jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 09:36:37

قىش پەسلىدە ئاپتۇموبىلنى قانداق قىزدۇرۇش كېرەك؟



قىش پەسلى يېتىپ كەلدى. قىش پەسلىدە يول يۈرۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل قىزدۇرۇش كېرەكلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سەھەردە ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلمىگەن ئاپتوموبىللارنى ئوت ئالدۇرۇپ بولۇپ ئۆز جايىدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يولغا چىقىش ئاپتوموبىل ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بىر تۈرلۈك سىتاتىسكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %90 دىن ئارتۇق ماتور زاپچاسلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپ ئۈچ مىنۇتنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىكەن. زادى قانداق ئاپتوموبىل قىزدۇرۇش ئەڭ توغرا ؟ تۆۋەندە ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىش پەسلىدە ئاپتوموبىلنى توغرا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئاپتوموبىل قىزدۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز .


بىز دەۋاتقان  قىزدۇرۇش ئىككى خىل بولىدۇ ،  


1. ماتۇرنىڭ كۆيۈش بۆلۈمچىسىنى قىزدۇرۇش (بېنزىن ماتۇر ئوت ئالدۇرۇش ئارقىلىق قىزدۇرىدۇ، دېزىل ماتۇر توك ئارقىلىق)


2. ماتۇرنى ، سۇ ساندۇقىنى قىزدۇرۇش ۋە شۇ ئىسسىقتىن پايدىلىنىپ ماشىنا ئىچىنى قىزدۇرۇپ نورمال ھالەتكە ئەكىلىش


ماشىنىنى نورمال ھەيدەش ئۈچۈن چوقۇم كابىنكا ئىچىنىڭ تېمپۇراتىرىسى نورمال بولىشى كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ماتۇر قىززىشى كېرەك ، ماتۇرنىڭ نورمال قىززىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاۋال كۆيۈش بۆلۈمچىسى نورمال قىززىشى كېرەك ........


نۇرغۇن كىشىلەر ئوت ئالدۇرۇپ قويۇپ ، پارنى ئېچىۋېتىپ ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ ، ماشىنىغا نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق قىلىشنىڭ ماتۇرغا زىيىنى چوڭ ، ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپ 30 سېكونتتىن بىر مىنۇت ئەتراپىدا يولغا چېقىش ئەڭ مۇۋاپىق . ئەمما بۇ ۋاقىتتا ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى چوقۇم تۆۋەن بولىشى لازىم، ئاپتوموبىل تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدەش كېرەك. ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى 3000 ~~3500 دىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ، 2000 ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش كېرەك . ئەگەر بىراقلا تېز سۈرەتتە ھەيدىگەندە ماتور ۋە تېزلىك ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسىنىڭ كۈچلۈك ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ماتورنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ نورمال خىزمەت ھالىتىگە كەلگەندە ئاندىن نورمال ھەيدىسە بولىدۇ.



ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنى ئوت ئالدۇرۇپ 30 سېكونتتىن كىيىن ھەيدىسە بولىدۇ، قىش پەسلىدە رېمونت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ % 80 دىن ئارتۇقىنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىل قىزدۇرۇلمىغان ياكى قىزدۇرۇش ۋاقتىنى توغرا كونتىرول قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان . ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىل قوزغىتىلماي ئۇزۇن ۋاقىت قىزىتىلسا شۇنچەياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس .چاڭئەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتوموبىل ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورى جىيەن شىياۋپىڭنىڭ دېيىشىچە ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللار كونا ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش كاربيوراتورلۇق ئەمەس بولۇپ ، ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىشىنى پۈتۈنلەي ماتورنىڭ ECU بۆلىكى كونتىرول قىلىدۇ . بۇ خىل سېستىما ھاۋانىڭ سۈرئىتى ، تېمپىراتۇرا قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، پەقەت ئاپتولنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ، سۇ تېمپىراتۇرىسى 50 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتسىلا بولىدۇ .

