مۇنداق يانفون لازىم ئىدى !
مەن يېقىندا بىر يانفون ئالماقچى ئىدىم، قولۇمدا كۆچمىنىڭ 7-8 يىل بولغان بىر كارتىسى بار ئىدى، تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ، 2گ تور سۈرئىتى بەك بەك ئاستا،3گ تورى يوق، يەنە كېلىپ ئېقىم مىقدارى بەك قىممەتكەن ، ھەر ئايدا 150 يۈەن 200 يۈەن ئەتراپىدا تور ئېقىم پۇلى تۆلەۋاتىمەن،چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى،تېلېگىرافنىڭ كارتىسىدىن بىرنى سەپلەپ تورغا چىقىشتا شۇنى ئىشلەتمەكچى .
تەلەپ :
1.قوش كارتا ئوقۇرى بار ، cdma ۋە gsm قوللىشى كېرەك .
2.خالىغان كارتىنىڭ 3گ تورىغا ياكى 2گ تورىغا نورمال چىقىشى كېرەك . كۆچمە،تېلېگىراف ،بىرلەشمىنىڭ ھەممىسىنىڭ 3گ تورىنى قوللىسا تېخى ياخشى.
4g .3 تورىنى قوللىشى كېرەك .
4. باتارىيەنى ئېلىپ سالغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك .
5. كامېرا ئېنىقلىقى ئامال بار يۇقىرى بولسۇن .
سەپلىمىلىرى ئىلغار بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ ، ماڭا ياخشىراق تېلېفوندىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار
ھازىرچە فانتازىيە مېنىڭ خىزمەتدىشىمگىمۇ كۆچمە بىلەن تېلىگرافنى قوللايدىغان يانفون لازىم ئىكەندۇق،ماڭا توردىن ئېلىپ بەر دەپ تۇرىۋالدى،يامان يېرى مەن قانداقراق يانفون ئېلىپ بېرىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.باھاسى1000يۈەندىن 2000يۈەنگىچە بولسا بولاتتىكەن.ھازىر ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى خۇاۋېينىڭ8813Dدىگەن يانفونى بۇلۇپ،بۇ يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى كىچىك بولغاچقىمىكىن(512MBئىكەن)،بىر ئىككى ئەپنى تەڭ ئېچىۋالسىلا قېتىۋالىدىكەن.تورداشلار ياخشىراق يانفون بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن.
ھەقىقى فانتازىيە.{:136:} http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=21181&highlight=%D9%86%DB%87%D8%A8%D9%89%D9%8A%D8%A7
ماۋۇ 3خىل شىركەتنىڭ 3g تورىنى قوللايدىكەن zopo 大黑c7
سىز دېگەن تەلەپلەرگە يېقىنلىشىپ قالغۇدەك . قوش كارتا ئوقۇرى بار ، cdma ۋە gsm قوللىشى كېرەك، ئاندىن 3گ قوللىشى كېرەك دېگەن شەرتكە چۈشىدىغانلىرى جىق. لېكىن يۇقارقىلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا 4گ قوللايدىغىنىنى تاپماق تەس. رادىكال زىيالى بولسىڭىزمۇ سىزگە ياردەم قىلاي{:90:}....华为c8825d
شۇ تىلفۇننى بىر كۆرۈپ بىقىڭە ،مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن خىلى يامان ئەمەس ....مۇشۇ خۇاۋىينىڭ بەسەي تىلفۇنلىرنىڭ ئىچىدىن تاپالىشڭىز مۇمكىن تەلپىڭىزگە چۈشكىدەك تىلفۇننى ....


مەن تېلگىراف بىلەن كۆچمىنىڭ نومۇرىنى ئىشلىتىمەن، ئىشلىتىۋاتقان تېلېفونۇم HTC T329D، تېلگىرافنىڭ 3G تورىنى ۋە كۆچمىنىڭ 2G تورىنى قوللايدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىش 4G تەشۋىقاتىنى باشلىدى، 4G دەۋرىگىمۇ ئۇزۇن قالمىدۇق، شۇڭا يېڭى يان تېلېفون ئالغانلار 4G نى قوللامدۇ يوق بۇنى ئويلىشىڭلار، سۈرئەتنى ۋەھشەت تىز دەيدۇ.
