bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 10:04:09

NASA: قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بىر كومېتا ساق قالدى

قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بىر كومېتا ساق قالدى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 2-دىكابىر




بۇ يىلنىڭ 28-دىكابىر كۈنى ئىنگلىزچە «ISON» دەپ نام بېرىلگەن بىر كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 1.1 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايدىن ئۆتكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئەسلىدە «بۇ كومېتا كۆيۈپ پارچىلىنىپ كېتىدۇ» دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى.  ھەمدە بۇ كومېتا 28-نويابىر كۈنى ناسا نىڭ «Solar Dynamics Observatory, SDO» دەپ ئاتىئىلدىغان تېلېسكوپىدىن غايىپ بولغان ئىدى.  ئەمما شۇ كۈنى ئاخشىمى بۇ كومېتا ناسا بىلەن «ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى» بىرلىكتە باشقۇرىدىغان، ئىنگلىزچە «Solar Heliospheric Observatory, SOHO» دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپىدا قايتا كۆرۈنگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ كومېتانىڭ پارچىلىنىپ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى قىياس قىلىشتى.  29-نويابىر كۈنى ناسا بىر مۇخبىرلار يىغىنىدا كومېتا «ISON» نىڭ تېلېسكوپلاردا قايتا كۆرۈنگەنلىكىنى رەسمىي جەزىملەشتۈردى.




كومېتا «ISON» بۇنىڭدىن 14 ئاي بۇرۇن بايقالغان بولۇپ، ناسا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاسترونومىيىگە قىززىققۇچىلار شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كومېتانى كۈزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.  بۇ كومېتانى كىشىلەر كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكە باشلىغىلى بىر قانچە ھەپتە بولغان.




مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە تېلېسكوپلاردا ھازىر بىر نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان كائىنات جىسىمى بولۇپ كۆرۈنىۋاتقان نەرسە كومېتا «ISON» نىڭ تولۇق قىسمى بولماستىن، ئۇنىڭ پەقەت ساق قالغان بىر پارچىسى ياكى يادروسى بولىشى مۇمكىن ئىكەن.  ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە توپلانغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يىغىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېنىق بولىدىكەن.




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

<http://www.mnn.com/earth-matters/space/stories/comet-ison-gets-roasted-by-the-sun-but-did-it-survive>




رەسىملەر:

<http://www.mnn.com/sites/default/files/CometISONNov16_m_1202.jpg>

German amateur astronomer Waldemar Skorupa captured this spectacular photo of Comét ISON from Kahler Asten, in Germany, on Nov. 16. (Photo: Kahler Asten)




<http://www.space.com/23782-comet-ison-is-alive-survives-sun-swing-video.html>

<http://www.space.com/23776-comet-ison-still-alive-as-it-nears-thanksgiving-perihelion-time-lapse-video.html>




<http://www.mnn.com/sites/default/files/user/137915/ISONSurvival01_e_1202.jpg>

Comét ISON appears as a white smear heading up and away from the sun in this SOHO spacecraft view taken on Nov. 28. The comét appears to have survived the fiery flyby, NASA scientists say. (Photo: ESA/NASA/SOHO/GSFC)




kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 12:12:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن تور قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇنلىنىمەن. قايسى كۈنى ئامىرىكىنىڭ بىر تىلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۋىتىپ، سۈنئى ھەمراغا ئۇلىنىش ھەققىدىكى دىئالوگدا مۇنداق بىر يەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئاۋۇ كۆرسىتىلگەن ئىككى قاتار رەقەمگە قارىسام، IP ئادىرىسقا ئوخشاپ تۇرىدۇ، لىكىن بىز بىلىدىغان IP ئادىرىستا 255 دىن چوڭ سان بولمايتتى. بۇ ياكى باشقىچە ئۇچۇرمۇ؟



\"\"

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 18:17:14

1- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن تور قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇنلىنىمەن. قايسى كۈنى ئامىرىكىنىڭ بىر تىلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۋىتىپ، سۈنئى ھەمراغا ئۇلىنىش ھەققىدىكى دىئالوگدا مۇنداق بىر يەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئاۋۇ كۆرسىتىلگەن ئىككى قاتار رەقەمگە قارىسام، IP ئادىرىسقا ئوخشاپ تۇرىدۇ، لىكىن بىز بىلىدىغان IP ئادىرىستا 255 دىن چوڭ سان بولمايتتى. بۇ ياكى باشقىچە ئۇچۇرمۇ؟



\"\"




كۆرىۋاتقىنىڭىز <مۇستەقىللىق كۈنى>ئوخشىمامدۇ ؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 18:53:42

قۇياشنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن 1.39 مىليۇن كىلومېتىر كىلىدىكەن، ئاۋۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قۇياشقا 1.1 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايدىن ئۆتكەن بولغاندىكىن يا كۈيۈپ كىتىشى يا بولمىسا قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچراپ قۇياشقا چاپلىشىپ قېلىشى كېرەك ئىدى، قارىغاندا ئاسماندا لاغايلاپ يۇرۇيدىغان ماۋۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ سۈرئىتى بوش ئەمەسكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 19:41:30

بۇ 1.1مېلىيون كىلومېتىر ئارلىق قۇياش مەركىزىدىن باشلاپ ھېسابلىنامدا؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 20:24:24

بۇنى ھەييار كومېتا دىسەك بولىدىكەن.

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 04:33:04

بىلىدىغانلار ئاۋۇ كۆككەپتەرنىڭ ئىنكاسىغا بىرنىمە دىمەمسىلە مەنمۇ سەل قىززىقىپ قالدىم ئاۋۇ سۇئالغا

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 10:56:33

ناسا بۈگۈن (3-دىكابىر كۈنى) ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدىكى يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان كومېتا «ئىسون» ئۆزىنى قۇياش نۇرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلاپ قالالمىغان. قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغىنى بۇ كومېتانىڭ يادروسى بولماستىن، پارچىلىنىپ كەتكەن كومېتا پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەن چاڭ-توزاڭلار ئىكەن. يۇقىرىدىكى يازمىدا دېيىلگىنىدەك، بۇ كومېتا 28-نويابىر كۈنى قۇياش يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1.17 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتىن ئۆتكەن ئىدى. قۇياشقا ئەڭ يېقىن كەلگەندە بۇ كومېتا 2700 سېلسى-گرادۇس ئىسسىقلىققا دۇچ كەلگەن. بۇ كومېتانىڭ دىيامېتىرى 1.2 كىلومېتىر ئىكەن.



پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://www.rappler.com/science-nature/45183-confirmed-comet-ison-dead-after-brush-with-sun?utm_source=twitterfeed&utm_medium=twitter&utm_campaign=Feed%3A+rappler+%28Rappler%29

http://static.rappler.com/images/ison-comet-potw1346a-20131115-esa-640.jpg
بەت: [1]
: NASA: قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بىر كومېتا ساق قالدى