارلىقلارنىمۇ ئويلۇشۇپ ئاندىن قىلىڭ ، بالىڭىز ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ھەرقانچە يىغلاپ زارلىسىڭىزمۇ بىكار ، شۇڭا بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى ....


بۇنداق دىيىشىم يۇقارقىلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان بالىلار بار ، ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىپ تېپىلمىغان ياكى ئىچكىرىدىكى يامان بالىلارنىڭ ئازدۇرىشىغا ئۇچراپ چىقىپ كېتىپ كىيىن پۇشايمان قىلىپ ئۆيىگە قايتالماي پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي يۈرگەن ...شۇڭا پۇشايمان قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانابولۇشنىلا بىلمەي بالىڭىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ .


يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ ، كىچىكىمدە تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدىشىم بولدىغان ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىپ قانداقتۇر بىر خوجايىننىڭ قولىدا ئىشلەپ نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقىنى ،پۇلنى قانداق ئوغۇرلايدىغانلىقىنى ‹مۇئاشىنىڭ › ئاجايىپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى زۇق شوق بىلەن دەپ بېرەتتى ، پۇلنىمۇ سۇدەك خەجلەيتى .(ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتىكى پۇلنى سۇدەك خەجلەش بەلكىم 50-60 يۈەن بولسا كېرەك ، ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇردىكى ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بۇ پۇل شۇنداق كۆپ بولۇپ تۇيۇلۇپ كېتەتتىكەن ، ئەمدى بىلسەم بۇ پۇل ھېچقانچە پۇل ئەمەسكەن ، مانا مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى ئۇنداق پۇلنىڭ نەچچە 10 ھەسسىگىچە پۇلنى خەجلەپ باقتىم ، ئەمما مېنىڭ خوجايىنىم يوق ،ئوغۇرلۇق قىلمايمەن ) شۇ ۋاقىتلاردا مەن ۋە نەچچە ساۋاقدىشىمىز ھەيران قېلىپ بىزمۇ ئىچكىرىگە چىقىپ ئوغۇرلۇق قىلساق بولغىدەك دەپ ئويلىنىپ قالاتتۇق ، كىيىن بىلسەم ئىشلار ھەرگىز ئۇنىڭ دىگىندەك ئەمەسكەن ، ئەمەلىيەتتە شۇ يەردىكى خوجايىنى پۇلنى ئۇنىڭغا قەستەن شۇنداق كۆپ خەجلە ، چىقىدىغان بالىلار بولسا ئېلىپ چىق ، بىر بالا ئېلىپ چىقالىساڭ مۇنچە پۇل بېرىمەن دەپ ياكى قەرزىڭنى كۆتۈرۋېتىمەن دەپ ۋەدە قىلاتتىكەن ، شۇڭا بالىڭىزنىڭ يامانيولغا كىرىپ قېلىشى ئۇنىڭ قانداق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېقىڭ، بالىنى تېپىپ قويۇپ كىيىم ۋە قوسقىنى باقسىڭىزلا ھېساپ ئەمەس ، ئۇ كىملەر بىلەن ئارلىشىۋاتىدۇ ، نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ، سومكىسىدا نىمىلەر بار ، يانفۇندا نىمە ئىشلارنى كىملەر بىلەن ئالاقىلشىۋاتىدۇ ، توردا نىمىلەرنى كۆرۋاتىدۇ ............ دىققەت قىلىپ قويۇڭ، لىكىن ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسۇن .


بولدى ئەمدى كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرمۇ ئاخىرلاشتى ، ئەمدى يەنە بىر كىچىككىنە تەكلىپ ، ئەگەر سىز بىزبىلەن ھەمكارلىشىپ مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپيوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ تىزراق ئائېلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز توربىكىتىمىزنىڭ سالۇنىنى قوشۇۋېلىڭ . سالۇنىمىزدا ھازىر سىزگە ئوخشاش 20،000 دىن ئارتۇق كىشى بار ، سىزنىڭمۇ قوشۇلۇپ يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تارقىتىشىڭىزنى ھەم ئۇچرىتىپ قالسىڭىز ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .


شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش سالۇنى :yutkanlar


qrcode_for_gh_8c3399f52c62_258


توربىكەت باشلىقلىرىغا يەنە بىر تەكلىپ ، بولسا توربىكىتمىزگە كىچىككىنە بىر ئېلان ئورنى بەرگەن بولسىڭىز ، بىزنىڭ قىلىۋاتقان خالىسانە ئىشلىرىمىزنى قوللىغان بولسىڭىز دىمەكچى ئىدىم ، ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ توربىكىتىمىزگە ئېلان ئورنى بەرگەن بارلىق بىكەت باشلىقلىرىغا كۆپتىن -كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن كۆپ رەھمەت سىلەرگە ...


توربىكەت ئىسمى : شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش تورى


توربىكەت ئادرىسى :http://www.yutkanlar.com


لوگو ئۇلانمىسى :http://www.yutkanlar.com/logo.gif



(بۇ تىمىنى بولسا باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قويۇشۇڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ، رەھمەت سىلەرگە)


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 10:24:44

‹‹ئەلگە خىزمەت›› دېگەن مانا.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 10:43:50

ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن، يۈتكەن بالىلارنىڭ بالدۇرراق تېپىلىشىنى نىسىپ قىلغاي

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 11:28:27

توقسۇدىكى بىر تۇققاننىڭ 4 ياشلىق قىزى چۈش ۋاقتى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئويناۋىتىپ يۈتۈپ كىتىپتىكەن، ئانىسىنىڭ دىيىشىچە ئۆيدە تاماق ئىتىۋاتسا تۇيۇقسىز بالىنىڭ قىرقار چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا ئاقتىمۇ كۆكتىمۇ يوق، بالا يۈتكىلى ئۈچ يىلچە بولۇپ قالدى. ئىزدىمىگەن يىرى، ياردەم سورىمىغان ئادىمى قالمىدى ھەتتا دادىسى بىر قانچە كىشى بىلەن ئىچكىرىگىچىمۇ بېرىپ كەلدى تېخىچە تېپىلمىدى، ھىچقانداق ئۇچۇرىمۇ يوق، ئانىسى بالىنىڭ دەردىدە ئېلىشىپ قالدى. ئاللاھىم بالىلىرىمىزنى ھەر قازادىن ساقلىسۇن.... ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولغاي!

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 21:02:04

مۇشۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شايار ناھىيسىدە سۈمەييە ئىبراھىم ئىسىملىك ئۈچ ياشقا كىرگەن سىڭلىمىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغان ئىدى ، تېپىلغان ياكى تېپىلمىغانلىقىنى بىلمىدىم ، بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر ياردەم قىلسىڭىز ...



بۇ ئەلكۈيىگە يوللانغان ئىزدەش ئېلانى ئادرېسى:



http://www.alkuyi.com/uqur/show.php?mid=4113

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 22:38:34

سۇمەييە ئىبراھىم تىپىلمىدى، ئاتاسى كۇندە دۇكىنىمنىڭ ئالدىدىن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتتا ئۇ قىزنى ئىزدە ئىلانىنى ئاڭلىتىپ ئۈتەتتى، نەچچە كۈندىن بىرى ئالدىراش دۇكاندا تۇرالمىدىم، ئەمما ئۇ قىزنىڭ تىپىلغانلىق خەۋىرى يوق \"\"

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 23:13:22

ئاللاھىم ئەجرىڭلارنى بەرگەي .ئىككىلا ئالەمدە بەرىكەتلىك ،ئامان بۇلۇڭلار.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 23:29:27

@weyrani ئاۋۇ 4-بۇلۇپ تېپېلغان گۈلزىبا دېگەن قىز سىلىنىڭ قىزىڭلا ئەمەستۇ؟ \"\"

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 00:39:32

سىلەرگە ئىككىلا ئالەم بەخىت سائادەت يار بولسۇۇن مەھشەر كۈنى نامە ئەمەلىڭلار ئوڭ تەرەپتىن بىرىلىشىگە دۇئا قىلىمەن ئامىن......

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 00:40:28

مەنمۇ سىلەرنىڭ ئۈندىدار سالۇنىڭلاردىن كەلگەن ئۈچۈرنى بىر نى قويماي دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ كىلىۋاتىمەان ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 07:21:01

ياخشى ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكاس بىلدۈرمىسەك سەت تۇرىدۇ. جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى يامان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىنلا ئەمەس، ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاز بولغانلىغىدىن. پىدائىلارغا ھۆرمەت \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 12:02:58

ھەمشىرىلەر يولدا ئۈچ ياشلىق بىر بالىنى ئۇچرىتىپ، گەپ سورىسا دەپ بېرەلمەپتۇ، يولدىكىلەردىن بىرى ئاۋۇ يەردىكى ناۋاينىڭ بالىسىمىكىن دەپتىكەن، ئىزدەپ بارسا، ناۋاي خىرامان يۈرگىدەك، ئاپىسى ئىزدىگىلى چىقىپ كەتكەن دەپ. تاپشۇرۇپ بېرىپ كېتىۋاتسا، ناۋاينىڭ ئايالى ئۇچراپتۇ، تاھارەت ئالغىلى كىرىپ كەتكەن ئىدىم دەپتۇ. بالىنى چوقۇم بىر ئادەمگە تاپشۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ئۆز ئىشىنى قىلمامدۇ. بالىسىنىڭ قولىنى يىتىلەپ ماڭمايدىغانلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ، يۈتۈپ كەتمىسىمۇ يېقىلىپ ياكى ماشىنىغا سوقۇلۇپ سۆڭەك بۆلۈمگە كىرىپ قالىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەستەك..

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 12:24:37

مۇشۇ بالا ئۇغۇرلاپ قاچقانلارنى نىمىشقا تاش- بۇران جازاسى بىلەن جازالىمايدىغاندۇ؟

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 13:17:46

مۇشۇنداق پاجىئەلەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يەتكۈچە بار. ئۆزى ئۆيىدە بىخارامان ئارام ئېلىپ، ياكى ئىشلىرىنى قىلىپ تۆت-بەش ياشلىق بالىلىرىنى سىرتقا خاتىرجەم ئوينىغىلى قويىۋېتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بولۇپمۇ يېزىلاردا ئېغىر. ھەرقېتىم توختىماي ماشىنا ئۆتۈشىدىغان يول بويىدا ئويناۋاتقان ئۇششاق بالىلارنى كۆرسەم ئادەم بېدىكلىرىدىن بەكرەك ماشىنا سوقۇۋېتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ كېتىمەن. ئاتا-ئانىلىرى جەمىيەتنى بەك گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلىۋالامدۇ يا بەك بىغەممۇ بىلگىلى بولمايدۇ. دېگەندەك مۇشۇ نەچچە ئاي ئىچىدە ئىككى-ئۈچ تونۇشۇمنىڭ بالىلىرى يول بويىدا ئويناۋاتقاندا موتوسىكىلت سوقۇۋېتىپتۇ، ياخشى يېرى ھەممىسىنىڭلا يارىسى يېنىك. مۇشۇنداق بالىنى تېپىپ قويۇپ، ياخشى تەربىيلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنىمۇ بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ.

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 14:15:50

ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن !

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 14:39:43

كىچىك بالىغا بەكرەك ئېھتىيات بىلەن قارىمايدىغانلارمۇ بار ئوخشايدۇ ،قايسى كۈنى بىرئىككى ياشلىق ئوغۇل بالىنى تېپىۋالدۇق قاتناش مىغىلداپ ئۆتۈپ تۇرغان يول بويىدا مۇزلاپ تاتىرىپ كىتىپتۇ ،ئاتا ئانىسى ئەتراپتا بولسا دىققەت قىلمىغان چېغى دەپ

قولىدىن تۇتۇپ گەپ سورىغاچ ساقلاپ تۇردۇم ،ھىچكىم يوق قولۇمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئاتا -ئانىسى بارمۇ دەپ ئىزدىدىم ھىچ كىم يوق بىچارە ئوغۇل ئىشتانلىرغا سىيۋىتىپتىكەن مۇزلاپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ كىتىپمۇ شۇنچە ۋارقىرىسام ئىگىسى چىقمىدى ،ئاڭغىچە بالا يولنىڭ قارشى تەرپىنى كۆرسىتىپ دادام با دىدى ئۇياققا ئۆتكۈزۈپ دۇكاندارلاردىن سۈرۈشتە قىلسام بىر كىچىك ئاشخانا خوجايىنى بىر ئەر ئايال تاماق يەۋاتقاندەك قىلغان مۇشۇ بالا بىلەن خېلى بولدى چىقىپ كەتكىلى دىدى ،ئۇ يەردە بالىنى ئىسسىتىپ بەزلىگەچ قوسقىغا ئازراق بىر نىمە يىگۈزۈپ ساقلىسام يەنە ھىچ كىم ئىز دىرىگىنى قىلمىدى،ئاخىرى بولماي شۇ يول بويىدىكى سودا ساراينىڭ ئامانلىق ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ سودا سارىيىڭلار ئالدىدىن بۇ بالىنى تېپىۋالدىم دەپ ئەكىرسەم ئۇلار كانايدا بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلدى ۋە ساقچى ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلدى .مەن قايتىپ چىقتىم كىيىن ھامىيسى تېپىپ ئېلىپ كەتتى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىدىم

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 15:13:20

ئىشلىرىڭلار ئاسانچىلىق بولغاي.

ھازىر بۇرۇنقىدەك خاتىرجەمچىلىك يوق، بالىلارنى ئەركىن قۇيۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.

ئاتا-ئانىلار ھاڭۋاقتىلىقىڭلار بېشىڭلارغا بالا بولمىسۇن.

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 16:45:59

ئادەم بىدىكلىرى نىمىشقا تۈگىمايدۇ ؟ يۈتۈپ كەتكەن ئادەمنى نىمىشقا تاپقىلى بولمايدۇ ؟

لىكىن بىرەر «تىرورچى » مۈكۈپ يۈرسىمۇ تېپىۋالىدۇ{:107:}

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 17:41:46

سىلەردىن پەخىرلەندىم ! يارايسىلەر !!!

يىقىندىن بۇيان شەھەر ئىچىدە يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ خەۋىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم...ھازىر ھەممە يەردە كۈزىتىش كامىراسى ساماندەك كۆپ بولۇپ كەتتى.شۇڭا ج خ ئورۇنلىرىنىڭ تىخىمۇ يىقىندىن ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ! بۇ ھەم ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى !

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 18:28:08

2- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۇمەييە ئىبراھىم تىپىلمىدى، ئاتاسى كۇندە دۇكىنىمنىڭ ئالدىدىن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتتا ئۇ قىزنى ئىزدە ئىلانىنى ئاڭلىتىپ ئۈتەتتى، نەچچە كۈندىن بىرى ئالدىراش دۇكاندا تۇرالمىدىم، ئەمما ئۇ قىزنىڭ تىپىلغانلىق خەۋىرى يوق \"\"



بەزىلەر ئۆلۈكى قۇدۇق ئىچدىن چىقىپتۇ دەپ گەپ تېپىپ يۇرۇپتىكەن تېخى ...ھەي
بەت: [1] 2
: ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۈچ ئايلىق نەتىجە