oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 08:54:46

لاتەك(Latex)تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

لاتەك (Latex دەپ يېزىلىدۇ، ئەسلى لاتەخ دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك، ئادەتتە لاتەك دەپ ئوقۇيمىز) ئىلمى (ئاكادېمىيە) ساھەسىدە ئەڭ كەڭ ھەم كۆپ قوللىنىلىدىغان يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى/دېتالى. داڭلىق ئىلمى ژۇرناللارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىدۇ ياكى ئاپتورلاردىن بەكىرەك مۇشۇ دېتالدا يازغان ئەسەر نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەم گېرمانغا ئوخشاش غەربى ياۋرۇپا، ۋە باشقا تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىمۇ ناھايتى كەڭ ئومۇملاشقان، يەنى كۆپىنچە كىتاب ئاپتورلىرى، دوكتۇر/ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ۋىندوۋسنىڭ office-word نى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىدۇ ئەسەر يېزىش ئۈچۈن. كۆپ داڭلاشنىڭ ئورنى يوق، بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كىرگۈزۈلگەن خەت ۋە فورمۇلالارنىڭ ناھايتى كۆركەم، سۈپەتلىك بولۇشى، پاسون (layout) ئۆزگەرتىشتىكى قولايلىق، ھەم ۋىكتورلۇق فورماتتىكى (eps, ps, pdf) رەسىملەرنى كىرگۈزەلەشتەك ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ دېتال بىزگىمۇ بارغانچە تونۇش بولىۋاتىدۇ. كېيىنچە ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا، بۇ دېتالنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا ئايرىم يازارمەن. تۆۋەندە پەقەت مۇشۇ دېتالنى قوللىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ دېتالغا ئۇيغۇرچىنى قانداق كىرگۈزۈش ھەققىدە ئاددى ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.


ئەگەر سىز ئىنگىلىزچە نۇسخىدىكى لاتەك ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىز arabtex دېگەن ياماق ھۆججەتنى چۈشۈرۈش بىلەنلا ئىش ئاساسەن تامام بولىدۇ. بۇنى ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان لاتەك/تەك(Latex/Tex) سېستىمىغا نورمال ياماق قاچىلاش (مەكىنتوشتا Tex Live Utility دېگەن دېتالنى ئىچىپ، ياماقلار تىزىملىكىدىن قاچلىۋالسىڭىز بولىدۇ، خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ۋىندوۋس سېستىمىسىدا مىكتەك دېتالنى ئىچىپ ياماق قاچىلاش دېگەن يېرىدىن قاچىلايسىز، لىنۇكستا تېخىمۇ ئاسان).latex yamiqiياماق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىز يازماقچى بولغان لاتەك ھۆججىتىگە تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىزلا ئىش تامام:


مىسالەن ئەسلى ئىنگلىزچە يېزىلغان مۇرەككەپ مۇھىتتىكى ماقالە ئىچىگە "قەدىرلىك ئاتا-ئانامغا بىغىشلايمەن" دېگەن جۈملىنى ئىنگلىزچە "to my parents" دېگەن جۈملە بىلەن قۇرمۇ-قۇر بىر يەردە يېزىشنى لاتەك كود ھالىتىدە مۇنداق ئىشقا ئاشۇرىمىز (دىققەت، پەستىكى كود ھالەتتە پېرسەنت بەلگىسىدىن كېيىنكى قىسىم چۈشەندۈرۈش قىسمى. ئەسلى ھۆججەتنىڭ لاتەك كودى قىسقارتىلدى، سەمىڭىزدە بولسۇن، بۇنى ئىشلىتىشتە چوقۇم لاتەك يېزىق مۇھىتى ئىچىدە قوللىنىسىز، لاتەك ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودنى تومتاقلا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز ئىشلىمەيدۇ):


kod


سۈرەتنىڭ ئوچۇق نۇسخىسىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:


11182423823_1f9f11d056_o.png


كودنىڭ ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىنكى pdf ھۆججتىدە چىققان نەتىجىسى:


uyghurche-latex


ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن، ئەگەر بۇ ھەقتە سۇئاللار بولسا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، ياكى ئېلخەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.


