putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 00:14:17

دۇنيا لوڭقىسى چەك تارتىش نەتىجىسى[كۆچۈرۈلمە]

http://upload.wikimedia.org/wikipedia/zh/thumb/9/93/2014_FIFA_World_Cup_Logo.svg/480px-2014_FIFA_World_Cup_Logo.svg.png


http://bbs.putbol.cn/data/attachment/forum/201312/06/231649rs01uu10kk1vntqt.jpg


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...


شۇنىڭ بىلەن بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن مىنۇتلار يېتىپ كەلدى ۋە مانا ئاخىر چەك تارتىش نەتىجىسىمۇ چىقتى.2014-يىللىق بىرازىليە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا چەك تارتىش نەتىجىسىدە ئىككى ھالاكەت گۇرۇپپىسى شەكىللەندى.ئۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا:‹‹ئىسپانىيە،چېلى،گوللاندىيە،ئاۋستىرالىيە››ۋە ‹‹ئۇرۇگۋاي،ئىتالىيە ،ئىنگىلاند،كوستارىكا››.

قېنى ئەمسە نەزىرىڭلار چەك تارتىش نەتىجىسىدە بولسۇن!

ئا گۇرپپا:بىرازىلىيە،كىرودىيە،مىكسىكا،كامىرون.

ب گۇرۇپپا:ئىسپانىيە ،چېلى،گوللاندىيە،ئاۋستىرالىيە.

س گۇرۇپپا:كولۇمبىيە،گىرتىسيە،كوتىدىئور،ياپونىيە.

د گۇرۇپپا:ئۇرۇگۋاي،ئىتالىيە ،ئىنگىلاند،كوستارىكا.

ئې گۇرۇپپا:شىۋىتسارىيە،ئىكۋاتۇر،فىرانسىيە،ھۇندۇراس.

ف گۇرۇپپا:ئارگىنتىنا،بوسىنيە،ئىران،نىگىرىيە.

ج(گ) گۇرۇپپا:گىرمانىيە،پۇرتىگالىيە،گانا،ئامىرىكا.

ھاش(خ) گۇرۇپپا:بىلگىيە،ئالجىرىيە،روسىيە،كورىيە


مەنبە:http://www.xjfifa.com/(يوللىغۇچى ئۆزەم)

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 12:51:12

قاچان باشلىنىتكىنا  {:92:}

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 13:06:37

4- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ خىل چەك تارتىش پەقەت شەكىلمىكىن دەيمەن مەن.



نېمىشقا ئەڭ كۈچلۈك ياكى ئەڭ ئاجىز تۆت كوماندا بىر گۇرۇپقا بۈلۈنۈپ قالمايدۇ؟

ئىسپانىيە گېرمانىيە ئارگىنتىنا بىرازىلىيە بىر گۈرۈپ بولغان بولسا گۇرۇپپىدىلا ھەل قىلغۇچنى كۆرەتتۇق \"\" \"\"

‏بۇنداق بۆلۈنۈش ئىھتىمالى بەك تۆۋەن ياكى يوق دىسەكمۇ بۇلۇدۇ، چۈنكى چەك تارتىشتىن بۇرۇن تۆت گۇرۇپىغا بۆلىدۇ، سەككىز ئەڭ كۇچلۈك كوماندا بىرىنىچى ئۇرۇق كوماندا بۇلۇدۇ، بۇلار ھەرگىزمۇ بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنمەيدۇ

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 09:44:35

بىزنىڭ جوڭگۇچۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 10:11:55

د بىلەن گ گۇرۇپپا چاتاق بوپتۇ

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 10:15:11

بۇ خىل چەك تارتىش پەقەت شەكىلمىكىن دەيمەن مەن.



نېمىشقا ئەڭ كۈچلۈك ياكى ئەڭ ئاجىز تۆت كوماندا بىر گۇرۇپقا بۈلۈنۈپ قالمايدۇ؟

ئىسپانىيە گېرمانىيە ئارگىنتىنا بىرازىلىيە بىر گۈرۈپ بولغان بولسا گۇرۇپپىدىلا ھەل قىلغۇچنى كۆرەتتۇق \"\" \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 10:58:18

مۇسابىقە قاچان باشلانغۇدەك؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 18:31:50

4- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ خىل چەك تارتىش پەقەت شەكىلمىكىن دەيمەن مەن.



