sarwan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 15:59:59

ماندىلا كەتتى




ماندىلا كەتتى

(2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى)










ماندىلا كەتتى. لىكىن ئۇ ئەركىنلىكنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى.




        ماندىلا(Nelson Rolihlahla Mandela) كىم

ماندىلا باشقا ئافىرقىلىقلارغا ئوخشاشلا دورداي كالپۇك، تېرىسى قارا ئادەم ئىدى. بالىلىق ۋاقىتلىرىدا باشقا نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش ئېتىزدا ئىشلىگەن، پادا باققان، يالىڭاچ يۈگرەپ ئوينىغان ئىدى. كەچلىرى گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چوڭلاردىن ھىكايە- چۆچەك ئاڭلايىتتى. پەقەت ئۇ كىچىك بىر قەبىلىنىڭ باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەمما ماندىلا تۇغۇلغان ۋاقىتلار ئۇلارنىڭ نە بايلىقى، نە كەڭرى زىمىنى يوق ئىدى. ھەتتا قەبىلە باشلىقىنىڭ ھۆكۈمەت ئالدىدا بىزنىڭ بۇ يەردىكى كەنىت باشلىقىچىلىك ھوقۇقى يوق ئىدى. ماندىلا كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسى تۈگەپ كەتكەن ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا ئەسلى بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قارا تەنلىكلەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 10% تىنى تەشكىل قىلىدىغان «ساقلاپ قېلىنغان يەر»لەرگە پالانغان ئىدى. خۇددى ئامىركىدا ئىندىئانلار سۈرگۈن قىلىنغانغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىنغان ئىدى. شەھەرگە كىرىش ئۈچۈنمۇ چەتئەللىكلەر پاسپورت كۆتۈرۈپ يۈرگەنگە ئوخشاش «يول خېتى» كۆتۈرۈپ يۈرۈشى كېرەك ئىدى.

ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرگە بولغان ئىرقىي كەمسىتىشى شۇنداق دەرىجىگە بارغانكى تۈرلۈك قانۇن تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەيىتتى. «يول خېتى قانۇنى» يەرلىكلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلىسە، «بەنتۇلار ھوقۇقى قانۇنى» پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئەپ تاشلىغان، «گورۇھلار بۇيىچە رايۇنلاردا تۇرۇش قانۇنى» قەبىلە، ئىرىق، مىللەت، تەبىقە بۇيىچە چەكلىك رايۇنلاردا قامىلىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

ماندىلا توغۇلىشىدىنلا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كەلگەن. قەبىلىسى بۇيىچە يەكلەنگەن. ئەركىنلىكى چەكلەنگەن. ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان. ئەمما ئۇ ئادۇۋكاتلىق ئورنىدا پىراكتىغا قىلغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئاق تەنلىكلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تولۇق قۇراللانغان، نىگىرلارنىڭ قولىدا تۈمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئىدى. جەنۇبى ئارفىرقىنىڭ قانۇنىدا قارا تەنلىكلەر سىرىتقا چىققاندا نەيزە، پالتا، پىچاق، قەلەمتىراچ، بېشى ئۇچلۇق ھاسا ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن ئىدى.

قارا تەنلىكلەرنىڭ ئويغۇنۇش ھەركەتلىرى قانلىق باستۇرۇلغان. كىچىدە ماڭغانلىقى، يول خېتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، تۈرمىلەرگە سۇلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. ۋوگزال، مىھمانخانا ۋە بەزى ئاق تەنلىكلەر رايۇنىغا قارا تەنلىكلەرنىڭ كىرىشىگىمۇ بولمايىتتى. ماندىلا مانا شۇنداق بىر زاماندا تۇغۇلغان ۋە ياشىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇلارنى ئۆزگەرتكەن ئىدى.




ئۇ بىلىملىك ئىدى. ماندىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىدى. مەكتەپتىن قوغلانغاندىن كىيىنمۇ ئىشتىن سىرت ئەدەبىيات ئوقۇپ باكلاۋىرلىق ئۈنۋانى ئالغان. ئشىتىن سىرت قانۇن ئۆگەنگەن. چەتئەلگە چىققاندىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى توختاتمىغان. ئۇ سوتلىنىۋاتقان، ئۈلۈم خەۋپى كىلىپ تۇرغان شۇۋاقىتتا لوندون ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىمتاھانىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىۋاتاتتى. ماندىلا تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئېدىنبورگ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن.

ئۇ كۆپنى كۆرگەن، تەجىربىلىك، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئادەم ئىدى. روبىن ئارىلى تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقتىدا ھەتتا گۇندىپايلارمۇ ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورايىتتى.




ئۇ باتۇر ئىدى

ئاق تەنلىكلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان چەكلەش قانۇنلىرى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكى قاتمۇ-قات توساقلار بىلەن چەكلەۋاتقان ۋاقىتتا ماندىلا «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى»نى قوزغاپ قانۇنغا قارشى چىققان ئىدى. «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى»دە نۇرغۇن پىدائىلار ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقى، سولاقتا ياتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ «ياۋرۇپالىقلارلا كىرىشكە بولىدۇ»دېگەن  ۋوگزال، «رۇخسەتسىز كىرىشكە بولمايدىغان رايۇن» لارغا كىرگەن ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، قاماقتا ياتقان ئىدى. 1952-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى» باشلانغان كۈنى، ماندىلا «كىچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت»تا تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىندى. ئۇ ئۆزى باشلىغان ئىشتا ئالدىدا ماڭاتتى. باشلامچى ئىدى. ھاكىمىيەتتىن قورقۇپ قالمايىتتى.

ئۇ داھىيلارغا خاس يىراقنى كۆرەرلىكى، باتۇرلۇقى بىلەن قۇرۇلغىنىغا 50 يىل بولغان «مىللى مەجلىس» نىڭ غەيرىي زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئەركىنلىككە ئىرىشىش ھەركىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇق قول خەلققە قۇرال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن بىر ئۈستەلگە كىلىپ سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇش كىرەكلى، قاتتىق ۋاستىلەرنىمۇ قوللىنىش كىرەكلىكىنى تونۇپ يىتىپ زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللىنىشنى يولغا قويدى. شۇنداقلا ئۆزى باشلامچىلىق قىلدى.

ئۇ زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللانغان ئىدى. لىكىن ئۇ قاتىل ئەمەس ئىدى. پارتلىتىش، ئوت قويۇش، بۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما ئادەم ئۆلتۈرمىگەن. ھەم باشقىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىنى چەكلىگەن.

1912-يىلى قۇرۇلغان مىللى مەجلىس 50 يىل بولاي دىگەندە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاشكارە ۋاقىتتا غەيرىي زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئادالەتسىز قانۇنغا قارشى تۇرغان بولسا. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن يۇشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ سىتراتىگىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياساپ زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللىنىشقا باشلىدى.

زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللىنىشنى يولغا قويغاندىن كىيىن ماندىلا «مىللى مەجلىس»تە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىلا ئاشكارە تۇتۇپ باشقىلارنىڭ سالاھيىتىنى يۇشۇرۇن تۇتتى. شۇنداق بولغاندا ئۆز ئابرويىغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرالايىتتى. ۋە بارلىق مەسئۇلىيەت، خىيىم- خەتەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ باشقىلارنى قوغداپ قالالايىتتى.

ھۆكۈمەت ماندىلاغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئۇنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە دەۋەت قىلدى. ئەمما ئۇ رەت قىلدى. ماندىلا:«مەن جەنۇبىي ئافىرقىدىن چىقىپ كەتمەيمەن. ئۆزۈمنى مەلۇممۇ قىلمايمەن. ئەركىنلىككە پەقەت خىيىم خەتەر، كۈرەش ۋە قۇربان بېرىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۈرەش مىنىڭ ھاياتىم. مەن ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىمنىڭ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن.»

جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ داھىيسى Nelson Mandela  مۇنداق دەيدۇ. نەقىل: «دەسلەپتە، بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەركىنلىك ئىزدىگەن ئىدىم. مېنىڭ خىيالىمدىكى ۋاقىتلىق ئەركىنلىك ئاخشىمى سىرتقا چىقالايدىغان بولۇش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ۋە ئۆزۈم تاللىغان يەرگە بارالايدىغان بولۇش ئىدى. كېيىنچە Johannesburg دىكى بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئاساسىي ۋە شەرەپلىك ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلدىم. ئۇ ئەركىنلىك ئۆز ئىقتىدارىم يار بەرگەن پەللىگە يېتىش، ئۆز-ئۆزۈمنى باقالايدىغان بولۇش، ھەم توي قىلىپ بىر ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەركىنلىك بىر قانۇنلۇق جەمئىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىك ئىدى. ئەمما، مەن تەدرىجىي ھالدا شۇنى كۆردۈمكى، مەن ئۆزۈملا ئەركىن بولماي قالماستىن، مېنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىم ۋە ھەدە-سىڭىللىرىممۇ ئەركىن ئەمەسكەن.... شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمگە بولغان تەشنالىقىم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان تېخىمۇ چوڭ تەشنالىققا ئۆزگەردى. مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۆز غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشىيالايدىغان ئەركىنلىكىگە بولغان ئارزۇيۇم مېنىڭ ھاياتىمنى جانلاندۇردى. مەندەك بىر قورقۇنچاق كىچىك بالىنى بىر جاسارەتلىك ئادەمگە ئايلاندۇردى. مەندەك بىر قانۇنغا ئوبدان رىئايە قىلىدىغان ئادۋۇكاتنى بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىشقا قىستىدى. مەندەك بىر ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان ئەرنى بىر ئۆيسىز ئەرگە ئايلاندۇردى. ... مەن ئۆزۈمنىڭ قېشىدىكى ئادەمدىن بەكرەك پەزىلەتلىك ياكى بەكرەك ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالايدىغان كىشى ئەمەس. لېكىن مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئەگەر مېنىڭ خەلقىم ئەركىن بولمايدىكەن، مەن ئۆزۈمگە ئاتا قىلىنغان بىچارە ۋە چەكلىك ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلىنالمايدىكەنمەن.»

1964-يىلدىكى سوتتا ماندىلا ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلارنىڭ ماندىلانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئۈلۈمگە يۈزلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسى خىتابنامىسىنى سوتنى مۇنبەر قىلىپ ئاشكارە سۆزلىدى. ماندىلا دىدىكى: «مەن ھايات قېلىپ سەپداشلىرىم جازالانسا مەن يەنىلا ئازاپ چىكىمەن. ئۇنىڭدىن خەلقىمنىڭ ئازاتلىقى، ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ئۆلگۈنۈم تۈزۈك».

ماندىلا سوتتىكى ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى باتۇر، قەيسەرلىكىنى نامايان قىلغان. كۆزىگە ئۆلۈم كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. سوتنى مۇنبەر قىلىپ خەلقى ئالەمگە ئۆزىنىڭ سىياسى خىتابىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا سوتتا توختىماي سۆزلىگەن تۆت سائەت نۇتقى سوتقا قاتناشقانلارنىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانى ھاياجانغا سالغان. جەنۇبىي ئافىرقىلىقلارنىڭ ئۇچرىغان ئىرقى كەمسىتىشلىرىنى، ئادالەتسىز قانۇننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقىنىڭ ساداسىنى خەلقى ئالەمگە بىلدۈرگەن ئىدى. سوت مەيدانىنىڭ سىرتى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان «ھوقۇق! خەلققە مەنسۇپ!» دىگەن سادالار قارا تەنلىكلەرنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان زىممىنى تىترەتكەن ئىدى.

ماندىلا چەتئەلدىكى زىيارەت ۋاقتىدا كۆپلىگەن سىياسى پارتىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىش، ئەھۋال ئىگەللەش، دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزيىتىنى كۆزۈش بىلەن بىرگە لوندوندا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان. ئافىرقىدا ھەربىي تەلىم تەربىيەگە قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەركىنلىككە ئىرىشىش ئۈچۈن بىلىم كىرەك ئىدى. زۆرۈر تېپىلسا ھەمكارلاشقۇچى دوستمۇ كىرەك ئىدى. تېخىمۇ زۈرۈر تېپىلسا بىلەكتە كۈچمۇ بولىشى كېرەك ئىدى.

ماندىلا 1964-يىلى 46 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە روبىن ئارىلىغا قامالدى. ماندىلانىڭ كامىرى ئاران 4 كۇۋادىرات مىتىر كىلەتتى. پولدا پەقەت بىر پارچە پالاز، ئىككى ئەدىيال ۋە بىر تەرەت تۇڭى بار ئىدى. كارۋات، ئۈستەل ئۇرۇنداق دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى. ماندىلا بۇ كامىردا ئون يىلدەك ياتتى. ئەمما بۇ قەپەس ماندىلانىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. ماندىلا مۇشۇ كارمىردا يېتىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنى قۇيۇپ بىرىش بەدىلىگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئۈندەپ نەچچە قېتىم كەلدى. چەتئەلنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مۇشۇ يەردە «كۈتىۋالدى». 1998- يىلى ئامىركىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى بەل كىلىنتون كىلىپ ماندىلا تۇرغان جايدا تۇرۇپ باقاي دەپ كىرىپ باققان كامىر مۇشۇ ئىدى.

ئىرقىي كەمسىتىش تۈرمىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئاق تەنلىكلەر، رەڭلىك ئىرىقلار، ئارفرىقىلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىناتتى. ھەتتا بىرىلىدىغان تاماقلارمۇ ئايرىپ بىرىلەتتى. ماندىلا خەلقئارلىق مەشھۇر شەخىس بولغاچقا تۈرمە دائىرلىرى ئاشۇرۋىتىشكە جۈرئەت قىلالماي ئۇنىڭغا ئايرىم تاماق ئۇرۇنلاشتۇرماقچى بولغان. ئەمما ماندىلا ئۇنى رەت قىلىپ ئىزچىل تۈردە تۈرمىداشلىرى بىلەن ئوخشاش تاماق يىگەن ئىدى.

