orkax1974 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 20:31:06

شەرئى ۋەسىيەت

شەرئىي ۋەسىيەت


ئائىلە تاۋاباتىمغا شەرئىي ۋەسىيەت


بارچە گۈزەل سۈپەتلەر، ماختاش ۋە مەدھىيلەشلەر ئالەملە رنىڭ رەببى ئاللاھ جەللە جالالۇھۇغا خاستۇر !

دۇرۇت ۋە سالاملار بارچە كائىناتقا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن جانىجان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا

بولسۇن!


ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن《 ئەگەر سىلەردىن بىراۋغا ئۆلۈمنىڭ بىشارىتى كەلسە، ئۇ مال مۈلۈك قالدۇرسا، ئاتا ئانىسىغا ۋە خىش ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادر كىشلەر ئۈچۈن ئۆتەشكەتېگىشلىك بۇرچ سۈپىتىدە پەرىزقىلىندى》.


رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بى زگە يازما ۋەسىيەت قالدۇرشىمى زنى تەۋسىيە قىلىپ 《 بىر مۇسۇلمان ئىككى، ئۈچ كېچە خاتىرجەم ئوخلايدىكەن ۋەسىيىتىنى يېزىپ يېنىدا ساقلىسۇن》.دېگەن.


ئومۇمىي ۋەسىيىتىم

يۈرەك پا رىلىرىم، جان جىگەر پەرزەنتلىرىم! سىلەرگە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەسىيىتىم: –

1- تەۋھىد ئىلمىنى ئىزچىل ئۆگۈنۈپ، ئۇنىڭدا تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغان -ئىشىڭلار شېرىك بولسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن«  ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۈناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ.»نىسا سۈرىسى، 84 ئايەت.

2– ھەرقانداق چوڭ كىچىك گۇناھ مەئسىيەتلەر ئۈچۈن سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار ,مەن ئاللاھنىڭ 99سۈپىتىنىڭ بىرى بولغان«ئەتتەۋۋاب»نى چۈشەندۈرگەندە، سەمىمىي تەۋبىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شەرھىيلەپ ئۆتتۈم. سىلەر شۇنىڭغا مۇراجەت قىلىڭلار.ئىستىغپار ئېيتىشنى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىغىنى ھېس قىلدۈرىدىغان زىكرىلەرنى كېچە كۈندۈز تەرك ئەتمەڭلار. بۇ نۇقتىدا مېنىڭ زىكىردېگەن دەرسىمگە مۇراجەت قىلىڭلار.


3-ھەرقانداق چاغدا بېشىڭلارغا كۈن چۈشسە، بالاي ى ئاپەت كەلسە سە ۋر قىلىشنى بىلىڭلار.


4-ئاللاھ ئامانەتنى ئالغاندا يېقىن يۇرۇق، ئۇرۇغ تۇغقانلارغا، مۇئمىن مۇسۇلمانلارغا خەۋەر قىلىپ نامىزىمنى چۈشۈرۈشكە قاتنىشىپ بېرىشنى تېلىفۇن ئارقىلىق ئوقتۇرۇڭلار، مېكروفون ياكى لابالاردا توۋلىماڭلار. يۇيۇش ۋە دەپنە قىلىش جەريانىدا شۇنداقلا دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار.


5-ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن جامائەت قايتىدىن تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆيۈمگە كەلمىسۇن. دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جامائەتنىڭ مېيتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تەزىيە بىلدۈ رىدىغان بۇخىل ئادەتنى نە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نە ساھابىلەر قىلغان ئەمەس.


6-ئاللاھنىڭ شەرىئىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە سابىت بولغان تەزىيە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى سەكراتكا چۈشۈشكە باشلىغاندا، )لا إله إلا الله( نى تەلقىن قىلد ۈرۈش,مېيت يۇيۇشنى بىلىدىغان تەقۋا كىشلەر يۇيۇپ كىپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققىچە بېرىپ دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋەدەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مېيتقا كۆپلەپ دۇئالارنى قىلىش، تاماق ئېتىپ مېيت ئەھلىگە تەسەللىي بېرىشتىن ئىبارەتتۇر خالاس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرىندىشىڭلار ھازىر ھېساپ كىتاب قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەڭلاردېگەن. بۇلاردىن باشقىسى بىدئەتتۇر.