نېمىشقا ئەڭ كۈچلۈك ياكى ئەڭ ئاجىز تۆت كوماندا بىر گۇرۇپقا بۈلۈنۈپ قالمايدۇ؟

ئىسپانىيە گېرمانىيە ئارگىنتىنا بىرازىلىيە بىر گۈرۈپ بولغان بولسا گۇرۇپپىدىلا ھەل قىلغۇچنى كۆرەتتۇق \"\" \"\"

ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەر مۇسابىقىلىشىپ قالسا بەزى كۈچلۈك دۆلەتلەر تەبىئىلا تەلەينىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇتبولدىكى ئەمەلى كۈچىگە ئاساسەن نۇمۇر قۇيۇپ باھالاپ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەككىز دۆلەت كوماندىسىنى ئۇرۇق كوماندا قىلىپ تاللاپ سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ. يەنى ئىسپانىيە، گېرمانىيە، بىرازىلىيە، ئېنگىلاند، ئىتالىيە، بىلگىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار ھەر قايسى گۇرۇپپىلارغا چىچىلىپ ئۆز ئارا مۇسابىقىگە چۈشمەيدۇ. كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقىپ شاللاش باسقۇچىغا كەلگەندە ئاندىن ئۆز ئارا ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 18:35:18

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىمۇ ئالدىنقى قېتىملاردىكىدەك قىززىمايدۇ \"\" سەۋەبى: جۇڭگو يوق  {:92:}  

جۇڭگو كوماندىسىمۇ قاتنىشالالىغان بولسا ناھايىتى نادىر مۇسابىقىلەردىن ھوزۇر ئالغان بولاتتۇق \"\"

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 19:11:34

ئەلشات  قۇياش ئوغلى سىلەرگە تەشەككۈر



چۈشەندىم

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 18:47:57

تۈركىيە يوققۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 08:14:44

تۈركىيەنى ئىنتىزامنى بۇزدى دەپ قاتناشتۇرمىدى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-9 15:27:16

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

سوراپ باقسام نىمىشقا بۇ كوماندىلارنىڭ كۆپى ياۋرۇپادىن چىقىدۇ،ئەمما ئافرىقا قىتئەسىدىن ئاز.شىمالىي ئامىرىكىدىن ئامىرىكا،كانادا دىن ئىبارەت 2دۆلەت

بار ؟دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟

توردىن كۆردۈممۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بىز بىلمەيدىغان ئۇيۇن ئوينالغان دەپتۇ.

كىم چىمپىيۇن بۇلا ،بولسا ئويلىغانلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟_______

____________________________________

قۇياشئوغلى،مالچى قاتارلىق تورداشلار پۇتبول «سىر»لىق ئىشلار توغرۇلۇق يەنى «پۇتبول سەتچىلىكى »توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسەڭلار.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 22:04:16


14- قەۋەتتىكى zaghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

سوراپ باقسام نىمىشقا بۇ كوماندىلارنىڭ كۆپى ياۋرۇپادىن چىقىدۇ،ئەمما ئافرىقا قىتئەسىدىن ئاز.شىمالىي ئامىرىكىدىن ئامىرىكا،كانادا دىن ئىبارەت 2دۆلەت

بار ؟دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟

توردىن كۆردۈممۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بىز بىلمەيدىغان ئۇيۇن ئوينالغان دەپتۇ.

كىم چىمپىيۇن بۇلا ،بولسا ئويلىغانلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟_______

____________________________________

قۇياشئوغلى،مالچى قاتارلىق تورداشلار پۇتبول «سىر»لىق ئىشلار توغرۇلۇق يەنى «پۇتبول سەتچىلىكى »توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسەڭلار?