ماندىلا قاتارلىق سىياسى جىنايەتچىلەر ھاك كېنىدا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىدى. ئۇ بازغان بىلەن ھاك چاقاتتى، ئۇساتتى، توشۇيىتتى. كەچ كىرگىچە ئېغىر ئەمگەك قىلىپ ھېرىپ كىتەتتى. ئۈستى بېشى ھاك بىلەن بۇلغىنىپ «ئاق تەنلىكتەك» بوپ كىتەتتى.

ماندىلا مۇددەتسىز قاماققا ئېلىنغان بولسىمۇ كەلگۈسىگە ئۈمۈدۋار ئىدى. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇراتتى. كەيپىياتىنى ئىزچىل ياخشى تۇتاتتى. تۈرمىداشلىرىنىڭمۇ كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن روبىن ئارىلىمۇ تۈرمە، روبىن ئارىلىنىڭ سىرتىمۇ تۈرمە ئىدى. سىرتتىمۇ ئوخشاشلا خالىغان يەرگە بارغىلى بولمايىتتى. خالىغان ئىشنىمۇ قىلغىلى بولمايتتى. بۇ يەردىمۇ قىلغىلى بولمايىتتى. ماندىلانىڭ ئۆزىمۇ تۈرمىدە ئىدى. خەلقىمۇ تۈرمىدە ئىدى.

1973-يىلى ھۆكۈمەت دائىرلىرى ماندىلانى ئۆز تەشكىلاتىغا ئاسىيلىق قىلسا تۈرمىدىن قۇيۇپ بىرىدىغانلىقى، ئەمەلگە تەيىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەردى. ئەمما ماندىلا قەتئىي رەت قىلدى. بۇنداق بىشارەتلەر كىيىنمۇ ئىزچىل بىرىلىپ تۇردى. ئەمما ماندىلا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا جاۋاب بىرەتتى. ئۇ بولسىمۇ «ياق» ئىدى.







ئۇ ۋەتەنپەرۋەر ئىدى

ماندىلا ئۆز ئاغزى بىلەن دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى باشتىن- ئاخىر بىر ئافىرقىلىق ۋەتەنپەرۋەر دەپ قاراپ كەلدىم.»

«مەن پۈتۈن ھاياتىمنى ئافىرقا خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە بېغىشلىغانمەن. مەن ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمرانلىقى بىلەن كۈرەش قىلىمەن ھەم نېگىرلار مۇستەبىتچىلىكىگە قارشى تۇرىمەن. مەن دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش غايەمنى قەدىرلەيمەن. ئۇنداق جەمئىيەتتە، ھەممە كىشىلەر ئىناق ئۆتىدۇ، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ، مەن مۇشۇ غايە ئۈچۈن ياشايمەن ھەم ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. ئەمما، زۆرۈر تېپىلسا، مەن بۇ غايە ئۈچۈن ھاياتىمنى تەقدىم قىلىشقا تەييار».

ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇپرىقىغا توغۇلغان، كىندىك قېنى ئاشۇ تۇپراققا تۆكۈلگەن، شۇ تۇپراقتا يالاڭئاياق ئوينىغان، شۇ تۇپراقنىڭ مىۋىسىنى يىگەن. شۇ تۇپراقتا ئاققان سۇنى ئىچكەن ئىدى. ئۇ بوۋىلاردىن ئەجدادلىرىنىڭ پالۋانلىق قىسسىلىرىنى، باياشات ئەركىن زامانلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى، قاچانكى ئاق تەنلىكلەر كەلدى شۇندىن باشلاپ قارا تەنلىكلەرنىڭ بېشىغا ئاپەت كىلىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى تارىخلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ تۇپراققا كۆيەتتى. بۇ ۋەتەننى سۈيەتتى. بۇ ۋەتەندىكى چوڭلارنى، كىچىكلەرنى ھەممىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۆز زىمىنىنىڭ ئىگىسى بولالمايۋاتقان، ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان بىچارە خەلقىنى سۆيەتتى.

ماندىلا ئائىلىسىنى سۆيەتتى. ئۇ ئايالىغا، بالىلىرىغا كۆيۈنەتتى. لىكىن ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئۇنى ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

ماندىلا دەيدۇ: «مەن ئۆز ئەركىنلىكىمنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، ئەمما سىلەرنىڭ ئەركىنلىكىڭلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن تۈرمىگە قامالغاندىن بۇيان، ئۆلۈپ كەتكەنلەر بەك كۆپ، ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيگەچكە بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلار تېخىمۇ كۆپ. مەن ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرىۋاتقان ۋە كۆز يېشى قىلىۋاتقان تۇل خوتۇنلار، يېتىم بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇزۇن، زېرىكىشلىك ۋە بىكارچىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ يىللاردا، مەن بىردىنبىر بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچى ئەمەس، مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىم ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن كەم ئەمەس، ئەمما مەن توغۇلۇشۇمدىنلا ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان ھوقۇقۇمغا ئاسىيلىق قىلسام بولمايدۇ، خەلقنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا ساتقۇنلۇق قىلسام بولمايدۇ. مەن خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئافىرقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتىمەن.»

كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەركەتلىرى، خەلقئارادىكى قوللىغۇچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ھۆكۈمەت ماندىلانى قوويۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. ئەمما زوراۋانلىق ھەركىتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرلاريدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماندىلا دەيدۇ: «خەلقنىڭ تەشكىلاتى تېخىچە قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا، ماڭا بېرىلىدىغىنى قانداق ئەركىنلىك بولماقچىدى؟ ھەرۋاقىت يولخېتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىنىش ئىھتىمالى بار تۇرسا، مەن قانداق ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيىتتىم؟ سۆيۈملۈك ئايالىم يەنىلا بلاندفورتا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئائىلە تورمۇشۇمدا قانداقمۇ ئەركىنلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ شەھەر- بازارلاردا تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كىېيىنلا ئاندىن ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان تۇرسا، مەندە قانداقمۇ ئەركىنلىك بولسۇن؟ تامغا باسقان يولخېتى بولغاندىلا، ئاندىن خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان ئەھۋالدا، ماڭا بەرمەكچى بولغىنى قانداق ئەركىنلىك بولاتتى؟ مېنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قېرىنداشلىرىم ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا، مەن قايسى ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيىتتىم.»

ماندىلا خەلقىغە يەنە دەيدۇ:«مەن، ئۆزۈم ھەمدە خەلقىم ئەركىنلىككە ئېرىشمىگەن ئەھۋالدا، ھېچقانداق ۋەدە بەرمەيمەن ۋە بېرەلمەيمەن. سىلەرنىڭ ئەركىنلىكىڭلار بىلەن مېنىڭ ئەركىنلىكىم ئايرىلماستۇر. مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا قايتىپ بارىمەن».