گەرچە ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قىزىتىش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ ئەمما ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلنىڭ سۇ تېرمومېتىرى ئايلىنىشتىن بۇرۇن يەنىلا ماتور ئايلىنىش بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتتە ھەيدەش كېرەك .چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ماتورنىڭ ئۈستى قىسمى يەنىلا ئاپتولسىز ھالەتتە بولىدۇ ، ماتورنىڭ تېمپىراتۇرىسىمۇ خىزمەت ھالىتىگە يەتمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماي كىلاپانىنى دەسسەپ يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدىگەندە تۇتاشتۇرغۇچى دەستە ۋە پۇرژىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ماتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . يەنە يېقىلغۇنىڭ تۇمانلىشىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن بىر قىسىم تۇمانلىشىپ بۇلالمىغان يېقىلغۇ ئاپتول باكىغا كىرىپ كېتىپ ، ئاپتولنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

قىزىتىلماي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاپتوموبىل ئۈچۈن زىيانلىق ، بىر قىسىم يېڭى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ۋە خانىم - قىزلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاپتوموبىل قىزىتىش ئېڭى تۆۋەن بولۇپ ، بۇنداق قىلىش قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېغىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ ئەمما ئۇزۇن داۋاملاشسا ئاپتوموبىلنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ .


خۇلاسىلىگەندە:


1. ئاپتۇلنىڭ تولۇق ئايلانغانلىقىغا جەزىم قىلىش كېرەك ( ئادەتتە ئوت ئالدۇرۇپ بىر مىنۇت ئىچىدە تولۇق ئايلىنىپ بولىدۇ ، ئەگەر باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە ماتۇرنىڭ بەلگە چىرىقى لەپىلدەپ يېنىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ)


2. توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش  سۇيۇقلۇقى(ياكى سۇ)نىڭ تېمپۇراتۇرىسى چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى كېرەك


3. قوزغاپ ماڭغاندا سۈرئەت ئاستا بولىشى ، ماي كىلاپان ئارقىلىق كونترول قىلىنغان ماي چوقۇم ئاز ۋە ئىزچىل بولۇشى كېرەك


4. سوغۇق ماشىننى ھەرگىز گاز ئارقىلىق ئىسسىتىش ۋە سوغۇق ھالەتتە گاز بىلەن ھەيدەشكە قەتئى بولمايدۇ


5. كۆپ ھاللاردا ، چىقىۋاتقان ئىس ئاق ۋە سۇس بولسا شۇنداقلا كېرەكسىز گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن ئىسقا ئارلىشىپ ئازراق سۇ ئېقىپ چىققان بولسا بۇ ماتۇرنىڭ بېنزىننى كۆيدۇرۇش ، ئايرىش خىزمىتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ ، ئەكسىچە ئىس قۇيۇق ھەم قارا بولسا ، شۇنداقلا ھېچقانداق ۋاقتتا سۇ ئاقمىسا  بېنزىننىڭ ماتۇردا تولۇق كۆيمىگەنلىكىنى شۇنداقلا ماتۇرنىڭ مەلۇم قىسمىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بارلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 12:20:55

20 يىل بۇرۇن، ئاتام ناماز ۋاقتىدا ئىككى كورا قايناقسۇ قاينىتىپ، ماتورنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بولۇپ، پۈتۈن تۈمۈر ئىسسىپ بولغاندا ئاچقۇچنى بىرلا بۇراپ ئوت ئالدۇراتتى.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-8 10:47:16

مەن ئەتىگىنى ناھايىتى ئالدىراپ 30 نەچچە سىكونت قىزدۇرىمەن ، ئاندىن تۆۋەن خوتتا مايغا دەسسىمەي بىردەم مىڭىۋىتىمەن ، ئاندىن ئالدىرغان پىتى ئىشقا ماڭىمەن

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 09:47:18

ئاپتوموبىلى بارلار چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك تېمىكەن . \"\"

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 09:57:34

ماقالىنى بۈگۈن كۆرگىنىم بىلەن ئادىتىم شۇدە مانا... نەق چۈشۈپتۇ... ئادەتتە ماشىنىنى ئوت ئالدۇرىمەندە ئازغىنە تۇرغۇزۇۋېتىپلا قوزغاپ ماڭىمەن ئەمما بىرەر كىلومېتىرغىچە ناھايىتى يەڭگىل ، ماي دەسسىمەي ھەيدىۋالىمەن بولدى...

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 10:00:46

بېنزىندا ئوت ئالدۇرۇپ بىر ئازدىن كېيىن (ماي دەسسىمىگەن ئەھۋالدا) ئۆزى گازغا ئالماشسا، گازدا قىزىتسا بولامدىغاندۇ، مەن شۇنداق قىلاتتىم، ئاۋۇ 4-تۈردە بولمايدۇ دەپتۇ \"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 10:08:12

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بېنزىندا ئوت ئالدۇرۇپ بىر ئازدىن كېيىن (ماي دەسسىمىگەن ئەھۋالدا) ئۆزى گازغا ئالماشسا، گازدا قىزىتسا بولامدىغاندۇ، مەن شۇنداق قىلاتتىم، ئاۋۇ 4-تۈردە بولمايدۇ دەپتۇ \"\"



مېنىڭچە سۇنىڭ تېمپۇراتۇرسى كۆتۈرۈلمىسە ئۆزى گازغا ئالماشمايدۇ ،  قىلغىنىڭىز خاتا ئەمەس ، گازغا ئالماشقىنىنىڭ ئۆزى ماڭسىڭىز بولىدۇ دىگەنلىك ...