7-مەن ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن مېنى ماختاپ ئۇچۇرماڭلار، ۋا رقىراپ جا رقىراپ يىغلىماڭلار، قوشاق توقۇماڭلار، يۈز ك ۆزۈڭلارغا شاپىلاقلىماڭلار.


8-بىدئەت ئىشلارنى قىلماڭلار، دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق مۇراسىم ئۆتكۈزمەڭلار، ئۈچ نەزىر،قىرىق نەزىر، يىل نەزىر دېگەنلەرنى قەتئىي قىلماڭلار، قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇماڭلار، ئوقۇتماڭلار، سەدىقە تارقاتماڭلار، قان قىلماڭلار.


9-ئائىلە تاۋابىئاتىم، تۇغقانلىرىم ۋە يېقىن يۇرۇقلىرىم! قەرزىم بولسا چوقۇم قايتۇرۇڭلار. ئاللاھ يولىدا پول ياكى باشقا نەزىر قىلغان )ۋەدە قىلغان( ئىشلىرىم بولسا، مېنى يۇيۇپ كىپەنلەشتىن بۇرۇن ئۇنى مېنىڭ مال مۈلكىمدىن ئادا قىلىڭلار, ئەگەر ماڭا ھەج پەرىز بولۇپ، ھەج قىلالمىغان بولسام مېنىڭ پولۇمدىن ماڭا ئاتاپ ھەج قىلىپ قويۇڭلار.


10-باللىرىم! ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ماتەم تۇتماڭلار. ئايالىم تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى كېرەك؛ ئىددەت تۇتۇش جەريانىدا يىپەك تۈرىدىكى كىيىملەرنى كىيمىسۇن، گىرىم قىلمىسۇن، ئەتىر چاچمىسۇن ۋە سۈرمە سۈ رمىسۇن چۈنكى بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە چەكلەنگەندۇر.


11-پەرزەنتلىرىم ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم! سىلەردىن پات پات قەبرەمنى يوقلاپ دۇئا قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى، ئاللاھتىن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلىشىڭلارنى« ئىگەم ئاللاھ! دادام ياكى توغقىنىم سېنىڭ دەرگاھىڭغا مېھمان بولۇپ كەتتى، مېھمىنىڭنى ئىززەت ئىكرام قىلغايسەن دەپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېنىىڭ ئۆلۈمىمدىن ۋەز نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئېلىڭلار، ›كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس‹، سىلەرنىڭمۇ پات ئارىدا كېلىشىڭلار چىن ھەقىقەت، ئۇنداق بولغان ئىكەن، گۇناھ مەئسىيەت ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، ئاخىرەت ئەھلىنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى يەرگە قاراتماڭلار.


12-ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم، ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلىرىم! مېنى ياخشى سۆزلەر بىلەن ئەسلەپ تۇرۇشىڭلارنى ماڭا دۇئا قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىپ قويۇشىڭلارنى، بولۇپمۇ ئاللاھقا يېقىنلاشقىنىڭلارنى ھېس قىلغىنىڭلاردا سەجدەڭلەردە، نامازدىن، قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، ھەج قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئىفتار قىلغان چېغىڭلاردا نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدلىرىدا، ئەزان بىلەن تەكبىر ئا رىلىقىدا، ئاللاھنىڭ مېنى قەب رە ئازابىدىن، دوۋزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنى، ئاللاھنىڭ ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ داۋاملىق دۇئا قىلىپ قويۇشىڭلارنى سورايمەن.


13-مېنى ئايالىم(ئىرىم) يۇسا، كىپەنلىسە بولىدۇ.


