dilaqar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 00:22:30

ئەدەبىياتىمىزدا داستانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى


   ئەدەبىياتىمىزدا
داستانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى





                                                         ئوسمان قاۋۇل





   ئەدەبىياتىمىزدا
داستانچىلىقنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ
ئاجايىپ ئەگرى-توقاي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، ئوۋچىلىق، باغۋەنچىلىك، بېلىقچىلىق،
قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان بېرىش-كېلىش، تۈرلۈك مەخسەتتىكى ئۇرۇش-يېغىلىقلار ۋە
شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەھۋاللار بىزنىڭ يازما ياكى ئېغىزاكى ئەدەبىياتىمىزدا
داستان شەكلىدە ئىپادىلەنگەن ۋە كېيىنكىلەرگە مىراس بولۇپ قالدۇرۇلغان. بۇنىڭ ئەڭ
تىپىك ۋەككىللىرىدىن بىرى بۇيۈك ئىپوس «ئوغۇزنامە»داستانىمىزدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىنكى
يەنە بىر ئۇزاق تارىخىمىزدا مەيدانغا كەلگەن داھىيانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ»ھەم
ئۇنىڭ ياندىشى بولغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق»مۇ بىزنىڭ سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ
مەڭگۈ يىقىلماس مەنىۋى ئابىدىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا.



   داستان-
ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم سيۇژىت قۇرۇلمىسى، ئەگرى-توقاي ۋەقەلىكلەر ۋە ئۆتكۈر
زىددىيەت-توقۇنۇشلاردىن تەركىب تاپقانلىقى، لىرىك تۈسىنىڭ بىر قەدەر قويۇقلۇقى
ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي قىممىتى ھەم بىر قەدەر يۇقىرى
بەدىئىي قىممىتى بىلەن باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان
زور ھەجىملىك شېئىرىي ئەسەردۇر. «ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لوغىتى»دە داستانغا «
داستان- شېئىرىيەتتىكى يىرىك ئىپىك تۈر بولۇپ، پەيدا بولۇش تارىخى ناھايىتى ئۇزاق.
داستانلاردا مۇكەممەل سيۇژىت بولىدۇ، پىرسۇناژلارنىڭ روشەن ئوبرازى يارىتىلىدۇ،
كومپوزىتسىيىسى زىچ، جىپسىلىشىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا شەكىللىنىدۇ. شۇنداق
بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ، باش تېمىسى چوڭقۇر بولىدۇ. داستانلار پروزىدىكى
رومان، پوۋېستلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان. لېكىن ھازىرقى زامان ئەدەبىي
ئىجادىيىتىدە ئۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، تېما، شەكىل قاتارلىق جەھەتلەردە
ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ راۋاجلانماقتا» دەپ تەبىر بېرىلگەن. يەنە شۇ لوغەتتە
داستانچىلىققا «داستانچىلىق- ئەلنەغمىچىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا
ئۇزاق تارىخقا ئىگە داستانچىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت تۈرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
داستانچىلىق لىرۇ ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا مۇھىم رول
ئوينايدۇ»دېيىلگەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن داستان-خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر تارىخىي،
ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولغان ياكى مەلۇم شائىرنىڭ قەلىمىدىن چىققان تارىخىي،
ئىجتىمائىي دەۋرنىڭ ئىنكاسى ۋە شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى
  پەللىسى. شائىرنىڭ
ئىجادىيەت ماھارىتىنى ئۆلچەيدىغان يۈكسەك سەنئەتچانلىققا ئىگە بەدىئىي شەكىل،
شۇنداقلا مەن شائىر دېگەن ھەر قانداق بىر ئادەم يازىۋېرەلەيدىغان ئادەتتىكى
ئىجادىيەت بولماستىن بەلكى ھەقىقى مەنىدىكى ساناقلىق بىر قىسىم شائىرلارنىڭ
ئەقىل-پاراسىتى، تارىخىي، ئىجتىمائىي، ئەمەلىي بىلىمى، بەدىئىي ماھارىتى، سۆز
ئىشلىتىشتىكى ئەمەلىي قابىلىيىتىنى ئاساس قىلىش بەدىلىگە مەيدانغا كېلىدىغان
مۈشكۈل ئىجادىيەت جەريانى. شائىرنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتتە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ
ھەم مەلۇم ئىجادىيەت پەللىسى ياراتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى.