ئەسلى مەن ئازىراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي دىگەن ،لېكىن مەندىن سورىماپسىز،شۇڭا ئۆزەمنى تۇتۋالدىم.\"\"




kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 12:01:31

14- قەۋەتتىكى zaghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

سوراپ باقسام نىمىشقا بۇ كوماندىلارنىڭ كۆپى ياۋرۇپادىن چىقىدۇ،ئەمما ئافرىقا قىتئەسىدىن ئاز.شىمالىي ئامىرىكىدىن ئامىرىكا،كانادا دىن ئىبارەت 2دۆلەت

بار ؟دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟

توردىن كۆردۈممۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بىز بىلمەيدىغان ئۇيۇن ئوينالغان دەپتۇ.

كىم چىمپىيۇن بۇلا ،بولسا ئويلىغانلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟_______

____________________________________

قۇياشئوغلى،مالچى قاتارلىق تورداشلار پۇتبول «سىر»لىق ئىشلار توغرۇلۇق يەنى «پۇتبول سەتچىلىكى »توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسەڭلار.

ھازىرقى زامان پۇتبولى ياۋرۇپادا پەيدا بولغان شۇنداقلا شۇ جايدا تەرەققى قىلغان. دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول بىرلەشمىلېرىمۇ ياۋرۇپادا. ئېنگىلاند بىرلەشمىسى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە فىرانسىيە بىرلەشمىسى ئادەتتە بەش چوڭ بىرلەشمە دەپ ئاتىلىدۇ بەزىدە فىرانسىيەنى چىقىرۋىتىپ قالغان تۆتىنى تۆت چوڭ بىرلەشمە دەپمۇ قويىدۇ. بۇ بەش بىرلەشمىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلېرىدىن كەلگەن پۇتبولچىلار توپ تىپىدۇ. ئافرىقا بىلەن ئاسىيا دۆلەتلېرىنىڭ پۇتبولى تېخى ياۋرۇپا بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ كەتكىنى يوق. مىسالەنسىگە ھەر تۆت يىلدا بىر ھەر قايسى قىتئەلەر لوڭقا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ مەسلەن ياۋرۇپا لوڭقىسى، ئاسىيا لوڭقىسى، ئوكىئانىيە لوڭقىسى دىگەندەك...ئاندىن  دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر يىل بۇرۇن  ھەر قايسى قىتئەدىن چىمپىيون بولغان ئالتە دۆلەت كوماندىسى، ئالدىنقى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بىلەن ئۆتكىزىلمەكچى بولغان دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى قىتئەلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يىلقى بۇ بىرلەشمىگە قاتناشقان ئىسپانىيە كوماندىسى ئوكرائىنا چىمپىيونى تاخىتى دۆلەت كوماندىسىنى 10 توپ ئۇرۇپ يەڭگەن. يەنى ئوكرائىنا بىلەن ياۋرۇپانىڭ پەرقى مۇشۇنداق چوڭ. قائىدە بويىچە دۇنيا لوڭقىسىغا 32 كوماندا دۇنيادىكى رەت تەرتىپتە ئەڭ ئالدىنقى 32 كوماندا بولىشى ھېچ بولمىغاندا شۇنىڭغا يىقىنلىشىشى كېرەك ئەلۋەتتە، شۇڭا پۇتبول ئىشلېرى تەرەققى قىلغان ياۋرۇپادىن كۆپرەك كۇلۇب تاللىنىدۇ 13 سان بېرىلىدۇ.ئافرىقا ياۋرۇپاغا يىقىن، قارا تەنلىك پۇتبولچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىمۇ ياخشى پۇتبولچىلىقىمۇ خېلى تەرەققى قىلغان شۇڭا 5 سان بېرىلىدۇ. ئاندىن بىرازلىيە، ئۇرۇگۋاي، ئارگىنتىنا قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك پۇتبول دۆلەتلېرى جايلاشقان جەنوبى ئامېرىكىغا بېرىلىدىغان سانمۇ كۆپرەك 4.5 سان بېرىلىدۇ. ئاسىياغىمۇ 4.5 سان. ئوتتۇرا شىمالى ئامېرىكا ۋە كارىپ دىڭىزى ئارال دۆلەتلېرىگە 3.5 سان، ئوكىئانىيەگە 0.5 سان بېرىلىدۇ. سىتاتىستىكىغا قارىغاندىلا ئىنىق تارىختىن بۇيانقى دۇنيا لوڭقىسى ياۋرۇپا ۋە جەنوبى ئامېرىكا دۆلەتلېرىدىن باشقا ئەللەرگە مەنسۇب بۇلۇپ باقمىدى.