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 10:09:57

ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خوتقا سېلىپ ماينى دەسسىمەي قوزغاپ مېڭىش،ماتۇرنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى 800 گە چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ماينى يەڭگىل دەسسەپ بارا بارا سۇرئەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 10:15:53

4- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بېنزىندا ئوت ئالدۇرۇپ بىر ئازدىن كېيىن (ماي دەسسىمىگەن ئەھۋالدا) ئۆزى گازغا ئالماشسا، گازدا قىزىتسا بولامدىغاندۇ، مەن شۇنداق قىلاتتىم، ئاۋۇ 4-تۈردە بولمايدۇ دەپتۇ \"\"



مېنىڭچە سۇنىڭ تېمپۇراتۇرسى كۆتۈرۈلمىسە ئۆزى گازغا ئالماشمايدۇ ،  قىلغىنىڭىز خاتا ئەمەس ، گازغا ئالماشقىنىنىڭ ئۆزى ماڭسىڭىز بولىدۇ دىگەنلىك ...

سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز ناھايىتى توغرا.

mongguz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 11:29:13

قىشتا بالىلارنى دەپ ماشىنا 10مىنۇتچە قىزىمىسا ماڭمايتتىم، بۇ قىلغىنىم خاتا بولۇپتۇ. ئەمدى ئىشنى بالىلارغا خىزمەت ئىشلەشتىن باشلىسام بولغىدەك. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 13:35:43

ئۇزۇنراق قىزداسا نېمە بولىدىكەن؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 13:44:01

دېزىل موتورلۇق ئاپتوموبىللارچۇ؟

چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرى ياكى ئاپتوبۇسلار ئەمەس، دېزىل موتورلۇق كىچىك ماشىنىلارنىڭ قانداق بولىدۇ؟

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 15:12:59

8- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇزۇنراق قىزداسا نېمە بولىدىكەن؟



1. ئاپتۇلنىڭ كۆيۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دە ئاپتۇلنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ ماتۇرنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ (ئەلۋەتتە بۇ بىراقلا ئەمەس ، بارا بارا ، ئاستا ئاستا )


2. ماتۇرنىڭ قۇرۇق ئايلىنىشى نەتىجىسىدە تولۇق كۆيدۈرەلمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلۈش خەۋپى ئاشىدۇ دە ماي سەرپىياتىڭىز ئېشىپ يانچۇققا زىيان بولىدۇ.


3. مۇھىتنى بۇلغايدۇ


4. ۋاقتىڭىزغا زىيان


مېنىڭچە ئەڭ نورمال قىزدۇرۇش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىگىنى ئەڭ مۇۋاپىق ، ئەينەكتىكى قارلارنى تازلاپ ئېرىتىش ئۈچۈن قىزدۇرغان بولسىڭىز ئۇزۇنراق تۇرىشىڭىز مۇمكىن ، بۇنداق ۋاقىتتا  پات پات ماي كىلاپاننى دەسسەپ 2000 دىن تۆۋەن ئايلىنىش چاستوتىسى ئىچىدە ماي بېرىپ قويغىنىڭىز ياخشى ...

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 15:31:06

9- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دېزىل موتورلۇق ئاپتوموبىللارچۇ؟

چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرى ياكى ئاپتوبۇسلار ئەمەس، دېزىل موتورلۇق كىچىك ماشىنىلارنىڭ قانداق بولىدۇ؟



ئەگەر دىققەت قىلغان بولسىڭىز دېزىل ماتۇرلۇق ماشىنلارنىڭ كۆرسەتكۈچ سائەت تاختىسىدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بەلگە بولىدۇ


\"\"


بۇ دېزىل ماتۇرلاردىلا بولىدىغان 预热塞 (قىزىتقۇچ)نىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش بەلگە چىرىقى ،  دېزىل ماتۇرلۇق ماشىنلارنى قىزدۇرۇش بېنزىن ماتۇرغا ئوخشىمايدۇ ،  يەنى ئاۋال ئاچقۇچنى سېلىپ ماتۇرنى قوزغاتماستىن توكنى ئېچىۋىتىمىز ، يۇقارقى بەلگە كۆرۈنۈپ يوقىغىچە ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن ئوت ئالدۇرۇپ قوزغىساق بولىدۇ.


