2013- يىللىق دۇنيا چىرىكلىك دوكلاتى
Transparency International - بېرلىندا 1993-يىلى قۇرۇلغان بىر خەلقئارالىق (ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان) خەلق تەشكىلاتى بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك دۆلەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش، ئانالىش قىلىش ئارقىلىق بىر "چىرىكلىك ئىندىكسى" دوكلاتىنى ئېلان قلىدۇ. باشقا نۇرغۇن خەلق تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش، بۇ تەشكىلاتمۇ خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، باشقۇرۇلىدۇ ۋە ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى ئاساسەن ئىئانە يولى بىلەن توپلىنىدۇ.
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بۇ تەشكىلات 177 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق، دۆلەتلەرگە نومۇر قويۇپ، 2013-يىللىق چىرىكلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەڭ باشتىكى 10 دۆلەت:
1. دانىيە 91 نومۇر
2. يېىڭى زىللاندىيە 91
3. فىنلاندىيە 89
4. شىۋىتسىيە 89
5. نورۋىگىيە 86
6. سىنگاپور 86
7. شىۋىتسارىيە 85
8. گوللاندىيە 83
9. ئاۋىسترالىيە 81
10. كانادا 81
http://www.transparency.org/cpi2013/results
رەسىمدىكى رەڭلەر، قانچە قىزىل بولسا، چىرىكلىك دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى دېگەن مەنىگە كېلىدىكەن.
سوتسىيالىستىك جۇڭگو قىزىل رەڭگە شۇنچە ئامراق تۇرۇپ خەرىتىدە قىزىل بويىلىش شەرىپىگە ئىرىشەلمەپتۇ دىسە... {:92:} جۇڭگو سەل سۇس بويىلىپ قالدىمۇ نېمە ۋەتىنىمىزنىڭ پاكلىق دەرىجسى چوقۇم ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە. قىزىقكەنغۇ بۇ.... ھەممە يېرى قىزىل بولغىنى قىزىلغا چىقماي قالدىمۇ يا؟ باھالاش شەرتلىرى نىمىدۇ بۇلارنىڭ ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ چىرىكلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىمەن دەپلا تەكشۈرگىلى بولمايدۇ ، قارىماققا خۇددى ھىس تۇيغۇسىغا تايىنىپ چىقىرىلغاندەكلا بۇ سىتاتىستكا . مەنغۇ ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم جۇما ! مۇنۇ ھەممىلا نىمىسى قىىىىىىىپقىزىل چاينىزنىڭ نىمىشقا مۇنۇ ستاتىسكىدىن قىزىل ئورۇن ئالالمىغىنىنى پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدۇ .

بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ رەت تەتىپىگە كىرىشىنىڭ ئۆزى بىر يومۇر {:92:} جوڭگۇ ئەڭ پاك دۆلەت جۇمۇ بالىلار، باشقىلارنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمايدۇ. يەنىلا دىمۇكىراتىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، دۆلەت قانچە دىمۇكىراتىك بولسا شۇنچە پاك بولىدۇ ، چىرىكلىك، ھوقوق مۇستەبىتلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان دۆلەتلەردە ئەڭ ئېغىر . چىرىكلىك ئېغىراق بولغان ئىسلام دۆلەتلىرىدە ھوقۇق دىننىي كۈچلەرنىڭ قولىدا ئەمەس ، ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىتلەر مىللەتچىلكىنى دەستەك قىلىپ ، دىننى باسىدۇ ، شۇڭا مۇستەبىتلەرنىڭ ئەخلاقنى تەكىتلەپ كىتىشى ناتايىن. تۈركىيە دىمۇكىراتىك دۆلەت ئۇ دۆلەتتە چىرىكلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئازلىشى ئېنىق ، تۈركىيەنىڭ بۇنداق رەتكە تىزىلىشلاردا، ئورنى بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىۋاتىدۇ .مۇنبەردە جۇڭگودا چىرىكلىك يوق دىگەن گەپلەر ئانچە كۆپ ئۇچىرمايدۇ ، مەيلى قايسى يىغىن بولسۇن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا چىرىكلىكە قارشى سالماقنى ئاشۇرمىز دىگەندەك گەپلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدىن چىرىكلىك دۆلەتنى نابۇت قىلىدۇ، دىگەندەك گەپلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمىز ، ئەمىلىيەتتەىمۇ شۇنداق ، رېڭى قېنىق جايلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيتى ئانچە مۇقىم ئەمەس ، ئۇ يەرلەردە ھاكىمىيەتمۇ تۇراقسىز . قىزىل يەرلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيە تۈركىيەنىڭ رەڭگى جۇڭگۇنىڭكىدىن سۇس تۇرامدۇ ياكى ئوخشاشمۇ، كۆزۈم ئاجىزلاپ قاپتۇ، پەرق ئىتەلمىدىم، يىڭى زىنللاندىيەنى خاتا بوياپ قويدىمۇ-نىمە؟ قازاقىستان نەچچىنچىسىدىكەن باللا ؟
14- قەۋەتتىكى lutpullaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قازاقىستان نەچچىنچىسىدىكەن باللا ؟
140
15- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى lutpullaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قازاقىستان نەچچىنچىسىدىكەن باللا ؟
140