14-مەن ۋاپات بولغاندا پەرزەنتلىرىم يېنىمدا بولمىسا ياكى تەقۋا ئالىم ئۆلىمالار نامىزىمغا قاتناشماقچى بولسا مۇۋاپىق ۋاقىت ساقلىساڭلار بولىدۇ.


15-بۇ ۋەسىيەتنامىنى نامىزىمنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن جىنازە نامىزىمغا قاتنىشىدىغان جامائەتكە بىر نۇسخىدىن تارقىتىپ بېرىڭلار، جامائەتنىڭ بىدئەتتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىر ئادەم جامائەتكە بۇ ۋەسىيەتنامىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرسۇن.


16-نامىزىمغا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر قەبرەمگە كېلىپ نامىزىمنى چۈشۈرسىمۇ بولىدۇ.


17-مەن بۇ ۋەسىيەت ئارقىلىق شۇنى ئېلان قىلىمەنكى، مەن، مېنىڭ ھەق ھوقۇقۇم بار بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلارنى ئەپۇ قىلدىم، كەچۇردۇم، ئۇلاردىن رازى بولدۇم. بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلا ردىنمۇ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنى ئەپۇ قىلىشلى رىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.


18-شۇنى بىلىڭلاركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام;بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، خەلق ئاممىسىغا ئىزچىل پايدىسى تىگىپ تۇرىدىغان سەدىقە جارىيە، بارچە كىشلەر مەنپەئەتلىنەلەيدىغان ئىلىم مەرىپەت، داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم سالىھ ئەۋلاد تەربىىيلەپ قويۇشتىن ئىبارەت مەزكۇر ئۈچ ئىشتىن باشقا ھەرقانداق ياخشى ئىشنىڭ ساۋابى مېيتقا تەگمەيدۇ دېگەن.


19-ئەلۋىدا، ئاللاھقا ئامانەت، سىلەرنى، ئىمانىڭلارنى، ئىنساۋىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.


سەكراتقا چۈشكەندە تەقۋا قېرىنداشلىرىمدىن تۆۋەندىكى كىشلەرنى چاقىرىڭلار.

ئىسمى

تىلېفۇن نۇمۇرى

جىنا زە نامىزى

نامىزىمنى چۈشۈرىدىغان ئادەم: ................................................................................................


ياكى تەقۋا مۇسۇلماندىن بېرى: ................................................................................................


جىنازىنى ئېلىپ ماڭغاندا


1-جېنىم قېرىنداشلىرىم! تېز مېڭىڭلار.


2-ئاياللار جىنازەمگە ئەگەشمىسۇن، ئاۋازلىق يىغلىماڭلار.


3-جىنازىنى ئېلىپ ماڭغاندا قەتئىي گەپ س ۆز قىلماڭلار، جىمجىت مېڭىڭلار.


4-مۇسىبەت كەلگەندە سە ۋر قىلىشنىڭ ئەجرى ناھايىتى كاتتىدۇر. ئەجرى ساۋابى تېخىمۇ كاتتا ئىش بولسا ئاللاھنىڭ بارلىق تەقدىر قازاسىغا، تەقدىرنىڭ ياخشى يامىنىغا، تاتلىق ئاچچىقىغا سەۋر قىلىشتۇر.مەيلى قەيەردىلا بولماڭلار، گەرچە مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولساڭلارمۇ، يەنىلا ئۆلۈم سېلىنى تاپىدۇ.


5-جىنازەمگە ھېچقانداق نەرسە ئاسماڭلار.


دەپنە قىلىش جەريانىدا ۋە دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن:


1-قەبرىستانلىققا كەلگەندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەب رە ئەھلى! سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەتتىڭلار، بىزمۇ پات ئارىدا بارىمىز، بىز ئاللاھتىن بىزگە ۋە سىلەرگە ئامانلىق ئاسايىشلىق تىلەيمىز دەڭلار.


2-مېنى تەقۋا يېقىنلىرىم دەپنە قىلسۇن.


3-مېنى دەپنە قىلىپ بولۇپ قايتا قايتادۇئا قىلىڭلار.


4-ئى ئائىلە تاۋاباتلىرىم! مېنىڭ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىيامەتلىك دوست بولغان قېرىنداشلىرىم، يېقىن يۇرۇقلىرىم! مېنى دەپنە قىلىنغان شۇ مېنۇت، شۇ سېكۇنتلاردا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلار، مەن ئۇ چاغدىكى بىردىنبىر ئېھتىياجلىق نەرسەم سىلەرنىڭ دۇئايىڭلا ردۇر . دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر تۆگە سويۇلۇپ گۆشى تارقىتىلىپ بولغۇدەك ۋاقىت بويىچە، يەنى تەخمىنەن2-3سائەت ئەتراپىدا قەبرەمنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ماڭا قاتتىق دۇئا قىلىڭلار,چۈنكى بۇ مەن ئۈچۈن بەرزەخ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى، مېنىڭ ئاخىرەت ھاياتىمنىڭ ياخشى يامان بولۇشى ئەشۇ ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ، بولۇپمۇ باللىرىم، سىلە رچۇقۇم تۇرۇڭلار. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەن بىچارە ھېساب كىتاب بېرىۋاتقان، سىلەرنىڭ دۇئايىڭلارغا ئەڭ مۇھتاج بولىدىغان ۋاقىتتۇر. سىىلە رنىڭ بېشىڭلارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۈن كەلگەندە، سىلەرگىمۇ دۇئا قىلىدىغان كىشلەرنى ئاللاھ مۇسەخخەر قىلىپ بەرگەي.


5-مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن دەپنە ئىشلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ.


6-يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، جىنازەمنى چۈشۈرۈش جەريانىدا سادىر قىلىنغان بارلىق بىدئەت ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۈستۈمگە ئالمايمەن.


7-قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئاللاھتىن ئەيمىنىڭلار، ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچى، يامانلىقنىڭ قۇلپىسى بولۇڭلار،ئاللاھ ياخشى كۆرۈدىغان جايدىن قېپقالماڭلار، ئاللاھ يامان كۆرۈدىغان ئورۇنغا دەسسەپ سالماڭلار.


ئائىلە تاۋاباتىمغا ئالھىدە ۋەسىيەت


1-مىراسنى شەرىئەت بويىچە تەقسىم قىلىڭلار، قۇرئان ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىڭلار، قېرىنداشلىق رىشتىنى ئۆزمەڭلار، ياشىغان ئىكەنسىلەر ئەركەك تەك ياشاڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ›ئىسلام دېگەن نېمە؟‹ دەپ سورالغاندا، ئىسلام دېمەك، ئەركەكلىك دېمەك دېگەن. ناۋادا بۇ ھەدىستىكى ئەركەكلىكنى چاچ ساقال،فېزولوگىيلىك ئوخشاشماسلىق دەپ چۈشەنسەك، ئۇ چاغدا ئەركەك جانۋاردىن پە رقىمىز نېمە؟! بۇ ھەدىستىكى ئەركەكلىك ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن جاپاغا د ۈچ كەلگەندە ئەركەك بولۇش، ئىسلام ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتە ئەركەك بولۇش دېگەنلىك تۇر. ئىلىم ئىگەللەش يولىدىكى جاپا مۇشەققەت ئالدىدا ئەركەك بولۇش، ئائىلىنىڭ بەختى -سائادىتى ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدىغان ئەركەك، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە خوشاللىق بېغىشلاش ئۈچۈن نەپسىدىن ۋازكېچەلەيدىغان ئەركەك، ئىمانىدا ئەركەك، ئەخلاقىدا ئەركەك، ھەممە ئىشتا ئەركەك بولۇشنى كۆرسىتىدۇ .


2-شۇنى ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلا كرى، ئاللاھ بىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان، ئىلىم ئېلىپ، ئەمەل قىلىپ، باشقىلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئەڭ كاتتا ئىبادەتتۇر. ئائىلىمىزدە قۇرئان يادىلايدىغان، دىنى بىلىم ئالىدىغان كىشى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ھەربىر ئائىلى ئەقەللىسى ئەڭ ئەقىللىق بىر بالىنى تاللاپ دىنى بىلىم ئېلىشقا ئاتاڭلار.


