waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 16:24:27

ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات ھەققىدە پاراڭلار

16ياشلىق ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات  دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالدى









30-نويابىر كەچ،   سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە  ئىلىپ بىرىلغان 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە. جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى 62-50 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقە باسقۇچىدا ياپۇنيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىكى ئۆچىنى ئىلىش بىلەن بىرگە   3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدە  بوي ئىگىزلىكى 1.93 مىتىر كىلىدىغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشات 16 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، ئۇ كوماندىدىكى ئەڭ كۆپ نۇمۇر ئالغان تەنھەركەتچى بۇلۇپ قالدى.



            دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ گار ئاستى ھۆكىمىرانى



  جۇڭگۇ كوماندىسى  ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈردى،  بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ تارىختا ئىككىنچى قىتىم بۇ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشى ھىساپلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ يىل دۆلەت ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىدە ياپۇنيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن، يولۋاسنىڭ چىشىنى يۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭخۇا تەيبىي بىلەن كورىيە بىلەن بولغان ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە، دىلارە دىلشات ئايرىم-ئايرىم  26 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 17 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  خەلىقئارا مۇسابىقىدە، بۇنداق سانلىق مەلۇماتنى پەقەت ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچىلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ،  كىسىپ ئىيتىشقا بۇلىدكى؛  دىلارە دىلشات  دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى.

بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىىدىكى كۆپ قىسىم تەنھەركەتچىلەر گۇاڭدۇڭ ئاياللار ياشلار كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىلىرى، 16 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشات دەل بۇ كوماندىنىڭ ئىچكى سىپىنىڭ يادروسى.  2008-يىلى 11 ياشقا كىرگەن دىلارە دىلشاتنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.82 مىتىردىن ئىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىگىز بوي تۇرقى ۋە بەدەن ساپاسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى تىرىنىرىغا يېقىپ قالغان. نەچچە يىل جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق،  ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ قىزچاق ناھايىتى تىز ئالغا بىسىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان.

  2011-يىللىق 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنى قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە بىردىنلا دىلارە دىلشاتنىڭ نامى چىقىپ كەتكەن. ئۇ چاغدا ۋاسكىتبول مەشىق قىلغىنىغا پەقەت ئۈچ يىل بولغان دىلارە  گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بەرگەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە  23 نومۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان. ئۇ ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 22 نومۇر، 10.5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ نۇمۇر ئىلىش شاھى ۋە گاردىن قايتقان توپ ئىلىش شاھى بولغان. ئۇنىڭدىن سىرىت ئوتتۇرچە گارغا توپ ئىتىپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %65 گە يەتكەن،  ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 3.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان، ئۇ يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.

  گۇاڭجۇ كوماندىسى باش تىرىنىرىنىڭ دىلارە دىلشاتقا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقۇرى؛ « ئۇنىڭ قول سېزىمى سىلىق، يۆتكىلىشى چاققان، بەدىنى قاۋۇل، ئىچكى سەپتىكى كۈچى قالتىس، ھەم نۇمۇر ئالالايدۇ ھەم گاردىن قايتقان توپ ئالالايدۇ.   دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر شىنجاڭلىق گۇاڭدۇڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى، دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان تەنھەركەتچى.  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە،  دىلارە WCBA بىرلەشمىسىدىكى چىمپىيۇن شەنشى كوماندىسىغا يۆتكەلدى، يىقىندا كوماندىغا قوشۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈنجى WCBA بىرلەشمىسىگە كىرگەن شىنجاڭلىق تەنھەركەتچى بۇلۇپ قالىدۇ ».

1963-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالغان، كىيىنكى ئون نەچچە يىلدىمۇ ئىزچىل دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قوشۇن بۇلۇپ كەلگەن، كىيىن تەدىرىجى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، بۇ ئەسىرنىڭ بىشىدا، نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى رەسمىي شىنجاڭ ئاياللار  قول توپى كوماندىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئەمدىلىكتە شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركىتى پەقەت پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قانات يايدۇرلىۋاتىدۇ.  بىراق بەدەن ساپاسى ياخشى شىنجاڭ ۋاسكىتبول ئىختىساسلىقلىرى ئۈزلۈكسىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا نەزەر تاشلىدى. ئادىلجان سۇلايمان تۇرۇشلۇق 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن دۇفىڭ تۇرۇشلۇق گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن باشقا يەنە، چۇڭچىڭ، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا گۈلمىھرە قاتارلىق شىنجاڭلىق ئايال ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كۆلەڭگىسنى كۈرۈش مۇمكىن.   دىلارە دەل دۇفىڭدەك ۋاسكىتبول چولپىنىغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈنلەي ۋاسكىتبول بىلەن ئۇچرىشىش باقمىغان كىچىك ئوقۇغۇچىدىن تەدىرىجى ئۆسۈپ يىتىلىپ جۇڭگۇ ئاياللار ۋاسكىتبولىنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزىغا ئايلاندى.