ئەسلى بۇ ئۇسۇلنى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى شۇ چاغدا گېرمانىيە يەنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دىلشات ئىسىملىك قېرىندىشىمىز گۇگىللاش ئارقىلىق لاتەك مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە شتۇتگارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نىمىس دوكتۇر ئوقۇغۇچىنى تېپىپ بۇ ئۇسۇلنى بىلۋاپتىكەن، كېيىن ماڭا دەپ بەرگەن ئىدى. ئەپسۇس، يازىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ھەرھالدا يىقىندا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە ئىشلەتكەندە يادىمغا كەلدى. بۇ يەردە بىزگە شۇ ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قويغان تۆھپىكارلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.


Oghuzkb


2013- يىل، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى


Ulm


radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 10:51:01

«گېرمانىيە يەنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دىلشات ئىسىملىك قېرىندىشىمىز گۇگىللاش ئارقىلىق لاتەك مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە شتۇتگارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نىمىس دوكتۇر ئوقۇغۇچىنى تېپىپ بۇ ئۇسۇلنى بىلۋاپتىكەن».



ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە شتۇتگارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نىمىس دوكتۇر ....



يامان گىرمانكەن ئاۋۇ ئاداش ... \"\"

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 11:17:51

بىرىنچى بولۇپ ئەمەلگە ئاشۇرغىنى ياپۇنيەدىكى غەيرەت كەنجى ئەپەندىغۇ دەيمەن. بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇنقى ئىشلار.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 11:55:21

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،

رەخمەت ،مۇنداق بىر يۇمشاق دىتالغا ئىھتىياجلىق ئىدىم !

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 11:56:18

LaTeX مۇھىتىدا ArabTeX قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇيغۇرلارغا تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرغۇچى، ئامېرىكىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر ئىلىمى دوكتۇر ئسپىرانتى مۇھەممەدجان ئابدۇللا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا UKIJ مۇنبىرىدە بۇنىڭدىن 8-7 يىل مۇقەددەم تەپسىلى تونۇشتۇرغان. (ئەمما بۇرۇنقى كونا مۇنبەر بۇزۇلۇپ، مەزمۇنلار يوقالغان بولغاچقا، ئۇ مەزمۇن ھازىر يوق. پېقىر ئەينى ۋاقىتتا ئەسلى مەزمۇننى كۆرگەن.)



LaTeX سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى كىشى بولسا، بۈگۈنكى گۇگىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى برىن ۋە پېيجلارنىڭ ئامېرىكا ستەنفورد ئۇنۋېرىستېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدىكى پىروفېسسور ئۇستازى كەنۇس بولۇپ، بۇ كىشى بۇ تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مېدالى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بىز بىلىدىغان بىل گېيتىس، ستېۋ جوبزلار بۇ مۇكاپاتتىن خېلە يىراقتا.) (بۇ سىستېما ئالدىدا Microsoft Office بەئەينى بىر قونچاق ئويۇنچۇق.)



ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى 10 نەچچە خىل يېزىقنى بۇ سىستېمىدا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغۇچى گېرمانىيەلىك گېرمان. (ئەرەبلەر بۇنىڭغا يۈزى قىزىرىپ، نومۇس ھېس قىلامدۇ بۇنىسى نامەلۇم.)