4G دەۋرىگە كىرسەك ئۈچ خەۋەرلىشش شىركىتىنىڭ تور سۈرىتى ئوخشاش بولىدۇ. مەن تېلفۇنچى خوتەنلىك سىزگە ماۋۇ تېلفۇن بەك مۇۋاپىقكەنلىەنشاڭ ئا765ئې 2 كارتا ئوقۇرى بار ھەرقانداق كارتىدا نورمال تورغا كىرىدۇ ئاپراتى 5 مىلىيونلۇق ئۆزى خېلى يامان ئەمەسس مەن 11ئاينىڭ 11-كۈنى تىيەنماۋ تورىدىن SONY M35cتېلىفونىدىن ئىككىنى ئالدىم ، سەپلىمىسى ئىلغار ،سۈرئىتى شۇنداق تېز، تېگىدىن ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدۇ. بەك رازى بولدۇم .
http://detail.tmall.com/item.htm?id=21075923602&spm=a1z09.5.0.0.wllJJX ماقۇل ھە
شەرتلەردىن 4گ نى چىقىرىۋېتەيلى، ئەمدى دەڭلا
قانداق ئىلغار يانفون بولسىمۇ دەۋېرىڭلا مەنمۇ ئالماقچى ئىدىم ، مۇشۇ تىمدىن پايدىلنايچۇ؟ مېنىڭچە كەلگۈسىنى ئويلىسىڭىز تاق كارتىلىق گۇگۇلنىڭ بەشىنچى بالىسى nexus 5 نىڭ ئامېرىكا نۇسخىسىدىن بىرنى ئېلىڭ. ھازىرقى زاماندا ئېقىۋاتقان تورلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قوللايدۇ. كەلگۈسىدىكى 4 گ تورلىرىنىمۇ قوللايدۇ، كىچىك كارتا چۈشىدۇ، باھاسى مۇۋاپىق. ئەمما بىرلا كارتا ئوقۇرى بار، توكدان تېلېفون بىلەن بىللە، ئاجرىمايدۇ. كارتا ئوقۇرى ۋە توكدان تەلىپىڭىزدىن باشقا ھەممە تەلەپلىرىڭىزنى قاندۇرالايدۇ، سىستېمىسى ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئىلغار. مېنىڭچە مۇشۇ تېلېفوننى ئويلىشىپ بېقىڭ. سەنشىڭنىڭ I959 ئامېرىكا نۇسخىسىدا بەلكىم LTEنى قوللايدىغىنى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنى GSM+LTE. تېلېگرافنىڭ 3G تورىنى قوللايدىغان قوش كارتىلىق تېلىفۇنغا سەنشىڭنىڭ I959 نى تەۋسىيە قىلىمەن. قىممەت بولسىمۇ رازى بولغۇدەك تېلىفۇن.
