(Musicfan) جان دادام
بۇ ناخشا نەچچە ھەپتە ئاۋال ئۈندىدار چەمبىرىكىدە ئۇچىراپ قېلىپ بەك ياقتۇرۇپ قالغانتىم ، نۇرغۇن مۇزىكانتلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ بۇ ناخشىنى غولجىلىق ئابلىكىم دىگەن دوستىمىزنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، ئۈزى ئاددى لىكىن تېتىملىق ئىجادىيەت بوپتىكەن . بۇ دوستىمىزنىڭ ئىجادى تەپەككۇرى تېخىمۇ زىيادە بولغاي !
ئاخشام ئىلھامىم تۇتۇپ بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى قايتىدىن ئاككوردلاشتۇرۇپ ئېيتىپ قويدۇم، پەقەت ئۈگۈنۈش ، مەشىق ئۈچۈن ئېيتىلدى ، دوسلارنىڭ (Musicfan) نىڭ ئىجادىيىتى دەپ تارقىتىپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئاككوردلاشتۇرغۇچى : Musicfan
گىتتاردا : Musicfan
ئاۋاز ئالغۇچى : Musicfan
ناخشىدا : Musicfan
ياخشى ناخشىكەن ، يارىدى . رەھمەت!قايتا قايتىلاپ ئاڭلاۋاتىمەن، تويماي ئاڭلايدىغاندەك قىلىمەن... ياخشى چىقىپتۇ، مۇڭ ئولتۇرۇپ ئاڭلىۋەتتىمغۇ ياخشى! ئورۇنلاشتىكى خاسلىقىڭىزنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەلانى باساي... پۇت قۇلىڭىزغابىلىڭىزگە
گىلىڭىزگە
دەرت بەرمىسۇن{:92:} دەسلەپ ئەسلى ناخشىنى ئاڭلىغاندىلا كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلگەن ئىدى،
‹‹سەن كېتىپ ئالەم بۆلەكچە يات ماڭا ››بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ناتىۋانلار بىلمىسە باشقىلارغا مۇنداقلا بىلىنىدۇ ،
مۇزىكفان : ئەسلى ناخشىدا مۇزىكا ناخشىنى تېخىمۇ مۇڭلۇق ھىس قىلدۇرۇپتىكەن بىراق ناخشىنى ئېيتقان بالا ماڭا كۈچەپ كەتكەندەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى،سىىزنىڭ ئاۋازىڭىز بەك يۇمشاق ھەم مۇڭلۇق چىقىپتۇ، بىراق مۇزىكا ئاۋازىڭىزدىكى مۇڭنى بېسىپ كېتىپتۇ. مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ تولۇق ئاڭلىۋەتتىم، ئەمدى ئاڭلىمەيمەن،( يۈرۈكۈم بەك ئاجىز كەلدى، تۈنۈگۈن تېخى مۇسىبەتكە بېرىپ كونا ھەسرەت يېڭىلىنىپ ئۆزۈمنى ئوڭشاپ كېتەلمىگەن ئىدىم. مۇشۇ كۈنلەردە تولا يىغلايدىغان يىغلاڭغۇ بوپ قالدىمغۇ....)
تەسىرلىك فىلىمكەن ناخشىڭىز چىقمىدى،چۈشۈرۈش مەنزىلى بارمۇ؟ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويدۇم، كۆرمىدىڭلارمۇ؟ سارۋان يوللىغان فىلىم

سارۋان يوللىغان فىلىم ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن.
ئاتام كەتتى چاقىرسام ئاڭلىمساس يىراق يىراققا،
ئاناممۇ ھەم ئەگەشتىلەر ھەمراھ بولۇپ يولداشقا،
بولدى سەكپارە، يۈرەكى زەرداپ ناتىۋانلارنىڭ،
چۈنكى مەسۇملەر مەھكۇملەندى ئەبەت يىتىملىققا... ... ...


6- قەۋەتتىكى choice نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دەسلەپ ئەسلى ناخشىنى ئاڭلىغاندىلا كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلگەن ئىدى،
‹‹سەن كېتىپ ئالەم بۆلەكچە يات ماڭا ››بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ناتىۋانلار بىلمىسە باشقىلارغا مۇنداقلا بىلىنىدۇ ،
مۇزىكفان : ئەسلى ناخشىدا مۇزىكا ناخشىنى تېخىمۇ مۇڭلۇق ھىس قىلدۇرۇپتىكەن بىراق ناخشىنى ئېيتقان بالا ماڭا كۈچەپ كەتكەندەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى،سىىزنىڭ ئاۋازىڭىز بەك يۇمشاق ھەم مۇڭلۇق چىقىپتۇ، بىراق مۇزىكا ئاۋازىڭىزدىكى مۇڭنى بېسىپ كېتىپتۇ. مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ تولۇق ئاڭلىۋەتتىم، ئەمدى ئاڭلىمەيمەن،( يۈرۈكۈم بەك ئاجىز كەلدى، تۈنۈگۈن تېخى مۇسىبەتكە بېرىپ كونا ھەسرەت يېڭىلىنىپ ئۆزۈمنى ئوڭشاپ كېتەلمىگەن ئىدىم. مۇشۇ كۈنلەردە تولا يىغلايدىغان يىغلاڭغۇ بوپ قالدىمغۇ....)
سەبرى قىلىڭ!بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئاللاھ دادامدىن ئامانەتنى ئالغىلى ساق 15 كۈن بوپتۇ، ئانام ئۆلۈپ كەتكىلى 11 يىل بوپتۇ، بۈگۈن يۇرتقا بېرىپ ئۆيگىمۇ كىرمەي يېنىپ كەلدىم، چۈنكى ئۆيگە كىرسەم قارشى ئالىدىغان دادام ۋە ئانام يوق، پەقەت تۆت تاملا بار، بۇ ھېسسىياتنى بېشىغا كەلگەنلەرلا چۈشىنىدۇ، راسىت، بۈگۈن يۇرتقا كەلگەن بىلەن ئۆيگە بېرىشنى نىيەتمۇ قىلماپتىمەن، چۈنكى ئەمدى ئۇ ئۆينىڭ مەززىسىمۇ قالمىدى. @bapkar كۆپ سەبىرلىك بولۇڭ، ھېسياتىڭىز چۈشىنىشلىك، مەنمۇ يېرىم يىل ئىچىدە بىر ئۆيدىن ئۈچ ئادەمنى ئۇزاتتىم، تاكى ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ سىماسى پۈتكۈل تۇرمۇشۇمدا مەۋجۈت، خۇددى مەلۇم بىر يەرگە كەتكەندەك ئەتە ئۆگۈن كىلىپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ.... ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرخىل سىناقلار بىلەن سىنايدىكەن، سەبىرلىك بولايلى.

9- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ناخشىڭىز چىقمىدى،چۈشۈرۈش مەنزىلى بارمۇ؟
http://www.izdinix.com/musicfan/jandadam.mp3
مانا ئادرېسى.