مەلۇمكى ئۇيغۇر
شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئىپىك شېئىر
叙事诗  ۋە لىرىك
شېئر
抒情诗 دەپ ئىككى چوڭ  تۈرگە بۆلۈنىدۇ.  بۇ يەردە بىز تىلغا  ئېلىۋاتقان ئىپىك شېئرلار «داستان» 叙事长诗،
«باللادا»
抒情长诗ۋە«سېكىل»诗体小说قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داستان كەلىمىسى
ئەسلىدە
  ئىران
مۇزىكا سەنئىتىدە قوللىنىلغان مەخسۇس نام بولۇپ، مۇزىكىنىڭ پەدە ئورنى،
تېمپىراتسىيە( تاۋۇشتىن كۈي تۈزۈش ئۇسۇلى، لاد تىزمىلىرىنى كومپوزېتسىيەلەش تىپى)،
مىلودىيە(كۈي، ئاھاڭ،نەغمە، مۇقام، ناۋا)قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە.پارىس تىلىدىكى
«داستان» ئىبارىسىنىڭ لوغەت مەنىسى «ھېكايە، ۋەقە، رىۋايەت،سەرگۈزەشت،بايان،
قىسىم، شان-شۆھرەت، شەجەرە، ماختاش- تەرىپلەش» دېمەكتۇر. بىزگە ئۆزلەشكەن داستان
گىرىك تىلىدا «ئېپوس»دەپ ئاتالغان بولۇپ. روس تىلىدا «پوئىما»دېيىلىدۇ.



پارىس مەدەنىيەت تىپى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە 12 مىڭ كالا تېرىسىگە ئالتۇن ھەل بىلەن پۈتۈلگەن
«ئاۋستا»ۋە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قەلىمىگە مەنسۇپ «شاھنامە»داستانى بىلەن
خاراكتېرلەنگەن. ھازىرقى چۇۋاش ۋە ياقۇت تىلىدا «ئۆلۈنگە»دېگەن بىر قەدىمىي
تۈ*ركىي ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ سۆز پارىس تىلىدىكى «داستان» ئاتالغۇسىغا تەڭ مەنىگە
ئىگە. شۇڭا چۇۋاش ۋە ياقۇتلار ئۆز داستانلىرىنى «ئۆلۈنگە»دەيدۇ. بۇ قازاق، قىرغىز
ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا «ئۆلەن» گە ئۆزگىرىپ ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.



نېمىلا بولمىسۇن
داستان قەدىمكى ھاياتىمىزنىڭ ئاجايىپ رەڭدار بەدىئىي كارتىنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن
بولۇپمۇ شەر*ق ئەدەبىياتىدا ناھايىتى تەرەققى قىلغان. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام
شەر*قىدىكى بۇنداق زور گۈللىنىش ئەمەلىيەتتە ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا(980-1037)،
ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى(934-1025)،خوجا ھاپىز شىرازى(1300-1389)، ئەمىر خۇسراۋ
دېھلىۋى(1253-1325)، جالالىددىن رۇمى(1207-1272)،نىزامىي گەنجىۋى(1141-1203)،
ئابدۇراخمان جامى (1414-1492) قاتارلىق ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئۇيغۇر
ئىدىلوگىيىسىگە جۈملىدىن شېئىرىيەت-داستانچىلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن
بولغان دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. شۇ جۈملىدىن ئۇلۇغ بوۋا شائىرلىرىمىزدىن لۇتفى،
سەككاكى، ئەلىشىر نەۋائى(1441-1501)كەبى بۇيۈك سۆز سەنئەتكارلىرى، مۇھەممەت سىدىق
زەلىلى، مۇھەممەتئىمىن غوجامقۇلى ھىرقىتى، موللا شاكىر، ئابدۇررەھىم نىزارى،موللا
بىلال موللا يۈسۈپ نازىم قاتارلىق ئەللامىلەرمۇ ئاشۇ مەنىۋى مۇھىتتىن ئوزۇق ئېلىپ
ئۆزلىرىنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز»،«خەمىسە»، «سەپەرنامە»، «مۇھەببەتنامە- مېھنەتكام»،
«رابىئە-سەئدىن»،«چاڭموزا يۈسۈپخان»،«غازات دەر مۈلكى چىن» غا ئوخشاش ئۆلمەس
داستانلىرىنى ھەم تۈمەنلىگەن مىسرالىق غەزەل-غەزەلىياتلارنى ئىجاد قىلغان. پۈتكۈل
ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئۇلۇغ ئالىم، شېئىرىيەتتە ئۆزگىچە دۇنيا ياراتقان ئەبۇ
ئەلى ئىبىن سىنا كېيىنكىلەرگە 99 پارچە ئەسەر قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە
ئىلاھىيەتچىلىك ۋە پەلىسەپىگە ئائىتى 68 خىل، تەبىئەت ۋە ئاستىرونومىيىگە ئائىتى
11 خىل، تىبابەتچىلىك ئىلمىگە ئائىتى 16خىل، شېئىرلار دىۋانى 4 خىل بولسىمۇ ئۇنىڭ
يېقىملىق، ساپ، ئاددىي تىللار بىلەن يازغان 8 خىل تىبابەتچىلىك كىتابى شېئىر
(داستان)شەكلىدە يېزىلغان ۋە ئۇ ئىبىن سىنا ئەسەرلىرى ئىچىدە ئالاھىدە
خاراكتېرلىكتۇر. دېمەك بۇ كىچىك بىر مىسالدىن قەدىمكى ئوتتۇرا ئەسىر شېئىرىيىتىنىڭ
جۈملىدىن داستانچىلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۈكسەلگەنلىكىنى ھەم ئۇيغۇر
مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.



