nuri24 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 18:01:39

تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك تورداشلار . ئالدىنقى يازمامدا بەزى قېرىنداشلار ئىنكاس قالدۇرۇپ مال سېتىۋېلىش توغرىسىدا يەنە ئازراق چۈشەنچە بېرىشنى ئېيتىپتىكەن .شۇڭلاشقا ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،قۇرۇق پاراڭ قىلماي ،ھې ھې .

        بىرىنچى . ئاۋال تاۋباۋ تورىغا تىزىملىتىپ كىرىسىز ،ئەلۋەتتە تىزىملىتىپ كىرىشتىن بۇرۇن تاۋباۋغا تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك ،تىزىمغا ئالدۇرۇش بەك مۈشكۈل ئەمەس ،شۇڭلاشقا قانداق تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدا توختالمىدىم .

ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئابونىت نامى ۋە مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىش دىگەن خەتنى بېسىپ تىزىملىتىپ كىرىڭ .





ئىككىنچى ،سىز ئالماقچى بولغان مالنى تاللايسىز ،تۈۋەندىكى كۆزنەكتە كۆرسىتىلگەندىكىدەك .بۇ كۆزنەكتە سىز ئالماقچى بولغان مالنىڭ ھەرخىل ئۇچۇرلىرىنى تاللايسىز .تىلفوننى مىسال ئالساق ،تىلفوننى قاتتىق دېسكىسى ،رەڭگى،قايسى خىل تورنى تاللايدىغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تاللايسىز .





ئۈچىنچى ،دەل مۇشۇ كۆزنەكتە دۇكاندار بىلەن پاراڭلىشىسىز،قىزىل كاتاكچىگە ئېلىنغان يەرنى باسسىڭىز دۇكاندار بىلەن سۆزلىشىش كۆزنىكى چىقىدۇ .باشقىلارنىڭ دۇكانغا بەرگەن ھەرخىل باھالىرىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ مۇشۇ يەردىن سېلىشتۇرۇپ بىلگىلى بۇلىدۇ .





يۇقارقى باسقۇچلارنى بېسىپ بۇلۇپ ،سېتىۋېلىش دىگەن خەتنى باسسىڭىز بۇلىدۇ .

تۆتىنچى ،سېتىۋلىش دىگەننى باسسىڭىز تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ .بۇ كۆزنەكتە سىز مال تاپشۇرۋېلىش ئادىرىسىنى تولدۇرىسىز ،بىر قېتىم تولدۇرۇپ قويسىڭىز ،كىينكى قېتىملاردا قايتا تولدۇرۇش ھاجەتسىز ،بىرقانچە ئادىرىسنى تۇلدۇرۇپ قۇيۇپ كىينچە ئۆزىڭىزنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ .بۇ يەردە يەنە سىز ئالماقچى بولغان مالنىڭ باھاسى ۋە پوچتا ھەققىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ .ئادىرىسنى تولدۇرۇپ بۇلۇپ ئاستىدىكى مالنى زاكاس قىلىش دىگەننى باسسىڭىز بۇلىدۇ .




بەشىنچى ،ناۋادا سىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرىڭىزدە پۇل بولسا ،ئاستىدىكى پۇل تۆلەش دىگەننى بېسىپ مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپلا پۇل تۆلىسىڭىز بۇلىدۇ .ناۋادا پۇل تۆلەش گۆھىرىدە پۇل بولمىسا ،ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان كارتىغا مۇناسىۋەتلىك بانكىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ .





بانكىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن كىينكى قەدەم دىگەننى باسسىڭىز تۈۋەندىكىدەك تور بانكىسىغا چىقىپ پۇل تۆلەش دىگەن كۆزنەك چىقىدۇ .





بۇنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن سىز تاللىغان بانكىنىڭ پۇل تۆلەش كۆزنىكىگە يۈتكىلىدۇ .ئەمدى پۇلنى تۆلەپ بولدىڭىز ،پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ،مالنى ئېلىش ۋە پۇل تۆلەشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولمىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ،تۈۋەندىكى رەسىمدىكى يەرنى باسسىڭىز بۇلىدۇ .





بۇ يەرگە مائوسنىڭ بەلگىسىنى ئەكەلسىڭىز ،مەن سېتىۋالغان مەھسۇلات دىگەن خەت چىقىدۇ شۇنى باسسىڭىز بۇلىدۇ .تۈۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك .









رەسىمدىكى كاتاكچىگە ئېلىنغان يەرنى بېسىپ دۇكاندار بىلەن پاراڭلاشقىلى ھەمدە مالنى سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كىيىن دۇكاندارغا باھا يازغىلى بۇلىدۇ .تورداشلارغا ئازراق ياردىمى بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .




يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

nuri24 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 09:49:54

4- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

淘宝 تورىدىن مال سېتىۋېلىش تارىخىمغا ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى بولغاي . ئىشقىلىپ %98 رازى بولدۇم . لېكىن ھېلىقى دۇكاندارلار بەرگەن تەڭگىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم . دەپ بەرگەيسىز .



تاۋباۋ تەڭگىسى يەنى خەنزۇچە 淘宝币 دەيدىغان نەرسىنى دەمسىز ؟ بۇنى  مائوسنىڭ نور بەلگىسىنى تور بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ( 网站导航 ) توربەت خەرىتىسى دىگەن خەتنىڭ ئۈسىتىگە ئېلىپ بارسىڭىز بىرمۇنچە خەتلەر چىقىدۇ ،شۇلارنىڭ ئارسىدىن 淘宝币 دىگەن خەتنى تاللاپ كىرسىڭىز بۇلىدۇ .ئادەتتە 100 تاۋباۋ تەڭگىسى بىر سومغا تەڭ بۇلىدىكەن .بۇ يەردىكى ماللاردىن سېتىۋالسىڭىز مەسىلەن 1000 تاۋباۋ تەڭگىسى بولسا سىزگە ئون سوم ئەرزان باھادا بېرىدۇ دىگەن گەپ .لېكىن بۇ يەردىكى ماللارنىڭ تايىنى يوقكەن ،ساپلا كىيىم كىچەك ،گىرىم بۇيۇملىرىى دىگەندەك .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 23:15:49

دۆڭكۆۋرۈكتىن مال سېتىۋېلىش توغۇرلۇق تېما يازىدىغانلار يوقما؟

nuri24 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 23:45:18

كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم ، تاۋباۋدا مال ئېلىۋاتقانلار ياكى ئالماقچى بولىۋاتقانلار بولسا پايدىسى تىگىپ قالسا دەپ يوللاپ قويدۇم ، مەن يا تاۋباۋدا دۇكان ئاچمايمەن ،ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ بۇنچىلىك نەرسە يازغانغا ماڭغا بىر تىيىن پايدىسى يوق ،پەقەت قېرىنداشلىرىم پايدىلىنىپ قالسا دەپلا يېزىپ قويغان ،

ablkm يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 00:25:43

دۇكىنىمدىكى ماللارنى قايتا رەتلەپ قويدۇم ، تىلفۇنغا پۇل تۆلەيدىغانلار 24 سائەت ھەرقانداق ۋاقىتتا كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تىلگىراف تىلفۇنلىرىغا پۇل تۆلىيەلەيدۇ.

تور ئادىرسى : http://unqa.taobao.com

ياكى تاۋباۋغا كىرىپ ئىزدەش كۆزنىكىگە ablkm دەپ يازسىڭىزمۇ بولىدۇ .

قوللاپ قويارسىلەر .

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 15:37:36

مۇشۇ تاۋباۋدا كۇپىنچىسنىڭ ئۇستىدىكى مالنىڭ باھاسى بار يەردە چىقىدىغان يەتكۇزۇش ئەھۋالىدا شىنجاڭغا ھەقسىز يەتكۇزۇلدۇ دەپ بار ئىكەن ، دۇكانچى بىلەن دىيىشىپ سېتۋېلىشنى جەزىملەشتۇرگەندە سەن شىجاڭدىن ئىكەنسە ئۇ يەر يىراق ھەقسىز ئەمەس دەپ تۇرۋالدىكەن . مۇشۇ چاغدا ئەسلى شىنجاڭ يىراق ئەمەس سەن تۇرغان يەر شىنجاڭدىن يىراق ، شىنجاڭمۇ جوڭگونىڭ زىمىنىغۇ سن نىمىشقا پۇتۇن مەملكەت بۇيچە ھەقسىز يەتكۇزۇلدۇ دەپ تۇرۇپ شىنجاڭغا ھەق ئېلىندۇ دەيسە ، شىنجاڭنى باشقا دۆلەت دەو ئىتراپ قىلدىكەنسەندە دەپ كىتىمەن .
بەت: [1]
: تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش