jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 10:14:00

تۈرك، ئەرەپ خەلق لەتىپىلىرى

تۈرك، ئەرەپ خەلق لەتىپىلىرى



ئەرەپچە ۋە تۈركچىدىن توپلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھزۇن




كېيىمىڭ بار تەرەپكە قارا



بىر كىشى ئىمامى ئەزەمنىڭ يېنىغا كىلىپ:

-غۇسلى تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن كېيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ ئۆستەڭگە كىرگەن ۋاقتىمدا قىبلە تەرەپكە قارامدىم ياكى باشقا تەرەپكىمۇ دەپ سوراپتۇ، ئىمامى ئەزەم:

-ئەڭ ياخشىسى كېيىمىڭنى قويغان تەرەپكە قارا دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.



ئېغىزىنى يۇمالمايتتى



-نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىگە زەيتۇن يۇپۇرمىقىنى ئەكەلگەن كەپتەر ئەركەكمۇ چىشىمۇ؟

-ئەلۋەتتە ئەركەك.

-قانداق بىلدىڭ؟

-چىشى كەپتەر بولغان بولسا ئېغىزىنى ئۇنچىلىك ئۇزۇن يۇمالمىغان بولاتتى.

   

سىناپ باقاي



ياشانغان بىر كىشىقاغا سېتىۋاپتۇ. قاغىنى قانداق قىلىسىز دەپ سورالغاندا:

-قاغا ئۈچ يۈز يىل ياشايدۇ دېيىشىدۇ راستمۇ يالغانمۇ سېناپ باقاي دەيمەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.



مېنى قانداق كۆردۇڭ؟



مەجنۇن چۆلدە كېتىۋىتىپ ناماز ئۇقۇۋاتقان ياشانغان بىر دەرۋىشنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. دەرۋىش نامىزىنى ئۇقۇپ بولۇپ مەجنۇننىڭ كەينىدىن كېلىپ:

-سەن ئالدىمدىن ئۆتۈپ نامىزىمنى بۇزۇۋەتتىڭ دەپتۇ، مەجنۇن بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا ئالدىدا بىر دەرۋىش تۇرغۇدەك ئۇ دەرۋىشكە مۇنداق دەپتۇ:

-ئەي دەرۋىش! لەيلىگە بولغان سەۋدالىقىمدا كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمىدى. سېنىڭ ناماز ئۇقۇۋاتقانلىقىڭنى كۆرمەپتىمەن. ئەمما سەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىدىڭ. مېنى قانداق كۆردۈڭ؟ ئالدىڭدىن ئۆتكەنلىكىمنى نەدىن بىلدىڭ؟



   زالىم ھەججاجغا تەڭ كىلەلىگەن سەھرالىق



زالىم ھەججاج ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنى شەھىد قىلغاندىن كېيىن مەدىنىگە كېلىپ خەلقنىڭ بۇ ۋەقەگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پۇخراچە ياسىنىپتۇ. مەدىنىدىن چىقىۋاتقان ياشانغان بىر سەھرالىقتىن:

-مەدىنىدە ئەھۋال قانداق؟ دەپ دوراپتۇ.

-سورما! ئەھۋال بەك يامان.

-نېمىشقا؟

-يەنە نېمە بولاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە ئوخشاش كاتتا ئادەمنى ئولتۈرۋەتتى.

-كېم ئۆلتۈردى.

-ھەججاج دېگەن بالاتەككۈر. زالىم ئەبلەخ.

-سەن ھەججاجنى كۆرسەڭ تۇنۇيالامسەن؟

-ياق.

ھەججاج يۈزىنى ئېچىپ ئۇ سەھرالىققا قاراپ:

-ھەججاج دېگەن مەن شۇ، دەپتۇ. سەھرالىق دەرھال:

-ھەي دوستۇم! سەن مېنى تۇنۇمسەن.

-ياق.

-مەن ئامىر قەبىلىسىدىن بىر ساراڭ بولىمەن. نېمە دېگىنىمنى، نېمە قىلغىنىمنى بىلمەيمەن.

ھەججاج بۇ سەھرالىقنىڭ چىچەنلىكىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنى كەچۈرۋىتىپتۇ.



   

ئۇستىخانلىرى كۆرۈنگەنگە قەدەر



بىر كىشى ئىمامى شەئبىينىڭ يېنىغا كىلىپ:

-ئىھرامدىكى ۋاقىتتا بەدىنىنى قاشلىسا بۇلامدۇ دەپ سوراپتۇ. ئىمامى شەئبى «بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەندە ئۇ كىشى:

-قانچىلىق قاشلىسا بولىدۇ دەپتۇ. ئىمامى شەئبى بۇ چۈشۈنۈكسىز سۇئالغا ئوخشاش شەكىلدە: «ئۇستىخانلىرى كۈرۈنگەنگە قەدەر» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.

   

تويىدا مەن يوق ئىدىم



بىر كىشى ئىمامى شەئبىيدىن: «ئىبلىسنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى» دەپ سورىغاندا ئىمامى شەئبى: «تويىدا مەن يوق ئىدىم» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.



   

پۈتۈن دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىل



بىر كىشى موللامدىن:

-كەئبىنى تۈنجى كۆرگەندە قىلىنغان دۇئا شەكسىز ئىجابەت بۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن قايسى دۇئالارنى قىلساق بۇلار؟ مۇللام:

-«ئەي ئاللاھ مۇشۇ يەردە قىلماقچى بولغان پۈتۈن دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىل» دېگەن دۇئانى.

   

ئىتنى قۇيۇۋىتىپ تاشلارنى باغلاپتۇ



سەھرالىق بىرى شەھەرگە كىرگەندە ئىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپتۇ. ئىتلارغا تاش ئېتىش ئۈچۈن يەردىن تاش ئالماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ يەردىكى تاشلارنى مىدىرلىتالماپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ:

-بۇ شەھەردىكى كىشىلەر بەك غەلىتە ئىكەن ئىتلارنى قۇيۇۋىتىپ تاشلارنى باغلاپ قۇيۇپتۇ.

      

ئېنىقلا ئوغلۇمنىڭ خېتى



ئەر-خۇتۇننىڭ ئەسكەرلىكتىكى ئوغلىدىن خەت كەپتۇ. ئەر-خۇتۇن ساۋاتسىز بولغاچقا خەتنى بىرسىگە ئۇقۇتۇپتۇ. ئۇ ئادەم خەتنى كىكەچلەپ ئۇقۇپ بىرىپتىكەن. ئايال خوش بۇپ كېتىپ ئوغلۇمنىڭ خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇلۇشتىنلا بىلىۋالدىم دەپتۇ. ئەسلى خەتنى ئۇقۇغان كىشىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوغلىمۇ كىكەچ ئىكەن.



   بىر ئۇستىخان ئېتىپ باققىنە...



جالالىددىن رۇمى مۇرىتلىرىنىڭ بىرى بىلەن يولدا كېتىۋاتسا بىر قانچە ئىت بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ ئۇخلىۋاتقۇدەك. مۇرىتى:

-قېرىنداش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولسا كاشكى ئادەملەرمۇ شۇ ئىتلاردىن ئىبرەت ئالسا نەقەدەر ياخشى بولغان بۇلاتتى .

-ئىتلارغا بىر ئۇستىخان ئېتىپ باققىنە قېنى! ئۇلارنىڭ قانداق قېرىنداش ئىكەنلىكىنى شۇئان ياخشى بىلەلەيسەن.

   

گۈللەرنى پۇرىغاندا



ئامىركىلىق :

-قەبرىستانلىقىڭلاردا قويغان گۈرۈچ تامىقىڭلارنى قەبرىدىكىلەر قاچان يىيەلەيدۇ.

جۇڭگۇلۇق:

-سىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىڭلار قەبرىسىگە قۇيۇلغان گۈللەرنى پۇرىغاندا.

   

قۇلۇمنى ھازىر يۇغان ئىدىم



ئۆي ئىگىسى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ قولىغا سۇ بىرىپ قولىنى ئېيتسۇن دەپ كىرلىشىپ كەتكەن قول ياغلىق تەڭلەپتۇ. ئەپەندىم شۇئان:

-قۇلۇمنى ھازىر يۇغان ئىدىم

   

قىسقا ئاڭلا



فارابىيدىن:

-گەپنى ئۇزارتىپ سۆزلەيدىغانلارنى قانداق قىلساق بولىدۇ دەپ سورالغاندا:

-ئۇزۇن سۆزلىگەنلەرنى قىسقا ئاڭلاش كېرەك دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.

   

چۈشكىچە ئۇخلاش



زالىم پادىشاھ مۇللامدىن سوراپتۇ:

-ئىبادەتلەرنىڭ قايسىسى ئەڭ ئەۋزەل؟

-چۈشكىچە ئۇخلاش.



   يۈزۈڭگە چىقىپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ



بىر كىشى مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىينىڭ پۇتىدىكى يارىنى كۆرۈپ:

-ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ دەپتۇ. مۇھەممەھ ئىبنى ۋاسىي:

-مەن بۇ يارىنىڭ كۆزۈمگە چىقىپ قالمىغىنىغا شۇكرى ئېتىمەن دەپتۇ.

   

ئالمىلىق بېغىمنى بىرەي



دىنسىز

-قاراپ باقايلى قېنى ئاللاھ نەدە؟ ئەگەر ئاللاھنىڭ نەدىلىكىنى دەپ بەرسىڭىز بىر تال ئالما بىرىمەن. دېھقان:

-سىز ماڭا ئاللاھ يوق يەرنى كۆرسىتىپ بىرىڭ مەن سىزگە ئالمىلىق بېغىمنى بېرەي.



بېشىڭنى ئالماشتۇر



بۇرنۇمنى ئالماشتۇرسام تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكۈدەكمەن. شۇئان بۇرنىدىن سادا چىقتى:

-مېنى ئالماشتۇرماي بېشىڭنى ئالماشتۇر

   

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 14:04:05

3- قەۋەتتىكى supernaturalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىسلام دۇنياسىدىكى يۇمۇرلارنىڭ ھەممىسىدە تەسەۋۇپ تۈسى بار. نەسىردىن ئەپەندىمۇ بىر مۇتەسەۋۇپ بولسا كېرەك. تۈركىيەدە ئۇنى خوجا نەسىردىن دەيدىكەن. ئەگەر ئۇ مۇتەسەۋۋۇپ بولمىغان بولسا، ئۇنى خوجا دەپ ئاتىماس بولغىيدى.



تۈركلەر ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى، دوختۇر-پروپىسورلىرىنىمۇ ھۆرمەتلەپ خوجا دەپ چاقىرىدىكەنغۇ كىنولىرىدا.

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 11:44:04

كاتتا لەتىپىلەر ئىكەن. بۇنى ئېلىۋەتسەك قانداق:



گۈللەرنى پۇرىغاندا



ئامىركىلىق :

-قەبرىستانلىقىڭلاردا قويغان گۈرۈچ تامىقىڭلارنى قەبرىدىكىلەر قاچان يىيەلەيدۇ.

جۇڭگۇلۇق:

-سىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىڭلار قەبرىسىگە قۇيۇلغان گۈللەرنى پۇرىغاندا.

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 20:56:57

ھەم ھىكمەتلىك ھەم كۈلكىلىك يۇمۇرلار ئىكەن......تەشەككۈر....................

supernatural يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 21:20:12

ئىسلام دۇنياسىدىكى يۇمۇرلارنىڭ ھەممىسىدە تەسەۋۇپ تۈسى بار. نەسىردىن ئەپەندىمۇ بىر مۇتەسەۋۇپ بولسا كېرەك. تۈركىيەدە ئۇنى خوجا نەسىردىن دەيدىكەن. ئەگەر ئۇ مۇتەسەۋۋۇپ بولمىغان بولسا، ئۇنى خوجا دەپ ئاتىماس بولغىيدى.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 21:32:46

بۇ يۇمۇلارنى ئوقۇپ خېلى كۈلۈپتىمەن!

supernatural يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 21:44:19

4- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يۇمۇلارنى ئوقۇپ خېلى كۈلۈپتىمەن!



يۇمۇرلۇق تۇيغۇڭىز باركەن ھە تېخى!

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 21:47:24

ئۇستىخانلىرى كۆرۈنگەنگە قەدەر دېگىنىگە تازا كۈلۈپتىمەن.«چۈشكىچە ئۇخلاش»دېگەننىڭ ئاخىرى چالا قاپتۇ, ئەسلى ئاخىرى «چۈنكى سەن چۈشكىچە ئۇخلىساڭ كىشىلەرگە ئازراق زۇلۇم قىلىسەن» دېگەندەكرەك ئىدى.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 00:41:16


3- قەۋەتتىكى supernaturalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىسلام دۇنياسىدىكى يۇمۇرلارنىڭ ھەممىسىدە تەسەۋۇپ تۈسى بار. نەسىردىن ئەپەندىمۇ بىر مۇتەسەۋۇپ بولسا كېرەك. تۈركىيەدە ئۇنى خوجا نەسىردىن دەيدىكەن. ئەگەر ئۇ مۇتەسەۋۋۇپ بولمىغان بولسا، ئۇنى خوجا دەپ ئاتىماس بولغىيدى.


مۇشۇ توغىرسىدىكى تەھلىلىڭىزنى بىلگۈم بار!!




kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 20:42:39

ئىتلارنى قويۋىتىپ ،تاشلارنى باغلاپتۇ دىگەن يۇمۇر قىزىقارلىقكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 11:57:39

پۈتۈن دۇنيانىڭ لەتىپىلرى باركەن ، بېشى ئەرەپتىن باشلانماي پارستىن باشلىنىپتۇ ....
بەت: [1]
: تۈرك، ئەرەپ خەلق لەتىپىلىرى