چۈنكى دېزىل ماتۇرلارغا سەپلەنگەن بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق كۆيۈش بۆلۈمچىسىنى توك ئارقىلىق ئىسسىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىمىز ،  يۇقارقى بەلگىنىڭ يوقىغىنى كۆيۈش بۆلۈمچىسىنىڭ ئىسسىپ خىزمەت ھالىتىگە تەييار بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ، بۇ ۋاقىتتا ماتۇرنى ئوت ئالدۇرۇش ھەم ئوڭاي ھەم ئىتتىك ئىسسىيدۇ ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:02:33

ئۇزۇنراق قىزدۇرسا:

5. موتۇر ئۇزۇن ۋاقىت تۆۋەن سۈرئەتتە ئايلانغانلىغى ئۈچۈن ماي چالا كۆيۈپ، كاربون ئولتۇرشىۋېلىشى مۈمكىن积碳.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:44:43

سىلەر شەرق شامىلى ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتامسىلەر؟! \"\"

ھازىرقى ماشىنىلارنى ئاتايىنلاپ قىزدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟ پەقەت دەسلەپتە ئاستاراق ماڭسىلا بولغىنى.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:52:42

13- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىلەر شەرق شامىلى ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتامسىلەر؟! \"\"

ھازىرقى ماشىنىلارنى ئاتايىنلاپ قىزدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟ پەقەت دەسلەپتە ئاستاراق ماڭسىلا بولغىنى.



سىز بىر كېچە تۇرغان ماشىننى ئوت ئالدۇرۇپلا قوزغىتىپ مېڭىۋېرەمسىز؟ ماتۇرنىڭ ئاۋازى(ئايلىنىش سۈرئىتى) قاتارلىقلار بىلەن كارىڭىز يوقمۇ؟  


بۇلارغۇ مەيلى ،  مۇزدەك ماشىنىدا قانداق ئولتۇرىسىز؟  رولنى پەلەي كىيىپ تۇتامسىز؟  


بۇلارمۇ مەيلى


ئەينەكتىكى مۇزنى قىرمايدىغانسىز ھەرقانچە بولسىمۇ؟ قانداق كۆرىسىز تالانى؟



مېنىڭچە سىزمۇ ھېچبولمىسا بىر ئىككى مىنۇت قىززىتىسىز (ئوت ئالدۇرۇپ قويۇپ ئۇ ئىش بۇئىشنى قىلىسىز) .... بىز شۇنىڭ گېپىنى قىلۋاتىمىز يۈكسەلجون.......

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 16:58:57

كۈندە ئەينەك قىرىپ يۈرگىچە ماشىننىڭ ئالدى ئەينىكىگە يوغان لۆڭگە چاپلاپ قويۇڭلار.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 17:03:08

شۇنداق ، لاتا پۇتىلارنى يېپىش ئارقىلىق مۇز تۇتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ...

ئەگەر مۇز تۇتىۋالسا قىرىش ياخشى ئەمەس ، بۇنداق قىلغاندا ئالدى ئەينەكنىڭ پارقىراقلىقىغا ئاستا ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، توغرىسى ماتۇر ئىسسىقىنى ئەينەككە پۈركەش ئارقىلىق ئېرىتىۋىتىش كېرەك ...

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 17:13:16

ماشىنىنىڭ ئىستىرىلكىسى 0ـــــــ90ـــــــ130 ئادەتتە مەن ئاساسەن ئەتگىنى ئوت ئالدۇرۇپلام مايدا قىزىتىمەن .90 غا چىققاندا ئاندىن ماڭىمەن. ئەگەر بەك ئالدىراش بوپ قالسام ئوت ئالدۇرۇپلام بىرىنچى خوتقا سېلىپ ماي دەپسىمەي 90 غا چىققۇچە ئاستا ماڭىمەن. لېكىن بۇنداق ئاستا مېڭىۋالسام ئارقامدىن بىرسى سوقۇۋېتەمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.



ئەتىگىنى بىر قىزىتۋالسام باشقا ۋاقتىسى سوۋۇپ كەتسىمۇ قىزىتماي مېڭىۋېرىمەن.
بەت: [1] 2
: قىش پەسلىدە ئاپتۇموبىلنى قانداق قىزدۇرۇش كېرەك؟