تېما ئىگىسى تونۇشتۇرماقچى بولغان ArabTeX قىستۇرمىسى يۇنىكودنى قوللىمايدۇ، سىرتتىن كىشىلەر ئۆزى ياقتۇرغان TrueType, Opentype فونتلىرىنى قوللىمايدۇ. لاتىنچە ۋە ئەرەب (ئۇيغۇر) يېزىقىدىن باشقا يېزىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا ھەل قىلالمايدۇ، ئۆزىدىكى ئەرەبچە فونت بەك سەت، كۆرۈمسىز، ئۇيغۇرچە-ئەرەپچىنى كىرگۈزۈشتە لاتىنچە يېزىپ كىرگۈزۈشتەك نۇرغۇن ئىپتىدائى ۋە قولايسىز تەرەپلىرى بار. بۇنىڭغا قارىغاندا ArabXeTeX قىستۇرمىسى يۇنىكودنى قوللايدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل تىل-يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، سىرتتىن قوشۇلغان فونتنى (جۈملىدىن ئەلكاتىپ، UKIJ فونتلىرىنى) قوللايدۇ، ئۇيغۇرچىنى خۇددى مۇشۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۈزگەندەك قولاي بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭا ArabTeX ئورنىغا ArabXeTeX تونۇشتۇرۇلسا، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ تەكلىپ بېرىمەن.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 12:01:18

2- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرىنچى بولۇپ ئەمەلگە ئاشۇرغىنى ياپۇنيەدىكى غەيرەت كەنجى ئەپەندىغۇ دەيمەن. بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇنقى ئىشلار.

غەيرەت ئاكىمىز بۇ سىستېمىغا يېقىن كەلمىدىغۇ دەيمەن.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 12:13:31

4- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل ئامېرىكىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر ئىلىمى دوكتۇر ئسپىرانتى مۇھەممەدجان ئابدۇللا ئىدى...


يۇلغۇن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇمۇ؟

fistik يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 12:15:13

http://www.cr173.com/soft/23822.html

مۇشۇنى چۈشۈرسەك شۇمۇيا سىز دەۋاتقان يىزىق كىرگۈزىدىغان دىتال؟

ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغۇرلۇق تەپسىلىي بىر يازما يازسىڭىز بوپتىكەن....... \"\"

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 15:30:39

4- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

LaTeX(بۇ سىستېما ئالدىدا Microsoft Office بەئەينى بىر قونچاق ئويۇنچۇق.)





ما گەپ بەك كۈلكىلىك بۇلۇپ قاپتۇ...

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 19:04:35

قايسىنى تاللاشنى بىلەلمىدىم.  {:107:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 19:36:29

latex نى تاللايمەن دەپلا تاللىۋالغىلى بولمايدۇ \"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 20:11:06

بۇ مۇنداق قوشۇمچىلا بىر تېما بولغاچقا بەك تەپسىلى يازمىدىم، ئاللاھ خالىسا ئاز كۈندە دەم ئىلىشتىن پايدىلنىپ تەپسىلى يېزىپ چىقىمەن، چۈنكى بۇ لاتەكنى باشتىن ئاياق چۈشەندۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، كۆپ ۋاقىت كىتىدىغىنى ئىنىق، بەلكىم سىن ھۆججەتلىك قىلىپ ئىشلىشىم مۇمكىن.



بۇ يەردە ئەسكەرتىش كېرەككى، قىسقا، ئاددى ھۆججەتلەر ئۈچۈن باشقا دېتال ئىشلەتكەن قولايلىق، ئامما 50 ياكى 100 بەتتىن ئارتۇق، فۇرمۇلا، ئېسخىمىلار ئارلاشقان، نومۇرلانغان كۆپ مىقداردىكى پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى كۆرىسىتىدىغان بىر ئىلمى دوكىلات ئۈچۈن لاتەككە يېتىدىغىنى يوق دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ سۈپەتنى كۆزدە تۇتقاندا. تەبئى پەن كىتابلارى ئۈچۈن تېخىمۇ ھەم شۇنداق. office-word بىلەن لاتەك نىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقىنى شۇنداق ئۇزۇن ماقالىلەردىلا ھىس قىلالايسىز. لېكىن لاتەك ئىشلىتىش ئۇنچىلىكمۇ قولايلىق ئەمەس، بولۇپمۇ كومپيۇتېردىن تۈزۈك نەرسە بىلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن تېخىمۇ تەس. شۇڭلاشقىمۇ بۇ سېستىما بەكىرەك ئىلمى ساھەدە كەڭ قوللىنىلىدۇ (بۇمۇ نىسبى گەپ، ئاڭلىشىمچە ماكس-پلاڭك ئىنستىتۇتىدىكى بەزى ياشقا چوڭ كاتىپ ئاياللار لاتەككە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەنكى، ھەتتا بىر ۋاراق خەتچىنىمۇ لاتەكتە يازىدىكەن، بۇ يەردە پاسون ئىشلىتىش ھەم لاتەككە كۆنىۋالغان ئادەم ئۈچۈن ئىيتقاندا ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس بۇ).