ئۇ خەلقىنى ئەركىنلىككە ئىرىشتۈردى، ئۇ ھەقىقى داھى ئىدى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلى تەۋرەپ قالدى. گەرچە ماندىلا ئۇزۇن يىل تۈرمىدە ياتقان بولسىمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار كۆرەشنى داۋاملاشتۇردى. قىرغىن قىلىش، قاماققا ئېلىشلار ئەركىنلىك كۆرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ ياشلارنىڭ قەلبىدە ماندىلاغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت بار ئىدى.

1980-يىلى يۈزمىڭلىغان كىشىلەر بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ماندىلانى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. 1981-يىلى پارىژدا 17 مىڭ ئادەم ئىمزا قويۇپ ماندىلانى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. 1982-يىلى ياۋرۇپادا 1400 شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ماندىلانى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاۋغۇستقا كەلگەندە 53 دۆلەتتىكى 2000 دىن ئارتۇق شەھەر باشلىقى مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويدى.

ھۆكۈمەت دائىرلىرى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ماندىلا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولغان ۋاقىتتا ئاق تەنلىكلەر يەنە ئۆزلىرىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قىلغان زۇلۇملىرى ئاز ئەمەس ئىدى. قارا تەنلىكلەرنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەيىتتى. ماندىلا بۇ ۋاقىتتا يەنە داھىيغا خاس گەپ قىلدى. دۆلەتتە قان تۆكۈشتىن ساقلاندى. تىنىچ ھالدا ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىكلەر باراۋەر ياشايدىغان، دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىشنى تەشەببۇش قىلدى. ماندىلا قابىل دىپلۇمات، ھەقىقي سىياسىيۇن ۋە داھىيلىق سالاھىيىتى بىلەن جەنۇبىي ئافىرىقىنى تىنىچ، قان تۆكمەي تۇرۇپ قۇتقۇزۇپ قالدى.

ماندىلا دىدى:«جەنۇبىي ئافىرقىدىكى ئاق تەنلىكلەر مۇشۇ دۆلەتكە تەۋە، بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسى. بىز ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بۇيەردە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، بىز بىلەن سىياسى ھوقۇقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.»

1986- يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تۆت مىنىسرى ماندىلا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى. ھۆكۈمەت ماندىلادىن «بىر ئادەم بىر ئاۋاز بولۇش» پىرىنسىپىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى. ماندىلا قەتئى رەت قىلدى. ئەگەر دائىرىلەر ئۆزىنى ۋە سىياسى جىنايەتچىلەرنى قۇيۇپ بەرمەكچى بولسا پەقەت شەرتسىز قويۇپ بىرىش كېرەكلىكىنى ئېيىتتى.

1990-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 28 يىل تۈرمىگە قامالغان ماندىلا تۈرمىدىن چىقتى. ئەمدى نۆۋەت جەنۇبىي ئافرىقىدىكى پۈتۈن قارا تەنلىكلەرنى تۈرمىدىن چىقىرىشقا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ داھىيغا خاس ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، ئادىللىقى، سىياسى ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئافىرقىلىقلار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى كۈتكەن سايلام ھوقۇقىغا، ئەركىنلىكىگە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىرىشتى. خەلق ماندىلانى ئۆزىنىڭ پىرىزدىنىتلىقىغا سايلىدى. 1994-يىلى ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پىرىزدىنتى بولدى.

1993-يىلى ماندىلا نوبىل تىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ماندىلانىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلىش نۇتقىمۇ ئاجايىپ تەسىرلىك بولدى. ئۇ مۇكاپات مېدالىنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا ئۆزى كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ نىگىرلارنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدىكى مارتىن لىيۇتېركىڭلارنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇمىدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس ئاشۇ ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، ئەمما بۇ يەردە بولالمىغان شۇ كىشىلەرگىمۇ تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى.

        ماندىلا ئىزچىل ئۆزىنىڭ خەلقنىىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقىنى. باشقا نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيىتقان ئىدى. ئۇ دىگىنىدەك قىلدى. ئۇ ۋەدىسىدە تۇردى. ئۇ ھوقۇق، ئىمتىياز ئۈچۈن كۆرەش قىلماپتىكەن. بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەپلا ئىستىپا بەردى. قايتا زوڭتۇڭ بولۇشنى ئويلىمىدى. ئۇ مال دۇنيا ئۈچۈن كۆرەش قىلماپتىكەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتمىدى. سادام، مۇبارەك، قازافىيلارغا ئوخشاش دۇنيا يىغمىدى. ئۇ ئۇز خوتون، سەتەڭ قىزلار ئۈچۈن كۆرەش قىلماپتىكەن. خوتۇن ئۈستىگە خوتون ئالمىدى. ئايال كاتىپىغا ياكى «پىراكتىكانىت» قىزلارغا پوخورلۇقمۇ قىلمىدى. ئېغىر كۈنلەردە جاپاسىنى تارتقان. بالىلىرىنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتتى. ئۇ ئاق كۆڭۈل ئىكەن. كۆڭلى كۆكسى كەڭ ئىكەن. ھېچكىمدىن قىساس ئېلىشنى ئويلىماپتىكەن. سوتتا ئۆزىگە ساتقىنلىق قىلغانلارغىمۇ ھېچنىمە دىمىدى. ئۇنى قىينىغان، قامىغان ساقچىلاردىنمۇ، گۇندىپايلاردىنمۇ ئۆچ ئالمىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن، ناھەق قانۇنلارنى تۈزگەن ئاق تەنلىكلەرنىمۇ يېڭى ھاكىمىيەتتە چەتكە قاقمىدى. باراۋەرلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھەر خىل نامدىكى ئىنقىلاپ قوزغاپ، باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ سىياسىي رەقىپلىرىنى ياكى ئاق تەنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلمىدى. قەستلىمىدى.

ئۇ «بىرەر ئاق تەنلىق ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىش،ياكى ئاق تەنلىكەرلنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بېرىپ سۇ ئۈزۈش خىيالىدىمۇ بولۇپ باققان ئەمەس(ماندىلا ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن گەپ)» ئىكەن. راھەت پاراغەتنى ئويلىماپتىكەن. ۋەزىپە ئۆتىگە دەۋىردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغانلارغا ئەركىن ياشاشنى ئۆگەتتى. سىياسەتنى، ھاكىمىيەتنى ئادىل، باراۋەر، ئەركىنلىك ئاساسىدىكى دېموكراتىك تۈزۈمگە سالدى ياكى شۇنداق تۈزۈمگە ھۇل سالدى. ئۇ تارىخى خاراكتىرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى. ھاكىمىيەتنى يېڭى ئەۋلاتلارغا ساق سالامەت ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئۇ كەتتى ئەمما خەلقىگە ئەركىنلىكنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ كەتتى ئەمما بىر ئۇلۇغ داھىينىڭ سىماسىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ كەتتى ئەمما پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە قانداق كۆرەش قىلىشنى ئۆگۈتۈپ قويۇپ كەتتى. ئۇ كەتتى ئەمما تارىختا ئۇنتۇلمايدىغان بىر نامنى قالدۇرۇپ كەتتى.