نەۋائى دەۋرىدە
داستانچىلىق ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ
شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا شېئىرىيتىنىڭمۇ بۇيۈك چوققىسىنى ياراتقان كىشى دەل ئەلىشىر
نەۋائىدۇر. ئۇنىڭ «خەمىسە»سىدىكى «ھەيرەتۇل ئەبرار»(ياخشى كىشىلەرنىڭ
ھەيرانلىقى)ناملىق داستاننىڭ ئۆزىلا 20 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، شائىر ئۇنىڭ
ھەر بىرىدە بىر ئىبرەتلىك ھېكايىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي
قاراشلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. «خەمىسە»دىكى «پەرھاد-شېرىن»،«لەيلى-مەجنۇن»«سەبى
سەييارە»(يەتتە يۇلتۇز) دىن ئىبارەت ئۈچ داستان ئەنئەنىۋى مۇھەببەت داستانلىرى
بولۇپ، ئىجادىي ۋە بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ يۈكسەك داستانلاردۇر. نەۋائىنىڭ
«خەمىسە»سىدىكى ئاخىرىقى داستان «سەددى ئىسكەندەر»بولۇپ «خەمىسە»دىكى ھەجمى ئەڭ
ئۇزۇن داستاندۇر. ئىسكەندەر ھەققىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ مەنبەسى-يۇنان
تارىخىدىكى مەشھۇر ئىستىلاچى ئالىكساندىر ماكىدونىسكى (مىلادىدىن بۇرۇنقى
356-323)نىڭ شەر*ققە يۈرۈش قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئوبراز شەر*قتىكى
كۆپلىگەن خەلقلەردە جۈملىدىن ئەرەپ، پارىس،ھىندى، تۈ*رك،ئافغان،ئۇيغۇر، تۈ*ركمەن،
ئۆزبېك قاتارلىقلاردا «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن»،« ئىسكەندەر رۇمى»،«ئىسكەندەر
مەقدۇن» ۋە ياكى« قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر»دېگەندەك ناملار بىلەن مەشھۇر. نەۋائى
بۇ داستانىنى يازغاندىمۇ بىز يۇقىرىدا نامىنى قەيت قىلغان ئۇستازلارنىڭ
ئەسەرلىرىدىن ئوزۇق ئالغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي كۆپىنچە
دېتاللارنى ئىجادىي يوسۇندا راۋاجلاندۇرغان-دە كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى
داستانچىلىقنىڭ يىگانە ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.