شىمالى ئامېرىكىدا دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس. ئامېرىكا، مىكسىكا، كوستارىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشىراق قالغانلېرى كارىپ دىڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئۇششاق دۆلەتلەر..شۇڭا دائىم ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسى تاللىنىپ چىقىدۇ. دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىمۇ خېلى ياخشى. ئىشقىلىپ بىر قانچە قىتىم گۇرۇپپىدىن چىقتى. ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدە سەككىز كۈچلۈككىمۇ كىردى.


دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەر قايسى قىتئەلەرگە بېرىلگەن سان بويىچە ھەر قايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ شاللاش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلىدۇ. يەنە ياۋرۇپادىن 13 دۆلەت كوماندىسى تاللىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىبرايىموۋىچ توپ تىپىدىغان شىۋىتسىيە كوماندىسى، بېل توپ تىپىدىغان ۋېلىش كوماندىسى شاللىنىپ كىلەر يىلقى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدۇ. تۈركىيەمۇ شاللىنىپ كەتتى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 12:12:28


14- قەۋەتتىكى zaghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

____________________________________

قۇياشئوغلى،مالچى قاتارلىق تورداشلار پۇتبول «سىر»لىق ئىشلار توغرۇلۇق يەنى «پۇتبول سەتچىلىكى »توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسەڭلار.



بۇدا بەلكىم بىرازىلىيە ياكى گېرمانىيە چىمپىيون بولۇشى مۇمكىن. قارا تۇلپار بار دىسە بىلگىيە ئۈزۈپ چىقىدۇ. بىلگىيەنىڭ ۋارتاسى ھازىرقى يىتىلىۋاتقان ئەڭ قالتىس ۋارتار چېلسىدىن مادرىت ئاتلىتكىغا ئىجارىگە بېرىلگەن كورتۇۋا. مۇداپىئەدە شەھەردىكى كومپانى بار. ئارقا بەلدە فىلەينى دىگەن بومبا باش بار. ئالدى بەلدە چېلسىدە چاڭ چىقىرۋاتقان خازارد بار. ھۇجۇمدا بولسا چېلسىدىن ئېۋېرتونغا ئىجارىگە بېرىلگەن كىچىك دىۋە لۇكاكۇ بار. يەنە بېنتېكنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس. ھۇجۇم-مۇداپىئە كۈچى تەكشى چىمپىيون بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.  ئارگىنتىنانىڭ ھۇجۇم كۈچلۈك بولغان بىلەن مۇداپىئە ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. فىرانسىيە ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئاران ئېرىشتى دۇنيا لوڭقىسى بىلىتىگە. ئىسپانىيە ئىپادىسى ياخشى ئوتتۇرا مەيدان بەك كۈچلۈك لېكىن مۇداپىئە ئاجىزلاپ كەتتى يەنە كېلىپ ھۇجۇمدا توررېس، ۋېللا ئىپادىسى تۇراقسىز ياشلار تەجرىبىسىز.ئېنگىلاندنىڭ مۇداپىئەسىدە يۇچۇق بەك كۆپ كىشىلەر تېررى بىلەن فېردىناندنى سېغىنماقتا.ئاساسلىق ۋارتار خارت بولسا ھازىر شەھەردە زاپاس ئورۇندا تېخى ئېنگىلاند يېرىم يىلغىچە ئۆزىنىڭ ئوڭشىمىسا بولمايدۇ....گېرمانىيە بىلەن بىرازىلىيەدە ئۈمۈد چوڭ..


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 12:33:38

14- قەۋەتتىكى zaghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

____________________________________

قۇياشئوغلى،مالچى قاتارلىق تورداشلار پۇتبول «سىر»لىق ئىشلار توغرۇلۇق يەنى «پۇتبول سەتچىلىكى »توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسەڭلار.