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 20:28:02

1- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«گېرمانىيە يەنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دىلشات ئىسىملىك قېرىندىشىمىز گۇگىللاش ئارقىلىق لاتەك مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە شتۇتگارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نىمىس دوكتۇر ئوقۇغۇچىنى تېپىپ بۇ ئۇسۇلنى بىلۋاپتىكەن».



ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە شتۇتگارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نىمىس دوكتۇر ....



يامان گىرمانكەن ئاۋۇ ئاداش ... \"\"

بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا بەك ھەيران قالغان ئىدۇق. دوكتۇرلۇق تېمىسىتىكەنتۇق تېخى. كىشىنى خوش قىلىدىغىنى، ئۇ چاغدا تۈزۈك بىر ئۇيغۇر لاتەك ئىشلەتمىگەن زامانلار. ئامما ۋىندوۋس، ئالما دېگەندەك شىركەتلەر پۇل تىپىپ تۇرۇقلۇق، ھازىرغىچە شۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ئۈچۈن ھەر يەرگە قاتراپ يۈرىمىز. تېخى تۈنۈگۈنلا ۋىندوۋس يانفونى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە قوللاشنى تەشەببۇس قىلغان بىر چاقرىققا ئاۋاز قوشۇپ پىكىر يېزىپ قويدۇم. كۈلكىلىك سىلىشتۇرمىدە بۇ.

turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 20:42:06

مەن كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم، لېكىن بەك ئۆلچەملىك چىقمىدى، ياكى نەشىر نۇسخىسىدا مەسلە بارمۇ بىلمىدىم. خەت خۇددى ئەرەبچىگە مايىلدەك چىقىۋالدى. جاۋابىڭىزنى كۈتۈمەن.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 20:59:25

4- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

LaTeX مۇھىتىدا ArabTeX قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇيغۇرلارغا تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرغۇچى، ئامېرىكىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر ئىلىمى دوكتۇر ئسپىرانتى مۇھەممەدجان ئابدۇللا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا UKIJ مۇنبىرىدە بۇنىڭدىن 8-7 يىل مۇقەددەم تەپسىلى تونۇشتۇرغان. (ئەمما بۇرۇنقى كونا مۇنبەر بۇزۇلۇپ، مەزمۇنلار يوقالغان بولغاچقا، ئۇ مەزمۇن ھازىر يوق. پېقىر ئەينى ۋاقىتتا ئەسلى مەزمۇننى كۆرگەن.)



LaTeX سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى كىشى بولسا، بۈگۈنكى گۇگىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى برىن ۋە پېيجلارنىڭ ئامېرىكا ستەنفورد ئۇنۋېرىستېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدىكى پىروفېسسور ئۇستازى كەنۇس بولۇپ، بۇ كىشى بۇ تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مېدالى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بىز بىلىدىغان بىل گېيتىس، ستېۋ جوبزلار بۇ مۇكاپاتتىن خېلە يىراقتا.) (بۇ سىستېما ئالدىدا Microsoft Office بەئەينى بىر قونچاق ئويۇنچۇق.)



ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى 10 نەچچە خىل يېزىقنى بۇ سىستېمىدا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغۇچى گېرمانىيەلىك گېرمان. (ئەرەبلەر بۇنىڭغا يۈزى قىزىرىپ، نومۇس ھېس قىلامدۇ بۇنىسى نامەلۇم.)



تېما ئىگىسى تونۇشتۇرماقچى بولغان ArabTeX قىستۇرمىسى يۇنىكودنى قوللىمايدۇ، سىرتتىن كىشىلەر ئۆزى ياقتۇرغان TrueType, Opentype فونتلىرىنى قوللىمايدۇ. لاتىنچە ۋە ئەرەب (ئۇيغۇر) يېزىقىدىن باشقا يېزىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا ھەل قىلالمايدۇ، ئۆزىدىكى ئەرەبچە فونت بەك سەت، كۆرۈمسىز، ئۇيغۇرچە-ئەرەپچىنى كىرگۈزۈشتە لاتىنچە يېزىپ كىرگۈزۈشتەك نۇرغۇن ئىپتىدائى ۋە قولايسىز تەرەپلىرى بار. بۇنىڭغا قارىغاندا ArabXeTeX قىستۇرمىسى يۇنىكودنى قوللايدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل تىل-يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، سىرتتىن قوشۇلغان فونتنى (جۈملىدىن ئەلكاتىپ، UKIJ فونتلىرىنى) قوللايدۇ، ئۇيغۇرچىنى خۇددى مۇشۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۈزگەندەك قولاي بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭا ArabTeX ئورنىغا ArabXeTeX تونۇشتۇرۇلسا، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ تەكلىپ بېرىمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزكا (سىزنى مەندىن چوڭ دەپ بىلدىم:))،




بۇ تېمىنى يېزىپ بەك ياخشى قىلىپتىمەن، بولمىسا فونت ھەققىدە يىڭىلىقلاردىن خەۋەرسىز قالاركەنمەن. ئەينى ۋاقىتتا فونت چەكلىمىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونتلارنى لاتەككە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىپ قاملاشتۇرالمىغان ئىدىم، كېيىن بۇ ھەقتە UKIJ دا سۇئال سوراپ تېما يازسام ھىچكىم چىقمىدى جاۋاب بەرگەن. ئۈستۈدىكى ئىنكاسىڭىزغا قارىغاندا ياخشى ئامالى باردەك قىلىدۇ، بۇ ھەقتە تەپسىلىرەك دەپ بىرەلەرسىزمۇ؟ بىلىپ قالساق بەك ياخشى بولاتتى.




راست، arabxetex ھەققىدە Ctanدىن كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم، ياخشى چۈشەندۈرۈشلىرى بار ئىكەن. قۇرئاننىمۇ قانداق كىرگۈزۈش ھەققىدە مىساللار باركەن. سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت!

http://www.ctan.org/tex-archive/language/arabic/arabxetex



https://www.google.de/url?sa=t&rct=j&q=&esrc=s&source=web&cd=3&ved=0CDoQFjAC&url=ftp%3A%2F%2Fftp.tex.ac.uk%2Fpub%2Ftex%2Flanguage%2Farabic%2Farabxetex%2Farabxetex.pdf&ei=H-6dUpzRAaar4ASP84HYCA&usg=AFQjCNH2x8UKvmGVC9EBQqkPSxTH3M8E8g&sig2=OA-AwBQUPXvJm56Wh1h3ug&bvm=bv.57155469,d.bGE




oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 21:09:40

7- قەۋەتتىكى fistikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://www.cr173.com/soft/23822.html

مۇشۇنى چۈشۈرسەك شۇمۇيا سىز دەۋاتقان يىزىق كىرگۈزىدىغان دىتال؟

ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغۇرلۇق تەپسىلىي بىر يازما يازسىڭىز بوپتىكەن....... \"\"