ئۇيغۇر
ئەدەبىياتىمىزدا داستانچىلىق گەرچە ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن
بولسىمۇ نەۋائى دەۋرىدىكى يۈكسەكلىكتىن ھالقىپ كېتەلمىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە
«سەپەرنامە» نامىدا بىر نەچچە داستان يېزىلغان بولسىمۇ بىزنى يەنىلا نەۋائىنىڭ
«خەمىسە»سى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرغانلىقى شۇنىڭدىندۇر. ئارىلىقتىن بىر نەچچە
ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى دەۋرلەردە يەنە «گۈل ۋە بۇلبۇل»،
«مۇھەببەتنامە-مېھناتكام»غا ئوخشاش زور ھەجىملىك داستانلار يېزىلىپ
سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئاساسىي لىنيە قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق رېئاللىقنى ئىپادىلەپ
بەردى. جۈملىدىن كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ مۇھىم ناماياندىلىرىدىن بىرى بولغان
مۇھەممەتئىمىن غوجامقۇلى ھىرقىتىنىڭ «مۇھەببەتنامە-مېھنەتكام» داستانى شۇ تېمىدىكى
داستانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر. مەلۇمكى كۆپىنچە شائىرلار مۇھەببەتنى كۈيلىگەندە بۇلبۇل
بىلەن قىزىلگۈلنى ئاددىيلا تىلغا ئالىدۇ. ھىرقىتى بولسا بەدىئىي ئوبرازلار
ئارقىلىق بۇلبۇلنى ئاشىق، گۈلنى يار-مەھبۇپ، سابانى خەۋەرچى، تىكەننى رەقىب
سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ.
ھىرقىتىدىن بۇرۇن خېلى كۆپ شائىرلار گۈل بىلەن بۇلبۇلنى تەسۋىرلەپ داستان يازغان
بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ھىرقىتىنىڭ داستانى دەرىجىسىگە كۆتىرىلەلىگەن
ئەمەس. شائىر ھىرقىتى 1634-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ باغچى يېزىسىدا
تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ داستاننى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان ۋە
  1724-يىلى 90 يېشىدا
ۋاپات بولغان. 19- ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى
بولغان تالانتلىق شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆز ئىجادىنى
تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ بىر يۈرۈش مۇھەببەت داستانلىرىنى يازدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە
يەنە «پەرھاد-شېرىن» داستانى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ داستان ئەڭ ئاۋۋال
7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە ئارىلىقتا ئىران خەلقى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،
ئۇ چاغدا بۇ داستان 7-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران شاھى خىسراۋنىڭ نامى بىلەن باغلىنىپ
«خىسراۋ-شېرىن»دەپ داڭق چىقارغان. نىزارى نەۋائىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ بۇ داستان
ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ ئىجادىي، رېئالىستىك، ئىخچام، ئىپادىلىدى ھەم بۇ ئارقىلىق
خەلقنى، چىن ئىنسانىي سۆيگۈنى، ۋاپادارلىق، ساداقەتنى، ئەمگەكنى قىزغىن كۈيلىدى.
زالىملارغا نەپرەت بىلدۈردى. شۇ چاغلاردىن باشلاپ داستانچىلىقىمىز رەسمىي ھالدا
رېئالىستىك تېمىلارغا ياندىشىشقا يۈزلەندى. يەنى رېئالىستىك داستانچىلىقىمىزنىڭ
دەرۋازىسىنى ئابدۇرېھىم نىزارى «رابىئە-سەئدىن»بىلەن، موللا بىلال موللا يۈسۈپ
«نوزۇكۇم»،«چاڭموزا يۈسۈپخان»، «غازات دەر مۈلكى چىن»لار بىلەن ئاچتى. بۇ
داستانلاردا چىن، ساپ،
  ھەقىقى
سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، تەڭ-باراۋەرلىك كۈيلۈنگەن. زالىم بايلار، يۇرت
زومىگەرلىرى قاتتىق قامچىلانغان. بۇ داستانلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى نوقۇل
مۇھەببەت كۈيلىنىشتىن قۇتۇلۇپ رېئاللىققا يۈزلىنىش باش تېما قىلىنغانلىقتىن
ئىبارەت.



