تېلسىكوپ سېتىۋېلىشتىن ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، شەخسى قىزىقىش سەۋەبىدىن بىر دانە تېلسىكوپ سېتىۋېلىپ ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرۈپ باقاي دەپ ئويلىغان ، ئەمما تېلسىكوپقا مۇناسىۋەتلىك بىلىمىم يوق بولغاچقا قانداق تاللاشنى بىلەلمىدىم ، ئاساسلقى ئاي ۋە بىرقىسىم يۇلتۇزلارنى ئېنىق كۆرگىنى بولسا بولاتتى .
مۇنبەردىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋە مۇشۇنىڭغا مۇنەسىۋەتلىك بىلىم - تەجىربىسى بارلارنىڭ مەسلىھەت بىرىشىنى سورايمەن .
تاۋباۋ تورىدا بەك كۆپكەن ، قايسىنى تاللاشنى بىلەلمىدىم ، شۇ يەردىن تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار، رەھمەت!
كۆز ئەينىكىگە ئاپارات ئورنىتىشقا قولايلىرى، توك بىلەن ھەركەتلەندۈرىدىغانلىرى ئۇچرىدىمۇ؟ مەنمۇ ئاز تولا قىزىقاتتىم، لىكىن قاندىقىنى سىتىۋىلىشنى تازا بىلەلمىدىم، مارىس بىلەن ئاينى ئىنىق كۆرگىلى بولىدىغانلىرى بولسا سىتىۋالسام ئەرزىمدۇ؟ تېلېسكوپ سېتىۋالغاندا چوڭايتىش ھەسسىلىكىگە ئالدىنىپ قالماڭ، مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولسا نۇر يىغىش كۈچىدۇر.يەنى دىيامېتىرى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى،لېكىن باھاسىمۇ قىممەترەك، قىزىقىش ئۈچۈن ئىشلەتسىڭىز دىيامېترى 20~25 سانتىمېتىرلىق نىيۇتون تېلېسكوپىدىن سېتىۋالسىڭىز بولغۇدەك.باھاسىمۇ مۇۋاپىق. قوياش سېسـتىمىسىدىكى پلانېتلارنى كۈزەتمەكچى بولسىڭىز، فوكوس ئارىلىقى ئۇزۇنراقنى سېـتىۋېلىڭ،يۇلتۇز تۇمانلىرىنى كۈزەتمەكچى بولسىڭىز فوكوس ئارىلىقى قىسقىراقىنى سېتىۋېلىڭ.4~5 يىل بۇرۇن 12 دېيۇملۇق نيۇتون تېلېسكوپىدىن بىرنى ياسىغان ئىدىم. ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تېلېسكوپنىڭ توردىكى باھاسى 10000 سومدىن يۇقرىراقتى ، مەن 4000 سومغا يەتمىگەن پۇل خەجلىگەن.ياساش جەريانىمنى ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم تېما قىپ يوللاپ قوياي. توك بىلەن ھەركەتلەندۈردىغانلىرىمۇ بار ئىكەن ، ئەمما مەندە تېلسىكوپقا مۇناسۋەتلىك ھېچقانداق بىلىم يوق ، شۇڭا تاللىيالمىدىم. مەنمۇ كىيىنرەك بالامىنىڭ ئاستىرۇنومىيەگە بولغان قىززىقىشىنى كۇچەيتىش ئۇچۇن ، ماۋۇ تىلسكوپنى تاۋ باۋ سۆۋىتىمگە تاشلاپ قويدۇم ، قالغىنىنى نىجات بۇرادەردىن ئاڭلايلى ....
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.36.ARxMJZ&id=17271477857&_u=3b5h8bff3d2 بۇنىڭ دىئامىتىرى سەل كىچىكمۇ قانداق ، ئاساسلىقى ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى ئېنىق كۆرگىنى بولسا بولاتتى.... http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.223.qvPCV1&id=21573751117&_u=3j7hi67f7e بۇ 8 دىيۇملۇقى ئىكەن.
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.SrHNBI&id=10892482934&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id بۇ 6 دىيۇملۇقى ئىكەن.
كۆرۈپ بېقىڭ ،مۇشۇمۇ ماس كەلگۈدەك.
مەنمۇ بىرنى سېتىۋالايدىگەن، لىكىن قاندىغىنى سېتۋېلىشنى بىلەلمىگەن ئىدىم.بۇتىما ياخشى يوللىنىپتۇ.ئەمدى ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن سېتۋالسام بولغىدەك. تېلىسىكۇپنى كىيىن سېتىپ يەنە باشقىنى ئالغىلى بولمىغاندىكىن،ئالغاندا ئۆزى ياخشى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئاپرات بىكىتكىلى بولدىغانلىردىن بولسا،يەنە پۇلى مۇۋاپىقلىردىن تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار؟ مۇتەخەسىسلەر ئالدىراشمۇ ؟ مەنمۇ ئالماقچىتىم ئۆزەمنىڭ تېلېسكوپ قۇراشتۇرۇش جەريانىمنى بىر يېڭى تىما قىپ يوللاپ قويدۇم:
http://bbs.izdinix.com/thread-56975-1-1.html
بەت:
[1]