يەنە بۇمۇ بار ئىكەن. تېلېگراگ ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورىنى قوللايدىكەن.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.0.0.XVnve1&id=35858979880
مەن پەقەت مۇنداقلا كۆرسىتىپ قويدۇم. ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى يانفۇنلار كېيىنچە قۇلۇپلىنىپ قالامدۇ؟ بىرنىمە دىمەك تەس. ئويلىشىپ ئىىش قىلارسىز. تېلېگرافنىڭ 3G تورى ھازىر سەل ئارقىدا قالدى. بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور سۈرئىتى 21Mغا چىقىپ بولدى. باھاسىمۇ مۇۋاپىق. ئۆيگە تور تارتىشنىڭ ئالدىدا بەش-ئالتە ئاي ئىشلەتكەن. تور سۈرئىتى ياخشى. سىز دائىم تور ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورى ياخشى ئىشلىسە ئەڭ ياخشىسى شۇنى تاللاڭ. يانفۇنىڭىزغا شۈنلېي قاچىلاپ سېكۇنتىغا 2.6 مېگابايتلىق سۈرئەت بىلەن ھۆججەت چۈشۈرەلەيسىز. ئالىپ تورىغا يوللىسىڭىز ياخشى جاۋاپلارغا ئېرىشەتتىڭىز خۇاۋېي نىڭ يېڭىدىن چىققان بىر تېلىفۇنى بار ، Huawei P6
بۇ يانفۇننىڭ بىر نەچچە خىلى باركەن قوللايدىغان تور يولىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ،
قوش كارتىلىق . بىرلەشمە ، كۆچمە ، تېلگىراف كارتىللىرىنى قوللايدىكەن ، يەنى بىرلا ۋاقىتتا بىرتال كۆچمە ياكى بىرلەشمە كارتىسى بىلەن بىر تال تېلگىراف كارتىسىنى تەڭلا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن ،
تېلىفۇننىڭ سىرىتقى قىياپىتى بەكلا كۆركەم ، بولۇپمۇ ئاق رەڭلىگى ،ئېكرانى چوڭ ،4.7 سۇڭ ، ھەم ناھايتى نېپىز ، بەكلا سىپتا ، نېپىزلىقى ئايفۇن 5 ، 5S تىنمۇ نېپىز . باتارىيەسى موقىم ئورنىتىلغان ، ئەمما تېلىفۇن ساتىدىغان دوستلىرىمنىڭ ئىشلىتىپ باققاندىكى تەسىراتىغا قارىغاندا توكى ئۇزۇن يېتىدىكەن ، « - ئايفۇن5 كە تولۇق توك قاچىلاپ ، تورغا چىقىپ ، ئويۇن ئويناپ دىگەندەك ئىشلەتسەم ئەسىرگىچە توكى تۈگەيتى ، ئەمما ماۋۇ خۇاۋېي پ6 بولسا كەچكۈچە توكى تولۇق يەتتى دەيدۇ .
بۇ تېلىفۇننىڭ سرىتقى شەكلى ئوخشغان بىلەن قوللايدىغان تور يولىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ بىر نەچچە خىلى باركەن ، يەنى قوش كارتا قوللىغان بىلەن ، بىرى تېلگىراف 3 گ نى قوللىسا ، بىرى بىرلەشمە 3 گ نى قوللاپ دىگەندەك ،
ھازىر توردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ باقسام ، بۇ تېلىفۇننىڭ 4 گ تورىنى قوللايدىغان نۇسخىسىمۇ بازارغا سېلىنغانلىغىنىڭ خەۋېرى تۇرۇدۇ .
باتارىيەسى چىقمىسا شۇنداق ئەپچىل كۆچمە توك قاچىلىغۇچلار بار ، نېپىز ، ئەپچىل ، قۇۋۋىتى يۇقۇرىراق ، ئىشقىلىپ شۇ تېلىفۇنغا بىر قېتىم تولۇق توك قاچىلىيالايدىغان كۆچمە توك قاچىلىغۇچتىن بىرنى ئېلىۋالسىڭىز ئىش پۈتىدۇ . زاپاس باتارىيە ئېلىۋالغاننىڭ ئورنىدا.
ئىشقىلىپ ، مېنىڭچە سىزنىڭ يۇقارقى تەلەپلىرىڭىزگە مۇشۇ تېلىفۇن ھەممىدىن يېقىن كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ .
تېلىفۇن تاللىغاندا مۇشۇ خۇاۋېي پ 6 نى كۆرۈپ بېقىڭ چوقۇم ... ،
مەنمۇ ئازىراق ئىشلىتىپ باقتىم ، ئېكرانى ئالامەت سۈزۈك ،ئالدى كامېرا 5 مىليۇن پېكسىل ، ئاساسىي كامېرا8 مىليۇن پېكسىل .