ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 14:32:09

[تېخنىكا] بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسى(سۇلياۋ)

       كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا چىقىرىدىغان ئەخلەتنىڭ كۆپرەكى سۇلياۋ بۇيۇملار بۇلىۋاتقىنى بەلكىم ھەممىمىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان بۇلىشى مومكىن، يەنە باشقا يۇرىتتىن كىلىپ مۇشۇ ئەخلەتلەرنى يىغىشقا تاينىپ جان باقىدىغان كەسىپ توپىنىڭ شەكىللىنىپ بولغىنىنىمۇ بىلىمىز. بۇ ئەخلەتلەر يىغىۋىلىنغاندىن كىيىن شۇنچە يىراققا تۇشۇلۇپ ئاپىرىلىپ قايتا مەھسۇلات بۇلۇپ پىششىقلانغاندىن كىيىن يەنە شۇنچە يىراقتىن تۇشۇپ كىلىنىپ بىزگە يۇقىرى باھادا سىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە كىرا چاپلانغان بۇلىدۇ.

      سۈزۈك ھەم پۇراقسىز بولغانلېرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىتىم پىششىقلىنىپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، كىيىنكىلېرى بولسا سۈزۈكلىكى ناچارلاشقانچە قايتىلىنىش قىتىم سانى ئاشقان مەھسۇلاتلار بۇلىدۇ. يەنە بەزىلېرى باشقا تەركىپلىك ئارلاشمىلار بۇلىدۇ.

sulyaw01.jpg

        ئەگەر بىز شۇ نەرسىلەرنى مۇشۇ يەردىلا يىغىۋىلىپ قايتا پىششىقلاپ مەھسۇلات ئىشلەپ بازارغا سالساق تۇشۇش تەننەرخى بىۋاستىلا بىزنىڭ پايدىمىزغا قۇشۇلىدۇ.

       ئەمدى بىز ئىش تەرتىپىگە قاراپ باقايلى؛ ئۇ نەرسىلەر پاكىزلانغاندىن كىيىن كۆممە قۇناقنى يانجىغاندەك ئۇششاق يانچىلىپ(粉碎器)، ئاندىن بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسىغا(注塑机  ؛) سىلىنىپ، ئۇنىڭدا قىزىتىلىپ ئېرىتمە ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، بىسىم بىلەن بىز تەييارلىغان قىلىپقا كىرگۈزۈلۈپ مەھسۇلات بۇلۇپ چىقىدۇ، بەك قىزىتىۋىتىلسە خۇسوسىيتى ناچارلىشىپ ناچار سۈپەتلىك سۇلياۋغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، قىزىتىلمىسا مەھسۇلات كەمتۈك چىقىپ قالىدۇ، قىلىپنىڭ ئادەتتە نۇرغۇن يېرىدە ھاۋا چىقىش تۈشۈكچىلېرى بۇلىدۇ،(ماشنا-موتولارنىڭ كامارلېرىدىكى سەرەڭگە تىلى چوڭلىقىدىكى ئىككى سانتىغا يىقىن ئۈسۈكچىلەر) ئەمما بىز بەك ئەنسىرىمىسەكمۇ بۇلىدۇ، بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسىنىڭ بۇ ئىقتىدارلېرى ئاپتۇماتىك تەڭشەلگەن.

كىچىكلېرى ئاچقۇچ ياساشتا، چوڭلېرى ۋە بەزى پۈركۈگۈچلۈك ماشنىلار چوڭ بولغان نەچچە توننىلىق سولياۋ باكلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

sulyaw02.jpg

         بۇ نەرسىلەر ھەممىسى دىگۈدەك توك بىلەن ئېرىتىلىدۇ، سۇ باكلېرىنىڭ بۇ يەردە بەك قىممەت بۇلىشى ئاساسەن يول كىراسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ھىچ بولمىغاندا شۇ زاۋۇتلار بىلەن شىرىكلىشىپ ، مۇشۇ يەردە ئىشلەپچىقارسىمۇ تەننەرخى خېلى تۈۋەن بۇلىدۇ. ئازراق پۇلنى تىپىىۋالغاندىن كىيىن داۋاملىق پۇل تاپقىلى يول يوق بىكارچىلىقتا خۇتۇننى تۆت قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەندىن كۆرە بۇ تەبئى بايلىقلېرىمىزدىن مەھسۇلات ئىلەپچىقىرىشنى ئويلىنىپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ‹‹سودىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى سىتىش›› سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ بولغاندا ئاندىن مىليادىرلارمۇ بارلىققا كىلىدۇ.

sulyaw03.jpg



بۇ نەرسىلەرنى مەن ئىزدىشىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ.

18999695431

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 14:55:20

ئېسىل تېما!!!!



دېھقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدا پۇل يوقمۇ ئەمەس. بەش تۈمەن پۇلنى ساقلاپ يېتىپ نىمە قىلىشنى بىلمەي يۇرگەن نۇرغۇن ئادەملەر بار.

بەزىلەر ئۈچ تۆت تۈمەنگە نىمكەش ماشىنا ئېلىپ ھەيدەپ يۈرىدۇ. نەتىجىدە پۇل پۇلنى تاپماي ئىسراپ بوپ كېتىدۇ.



گەرچە ھەممە ئادەم كارخانىچى بولۇپ كەتمىسىمۇ، مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ نىمە ئىش قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن ئادەملەرگە پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن.



تېما ئىگىسىگە رەھمەت.


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:25:14

فوكىسكىن، ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى ئەڭ دەسلەپ مۇشۇ ماشىنا بىلەن، قاپ دېگەندەك نەرسىلەرنى زاكاس ياساپ ئىش باشلىغان. بۇ نەرسىنىڭ سودا ئۈنۈمى ياخشى.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:29:46

رەسىملەرنى قايتا تەھرىرلەپ باقامسىز ؟

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:00:34

بىز بەك نازۇكلىرىنى قىلالمىساقمۇ جاپاسى جىقراق بولسىمۇ كېرەكسىز قاپ(سېمونىت قېپى ۋەئوغۇت قېپى،ئۇن خالتىلىرىنى)لارنى ئېرىتىپ دانچە ياساپ باشقىلارغا كىلوسىنى 4.5سومدىن سېتىۋاتىمىزبىزنى كۆپرەك بوزەك قىلغىنى سۇلياۋقاپلارنى توغراش(پارچىلاش)ماشىنىسى (پوسوجى دەپ قويىدىكەن).پىچاقلىرى تولا گاللىشىپ، پىچاق گاللاشمىساگېلىغا كەپلىشىۋېلىپ دىگەندەك......

ئىككىنچى پىلاندا سۇلياۋداس بىلەن سۇلياۋچۆگۈن قۇيماقچى ئىدۇق،ئۇرۈمچىدا چاڭجىياڭ يولىدىكى خەنلەردىن ئۇقۇشساق قېلىپ نى قىممەتلا گەپ قىلىۋاتىدۇ ئاللا خالىسا ئەتىيازلىققا قېلىپنى ئۆزىمىز ياسىساق بولىدىغان ئوخشايدۇ

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 20:33:11

رەسىملەر كۆرەنمەپتۇ

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 20:45:43



   ئابلىمىتكام نەق نەپ بىرىدىغان تىما يوللاپتۇ ، ئۇ بېسىملىق قۇيۇش ماشنىسىدا سۇ قاچىلايدىغان چوڭ -كىچىك توڭ قۇيغانلىقىنى مەنمۇ كۆرگەن ، بىر يۇرۇش قۇيۇش ماشنىسىنى بىر ئادەم ئەركىن ئازادە باشقۇرۇپ كىتەلەيدۇ ، بىرقېتىم ئىشلىتىپ بولغان سۇلياۋ يۇپۇقلارنى يەردىن يىغىپ ئىلىپ پاكىز يۈيۈپ izdan0998@ دىگەندەك دانچىلاشتۇرۇپ  مۇشۇنااق زاۋۇتنىڭ خام ئەشياسى قىلىدۇ  ،قارىسام بىر يۈرۈش ماشنا ئوتتۇر مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدىغاندەك، ئاقسۇدا بىر خەنزۇنىڭ زاۋۇتى مۇشۇ توڭلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ھەتتا قەشقەرگىچە تۇشۇپ ساتىدۇ .  





    يەنە بىرىگە مەبلىغىڭلار بارلار كىرەكتىن چىققان ماشنا بالۇنلىرىدىن سۇ ئۆتكۈزمەس ماتىريال ياسايدىغان تۇرنى قىلىپ باقساڭلىمۇ پۇلنى بىركىشىك تېپىپ قۇيسىلە ، ئىككى خەنزۇنىڭ زاۋۇتى مۇشۇ ئىشنى قىلىپ پۇلنى خېلى تېپىپ قۇيدى، قارىسام ياسىغان ماتىريالى سېتىپ ئۈلگۈرمەي قالىدىكەن . كىرەكسىز ماشنە بالۇنلىرىنى ئەرزان باھادا يىغىسىلى (ھەر قايسى جايلادىكى ئۇيغۇر رىموتچىلارغا تاپلىساڭلىلا ئىش پۈتىدۈ) ئاندىن ئۇنى ئۇششاقلاش ماشنىسىدا تىتىپ نۇرمال ئىرىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمىز بۇنى ماشنا تاماملايدۇ ،بۇ ماشنا ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ، ئاندىن ئۇنى ئازراق ئىرىتىپ يۇمشىتىپ قۇقۇق تورسىمان يۇمشاق تالالىق تەخمىنەن بىر مىتىر كەڭلىكلتىكى ماتىريالغا ئىككى - ئۈچ مىللىمىتىر قېلىنلىقتا يېپىشتۇرىمىز ئاندىن ئۇنى چىقىرىپ بىرتەرىپىگە نىپىز سۇلياۋ چاپلايمىز يەنەبىر تەرىپىگە يەكشى قۇم يېپىشتۇرىمىز ، ئاندىن ئۇنى ئون ياكى يىگىرمە مىتىرئۇزۇنلۇقتا كىسىپ تۇرۇپ سۇ ئۆتكۈزمەس ماتىريال دەپ ساتساق بولدۇ (بۇ جەريانلار بىر ماشنا بىلەنلا ماشنىلىشىدۇ تەخمىنەن بەش ئەدەم باشقۇرۇپ كىتەلەيدۇ ،  بۇ ماشنا ئەللىك مىڭ ئەتراپىدا ئالغىلى بۇلامىكى ) ، بۇ ماتىريال ئاساسەن قۇرلۇشتا ئىشلىتىلىدۇ ئۆي باھاسىنىڭ قىممەتكىگە قارىغاندا بۇ نەسىمۇ ئەرزان ئەمەس .