سىز دېگەن پەقەت تەھرىرلىگۈچ، كەڭ ئىشلىتىلۋاتقان بىرى. ئەگەر سىز ۋىندوۋس سىستىمىسى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، سىزگە تەھرىرلىگۈچ ئۈچۈنTexniccenter نى تەۋسىيە قىلمەن. لاتەكنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سېستىما يادرۇسىنى قاچىلايىز، بۇ سېستىما ئارقا تەرەپتە ئىجرا بولىدۇ. مۇۋاپىق تەھرىرلىگۈچتىن بىرنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەندە قولايلىق بولىدۇ. لاتەك سېستىما يادرۇسىنى قاچلىماي تۇرۇپ تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتسىڭىز ھىچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ. پات ئارىدا مەخسۇس تېما يازاي.




http://www.texniccenter.org/

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 21:23:57

8- قەۋەتتىكى bahadirlarbizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

LaTeX(بۇ سىستېما ئالدىدا Microsoft Office بەئەينى بىر قونچاق ئويۇنچۇق.)





ما گەپ بەك كۈلكىلىك بۇلۇپ قاپتۇ...

راۋرۇس مۇرەككەپ ھەم ئۇزۇن بىر ھۆججەت ئۈچۈن (بولۇپمۇ تەبئى پەنگە دائىر)، بۇ گەپ ئازىراقمۇ كۈلكىلىك ئەمەس. بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار بەك ياخشى بىلىشى مۇمكىن. ھەر ھالدا office-word نىڭ 2013 نۇسخىسى لاتەكنىڭ بىرمۇنچە ئىقتىدارىنى ئوغۇرلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ، ھەتتا كۆرۈنمە يۈزىگىچە شۇنداق، دىققەت قىلمىغان ئادەم لاتەكمۇ بۇ دەپ قالىدۇ. ئەپسۇس، سۈپەتتە يەنىلا لاتەككە يەتمەيدۇ.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 21:29:13

13- قەۋەتتىكى turan1001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم، لېكىن بەك ئۆلچەملىك چىقمىدى، ياكى نەشىر نۇسخىسىدا مەسلە بارمۇ بىلمىدىم. خەت خۇددى ئەرەبچىگە مايىلدەك چىقىۋالدى. جاۋابىڭىزنى كۈتۈمەن.

ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، مەن تولۇق مىسال ھۆججەتلىرىنى سىزگە ئەۋەتىپ بىرەي. قايتا سىناپ بىقىڭ. ئۈستۈدىكى ئەزىزكامنىڭمۇ تەكلىپىنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ. بۇ دېتالنى ئىشلىتىش دەسلەپتە ئانچە قولايلىق ئەمەس، لېكىن كۆنىۋالسىڭىز ئىككىنچى بىر يېزىق تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتكۈڭىز كەلمەيدۇ. كۆنۈشكىمۇ خىلى ئۇزۇن ماقالىدىن بىرنى يېزىشقا توغرا كىلىدۇ. شەخسەن ماگىستىرلىق ماقالەمنى مۇشۇ دېتالدا يازغان بىر ياقتىن ئۈگەنگەچ بىر ياقتىن يېزىپ. ھازىر كەسىپكە دائىر ھەممە ئىشنى شۇ دېتالدا قىلىمەن.

Saralik يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 22:24:00

ﺗﯜﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ http://www.ukij.org ﺩﯨﻦ ﯲﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ:

نەقىل:

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ،



ﻣﻪﻥ 2001 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺷﯩﺮﻩ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ LaTeX ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ArabTeX ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯚﺯﯛﻡ LaTeX ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﺎ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻱ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.



ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ www.ctex.org ﺩﺍ LaTeX ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯨﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ArabTex ﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯘﻧﺴﺎﻡ، ﻗﯩﺰﯨﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﯩﺴﻰ ﺗﯩﮕﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯘﺩﯗﻡ.



LaTex ﺗﯧﻜﺴﺘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻛﯚﭘﻨﯩﭽﺎ ﻫﺎﻟﺪﺍ PDF ﻳﺎﻛﻰ PostScript ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ PageMaker ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺯﻧﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. LaTeX ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ArabTeX ﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ.



Windows ﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ LaTeX ﻧﯘﺳﺨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ www.miktex.org ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ.



ArabTeX ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ:



http://www.informatik.uni-stuttgart.de/ifi/bs/research/arab_e.html



ﺋﻪﮔﻪﺭ miktex ﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ArabTex ﻧﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.



ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ LaTeX (ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ArabTex) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ:



ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ:



\"\"



ﻗﻮﺵ ﺳﯩﺘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ:



\"\"



ﺗﯧﻜﺴﺖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺗﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯩﺮﻯ:





\"\"





ﺟﻪﺩﯞﻩﻝ ﯞﻩ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﻠﯩﻖ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻻﺭ:



\"\"





ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ PDF ﻫﯚﺟﺠﯩﺘﻰ:



http://www.yulghun.com/tmp/color.pdf



ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ LaTeX ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ. ﺑﯘ ﺳﯩﺴﯩﺘﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺷﯩﯟﯨﻘﺎﺕ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ. Unicode ﻟﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ LaTeX ﻗﯘﺷﯘﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. Windows ﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﻨﯩﯔ Mac OS X ﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ XeTeX ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ Unicode ﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ:



http://scripts.sil.org/cms/scripts/page.php?site_id=nrsi&item_id=xetex



ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﻤﻪﻥ.



ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ،



ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ

-----------------------------------------------------



ئەسلى تېمىنىڭ ئادرېسىنى تاپالمىدىم. ئەمما كۆچۈرمە ئۇلانمىسى باركەن:



http://old.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=9770&highlight=latex

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 23:08:34

11- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ مۇنداق قوشۇمچىلا بىر تېما بولغاچقا بەك تەپسىلى يازمىدىم......




بۇ يەردە ئەسكەرتىش كېرەككى، قىسقا، ئاددى ھۆججەتلەر ئۈچۈن باشقا دېتال ئىشلەتكەن قولايلىق، ئامما 50 ياكى 100 بەتتىن ئارتۇق، فۇرمۇلا، ئېسخىمىلار ئارلاشقان، نومۇرلانغان كۆپ مىقداردىكى پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى كۆرىسىتىدىغان بىر ئىلمى دوكىلات ئۈچۈن لاتەككە يېتىدىغىنى يوق دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ سۈپەتنى كۆزدە تۇتقاندا. تەبئى پەن كىتابلارى ئۈچۈن تېخىمۇ ھەم شۇنداق. office-word بىلەن لاتەك نىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقىنى شۇنداق ئۇزۇن ماقالىلەردىلا ھىس قىلالايسىز. لېكىن لاتەك ئىشلىتىش ئۇنچىلىكمۇ قولايلىق ئەمەس، بولۇپمۇ كومپيۇتېردىن تۈزۈك نەرسە بىلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن تېخىمۇ تەس. شۇڭلاشقىمۇ بۇ سېستىما بەكىرەك ئىلمى ساھەدە كەڭ قوللىنىلىدۇ


-------------------------------------------------------------------


مۇشۇ باھانىدە سورىۋالاي، تەبئىي پەن كىتابلىرىدىكى سېخما، كۆرسىتىلمە رەسىملەرنى قانداق دېتال بىلەن سىزىدۇ؟ مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسملەرگە ئوخشاش


http://en.wikipedia.org/wiki/File:Displacement_of_a_continuum.svg



http://en.wikipedia.org/wiki/File:Transition_flaw_size.png



ماڭا قىيىن تۇيۇلىدىغىنى بۇنداق رەسىملەردىكى بۇلۇڭلارنى، كىسىكلەرنى ، گىرافىكلارنى نىسبەت بويىچە سىزىش.



   



بەت: [1] 2
: لاتەك(Latex)تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش