qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 13:38:30

مائارىپ ۋە پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئائىت كىتاپلاردىن ياردەم

ماڭا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىردىن چىققان (ھازىر كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولىدىغان)، مائارىپ ۋە پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئائىت كىتاپلار لازىم بولۇپ قالغانتى. مۇشۇ مەزمۇندىكى كىتاپلارنىڭ نامىنى دەپ بەرگەن بولساڭلا. رەھمەت.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 10:17:35

باشقىلارنىڭ تەرزەنت تەبىيلەش ھەققىدىكى تەجىربىلىرىنى ئوقۇپ قويساق بولىدىكەن، لىكىن بالىلارنىڭ گېن، خاراكتېرى، ئەتراپىمىزدىكى موھىت، بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز، ئەقىدە-ئىتىقادىمىز ئەشۇ تەرجىمە كىتابلاردىكى مەزمۇنلار بىلەن پەرقلىق بولغاچقا پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشتە ئۆزىمىزگە خاس دىت، پاراسەت بولمىسا بولمايدىكەن.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 16:47:12

يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇقنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنىت تەربىيسى ››ۋە ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيسى›› دىگەن ئىككى كىتابىنى ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كىتاپلار

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 16:59:49

«تالانتلىق بالىلا مۇنداق تەربىيلندۇ »بۇ تەرجىمە كىتاپقۇ دەيمەن .«سىتىنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيسى ».«ئاتا-ئانىلار قوللانمىسى »

«ئاتا-ئانىلار ئەخلاقى» «بالىلارنىڭ ئەقلى قابىليىتنى ئېچىش ھەققىدە » مېنىڭ كۈرۈپ باققانلىرىم مۇشۇلاركەن .

Gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 19:16:30

ئابلىمىت ئەھەت نەشىرگە تەييارلىغان ئەخلاق دەستۇرى دىگەن كىتاپمۇ بولىدۇ .

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 08:50:23

يۇقىرىدىكى تورداشلار دىگەندىن سىرىت،ئىسلامدا پەرزەنىت تەربىيەلەش دەستۇرى دەپ يەنە بىر كىتاب بار،شۇنىمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭ...............ئاندىن يەنە ئەدەپ ئەخلاق مىزانلىرى دەپ 10 يۈەنلىك بىر كىتاب بار،ئۇنىمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭ......بۇنىڭدىمۇ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تىمىلار بار......

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 11:09:57

مەنمۇ بىرزات ھەكىمنىڭ پىكرىنى قوللايمەن، ئىلگىرى مۇشۇ تۈردىكى تەرجىمە قىلىنغان كىتاپلارغا بەك دىققەت قىلاتتىم، خېلى كۆپلىرىنى ئوقۇدۇم، بىر قوساقتىن تۇغۇلغان نەچچە بالىنىڭ خاراكتىرىمۇ ئاسمان زىمن پەرقلىق تۇرسا ، كىتاپنى، بولۇپمۇ تەرجىمە قىلىنغان كىتاپلارنى ئورنەك قىلغىلى بولمايدىكەن، بىر چاغدا ‹كارل ۋېتىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى› دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ، ئۆزۈمنى يارىماس لاياقەتسىز ئانىدەك ھىس قىلىپ بىئارام بوپ كەتكەن ئىدىم، چۈنكى كىتاپتىكى بالا 7 ياشتىلا نەچچە خىل تىلنى ئۆگۈنۈپ بولىدىكەن، بالىغا شۇنچە خىل تىلنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ئۆزۈم بىلمىسەم قانداقمۇ ئۆگۈتەلەيمەن؟ باشقا مەزمۇنلارغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، قارىسام كىتاپتىكى دادا بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەتنىمۇ تاشلاپ، پۈتۈن ۋاقتى زېھنىنى بالا تەربىيىلەش ئاتايدىدىكەن، بىراق مەن ئۇنداق قىلالمىدىم،ھ ەم ئۇنداق قىلالمايتىم، تۇرمۇش غېمىنى تۈگىتىپ، بالىنىڭ قورسىقىنى توقلاپ ،كىيىمىنى پۈتۈن قىلماي تۇرۇپ خىزمىتىمنى تاشلاپ نەچچە خىل تىل ئۆگۈنۈش ھەم ئۆگۈتۈش مۈمكىنمۇ؟ ھاياتلىقتا ئەڭ ئەققلىي شەرت قوسۇق تويمىسا بىكار، بۇ رىئال ئېھتىياج... رىئاللىق بەزىدە شۇنداق ئاچچىق بولىدىكەن، (تاققا تۇققا گەپ چىقىپ كەتتى دىسە)

گەپنىڭ قسقىسى بالىنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ئاتا ئانا ئۆزىنى ئوبدان تەربىيلىشى زۆرۈر، ئۆزىڭىز تەربىيىلەنمەي تۇرۇپ نىمە بىلەن بالا تەربىيلەيسىز ؟ ئەلبەتتە كىتاپلارنى كۆرۈپ ئانچە مۇنچە پايدىلىنىش كېرەك،بىراقلا ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس ، بۇمېنىڭ كۆز قارىشىم.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 13:15:17

مەنمۇ مەمەتتۇسناخۇنكامدەك قاراشتا. بۇنى ماڭا بىرەيلەن ھاۋالە قىلغان ئىدى. قالغىننى مۇشۇ تېمىنى كۆرۈش جەريانىدا بىلىۋالا مەن دىمىسەممۇ \"\"

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 17:22:25

بىر كىتاپ بار « دۇنيا بۈيۈك ئوقۇشخانىدۇر »   ئۆزبېكلەرنىڭ كىتابى .
بالا تەربىيەلەش ھەقتىكى كىتاپلاردا كىتاپخانىدا بارلىرىدىن ئۆزبېكلەرنىڭ بىزگە ئەڭ ماس كىلىدۇ دەپ ئويلايمەن .
بەت: [1]
: مائارىپ ۋە پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئائىت كىتاپلاردىن ياردەم