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 21:06:43

3- قەۋەتتىكى izdan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز بەك نازۇكلىرىنى قىلالمىساقمۇ جاپاسى جىقراق بولسىمۇ كېرەكسىز قاپ(سېمونىت قېپى ۋەئوغۇت قېپى،ئۇن خالتىلىرىنى)لارنى ئېرىتىپ دانچە ياساپ باشقىلارغا كىلوسىنى 4.5سومدىن سېتىۋاتىمىزبىزنى كۆپرەك بوزەك قىلغىنى سۇلياۋقاپلارنى توغراش(پارچىلاش)ماشىنىسى (پوسوجى دەپ قويىدىكەن).پىچاقلىرى تولا گاللىشىپ، پىچاق گاللاشمىساگېلىغا كەپلىشىۋېلىپ دىگەندەك......

ئىككىنچى پىلاندا سۇلياۋداس بىلەن سۇلياۋچۆگۈن قۇيماقچى ئىدۇق،ئۇرۈمچىدا چاڭجىياڭ يولىدىكى خەنلەردىن ئۇقۇشساق قېلىپ نى قىممەتلا گەپ قىلىۋاتىدۇ ئاللا خالىسا ئەتىيازلىققا قېلىپنى ئۆزىمىز ياسىساق بولىدىغان ئوخشايدۇ



        بۇمۇ پۇل تاپقىلى بۇلىدىغان ياخشى تۈر ، سىلە ئىشى كىڭەيتىپ يەرگە يېپىپ ئىشلىتىپ بولغان سۇلياۋ يۇپۇقنىمۇ يىغىپ دانچىلاشتۇرىدىغان قىلىپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بۇنىڭ كىرىكسىز سۇلياۋ خام ئەشياسى ئىنتايىن كەڭرى بۇلۇپمۇ ئاقسۇدەك كىۋەر قۇناقنى كۆپ تېرىپ كىرەكسىز سۇلياۋ پەيدا قىلىدىغان يەرگە زاۋۇتتىن بىرنى قۇرۇپ كىرەكسىز سۇلياۋنى دانچىلاشتۇرۇپ سۇپتى ياخشىراق دانچىلاردىن ئابلىمىتكام دىگەندەك ھەرخىل سۇلياۋ تۇڭ ، يېزا ئىگىلىككە ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ يۇپۇق (بۇنىڭ ماشنىسىمۇ  قىممەت ئەمەس ، ئاپتۇماتىك ئىشلەپ چىقىرىدۇ ،ئون ماشنىغا بىر ئادەم يىتىشىدۇ) ،رەڭسىز داس قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سۇپتى ناچارراق دانچىلاردىن  سۇلياۋ ئاياق ،  رەڭلىك داس چىلەك ۋەباشقا سۇلياۋ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىسەڭلا كەسىپ دائىرەڭلا تېخىمۇ كەڭىيدۇ ، ھەم بىر كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرەلەيسىلە ، ياخشىراق قىلساڭلا بەلكىم بىر رايۇننىڭ خام ئەشيادىن مەھسۇلاتقىچە بولغان ساھەسىنى مۇنۇپۇل قىلالىشىڭلا مۇمكىن .  




fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 22:15:02

يارايسىلە قىرىنداشلىرىم،،بەك  تىرشىڭلا ،مىللەت ئۇچۇن

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 11:24:10

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.
زادى مۇشۇ ئابلىمىتجان نان بىرىدىغان تىمىلارنى كۆپ يوللاۋاتىدۇ. رەھمەت جۈمۈ

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 11:24:14

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.
زادى مۇشۇ ئابلىمىتجان نان بىرىدىغان تىمىلارنى كۆپ يوللاۋاتىدۇ. رەھمەت جۈمۈ
بەت: [1]
: [تېخنىكا] بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسى(سۇلياۋ)