akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 11:22:26

ئوردوس ئۇرۇشى[كۆچۈرۈلمە]

ئوردوس يايلىقى ئەڭ قەدىمقى چاغلاردىن تارتىپ ھونلار چارۋىچىلىق قىلدىغان ، مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايلىق ، ئوت-چۆپ ۋە سۈيى ناھايىتى مول يايلاق ئىدى .ئوردوس يايلىقى جۇڭگونىڭ قەدىمقى پايتەختى چاڭئەننىڭ دەل شىمالىغا جايلاشقان .چىن شىخۇاڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىنمۇ ، يېڭىدىن قۇرۇلغان چىن  سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى كۈچلۈك خوشنىسى ھونلار چاڭئەنگە خەۋىپ سېلىپ تۇراتتى . چىن شىخۇاڭ ئەپسانە گەپلەر بىلەن جان باقىدىغان ھوكۈمالارنىڭ «ھونلار چىن سۇلالىسىنى يوقىتىدۇ» دىگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ، ئوردوس يايلىقىنى بېسۋېلىشقا بەل باغلىدى . ئۇ شۇمەقسەتنى كۆزدە تۈتۈپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 215-يىلى مىن تىيەن ئاتلىق سانغۇننىڭ يىتەكچىلىگىدە 300مىڭ كىشلىك قۇشۇننى ھونلارغا قارشى ماڭدۇرۇپ ، ئوردوس يايلىقىنى ئالغان ئىدى .

باتۇر تەڭرىقۇت(ئوغۇزخان)تەخىتكە ئولتۇرۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوردوس يايلىقىنى يېڭى قۇرۇلغان خەن سۇلالىسىدىن تارتىۋالغان .

خەن ۋۇدى مايى ۋەقەسىدىن كىيىن ھونلارغا قارشى ھەربىي يۈرۈشلىرىنى باشلىدى .خەن ۋۇدى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 127-يىلى ۋېي چىڭ ئاتلىق سانغۇننىڭ يىتەكچىلىگىدە ئاتلىق ھەم پىيادە قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان نۇرغۇن قۇشۇننى ھونلارغا قارشى ماڭدۇرغان ، ۋېي چىڭ باشچىلىقىدىكى قۇشۇن ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ توقتۇ ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ غەرىپ تەرەپتىن ئايلىنىپ كىلىپ ئوردوس يايلىقىدا ھون قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشقان . ئۇرۇشتا ھونلار مەغلۇپ بۇلۇپ ئوردوس يايلىقىدىن چىكىنگەن . خەن ۋۇدى ئوردوس يايلىقىنى ئالغاندىن كىيىن ، چىن شىخۇاڭ ۋاقتىدىكى كونا قائىدىگە ئەمەل قىلىپ ، ئوردوس يايلىقىدا شاۋ ياڭ ۋىلايىتىنى تەسىس قىلىپ ، ئۇ جايغا يېڭىدىن يۈزمىڭ ئادەمنى كۆچۈرۈپ كەلگەن . شاۋياڭ ۋىلايىتىنى چىگرانى مۇداپىيە قىلدىغان مۇھىم جايغا ئايلاندۇرغان .چاڭئەننىڭ ھونلار خەۋىپىگە ئاسانلا يولۇقۇشى تۈگىتىلگەن .

ھونلار ئوردوسنى قولدىن بىرىپ قويغاندىن كىيىن ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 123-يىلى ھازىرقى كۆخخوت شەھىرىنىڭ شەرىقىدىكى پايتەخىتنى ھازىرقى تاشقى موڭغۇليىدىكى ئوتۈگۈنگە يۆتكەپ كەتكەن .

ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخدىن ئېلىندى .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 19:36:34

1- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىمەك ئاشۇ جايلارمۇ چىن شىخۇاڭ زامانىسىدىن تارتىپلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى .





بېغىركا دەرىجە ئۇسۇپلا ھە ھى ھى ھى

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 10:18:28

بېگىر5 6 7 8 9 ...
بەت: [1]
: ئوردوس ئۇرۇشى[كۆچۈرۈلمە]