20-ئەسىر كىرگەندىن
كېيىنكى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەدەبىياتىمىزنىڭ داستانچىلىق ئىجادىيىتىدە بىر
قىسىم ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ تىپىك، ۋەكىللىك
ھالىتىنى ھەقىقى رېئالىزملىق ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ،
نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامى ۋە ئەھمەد زىيائىينىڭ
«پەرھاد-شېرىن»،«رابىئە-سەھدىن»دەك، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى»دەك
نەمۇنىلىك داستانلىرى بارلىققا كېلىپ ئۇيغۇر يېڭى زامان داستانچىلىقىنى يېڭى بىر
رېئالىستىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بولۇپمۇ ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ
1948-1949-يىللىرى ئىجاد قىلغان «قەشقەر كېچىسى» داستانىدا كېرىم بىلەن لەيلىنىڭ
پاك مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ ئازادلىقنىڭ ئالدىدىكى قەشقەرنىڭ
ئاجايىپ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي، رېئال كۆرۈنۈشىنى سىزىپ بەردى. ئەپسۇسكى يېقىنقى
30 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا قۇربان باراتنىڭ «ئاق روماللىق پەرىزات»،«يوقالماس
پەلەستىن»،«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»، «مەن ئەقىل ئىزدەيمەن»،«ئىنسان ۋە
زىمىن»، «لەگلەك»ىدەك، ئارسلاننىڭ«يۇلتۇزلار يۇرتى»دەك ۋە مۇھەممەتجان سادىق،
مامۇت زايىتلارنىڭ بىر قىسىم داستانلىرىدەك ئەسەرلەر يارىتىلغان بولسىمۇ رومانچىلىقنىڭ
شىددەت بىلەن يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا
كۆرۈنەرلىك چېكىنىش بولدى. نۆۋەتتە يېڭىچە شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ
كېلىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ ئەقلىيلىك، پەلسەپىۋىلىك، ئىچكى
ھېسسىي ئوبرازلار ئارقىلىق خاسلىق يارىتىلغان داستانلاردىن ئادىل تۇنىيازنىڭ ۋەتەن
سېغىنچى، ئۆزلۈكنى چاقىرىش باش تېما قىلىنغان «قەشقەردىكى يەر شارى»،«ئەركەكلەر
قېنى سىلەر»قاتارلىق داستانلىرى، ئوسمان قاۋۇلنىڭ قويۇق ئىچكى پىسخىك كەچۈرمىشلەر
بىلەن تەبىئەت ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت رېئال
پاجىئەلەرگە ئېچىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى باش تېما مەركەز قىلىنغان ھەمدە ئاجايىپ
تەسىرلىك سۆيگۈ-مۇھەببەت قىسسىسىنىڭ ئۆزگىچە نۇقتىدا تۇرۇپ تەسۋىرلىنىشى يىپ ئۇچى
قىلىنغان «كۈۋەجەش»، «بىرى كەم قىرىق»، «تەكلىماكان، بىر ئادەمبېلىق»قاتارلىق
داستانلىرىنى، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەنئەنە بىلەن
زامانىۋىلىقنىڭ گېرەلەشمىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەقلىيلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ
ئىپادىلىگەن «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى»داستانىنى، ھاياتنوپۇس مۇھەممەتنىڭ ھايات
بىلەن ئۆلۈم، ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن سۆيگۈنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەشنىڭ مەنىۋى سەپىرى
ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر بىشارەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سۆيۈلۈش» داستانىنى
ھېسابقا ئالمىغاندا داستانچىلىقىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنى
ئۇيغۇر دراماتورگىيىسىدىكى زور چېكىنىشتىن كېيىنكى يەنە بىر ئېچىنىشلىق چېكىنىش،
دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە قەدىمكى زاماندىن بۇيان شېئىرىيەتنىڭ ئاجايىپ
ھەيۋەتلىك قەسرىنى قۇرۇپ كەلگەن بىزدە بۇنداق ھالنىڭ كۆرۈلۈشى ھەرگىزمۇ ياخشى
ئەھۋال ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل شېئىرىيەت ئىخلاسمەنلىرى چوقۇم ئوبدان باش
قاتۇرۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ قىممەتلىك
ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن
خىزمەت قىلدۇرۇش ئېڭىنى تىكلەپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاجايىپ ئېسىل ئىجاد قىلىش
روھىنى ئۈلگە
  قىلىشىمىز
ھەم شېئىرىيىتىمىدە داستانچىلىقنىڭ قايتا گۈللىنىشنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋېلىشقا
تىرىشىشىمىز لازىم.
   



ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



پايدىلانمىلار:



1-«ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لوغىتى» مەخمۇت زەيدى، سەمەت دۇگايلى تۈزگەن. مىللەتلەر
نەشرىياتى 1988-يىل 7-ئاي نەشرى 189-بەت.



2-«نەۋائى ۋە گۇمانىزم» مۇھەممەت ئىمىن (سەبۇرى) «شىنجاڭ گېزىتى»2009-يىل 7-ئاينىڭ
4-كۈنى سانى.



3-«كىرزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەدەبىي ژانىر-داستان ھەققىدە» ئابدۇكېرىم راخمان
«تارىم»ژۇرنىلى 2004-يىل 9-سان 132-بەت.



4-«دانالار خەزىنىسى»شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986-يىل 10-ئاي نەشرى.



5-«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل 2-ئاي
نەشرى.



6-«تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى
1984-يىل 12-ئاي نەشرى.


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 10:25:36

ئىبىنسىنا قەلىمىگە مەنسۇپ ئەسەرلەر 450 پارچىدىن  ئارتۇق بولۇپ، دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرى 250-242 ئەتراپىدىدۇر.
بەت: [1]
: ئەدەبىياتىمىزدا داستانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى