ئۇيغۇر قىزى ئاسىيا بۇيىچە ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى بۇلۇپ باھالاندى
ۋاڭيى تەنتەربىيە تورىنىڭ 4-دىكابىر بەرگەن خەۋىرى، « ئاسىيا ۋاسكىتبول تورى » يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىىگە قاتناشقان تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا باھالاش ئىلىپ باردى، باھالاشتا جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەنھەركەتچى دىلارە دىلشات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى شەرىپىگە ئىرىشتى، جاڭ مەن مەن ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى بۇلۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن سىرىت، بۇ ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئىلىپ بىرىلدى، جۇڭگۇ كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقىسىدە ، تۆت مەيدان غەلبە قىلىش بىر مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن ئىككىنچى بۇلۇپ گۇرپىدىن چىقىپ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى. يىرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ئايرىم-ئايرىم كورىيە كوماندىسى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىدىن چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇ، ياپۇنيە، كورىيە قاتارلىق ئۈچ كوماندا 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكا، ئاۋىستىرالىيە، مالى جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، چېخىيە، ۋېنگرىيە، سلوۋاكىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق 12 كوماندا بۇ نۆۋەتلىك 17 ياشلىقلار دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىدە ، جۇڭگۇ كوماندىسى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچى بۇلۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە دىلارە دىلشات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى، جاڭ مەن مەن ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى شەرىپىگە ئىرىشتى، بۇ ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى بىرلا ۋاقىتدا ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى، ۋاڭ خەيمىي ئەڭ ياخشى ئىككىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى، خا ۋېن چىئەن قاتارلىقلار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
2013-يىللىق ئاسىيا 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ھەر قايسى تۈرلەر بۇيىچە باھالاش ئەھۋالى تۈۋەندىكىچە؛
ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى ؛ دىلارە دىلشات ( جۇڭگۇ )
ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى؛ جاڭ مەن مەن ( جۇڭگۇ )
ئەڭ ياخشى ئالدى ھۇجۇمچى؛ ئەن پاۋا ( تايلاند )
ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى؛ يالى شەندىلا( قازاقىستان )
ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى ؛ دىلارە دىلشات ( جۇڭگۇ )، جاڭ مەن مەن ( جۇڭگۇ )، Heji An ( كورىيە ) ، ئەن پاۋا (تايلاند)، يالى شەندىلا( قازاقىستان ).
ئەڭ ياخشى ئىككىنچى سەپ شەكلى ؛ ۋاڭ خەيمىي ( جۇڭگۇ )، Wa Sin Cheung ( شىياڭگاڭ )، Yu-Lien Hsu ( تايلاند )، Rujiwan Bunsinprom ( تايلاند )، ساشى گاڭ ( ياپۇنيە ).
ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى؛ خا ۋېن چىئەن ( جۇڭگۇ )، Akari Ikemoto ( ياپۇنيە )، Tala Michael ( ئىئوردانىيە )، ۋاڭ چاڭ تېڭ ( شىياڭگاڭ )، ئەن پاۋا (تايلاند) قاتارلىق 12 نەپەر تەنھەركەتچى تاللاندى.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشاتنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىدىمۇ ياخشى نەتىجە ئىلىشىغا تىلەكداشمىز.
مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنى تەربىيىلەپ دۇنياغا تۇنۇتقان بىر ئۇيغۇر تېرىنىر. لېكىن خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، تېرىنېرنى ئالماشتۇرۇۋاتكەن، نوم ۋە كاسايا ئۇنىڭ بولغان. نۇمۇسسىزلىق ئەنئەنىسى بولسا كىرەك ،،....بويى نىمانچە ئىگىز بۇ قىزنىڭ {:107:} ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز ئادەم 2مېتىر15 كېلەمىش.
خوتەنلىك ئادەم ئوخشايدۇ.