پۇتبول سەتچىكى توغرىلىق ئىشلار كۆپ. كۈندە ئۇچراپ تۇرىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى ئېلىش ئۈچۈن پارا بېرىش، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۇلۇبلاردىن پارا ئېلىپ مۇسابىقىنى نامۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، لاتارىيە شىركەتلېرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قەستەن ئۇتتۇرۇپ بېرىش ، پۇتبولچىلارنىڭ جىنسى سەتچىلىكى، رېپىرنىڭ پارا ئېلىپ قارا پۇشتەك چىلىشى ۋە باشقا خەۋەرلەر...داڭلىقلېرىدىن بىر قانچە يىل بۇرۇنقى قاتار بىلەن روسىيەنىڭ بۇلۇپمۇ قاتارنىڭ 2022 يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى بىلەت تاشلاش ھوقوقى بار بىر قانچە كىشىچە پارا بېرىشى، 2006-يىلدىكى يۇۋىنتۇس تېلىفۇن ۋەقەسى...بۇ ۋەقەدە ساختا توپ ئوينىدى ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ 2004-2005 ۋە 2005-2006 يىلدىكى چىمپىيونلۇقى ئېلىپ تاشلىنىپ ب دەرىجىگە چۈشۈرۋىتىلگەن.


يەنە بۇلتۇردىن جوڭگو ۋە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان جوڭگودىكى پۇتبول سەتكىلىكى.


ئۆزۈم ئوبدانراق بىلىدىغىنىم پۇتبولچىلىقتىكى بىر قارا داغ سىتامفورد پاجىئەسى.

. 2009-يىلى كىرگەندىن كېيىن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى چېلسى كۇلۇبى بىرلەشمىدە ئىلگىرى كېيىن مانچىستېر ۋە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاجىز بولغان خېر شەھىرى كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن چېلسى مەستانىلېرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان تېرىنىر سىكېلالى(2002 بىرازىلىيەنى چىمپيون قىلغان تېرىنىر شۇنداقلا ھازىرقى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى) ئاخىرى ئەتىسى ئىشتىن بوشىتىلدى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى روسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان ھىدنىك(2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئاۋىستىرالىيەنى يىتەكلەپ شاللاش مۇسابىقىسدە قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ئىتالىيەگە نۇقتا توپتا ئۇتتۇرۇپ قويغان) پەسىل ئاخىرغىچە چېلسىنى يىتەكلەيدىغان ۋاقىتلىق تېرىنىر قىلىپ بىكىتىلدى. لىۋېرپول بىلەن ئۇزغۇنلۇق تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئىزچىل زاپاس ئەزا ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئىۋانوۋىچ بىراقلا ئىككى كاللا توپ ئۇرۇپ 1:3 نەتىجە بىلەن لېۋىرپولنى يەڭدى.ئېنگىلاند تارىخىدىكى ئەڭ قىزىغان ۋەكىل خاراكتىرلىق مۇسابىقە ئەمدى ئىككىنچى قىتىملىق ئۇچرىشىشتا يۈز بەردى. ئىككىنچى ئايلانمىدا ئالدىنقى مەيداندا ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋالدى ئارقا ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ شۇنداقلا لىۋېرپول ئىككى توپ قايتۇۋالغان ئەھۋالدا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ 4:4 نەتىجە بىلەن ئالتە يىل ئىچىدە ئۇدا بەشىنچى قىتىم ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. شۇنداقلا چېلسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئۆمۈرلۈك رەقىبى بارسىلونا بىلەن ئۇچراشتى شۇنىڭ بىلەن سىتامفورد پاجىئەسى پۇتبول دۇنياسىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى.

ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا چېلسى تۇنجى ئۇچرىشىشتا نوكانپۇدا بارسىلونانىڭ پولات مۇداپىئەسىدىن ئۆتەلمەي تەڭلىشىپ قالدى. ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا چېلسى ئۆز مەيدانى سىتامفورد كۆۋرىكى پۇتبول مەيدانىدا بارسىلونانى كۈتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مۇسابىقە پۇتبول تارىخىدا مەڭگۈلۈڭ ئىز قالدۇردى. نورۋىگىيەلىك خېننىڭ رېپىرلىق قىلغان بۇ مۇسابىقىدە چېلسى ئاز بولمىغان ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 26 مىنۇت بولغاندا دىروگبا ئابىدال تەرىپىدىن چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يىقىتىۋىتىلدى لېكىن رېپىر كۆرمىگەنگە سالدى. 56 مىنۇت بولغاندا دىروگبا لەمپارد بەرگەن ئۇزۇن پاسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تۇلېيدىن ئەگىپ ئۆتۈپلا ۋارتارغا توپ ئۇرۇشقا تەييارلاندى، لېكىن تۇلېي تەرىپىدىن پۇتلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى. رېپىر يەنىلا نۇقتا توپ بەرمىدى.82 مىنۇت بولغاندا ئەڭ تالاش تارتىش پەيدا قىلغان كۆرۈنۈش پەيدا بولدى يەنى ئانېلكا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تەپكەن توپى پىكنىڭ ئوڭ قولى تەرىپىدىن توسىۋىلىندى. لېكىن رېپىر قەستەنلىك يوق دەپ يەنىلا پۇشتەك چالمىدى. 94 مىنۇت بولغاندا يەنى قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا چېلسى بىر بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى. باللاك كۆكلىگەن توپنى ۋارتاغا 14 مىتىر يىراقلىقتىن تەپتى. ۋارتا ئالدىدا تۇرغان ئېتوئو سول قولىنىڭ يۇقۇرى بىلىكى بىلەن بۇ توپنى توسىۋالدى . گەرچە مۇسابىقە باشلىنىپ 9-مىنۇتتىلا چېلسى ئېسسىننىڭ توپىغا تايىنىپ 0:1 ئالدىدا ماڭغان بولسىمۇ لېكىن 93 مىنۇت بولغاندا ئېنىستا بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتۈرۋالغاچقا بارسىلونا مېھمان مەيدان توپىغا تايىنىپ شۇنداقلا رېپىرنىڭ ياردىمى بىلەن مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدىن كېيىن دىروگبا بىلەن بوسىڭۋا نەق مەيداندىلا رېپىرنى نۇمۇسسىز ئەبلەخ، ھاقارەتلىك مۇسابىقە، رېپىر ئەمەس بەلكى ئوغرى دەپ تىللىدى. باللاك بولسا ئېتوئونىڭ قول توپى ئۈچۈن رېپىرنى چېلسىنىڭ چەكلەنگەن رايونىدىن بارسىلونا مەيدانى تەرەپكىچە قوغلىشىپ باردى. ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى دىروگبا بىلەن باللاكقا ئايرىم-ئايرىم تۆت مەيدان ۋە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بەردى. شۇنداقلا قىلىپ ئاز دىگەندە ئۈچ نۇقتا توپنى قۇيۇپ بەرمىگەن خېننىڭ ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا لوندوندىن ئايرىلدى.شۇ ئىشتىن كېيىن خېننىڭ چېلسى مەستانىلېرىنىڭ ئۆلۈم تەھدىد خېتىدىن نۇرغۇن تاپشۇرۋالدى، رېپىرلىق خىزمىتىدىنمۇ ئىستىپا بەردى . يەنە بىر خەۋەرلەردە ئۇزغۇنلۇق كۆپ يىلدىن ياقى ئېنگىلاند كۇلۇبلېرىنىڭ ئىچكى جىڭىگە ئايلىنىپ قالغاچقا ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئېنگىلاند كۇلۇبلېرىنى يەكلەش تەدبىرىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبور بولغان.بۇ توغرىلىق خەۋەر تاراتقۇلارنى بىر ئالغان. شۇڭلاشقا پىلاتىنىڭ تۇتۇق بالىسى بارسىلوناغا بولغان مۇھەببىتى مۇشۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ئالەمگە مەشھۇر بولدى.




ماۋۇ پۇتبول ساھەسىدىكى بىر نادىر سۈرەت.  رەسىمدىكى رېپىرنى تىللاۋاتقان دىروگبا.



\"\"


نۇقتا توپ بەرمىدى دەپ قاقشاپ رېپىر ئارقىدىن يېرىم يەر شارى ئايلىنىپ يۈگۈرگەن باللاك.


\"\"


\"\"

بەت: [1]
: دۇنيا لوڭقىسى چەك تارتىش نەتىجىسى[كۆچۈرۈلمە]