        دۇفىڭنىڭ  تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئاتا ئارزۇسىنى ئاقلاش



  دىلارە بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى بىر ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى ئىدى، بىراق شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرەلمىگەن، كىيىن ھەربىي قىسىمغا كىرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن  دۇفىڭنىڭ ھەدىسى بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان ياخشى دوسلاردىن بۇلۇپ شەخسىي شەخسىي مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. شۇڭلاشقا دىلارە كىچىكىدىن باشلاپلا، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى  دۇفىڭنى تۇنۇيتتى، بۇ ئۇنىڭ « چوڭ ئۇستاز » سابىق  دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دۇفىڭغا چۇقۇنىشىغا كۇپايە قىلاتتى؛ « مەن كىچىكىمدىن باشلاپ دۇفىڭ ئاكامغا چۇقۇناتتىم، دائىم تىلۋۇزۇردىن ئۇنى كۈرەلەيتىم، شىنجاڭدا ئۇنى تۇنىمايدىغان ئادەم كۆپ بولمىسا كىرەك ».

   دىلارە 11 ياشقا كىرىپلا، بوي ئىگىزلىكى مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېشىپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دۇفىڭنى ئىزلەپ تاپىدۇ. شۇ چاغدا دۇفىڭ دىلارەنىڭ بەدەن شارائىتىنى كۈرۇپ، ئۇنى ياخشى تەنھەركەتچى بۇلالايدۇ دەپ قارايدۇ، شىنجاڭدا كەسپىي ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بولمىغاچقا، دۇفىڭنىڭ تەۋىسىيە قىلىشى بىلەن دىلارەنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى گۇاڭدۇڭغا ئىلىپ بىرىشنى قارار قىلىدۇ.

2008-يىلى، دىلارەنىڭ ئانىسى ئۇنىڭدىن گۇۋاڭدۇڭغا بىرىپ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىشنى خالامسىز دەپ سورايدۇ، 11 ياشلىق دىلارە قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا ماقۇل بۇلىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاختىدا بۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن دىمەتلىكلىرىدىن كۆپ جاپالىق مەشىق قىلىدىغىنىنى  قىلچە خىيالغا كەلمەيدۇ. « ئۇ چاغدا مەن ئازراقمۇ توپ ئويناشنى بىلمەيتتىم، كۆپ ئىشلارنىمۇ ئويلىمىغان، مەن قىلالىساملا بولدى دەپ قارىغان، بىراق كۆپ ھاللاردا يەنىلا سىرتقى دۇنياغا قاراش كىرەككەن ».  دىلارە   ئېگىلمەس-سۇنماس روھى بىلەن ئۈچ يىل كەسپىي مەشىقنى قۇبۇل قىلىدۇ.

ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دادىسىمۇ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىپ باققان، دىلارەگە كىچىگىدىنلا  قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ئىدىيە سىڭدۈرۇلگەن، بۇ تەرەپتىمۇ  دىلارە شەھەردە چوڭ بولغان باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ.

  دۇفىڭ مۇخبىرنىڭ تىلفۇن  زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛  « مەشىقتە بەكمۇ جاپا تارتىدۇ، مۇسابىقىدە بەك  تىركىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن شارائىتىمۇ خىلى ياخشى، بىر ناھايىتى ياخشى مايسا، بۇنىڭدىن كىيىن ئەگەر قەتئىي بوشاشماي تىرىشسا، چۇقۇم بىر مۇنەۋەر ۋاسكىتبولچى بۇلىدۇ ».

  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  دىلارە دۇفىڭنى ھۆرمەتلەش ۋە چۇقۇنغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن كۆپ مىننەتدار؛ « ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمى ۋە ئىلھامى بەك كۆپ، بەك كۆپ، مەن ئىزچىل  ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇنىڭ داۋاملىق تىخىمۇ كۆپ چىمپىيۇنلىقنى ئىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ».

  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشاتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كەسپىي ھاياتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمىز.



  مەنبە ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛http://waskitbol.com/forum.php




function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 17:09:30

شىنجاڭ خەۋىرىنى ئوقۇيدىغان پولات ئەمەتجان (ئاۋازىنى ئاڭلىساملا بىئارام بولىمەن) ئوقۇسا بولغىدەك خەۋەر بولاپتۇ.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 17:14:32

پۇتاق تاپقىنىم ئەمەس ئەمما ‹ھۆرمەتلەش ۋە چۇقۇنغاندىن› چۇقۇنۇش ئىنسانغا ئەمەس ياراتقۇچىغا بولىنىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 18:19:14

ئىككى سۆز ماڭا پەقەتلا ياقمايدۇ.بىرى،قاچانلار قارسام 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى دەيدۇ،قىزلار دىسە نېمىدىگەن يېقىشلىق ئاڭلىندۇ.يەنە بىرى‹‹چوقۇناتتىم››بۇ گەپنى خەنزۇچىدىن ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ كۆرگەنلا يەردە ئىشىلتىشكە بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

دىلارە سىڭلىمىزنىڭ باسقان قەدىمىدىن خۇشپۇراق گۈللەر ئۈنگەي!

نەدىلا بولسۇن ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتمىغاي!!

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 21:44:20

‹‹ياپۇنلۇقنى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزىمىز مەغلۇپ قىپتۇدە ! ياپۇنلۇق كىچىك پۇتبولچىلارنىمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىز مەغلۇپ قىلغان......››

پەخىرلەندىم !!!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 23:13:29

كۆز تەگمىگەي

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 21:19:39

خەنلەر ئۇ قىزچاقنىڭ نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلامدىكەن ، يا ؟ مىنىڭچە ھەسەتخورلۇقى تۇتۇپ كەتتىغۇ ، دەيمەن ؟!
بەت: [1]
: ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات ھەققىدە پاراڭلار