شىنجاڭ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئونىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا دۇڭگۈەن ماكپور ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئېلىپ، ئۇلار ئاخىرى 99- 86 نەتىجە بىلەن دۇڭگۈەن ماكپور ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز مەيدانىدا دۇڭگۈەن ماكپور كوماندىسىنى ئۇدا 12 - قېتىم مەغلۇپ قىلدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 34 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ياڭ جىڭمىي 12 نومۇر ئالدى ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان ئون نومۇر ئالدى، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇ ۋېي 13 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 19 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇ شۇنەن ئالتە نومۇر ئالدى.
دۇڭگۈەن ماكپور ۋاسكېتبول كوماندا ئەزاسى بۇلان 27 نومۇر ئالدى؛ گېرىن توققۇز نومۇر ئالدى؛ شو چۈەن 15 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 8-دىكابىر ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا كونا رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.









1- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تومۇز ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولغان مۇشۇ دوڭگۈەن شەھىرى ئىدىغۇ ھە ؟ ئۆچ ئېلىنىپتۇ ئاخىر .
شىياۋگۈەن
بەت:
[1]