tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 09:39:05

تاشپولات: ئاسترونومىيە نەزەرىيىسىدە مۇمكىن بولمايدىغان قارا ئۆڭكۈر بايقالدى

ئاسترونومىيە نەزەرىيىسىدە مۇمكىن بولمايدىغان قارا ئۆڭكۈر بايقالدى



تاشپولات روزى









22 مىليون نۇر يىراقلىقتا تۇرغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى (Galaxy) كۈچلۈك X
نۇر مەنبەسىنى ھاسىل قىلغان قارا ئۆڭكۈرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، قارا
ئۆڭكۈرنىڭ مادىلارنى قانداق قىلىپ سۈمۈرۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭدىن
ئېرىشكەن تەكشۈرۈش نەتىجىلەر، بىزنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە قوللىنىپ كېلىۋاتقان
ئوي پىكرىمىزگە قارشى چىقتى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، كۈچلۈك X
نۇر مەنبەسىنى پەيدا قىلىدىغان بۇ ئالاھىدە قارا ئۆڭكۈر ئادەمنى ھەيران
قالدۇرغۇدەك يېنىك ئىكەن. بۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىسمى M101 ULX-1 دەپ
ئاتىلىدىكەن.



ئادەتتە X نۇر مەنبەسىدە، يۇقىرى ئېنېرگىيە بىلەن توۋەن ئېنېرگىيىنى پەيدا
قىلىدىغان 2 خىل ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن. ئالدىنقىسىنى ئاسترونومىيە ئالىملىرى
قاتتىق X نۇر، كېيىنكىسىنى يۇمشاق X نۇر دەپ ئاتايدىكەن. ھازىرقى
نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈر چوڭ بولغانسېرى، ئۇ يۇمشاق X نۇرىغا
ئايلىنىدىكەن. قارا ئۆڭكۈر كىچىكلىگەنسېرى، ئۇ قاتتىق X نۇرغا
ئايلىنىدىكەن. بۇ قېتىم تەكشۈرۈلگەن قارا ئۆڭكۈر، يۇمشاق نۇر بولغانلىقى
ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار ئۇ ئېنېرگىيە مەنبەسىدە ناھايىتى چوڭ قارا ئۆڭكۈر
بۆلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان.



بىراق Gemini Observatory تېلېسكوپىدىن ئېلىنغان يېڭى تەتقىقات
نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قارا ئۆڭكۈر، تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشىنىشىدىن
ھالقىپ كەتكەن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىچىك تىپلىق قارا ئۆڭكۈر
بولۇپ چىققان.




تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.


http://www.sciencedaily.com/releases/2013/11/131127170415.htm

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 15:00:05

قارا ئۇڭكۇرنىڭ ئىچىدىكى تارتىشىش كۇچى يەنى ماكان زامان ئەگرىلىكى قاتارلىق مەسلىلەر شۇنداقلا بوشلۇق ئولچەم مەسلىلىرى تۇلۇق ھەل بولماي تۇرۇپ ئاستىرۇنۇمىيە ۋە قارا ئۇڭكۇر تىرمۇدىنامىكىسىدىكى مەسلىلەر ماھىيەتتىن ھەل بولماسلىغى مۇمكىن!

ھورمەتلىك ئۇستاز ، ئىككى ئاسمان جىسىمى يېقىنلىشىپ بىر ئاسمان جىسمىنى شەكىللەندۇرگەندىكى ماسسىسى ئەسلىدىكى ئىككى ئاسمان جىسىمنىڭ ماسسىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن كىچىك بۇلىدۇ دىگەن پوتىنسىئال قۇشۇش قائىدىسى ئارقىلىق قىلغان ئانالىز نەتىجىسىگە قانداق قارايسىز؟ بۇنىڭغا دائىر كۇزۇتۇش نەتىجىلىرى بارمىدۇ ؟

رەھمەت !ئاۋارە قىلىۋەتتىم.

سالام يوللاپ ھورمەت بىلەن ئىنىڭىز ۋە شاگىرتىڭىز: مۇھاكىمە

2013.12.07
بەت: [1]
: تاشپولات: ئاسترونومىيە نەزەرىيىسىدە مۇمكىن بولمايدىغان قارا ئۆڭكۈر بايقالدى