        نادان دوستتىن دانا دۈشمەن ياخشى

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرىدە ئېيتىلىدۇ:«نادان دوستتىن، دانا دۈشمەن ئەلا». ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقى كەمسىتىش ھەقىتەتەن چېكىدىن ئاشقان ئىدى. قارا تەنلىكلەرنىڭ زىمىنلىرى تارتىۋېلىنغان، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، خىزمەت قىلىش چەكلەنگەن ئىدى. ئەمما قانۇن چىقىرىپ چەكلىگەن ئىدى. يۈرگۈزىۋاتقىنى ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى بولسىمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ئەنگىلىيەدىن يۆتكەپ كىلىنگەن پارلامىنتلىق، ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئىدى. قىرغىنچىلىق قىلسىمۇ، ئىرقىي كەمسىتىش ئېلىپ بارسىمۇ قانۇن چىقىرىپ، قانۇن بۇيىچە ئېلىپ باراتتى.

ئاشۇ تۈزۈملەر ئىچىدە بىر داھى 70 يىلدا يىتىشىپ چىقتى. 28 يىل تۈرمىدە ياتتى. ھاكىمىيەت ئۇنى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپلا يوقىتىۋەتمىدى. قەستلەپلا ئۆلتۈرۋەتمىدى. چەكلىگەن ۋاقىتتىلا پۈتۈنلەي چەكلىۋەتمىدى. سۆز قىلىشىدىن چەكلىمىدى. ئالدى بىلەن مەلۇم رايۇن ئىچىدە چەكلىدى. ئاندىن نەزەربەنىد قىلدى. ئاندىن قامىدى. ماندىلا ھەرقانداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ پائالىيەت ئېلىپ باردى.

ماندىلانى تۇتقان سوتلاۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭ ئۆز پىكرىنى، ئىددىيەسىنى ئاشكارا سۆزلەشتىن توسىمىدى. ھەتتا ئۆزىنىڭ سىياسى خىتابىنى سوتنى مۇنبەر قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى.

ئاق تەنلىكلار قارا تەنلىكلەرگە نىسبەتەن ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتاتتى. ئاق تەنلىكلەر، ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى ماندىلانىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئەمما ھەمما ئاق تەنلىك ماندىلانىڭ دۈشمىنى ئەمەسكەن.

ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىش قىلغاندا قارا تەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدا ئاق تەنلىكەرمۇ بار ئىدى.

ئاق تەنلىكلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى قانۇنچىلىق جەمئىيىتى «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى» سەۋەبلىك ماندىلانىڭ ئادۋۇكاتلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئالى سوتتا ماندىلانى بىر ئاق تەنلىك ئادۋۇكات ئاقلىغان ئىدى.

ماندىلاغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ماندىلا قېچىپ يۈرۈپ كۆرەش قىلىۋاتقان، ھېلى رىمۇنىتچى، ھېلى تامچى، ھېلى ياغاچچى سىياقىدا ياسىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا نەچچە قېتىم ئاق تەنلىك ساقچىلار ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇيىۋەتكەن، قاچۇرۋەتكەن. ماشىنىسىنى توسۇپ بوپمۇ ئۆتكۈزۈۋەتكەن. ھەتتا سالام بىرىپ يۇشۇرۇنچە ھۆرمەت بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ شۇ قېچىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا نۇرغۇن قېتىم ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆيىدە يۇشۇرۇنغان ئىدى. بىر ئاق تەنلىك ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى قارا تەنلىكنى ئۆز ئۆيىدە قوندۇرۇپ، تاماق بىرىپ مىھمان قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆرىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىۋاتاتتى.

ماندىلانىڭ مۇلايىم، كىچىك پېئىل خاراكتىرىدىن ئاق تەنلىكلەرمۇ تەسىرلىنەتتى. بىر قېتىم بىر گۇندىپاي ئۇنىڭدىن:«سىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىمۇ بىزگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلارسىلەرمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى.

ماندىلانىڭ ئەخلاقىدىن، ئىسىل خىسلىتىدىن گۇندىپايلارمۇ تەسىرلىنەتتى. ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورايىتتى. شۇڭا تۈرمە دائىرلىرى گۇندىپايلارنىڭ ماندىلانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۇندىپايلارنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. دىمەك ئاق تەنلىكلەرمۇ «ئاق-قارا»نىلا ئەمەس ھەق-ناھەقنىمۇ چۈشۈنەتتى.













        قەھرىمانغا قەھرىمان ئايال كېرەك

ماندىلانىڭ دەسلەپكى  ئىككى يىللىق نەزەربەنىت مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالغاندا ھۆكۈمەت يەنە بەش يىللىق نەزەربەنىت بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇ ئېغىر كۈنلەردە ماندىلانىڭ تۇنجى ئايالى ماندىلانى ئۈچ بالىسى بىلەن تاشلاپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭدىن بىزنىڭ ئاغرىنىشىمىز يوق. بۇنداق ئېغىرچىلىقلارغا ھەممىلا ئايال بەرداشلىق بىرىپ بولالمايدۇ.

قەھرىمان ئايال ماندىلانىڭ ئىككىنچى خوتۇنى ۋىننى. ئۇ ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە ماندىلانىڭ ئۈچ ئۆگەي بالىسىنى، ئۆزى تارتىدىغان جاپا مۇشەقەتنى، ۋەتەنگە ئاسيىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقان ماندىلانى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى. مانا بۇ قەھرىمان ئايال. راھەت پاراغەتنى ئەمەس جاپا- مۇشاقەتنى تاللىدى.

بىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرىمىز بالىلىرىنىڭ بەختىنى بەكراق ئويلايدۇ. ئەمما ماندىلانىڭ يېڭى قېيىنئاتىسىدەك ئويلايدىغانلار ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدۇ. ماندىلانىڭ قېينىئاتىسى قىزىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«سەن ئەرگە ئەمەس، كۈرەش ئىشلىرىغا ياتلىق بولغانلىقىڭنى ئۇنتۇما. سىنىڭ مىنىڭ ئالدىمغا مۇشۇنداق بىر كۈيئوغولنى ئەپ كەلگىنىڭ قەبىلىمىزگە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ يىرىگە ئافىرقىلىقلار مىللى مەجلىسىنى ئېلىپ كەلگىنىڭ» دىدى.

ماندىلا ئائىلە تۇرمۇشىدىن قۇربان بىرىپ، ساقچىلاردىن قېچىپ يۈرۈپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىك ئىچىدە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئايالى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقىتلىرى بەك ئاز ئىدى. ھەتتا نەچچە ئاي سىرتلاردا يۈرۈپ ئۆيىگە كەلگەن ۋاقىتتا دەيدىغان گىپى « قەدىرلىكىم، كىيىملىرىمنى تەييارلاپ قويۇڭ. مەن ھازىرلا ماڭىمەن» ئىدى. ئايال كىشى ئېرىنىڭ يېنىدا بولىشىنى، ئۆزىگە يۆلەك بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئېرى يېنىدا بولسا خاتىرجەم بولىدۇ. ئەمما ۋىننى ئېرىنى چۈشەنگەچكە، ئېرىنىڭ ئىشلىرىنى چۈشەنگەچكە ئۇنىڭغا ئارتۇق تەلەپ قويمىدى. ئۇنىڭغا يەنە بىر باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمىدى. ئۆي ئىچىدىن خاتىرجەم قىلدى. پەرزەنىتلىرىنى ئۆزى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشتى.