3-ئائىلىمىزنىڭ ئاداققىچە مۇسۇلمان ياشىشى ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەپتىدە بىر كۈن ئىككى سائەت ئەتراپىدا دىنى تەلىم تەربىيە ئېلىشنى ئۆزگەرمەس ئائىلە قانۇنى قېلىپ بىكىتتىم. شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئىككى سائەتنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىرىنچى بۆلىكىدە قۇرئان ئىلمىنى ئۈگىنىڭلار، ئىككىنچى بۆلىكىدە دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىڭلار , ئەڭ ئاخى رىدا نۆۋەت بىلەن بىرىڭلار ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىش بىلەن ئاياغلاشتۇرۇڭلار.


4-ئائىلەدە تويلاشقاندا بىرىنچى تەقۋا ئەخلاقلىقنى، ئىككىنچى ئىلىم بىلىملىكنى ئاساس قىلىپ نىكاھلىشىڭلار، بۇ ئىككى شەرت تېپىلمىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ ئائىلىمىزنىڭ قانۇنى.


5-مېنىڭ ئۆلۈمىمدىن ئىبرەت ئېلىڭلار، مەڭگۈ نەمۇنىچى مۇسۇلمان بولۇپ ياشاڭلار؛ ئىككىلى دۇنيادا ئىززەتلىك بولىسىلەر. ئۆلۈم بىلەن يۈزلىشىدىغان مۇشۇ كۈنگە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار؛ ئەجەل غايىپتۇر، ئاللاھ رىزالىقى ھەممە ئىشىڭلاردا تۈپ نىشان بولسۇن. مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىم ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاندۇر. سىلەر قۇرئانغا ئېسىلىپ ياشىغان چاغدا سىلەر مېنىڭ ئائىلەمدىن ھېسابلىنىشىلەر، مەن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار ھېسابلىنىمەن، ۋەسسالام.


ۋاقىت : .......................................


ۋەسىيەت قىلغۈچى: .....................................


گۈۋاچى : ................................


گۈۋاچى: ................................

putaki يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 12:51:07

بۇنى ئۆزىڭىز يازمىغاندىكىن مەنبەسىنى دەپ قۇيۇڭ.باشقا تورداشلار مەنبەسىنى كۈرۈپ باقسا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بۇلالايدۇ .

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 13:10:16

\"\"

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 14:44:02

ئەلادىن بىرى كەتتى !

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 18:38:12

ھەممىنى بىلگۈچى مېھىرىبان ئاللاھتۇر!!

orkax1974 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 19:52:05

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم

putakiقېرىندىشىم،ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت،تۆنۈگۈن يازمىنى يوللاپ بولۇپ تەھرىرلەي دىسەم پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىدىم،بۆگۈنمۇ شۇنداق.شۇڭلاشقا ئۆزىر سۇرايمەن.ئەسلى ئارلىقتا نۇرغۇن دۇئالار بار ئىدى ئەمما قانداق كىرگۈزۈشنى بىلەلمىدىم.بۇ كىتاپنىڭ يازغۇچىسى ئىسمىنىمۇ قالدۇرماپتۇ،ئاللاھ شۇ كىشىمىزدىن رازى بولسۇن،پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇئاسىدا ئەسلەپ قۇيىشىنى سوراپتۇ.

قېرىنداشلىرىمىز بۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىدىكى خاتالىقلېرىنى تۈزىتىۋېلىشىغا ياردىمى تەگسە دىگەن ئۆمىتتىمەن.

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 20:09:27

ئەڭ مۇھىم ئىشلار ئۇنتۇلۇپتۇ بۇرادەر ، بولسا دۇئالارنى ئىنكاس شەكلىدە بولسىمۇ چىقىرىپ قويسىڭىز \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 20:40:00

ھازىرچە ئەلا دەپ تۇرايلى ،،،،
بەت: [1]
: شەرئى ۋەسىيەت