ماندىلانى سوتلاۋاتقان ۋاقىتتا ماندىلانىڭ ئايالى ۋىننىي سوتقا مىللىيچە كىيىم كىيىپ كەلگەن ئىدى. ساقچىلار ئۇنىڭ مىللىيىچە كىيىنىشىگە يولسىزلارچە ئارلىشىپ ناۋادا مىللىيچە كىيىمنى سېلىۋەتمىسە سوتتىن ھەيدەپ چىقىرۋىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. بۇ يەرلىك ئافىرقىلىقلارنىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى. ئەتىسى يۈزلىگەن ئاياللار سوتقا مىللىيچە كىيىم كىيىپ كەلدى. جەنۇبىي ئافىرقىنىڭ ئازاتلىقىدا مۇشۇ ئاياللارنىڭمۇ تۆھپىسى بار.

ماندىلا بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت ماندىلانىڭ ئايالى ۋىننىينىڭ جۇھانىسبورگدىن چىقىشىنى چەكلىدى. ھەرقانداق مائارىپ ئورگىنىغا كىرىشىگە، بالىلىرىنى ئېلىپ مەكتەپكە بېرىشىغا، بىرلا ۋاقىتتا بىردىن ئارتۇق ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشىگە، سۆزلىشىشىگە، نۇتۇق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايىتتى. ھەرقانداق يىغىنغا قاتنىشىشىغا بولمايىتتى. ئافىرقىدا نۇرغۇن قارا تەنلىك ئاياللارغا چەكلىمە بار ئىدى. ئەمما ۋىننىيغا قويۇلغان بۇنداق كۆپ چەكلىمە يوق ئىدى. ئۇ ماندىلانىڭ خوتۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ جاپالارغا مەجبۇر بولىۋاتاتتى.

ماندىلا تۈرمىگە قامالغان ۋاقىتتا سىياسىي جىنايەتچىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېرىم يىلدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئوتتۇز مىنۇت كۆرۈشەلەيىتتى. كۆرۈشكەندە مىكرافۇن ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. ئاۋازى ئۈنئالغۇغا ئېلىناتتى. قېلىن ئەينەك تام ئۇلارنى ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە ئۈچتىن ئالتە گۇندىپاي قاراپ تۇراتتى. ۋىنىي ھەر قېتىم 1500 كىلومىتېر مۇساپە بېسىپ ماندىلا بىلەن كۆرۈشكىلى كىلەتتى. ھۆكۈمەت ۋىينىينىڭ پويىز ياكى ئاپتۇموبىلغا ئولتۇرىشىنى چەكلەپ پەقەت ئايرۇپىلان بىلەن ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنداق بولغاندا چىقىم ئېشىپ كىتەتتى. ۋىينىي ئىككى بالىسىنى بېقىۋاتقان بولغاچقا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتەتتى. ۋىننى مۇشۇ يولسىزلىقلارغا چىداپ كەلدى. مۇشۇ جاپالارغا چىداپ كەلدى. ئۇ ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ماندىلا بىلەن كۆرۈشكىلى كىلەتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكى ماندىلا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ۋىينىينىڭ ھەركەت دائىرسىنى چەكلىدى. يىغىن، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى، ماقالە يېزىشى، كىتاب نەشىر قىلىشىنى چەكلىدى. بۇنداق قاتمۇقات چەكلىمىلەر ئادەمنى مەجبۇرى خىلاپلىق قىلىشقا قىستايىتتى. ۋىينىيمۇ قاماققا چۈشۈشتىن قۇتۇلالمىدى. ۋىينىي قاماققا ئېلىنغاندا قاتتىق قىيىن قىستاققا ئۇچرىدى. بەش كىچە- كۈندۈز ئۇخلاتماي سوراق قىلدى. ۋىينىڭنىڭ پۇتلىرى ئىششىپ، كۆزى تورلىشىپ، بېشىي قېيىپ كەتتى. ھەتتا يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالدى. لىكىن ئۇ باش ئەگمىدى.

ۋىننى ماندىلانىڭ خوتۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئاياللار تارتالمايدىغان جاپالارنى تارتتى. لىكىن ۋايسىمىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئەرزىمەس خاپىچىلىقلار ئۈچۈن ئەرلىرىنى تاشلاپ كەتتى. ئەمما ۋىننىي ئۇنداق قىلمىدى. ئېرى قاچقۇن ھالەتتە ياشاۋاتقاندىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدى. سوتتا بۇرنىغا ئۆلۈم پۇرىغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدى. ئېرى 28 يىل تۈرمىدە ياتقاندىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدى. تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە جاپا تارتقاندىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدى. ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن، قىيىن، قىستاقلارغا ئالغاندىمۇ ئۇ ماندىلادىن ۋاز كەچمىدى. ئۇ ماندىلادىنلا خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مانا بۇ قەھرىمان ئايال، مانا بۇ قەھرىمانغا لايىق ئايال.

مانا بۈگۈنكىدەك مۇسىبەت كۈنلىرىدىمۇ، ماندىلا جان ئۈزگەندىمۇ ئۇنىڭ بېشىدا بىللە بولدى. مۇسىبەتتە سەۋرى قىلىڭ ۋىننى. «ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز».



arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 14:42:52

گۈللۈگ دە بىر ماقالە كۆرگەن ئىدىم.

نۇمۇس تۇيغۇسى توغرۇلۇق. مۇشۇ ماقالە ھېندىستان، جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق مۇستەملىكە دۆلەتلىرىدىكى مەھكۇم خەلقلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئەركىنلىككە ئىرىشەلىگەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرگەن.


*****************************************************************



بۇ تېمىدىكى ماقالە ناھايىتى سۈپەتلىك يېزىلىپتۇ.


خەنچە بېكەتلەردە بۇ ماقالىدىكى ماندىلاغا ئوخشىمايدىغان ۋارېيانتىكى ھېكايەتلەرنى كۆردۈم.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 10:45:42

ھەممە ئەركىنىلىككە ئىرشىكەن خەلقنىڭ پەقەت ئۇزىگلا خاس بۇلغان كۇرەش قىلىش تارىخ باركەن ،لىكىن ئۇرتاقلىقى ئۇلارنىڭ داھىسى ئەزەلدىن يالغۇز قالماپتىكەن، ئۇخشاشلا ھەممە ئەركىنلىككە ئىرشەلمىگەن خەلقىنىڭ ئۇخشاشلا ئۇزگە خاس كۇرەش قىلىش تارىخ بارىكەن ،لىكىن ئۇرتاقلىقى ئۇلارنىڭ داھىسى يالغۇز قالغان تەنھا قەھرىمان ئىكەن، شۇنىڭغا قارغاندا داھىلارنى ئەگەشكۇچلەر يارتىدۇ ،دىگەن گەپ يالغان بۇلمىسا كىرەك.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 10:50:41

ئۇنىڭ ئىنسانيەتكە قالدۇرغان رۇھى بايلىقى بەكلا كۇپكەن شۇنىڭغاقارغاندا ماندىلا يالغۇز ئافىرقىلىقنىڭلا ماندىلاس ئەمەس ،ئىنسانيەتنىڭ ماندىلاسى بۇلۇپ قالغۇدەك.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:27:38

ئەلا لىماي تۇرالمىدىم ..تېما ئىگىسىنىڭ قەلمىگە بەرىكەتلەر بەرسۇن..........

ماندىلانىڭ ھاياتى دۇنياسىىغا نىسبەتەن بەكمۇ ئادىللىق بىلەن بېرىلگەن باھا بوپتۇ !





تۆۋەندىكىسى kanjebatur ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ ئېلان قىلماقچى بولغان يازمىسى ئىكەنتۇق ، تەكرارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقارقى يازما بىلەن يانداش قىلىپ ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويدۇم ، kanjebatur توردىشىمىز توغرا چۈشەنگەي ...

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

kanjebatur

بۇگۇن بىر قەھرىمان ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇ ھاياتىنى جەڭ مەيدانلىرىدا ئەمەس ،بەلكى تۇرمىدە ئۆتكۇزدى.ئۇ باشقا قەھرىمانلاردەك ‹قولۇڭلارغا قۇرال ئىلىپ مەن بىلەن مىڭىڭلار ›دىمىدى،بەلكى‹قولۇڭلاردىكى قوراللارنى دەرياغا تاشلىۋىتىڭلار›دىدى.ئۇ دۇنيانى ئۆزگەرتمىدى،بەلكى ئىنقىلاپنى ئۆزگەرتتى.ئۇ زۇڭتۇڭ بولغاندا جەنۇبىي ئافرىقىنى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۇرەلمىدى،لىكىن جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارغا غايەت زور ئىشەنچ ۋە ئۇمىد ئەكەلدى.بۇ قەھرىمان دەل نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى نىلسون ماندىلا.



ماندىلا تۇرمىگە كىرگەندە چوڭ بالىسى بەش ياشتا ئىدى،ئۇ تۇرمىدىن نەۋرىسى ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە چىقتى.ئۇ تۇرمىگە كىرگەندە ،كىشىلەر تۇرمىدىن نەپرەتلىنەتتى.ئۇ تۇرمىدىكى ئوغرى ،باسقۇنچى،قاتىللارنى ئۆزگەرتتى.ئۇلارنى ئىنقىلاپچىلارغا ئايلاندۇردى.ئۇ ياتقان تۇرمە ‹ماندىلا›ئۇنۋىرسىتى دەپ ئاتالدى،كىيىنچە كىشىلەر ھۆكۇمەتتىن ئۆزىنى ماندىلا ياتقان تۇرمىگە سولاشنى ئۆتۇنىشتى.ئۇ تۇرمىدە ئاياغنىڭ بوغقۇچىنى قانداق چىگىشنى ئۇنتۇپ قالدى.بىراق ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ،قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكىنىى ئۇنۇتمىدى.









نۇر تورىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا نىلسون ماندىلا 2013-يىلى 12-ئاينىڭ6-كۇنى95يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى..



(رەسىم يوللاي دىگەن لىكىن قانداق يوللاشنى بىلەلمىدىم.قانداق يوللايدۇ؟)



~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 17:02:33

ياۋرۇپالىقلارمۇ يوغان سۆزلىمىسە بولغىدك، باشقىلارنىڭ زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ زىمىن ئىگىلىرىنى شۇنداق بوزەك قىلىشقا بىر ئىنسان چىدارمۇ؟ ئادملەر نىمانچ ۋەھشىدۇ...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 17:08:09

مىللىتى ئۈچۈن ۋەتىنى ئۈچۈن بىركىشلىك بۇرچىنى ئاداقىلىپ ،ئۆزئائىلسىگە ئىتقادىغا مەسئۇل بولغان ئادەم ئىكەن .



سارۋان ئەپەندىگە تەشەككۈر !



تازا قىزقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدى ،،،نۇرغۇن شەھەر باشلىقلىرى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇكىشىنى قوللىشىدا

قانداق سەۋەپ بار؟ قانداق شارائىت بۇ كىشىنىڭ جىنى ساقلاپ قالدى ؟ بىلگەنلەر جاۋاپ بەرسە

\"\"

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 17:17:30

3- قەۋەتتىكى functionنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياۋرۇپالىقلارمۇ يوغان سۆزلىمىسە بولغىدك، باشقىلارنىڭ زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ زىمىن ئىگىلىرىنى شۇنداق بوزەك قىلىشقا بىر ئىنسان چىدارمۇ؟ ئادملەر نىمانچ ۋەھشىدۇ...

ياۋروپالىقلارنىڭ ياخشى تەرىپى «نادان دوستتىن دانا دۈشمەن ياخشى» بۆلىكىدە تىلغا ئېلىنىپتۇ.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 18:21:49

تەرجىمىدەك قىلمايدۇ........ ئوزىڭىز يازغان بولسىڭىز بەك كاتتا يېزىۋېتىپسىز جۇمۇ!........قورقۇنچاقلىق ئىنساننىڭ ئومرىنى ئۇزۇن قىلىۋېتەممەيدىكەن، باتۇرلۇق،قورقماسلىق ئىنساننىىڭ ئومرىنى قىسقارتىۋېتەلمەيدىكەن. باشقىلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىشى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاش ئوخشاشلا كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ ، تېمىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقىۋەتتىم.

perex323 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 18:32:57

ھاياتىمىزدا بىر دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن بىر ئۇلۇغ داھى، بىر ئۇلۇغ ئىنسان!

ئۆز جاپا- مۇشەققەتلىرى بىلەن ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ قانداق قولغا كېلىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپتىكىلەر بىلەن ئۆزى ئىزدىگەنلەرگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قانداق مۇناسىۋەتلەشكەنلىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور! ( تېما ئىگىسى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمەپتۇ، شۇنداقتىمۇ تىما ئىگىسىگە رەھمەت!)

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:28:34

بۇ تېمىنىڭ ئەڭ يارىغان يىرى نادان دوستتىن دانا دۈشمەن ياخشى دىگەن بۆلىگى بولدى ....



ھەرقانداق زۇلۇمنىڭ قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىدىلىغانلىقى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ ......

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:31:06

ماندىلا كەتتى ،لىكىن ئۇ ئەركىنلىكنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى----------------بۇ ئىنتايىن قالتىس گەپ بولاپتۇ.

مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان چىغىمدا ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ھەم ئۇنىڭ قول قويغان.ھەراسىت بەيدۇمۇ ماندىلاغا تەزىيە بىلدۇرگەن ئوخشايدۇ،بەيدۇغا ماندىلا دەپ كىرگۇزسەڭلا بەيدۇنىڭ رەڭگى شۇھامان ئۆزگىرىدىكەن.

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:43:42

قايسى بىر كېنودىكى «سالام قەھرىمان»دېگەن سۆز ئېسىمگە كېپقالدى، تېما ئەپئەلا !

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:45:02

جەنۇبىي ئافىرىقا يىتىم قالدى دېگەن گەپكە ئالدىراپ ئىشەنمىسەم بولغۇدەك.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:45:56

يۈرۈگۈم نەچچە ئۆرلىدى ما تىمىنى ئوقۇپ \"\"

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 20:01:43

تازا قىزقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدى ،،،نۇرغۇن شەھەر باشلىقلىرى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇكىشىنى قوللىشىدا

قانداق سەۋەپ بار؟ قانداق شارائىت بۇ كىشىنىڭ جىنى ساقلاپ قالدى ؟ بىلگەنلەر جاۋاپ بەرسە

\"\"



جەنۇبىي ئاڧرىقا
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلام مۇستەقىل بولغان .لىكىن يەنىلام ئاق تەنلىكلەرنىڭ
باشقۇرشىدا بولۇپ ،قارا تەنلىكلەردە ھىچقانداق ھوقۇق يوق.شۇڭا قارا تەنلىەكلەر ئاق
تەنلىكلەرگە ئىنتايىن ئۆچ.قارا تەنلىكلەرنىڭ مەقسىدى ئاق تەنلىكلەرنى جەنۇبىي
ئاڧرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش.ماندىلا دىن بۇرۇنقى ياكى ئۇنىڭ بىلەن قۇرداش
باشقا ئىنقىلاپچىلار ئەق تەنلىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىپ،ئۇلارنى ئۆلتۇرۇپ،ئوت
قويۇپ،پارتىلىتىپ،قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن
شۇغۇللانغان.بىراق ماندىلا  زوراۋانلىق يولى ئارقىلىق مەسلىنى ھەل قىلىشقا
قارشى تۇرغان.ئۇنىڭ قارشىچە ئاق تەنلىكلەرنى جەنۇبىي ئاڧرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش
بىر بىمەنىلىك،چۇنكى كۆپ قىسىم ئاق تەنلىكلەرنىڭ جەنۇبىي ئاڧرىقىغا كەلگىنىگە
بىر-ئىككى يۇز يىل بولدى.يەنى ئۇلار ئاللىقاچان جەنۇبىي ئاڧرىقىلىق بولاپ
بولدى.شۇڭا ماندىلا ئاق تەنلىكلەرنى قوغلاپ چىقارماي ئاق ۋە قارا تەنلىكلىگە
ئورتاق بولغان جەنۇبىي ئاڧرىقىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان.ئۇنىڭ
خەلىقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدىكى سەۋەبى ئۇنىڭ مەسلىنى
تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى
تاللىشى.




ئۇ
قوزغىغان <مەنسىتمەسلىك ھەركىتى>،<ئۆيدىن چىقماسلىق ھەركىتى>(دەسلەپتە
تامايىش قىلغان، لىكىن نامايىش ھۆكۇمەت تەرپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كىيىن ئۇ
ئۆيدىن چىقماسلىق ھەركىتىنى قوزغىدى،شۇنداق ئاۋات شەھەرلەر بىر-ئىككى كۇن ئىچىدە
ئادەمسىز شەھەردەك ھالەتكە كىلىپ قالغان.)قاتارلىقلارنىڭ ھىچقايسسى قانۇنغا خىلاپ
ئەمەس.ئۇ قانۇنغا خىلاپ ھىچ ئىش قىلمىدى شۇڭا ھۆكۇمەتمۇ ئۇنى تۇرمىدە ھىچقانداق
قىلالمىدى


bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 20:04:40

بۇ گۈلەن ئەپەندىنىڭ تىمىسىنى ئۇزۇن مۇددەت كومىگەندىن كىيىن مەن چىن كوڭلۈمدىن قول قويغان تىما بولدى ، مەن تىما ئىگىسى بىلەن كۆرىشەلىگەن بولسام قول بىرىپ ئۇستاز قىلۋالاتتم ـ

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 21:31:13

sarwanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل




بۇ ۋاقىتتا ئەسلى بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قارا تەنلىكلەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 10% تىنى تەشكىل قىلىدىغان «ساقلاپ قېلىنغان يەر»لەرگە پالانغان ئىدى. خۇددى ئامىركىدا ئىندىئانلار سۈرگۈن قىلىنغانغا ئوخشاش.




(ئانىسىنىڭ ھەققى باردەك بوزەك قىپتىكەنغۇ بۇ مېھرىبان خرىستىيانلار)



ئۇ داھىيلارغا خاس يىراقنى كۆرەرلىكى، باتۇرلۇقى بىلەن قۇرۇلغىنىغا 50 يىل بولغان «مىللى مەجلىس» نىڭ غەيرىي زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئەركىنلىككە ئىرىشىش ھەركىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇق قول خەلققە قۇرال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن بىر ئۈستەلگە كىلىپ سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇش كىرەكلى، قاتتىق ۋاستىلەرنىمۇ قوللىنىش كىرەكلىكىنى تونۇپ يىتىپ زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللىنىشنى يولغا قويدى. شۇنداقلا ئۆزى باشلامچىلىق قىلدى.

1912-يىلى قۇرۇلغان مىللى مەجلىس 50 يىل بولاي دىگەندە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاشكارە ۋاقىتتا غەيرىي زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئادالەتسىز قانۇنغا قارشى تۇرغان بولسا. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن يۇشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ سىتراتىگىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياساپ زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللىنىشقا باشلىدى.


(پىچاق سۆڭەككە يەتسە ئامال يوقكەن)





ماندىلا تۈرمىگە قامالغان ۋاقىتتا سىياسىي جىنايەتچىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېرىم يىلدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئوتتۇز مىنۇت كۆرۈشەلەيىتتى. كۆرۈشكەندە مىكرافۇن ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. ئاۋازى ئۈنئالغۇغا ئېلىناتتى. قېلىن ئەينەك تام ئۇلارنى ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە ئۈچتىن ئالتە گۇندىپاي قاراپ تۇراتتى. ۋىنىي ھەر قېتىم 1500 كىلومىتېر مۇساپە بېسىپ ماندىلا بىلەن كۆرۈشكىلى كىلەتتى. ھۆكۈمەت ۋىينىينىڭ پويىز ياكى ئاپتۇموبىلغا ئولتۇرىشىنى چەكلەپ پەقەت ئايرۇپىلان بىلەن ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنداق بولغاندا چىقىم ئېشىپ كىتەتتى.




(بەسەيلەردىن چوڭ پەرقى يوقكەنغۇ)


YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 22:42:47

ماندىلا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يىرىدە قارشى ئىلىندىغان ۋە ئاخرقى غەلبىنى قولغا كەلتۇرگەن قەھىرمان شەخسى بۇنداق ئامەت ئاز ئاچرايدۇ .
بەت: [1] 2 3 4
: ماندىلا كەتتى